باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2506 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەنەيەتخان ئىسلامغا بىلەت تاشلاڭ!!!
تاھارەتسىز يۈرمەڭ!namz okug
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8565
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 88
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە88دانە
ئۆسۈش: 320 %
مۇنبەر پۇلى: 1011 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-12
ئاخىرقى: 2012-02-06
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-08 14:49

ئەنەيەتخان ئىسلامغا بىلەت تاشلاڭ!!!

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ،مۇنبەر ئەھلى كەمىنە زاكاتتىن ھەر قايسڭىزلارغا ئوتلۇق سالام. تۆۋەندە كۆپچىلىككە بىر تەۋسىيەم بار.
  "ئوڭ قولۇڭ بەرگەننى سول قولۇڭ تۇيمىسۇن"دېگەن مۇسۇلمانچە ئەقىدىنى ئۆزنىڭ مىزانى قىلىپ ياشىغان بىر  تەقۋادار   ئۇيغۇر بۇۋاينىڭ قۇربىي يەتكەندە  ئۆز قولى بىلەن ياساپ،ياشانغاندا بولسا  ئىككى كالىسنى سېتىپ بولسىمۇ بىر يېزنىڭ ئادەملىرنىڭ بېخەتەر يول يۈرۇشى ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ،دېھقانچلىق ،چارۋۇچىلىق ئىشلىرىغا قولايلىق يارتىش ئۈچۈن  كۆۋرۇك ياساپ ئەلگە  نەپ يەتكۈزگەن بىر جاپاكەش بۇۋايغا بېلەت تاشلاش ئىشدىن ئىبارەت.
  ئۆزنىڭ مىننەتسىز بۇ ئەمگىكىنى ئۇن تىنسىز داۋاملاشتۇرغان بۇ بۇۋاينى بىر قېتملىق يەر  تەۋرەشتە كىشلەر  بىلىپ قالدى. ئۇنىڭ ئسىمى ئەنىيەت ئىسلام ئىدى.ئۇنىڭ يۇرتى غۇلجا توققۇزتارا ناھىيە مۇيۇنگۇزەر كەنتى ئىدى. تەقۋادار بۇ بۇۋامنىڭ بىر تۇغقىنى بولۇش سۈپىتىدە  مەن ئۇنىڭ ياسىغان كۆۋرۇكىدىن تالاي رەت ئۆتكەن بولساممۇ لىكىن  شۇ تاپتا بۇ كۆۋرۇك ھەققىدە بىلگەنلىرىمنىڭ تولىمۇ ئازلىقنى ھېس قىلماقتىمەن.  شۇ قېتملىق ئىشتىن يەنى يېقنىدا غۇلجا ناھىيە ۋە توققۇزتارا ناھىيدە 6بالدىن  يۇقىرى يەر تەۋرەپ جۈملىدىن مۇيۇنگۇزەر كەنتى ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغاندىن كېين، ئاۋامنى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىدا مۇشۇ كۆرۇكنىڭ رولى پەۋقۇللادە زور بولغان. . قۇتقۇزۇش ماشىنلىرى ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا  كەنىت ئىچىگە كىرەلگەن ۋە خەلقنى تارقاقلاشتۇرۇش كۆچۇرۇش ئىشلىرنى  ۋاقىتدا ئېلىپ بارالىغان ئىدى. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن كۆپچلىك يەنە بىر قېتىم ئەنىيەت  بۇۋاينىڭ كۆۋرۇكى ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ رەھمەتنى بىلدۈرۇشتى . بۇۋاينىڭ كۈلۈپ تۇرغان يۈزدىكى قورۇقلار ،ۋە ئۇنىڭ قاپارغا ن بىر جۈپ قوللىرى  كۆپچلىككە ئۇنىڭ قانچلىك جاپالارنى باشتىن كەچۇرۇپ بۈگۈنكى بۇ كۆۋرۇكنى پۈتتۇرگەنلىكىگە دەلىلى بولۇپ تۇرغان ئىدى.ئۇ ئىزچىل تۈردە ئەلنىڭ  غىمنى يەپ ئەل ئۈچۈن تۆھپە قوشالىغان ۋە بۇ قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن  ھېچ نەرسە تەلەپ قىلمىغان، پەقەت بىر ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلغان بەندە ئىدى،ئۇنىڭ ئىش- ئىزلىرى ھازىر جەمىئيەتتە، گېزىت ژورناللارغا تارقالدى،   شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خالىسانە ۋە ئۇن تىنسىز ساۋابلىق ئىش قىلىشتەك ئېسل خسلىىتى ئەتراتىكى ئاممىنى شۇنداق مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر خادىملارنىمۇ  ناھايىتى تەسىرلەندۇردى.
 دەل شۇنداق بولغاچقا بۇۋاينىڭ ئىش ئىزلىرنى تەپسلى ئىگەللىگەن مۇناسىۋەتلىك خادىملار ئۇنى   بۇ يىل يەنى"2011- يىللىق جۇڭگونى تەسىرلەندۇرگەن شەخسلەر" تىزملىكگە يوللىدى. خۇشاللىق يېرى  بۇ ئۇيغۇر بۇۋاي بۇ قېتملىق باھالاشقا قاتناشقان بولۇپ كىرىپ بىلەت تاشلاش ئوبيىكىتى بولالىدى.  ئەمدى گەپ ئۇنىڭغا چۈشكەن بىلەت سانىغا باغلىق.
مىليارد نوپۇسكە 56 مىللەت ئىچىدىن بىر ئۇيغۇر بۇۋاينىڭ ئەڭ ئاخىر تاللنىپ چىقىشى بىز ئۈچۈنمۇ رايونىمىز ۋە مىللەت ئۈچۈنمۇ زور شەرەپ تۇيغۇسى ئاتا قىلدۇ؛شۇڭلاشقا
مەن كۆپچلىكتىن ئىنايەتخان بوۋىمىز ئۈچۈن ھەر قايسمىز بىر تالدىن بېلەت تاشلاپ ئۇنى شۇ شەرەپكە ئېرشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلمەن؛. 
قالدۇرۇلغان ئادىرىسقا كىرىپ ئۈسىتى تەرەپتىن 4-قۇرنىڭ بېشىدا بۇۋاينىڭ سۇرىتى بار .شۇنىڭدىكى بېلەت تاشلاش دېگەن خەنزۇچە خەتنى باسسڭىز،بىر تەستىق نۇمىرنى كىرگۇزۇڭ دەپ چىقىدۇ.كاتەكچە ئىچىگە كۆرسەتكەن سان ۋە ھەرپلەرنى يېزىپ قويسڭىز بىلەت تاشلغان بولسز.
 ھۆرمەت بىلەن: زاكات

تۆۋەندە مۇناسىۋەتىلىك رەسملەر ۋە بىلەت تاشلاش ئادىرسى قالدۇرۇلدى.

 بىلەن تاشلاش ئادىرسى: http://www.xinhuanet.com/newmedia/zgwsgd2011/index5.htm 






 
،ئىلى دىيارى مۇنبىىرى يېڭدىن ئېچلپتۇ.قانداراق يەردۇ بىر كۆرۇپ باقارسىز! كىرا ھەقسىز مانا www.yldiyar.com
ھېچكىم بىلمەس ھالىمنى ،كىمگە ئېيتاي زارىمنى ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 29
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 1414
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1414دانە
ئۆسۈش: 1700 %
مۇنبەر پۇلى: 12296 سوم
تۆھپىسى: 7 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-29
ئاخىرقى: 2012-03-30
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-08 17:43

كەچۈرۈڭ ،مەن بېلەت تاشلىمىدىم ،ئۆزىڭز دەپسىزغۇ ،<"ئوڭ قولۇڭ بەرگەننى
 سول قولۇڭ تۇيمىسۇن"> دىگەن دەپ ،شۇڭا بۇ بۇۋاينىڭ خالىس قىلغان مىھنىتىنى
 باشقىلارغا داۋراڭ قىلىپ ئاخىرەتتە ساۋاپتىن قۇرۇق قالمىسۇن دەپ بېلەت تاشلىمىدىم ،
،،،بۇنداق بېلەت تاشلاپ ،توردا تەشۋىق قىلىپ جۇڭگۇنى تەسىرلەندۇرمىسىمۇ ،
ئۇنىڭ ئشى ھەركەتلىرى ئاللاھنى تەسىرلەندۈرسىلا بولمىدىمۇ ؟؟؟مۇشۇ يەتمەپتىما ؟
بۇ ئارقىلىق نېمىگە ئېرىشمەكچىكەن ئەمدى ؟؟؟؟
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+2(arzuyum) ئەھمىيەتلىك& ..
  • مۇنبەر پۇلى:+2(omer) ھەق گەپ!
  • ھېچكىم بىلمەس ھالىمنى ،كىمگە ئېيتاي زارىمنى ؟
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 29
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 3
    ئومۇمىي يازما: 1414
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1414دانە
    ئۆسۈش: 1700 %
    مۇنبەر پۇلى: 12296 سوم
    تۆھپىسى: 7 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-05-29
    ئاخىرقى: 2012-03-30
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-10 10:20

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 20قەۋەتتىكى urkax5 نىڭ 2011-12-09 21:52 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

    ئۇ ئادەم ئېرىشىمەن دىمىدى بەلكى ئاللاھ ئېرىشتۇرۋاتىدۇ،ئەگەر سىزنىڭ مۇشۇ ئىنكاسىڭىز شۇئادامنىڭ قۇلىقىغا يەتتى دەيلى ئۇ چاغدا سىز ئۇ كىشىگە ئازار بەرگەن بولامسىز يا ئۇنداق ئەمەسمۇ؟خەقنىڭ قىلغان ياخشى ئىشىغا دىنىمىزدا ئازار بېرىپ پەتىۋا بېردىغان نەدە بار ،يۈرىگىڭىزنى تۇتۇپ ئۆزىڭىزدىن سوراپ بىقىڭ سىز ئۆمرىڭىزدە بىساتىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئەمەس بىر قىسمىنى  سەرىپ قىلىپ مۇشۇنداق ياخشى ئىشتىن بىرنى قىلالىدىڭىزمۇ؟شۇنداق ئادەملەر ئازىيىپ ئەمەليىتى يوق قۇرۇق پەتىۋاچىلار جىقىيىپ كەتكەچكە ئاللاھ بىزگە كۆرسىتىپ قويۋاتىدۇ

    شۇنداق ،ئۇنى ئاللا ئېرىشتۇردى ،لېكىن بۇ گاداي ئۇنىڭ بەدىلىگە نام شۆھرەتكە ئېرىشش
    تەماسىدا بۇلدى ....ئەگەر نىيىتى ھەقىقەتەن خالىس بولسا ئىدى ،بۇنداق مۇنبەردە ماڭا بېلەت
    تاشلاڭلار ،مېنى ھەممە ئادەم تونۇسۇن دەپ جار سالماس ئىدى ....
    ھېچكىم بىلمەس ھالىمنى ،كىمگە ئېيتاي زارىمنى ؟
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 29
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 3
    ئومۇمىي يازما: 1414
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1414دانە
    ئۆسۈش: 1700 %
    مۇنبەر پۇلى: 12296 سوم
    تۆھپىسى: 7 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-05-29
    ئاخىرقى: 2012-03-30
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-10 15:36

    نېمە دېسەڭلار دەڭلار ،،ئىشقىلىپ مەن بېلەت تاشلىمايمەن ،،،ھەرگىز .....
    كىم تاشلىسا تاشلىسۇن !!!!!