查看完整版本: [-- ئەنەيەتخان ئىسلامغا بىلەت تاشلاڭ!!! --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كۆڭۈلدىكى سۆز -> ئەنەيەتخان ئىسلامغا بىلەت تاشلاڭ!!! [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

زاكات 2011-12-08 14:49
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ،مۇنبەر ئەھلى كەمىنە زاكاتتىن ھەر قايسڭىزلارغا ئوتلۇق سالام. تۆۋەندە كۆپچىلىككە بىر تەۋسىيەم بار.
  "ئوڭ قولۇڭ بەرگەننى سول قولۇڭ تۇيمىسۇن"دېگەن مۇسۇلمانچە ئەقىدىنى ئۆزنىڭ مىزانى قىلىپ ياشىغان بىر  تەقۋادار   ئۇيغۇر بۇۋاينىڭ قۇربىي يەتكەندە  ئۆز قولى بىلەن ياساپ،ياشانغاندا بولسا  ئىككى كالىسنى سېتىپ بولسىمۇ بىر يېزنىڭ ئادەملىرنىڭ بېخەتەر يول يۈرۇشى ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ،دېھقانچلىق ،چارۋۇچىلىق ئىشلىرىغا قولايلىق يارتىش ئۈچۈن  كۆۋرۇك ياساپ ئەلگە  نەپ يەتكۈزگەن بىر جاپاكەش بۇۋايغا بېلەت تاشلاش ئىشدىن ئىبارەت.
  ئۆزنىڭ مىننەتسىز بۇ ئەمگىكىنى ئۇن تىنسىز داۋاملاشتۇرغان بۇ بۇۋاينى بىر قېتملىق يەر  تەۋرەشتە كىشلەر  بىلىپ قالدى. ئۇنىڭ ئسىمى ئەنىيەت ئىسلام ئىدى.ئۇنىڭ يۇرتى غۇلجا توققۇزتارا ناھىيە مۇيۇنگۇزەر كەنتى ئىدى. تەقۋادار بۇ بۇۋامنىڭ بىر تۇغقىنى بولۇش سۈپىتىدە  مەن ئۇنىڭ ياسىغان كۆۋرۇكىدىن تالاي رەت ئۆتكەن بولساممۇ لىكىن  شۇ تاپتا بۇ كۆۋرۇك ھەققىدە بىلگەنلىرىمنىڭ تولىمۇ ئازلىقنى ھېس قىلماقتىمەن.  شۇ قېتملىق ئىشتىن يەنى يېقنىدا غۇلجا ناھىيە ۋە توققۇزتارا ناھىيدە 6بالدىن  يۇقىرى يەر تەۋرەپ جۈملىدىن مۇيۇنگۇزەر كەنتى ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغاندىن كېين، ئاۋامنى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىدا مۇشۇ كۆرۇكنىڭ رولى پەۋقۇللادە زور بولغان. . قۇتقۇزۇش ماشىنلىرى ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا  كەنىت ئىچىگە كىرەلگەن ۋە خەلقنى تارقاقلاشتۇرۇش كۆچۇرۇش ئىشلىرنى  ۋاقىتدا ئېلىپ بارالىغان ئىدى. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن كۆپچلىك يەنە بىر قېتىم ئەنىيەت  بۇۋاينىڭ كۆۋرۇكى ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ رەھمەتنى بىلدۈرۇشتى . بۇۋاينىڭ كۈلۈپ تۇرغان يۈزدىكى قورۇقلار ،ۋە ئۇنىڭ قاپارغا ن بىر جۈپ قوللىرى  كۆپچلىككە ئۇنىڭ قانچلىك جاپالارنى باشتىن كەچۇرۇپ بۈگۈنكى بۇ كۆۋرۇكنى پۈتتۇرگەنلىكىگە دەلىلى بولۇپ تۇرغان ئىدى.ئۇ ئىزچىل تۈردە ئەلنىڭ  غىمنى يەپ ئەل ئۈچۈن تۆھپە قوشالىغان ۋە بۇ قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن  ھېچ نەرسە تەلەپ قىلمىغان، پەقەت بىر ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلغان بەندە ئىدى،ئۇنىڭ ئىش- ئىزلىرى ھازىر جەمىئيەتتە، گېزىت ژورناللارغا تارقالدى،   شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خالىسانە ۋە ئۇن تىنسىز ساۋابلىق ئىش قىلىشتەك ئېسل خسلىىتى ئەتراتىكى ئاممىنى شۇنداق مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر خادىملارنىمۇ  ناھايىتى تەسىرلەندۇردى.
 دەل شۇنداق بولغاچقا بۇۋاينىڭ ئىش ئىزلىرنى تەپسلى ئىگەللىگەن مۇناسىۋەتلىك خادىملار ئۇنى   بۇ يىل يەنى"2011- يىللىق جۇڭگونى تەسىرلەندۇرگەن شەخسلەر" تىزملىكگە يوللىدى. خۇشاللىق يېرى  بۇ ئۇيغۇر بۇۋاي بۇ قېتملىق باھالاشقا قاتناشقان بولۇپ كىرىپ بىلەت تاشلاش ئوبيىكىتى بولالىدى.  ئەمدى گەپ ئۇنىڭغا چۈشكەن بىلەت سانىغا باغلىق.
مىليارد نوپۇسكە 56 مىللەت ئىچىدىن بىر ئۇيغۇر بۇۋاينىڭ ئەڭ ئاخىر تاللنىپ چىقىشى بىز ئۈچۈنمۇ رايونىمىز ۋە مىللەت ئۈچۈنمۇ زور شەرەپ تۇيغۇسى ئاتا قىلدۇ؛شۇڭلاشقا
مەن كۆپچلىكتىن ئىنايەتخان بوۋىمىز ئۈچۈن ھەر قايسمىز بىر تالدىن بېلەت تاشلاپ ئۇنى شۇ شەرەپكە ئېرشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلمەن؛. 
قالدۇرۇلغان ئادىرىسقا كىرىپ ئۈسىتى تەرەپتىن 4-قۇرنىڭ بېشىدا بۇۋاينىڭ سۇرىتى بار .شۇنىڭدىكى بېلەت تاشلاش دېگەن خەنزۇچە خەتنى باسسڭىز،بىر تەستىق نۇمىرنى كىرگۇزۇڭ دەپ چىقىدۇ.كاتەكچە ئىچىگە كۆرسەتكەن سان ۋە ھەرپلەرنى يېزىپ قويسڭىز بىلەت تاشلغان بولسز.
 ھۆرمەت بىلەن: زاكات

تۆۋەندە مۇناسىۋەتىلىك رەسملەر ۋە بىلەت تاشلاش ئادىرسى قالدۇرۇلدى.

 بىلەن تاشلاش ئادىرسى: http://www.xinhuanet.com/newmedia/zgwsgd2011/index5.htm 


[attachment=13817]


 

nazuk... 2011-12-08 16:00
مەندىن بىر بېلەت كەتتى ئەمىسە

uyghur 2011-12-08 16:15
بۇلىدۇ.

قارگۇلى 2011-12-08 16:35
كەتتى بىلەت!!!! يەنە كامىلە دېگەن ئاپپايغىمۇ تاشلاپ قويدۇم!!

urkax5 2011-12-08 16:36
ئاللاھ كىشىلەر ئالدىدا ئەزىزلىگەن بۇۋاينى بىز نېمىشقا ئەزىزلىمىگىدەكمىز !ئى ئاللاھ ئۇنى بۇ دۇنيادا ئەزىزلىگىنىڭدەك ئۇدۇنيادىمۇ ئەزىز قىلغىن !ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىنى ئۆزئاتىسىغا ئوخشاش تەقۋادار كىشىلەردىن قىلىۋەتكىن!ئامىن

omer 2011-12-08 17:04
     ماۋۇ رەسىمگە قاراڭ! مېھنەتكەش، ساخاۋەتلىك بوۋاينىڭ ئالدىدا قولىنى ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ، خۇددى بىرسىدە ئېلىشى باردەك تۇرغان غىتمەك كىمۇ زادى؟! ھىچ بولمىغاندا چوڭلارنى ھۆرمەتلەشتىن ئىبارەت ئەقەللىي قائىدىنى بولسىمۇ بىلمەيدىغان لالمىمۇ ئۇ!!!... كۆۋرۈك سېلىپ بەرگەن ئادەمگە ئەشۇنداق ھالەتتە رەھمەت ئېيتامدىكىنا؟!...

مەنزىرە 2011-12-08 17:25
مەنمۇ تاشلىدىم..

060319 2011-12-08 17:30
مەنمۇ بىر  بىلەت  تاشلىدىم ........

xahruh 2011-12-08 17:43
كەچۈرۈڭ ،مەن بېلەت تاشلىمىدىم ،ئۆزىڭز دەپسىزغۇ ،<"ئوڭ قولۇڭ بەرگەننى
 سول قولۇڭ تۇيمىسۇن"> دىگەن دەپ ،شۇڭا بۇ بۇۋاينىڭ خالىس قىلغان مىھنىتىنى
 باشقىلارغا داۋراڭ قىلىپ ئاخىرەتتە ساۋاپتىن قۇرۇق قالمىسۇن دەپ بېلەت تاشلىمىدىم ،
،،،بۇنداق بېلەت تاشلاپ ،توردا تەشۋىق قىلىپ جۇڭگۇنى تەسىرلەندۇرمىسىمۇ ،
ئۇنىڭ ئشى ھەركەتلىرى ئاللاھنى تەسىرلەندۈرسىلا بولمىدىمۇ ؟؟؟مۇشۇ يەتمەپتىما ؟
بۇ ئارقىلىق نېمىگە ئېرىشمەكچىكەن ئەمدى ؟؟؟؟

amanxa 2011-12-08 19:42
مانا بىر بىلەت، ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ.شاھرۇھ

999999999 2011-12-08 20:43
مەندىن بىر بىلەت كەتتى ئاللاھ تېنىنى ساغلام قىلسۇن...

999999999 2011-12-08 20:44
مەندىن بىر بىلەت كەتتى ئاللاھ تېنىنى ساغلام قىلسۇن...

abdullajan 2011-12-08 22:43
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى xahruh نىڭ 2011-12-08 17:43 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
كەچۈرۈڭ ،مەن بېلەت تاشلىمىدىم ،ئۆزىڭز دەپسىزغۇ ،<"ئوڭ قولۇڭ بەرگەننى
 سول قولۇڭ تۇيمىسۇن"> دىگەن دەپ ،شۇڭا بۇ بۇۋاينىڭ خالىس قىلغان مىھنىتىنى
 باشقىلارغا داۋراڭ قىلىپ ئاخىرەتتە ساۋاپتىن قۇرۇق قالمىسۇن دەپ بېلەت تاشلىمىدىم ،
،،،بۇنداق بېلەت تاشلاپ ،توردا تەشۋىق قىلىپ جۇڭگۇنى تەسىرلەندۇرمىسىمۇ ،
ئۇنىڭ ئشى ھەركەتلىرى ئاللاھنى تەسىرلەندۈرسىلا بولمىدىمۇ ؟؟؟مۇشۇ يەتمەپتىما ؟
.......

ئىنشائاللاھ ئاخىرەتلىك ساۋابتىنمۇ قۇرۇق قالماس. بۇنىڭ ئەڭ بولمىغاندا ياتلارغا مۇسۇلمانلارنىڭ گۈزەل ئەدەب ئەخلاقىنى تەشۋىق قىلىشتا بولسىمۇ رولى بولار.
  كاپىرلارغا قاتتىق بولىمىز لېكىن قوپال بولمايمىز. نۇرغۇن كىشى كاپىرلاغا قوپال مۇئامىلە قىلىپ  ئىسلامنىڭ زەرىرىگە گۇۋاھ بوپ قېلىۋاتىدۇ. كۆپىنچە كاپىرلار ئىسلامغا ئاۋۋال ئايەت، ھەدىسىنى ئوقۇپ ئەمەس، كۆپىنچە ئەھۋالدا مۇسۇلمانلارنىڭ ھالىغا، ئەھۋالىغا قاراپ ئاندىن ئىسلامغا باھا بېرىدۇ. شۇڭا بۇنى تەشۋىق قىلىشنىڭ پايدىسى جىق. بىر بېلەت كەتتى، ئەمىسە.........

tamkin 2011-12-08 23:51
ئاللاھ  رەھمەت قىلسۇن ،،،  پىكىرى جەھەتتە  چوڭ  ئويغۇنۇش بولۇپتۇ  سىزدە جۇمۇ ....  ئەمدى ئۇ ئاكىمىزنىڭ قىلغان ئىش - ئىزلىرى ئاشكارلىنىپ بولۇپتۇ . قەلبىدە رىيا شەكىللىنىپ قالمىسىلا بولاتتى - دە ؟  خەيرىيەت بولىدىغان ئىش بولۇپ  بولۇپتۇ . شۇنداقتىمۇ مەن بىر بىلەت تاشلاپ قۇياي ...

muslima32 2011-12-09 01:06
مەنمۇ ھازىرلا تاشلاي ئەمسە ،

زاكات 2011-12-09 12:06
بۇ گەپلەرگە نېمەدەي قېرىنداشلار، بۇۋاي ئۆزى مەن سىلەرگە مۇنداق ئىش قىلىپ بەرگەن دىمگەن . بەلكى ئەل ئۇنى كۆرۇپ ۋە ئاخبارات ئورۇنلىرى   زىيارەت قىلىسا بۇنىڭدىن قۇسۇر ئىزدىسەك قانداق  بولىدۇ؟  ئادەتتە پالانچى قارىمنىڭ قىرائىتى دەپ تورلاردا كۆرمىزغۇ،،،ئۇ كىشلەرمۇ مەن قىرائەت قىلىپ كىشلەرگە تونۇلسام دېمەيدىغاندۇ؟  ياكى مەندەك قارىم يوق دېمەيدىغاندۇ؟ پەقەت ھەممىسى ساۋاب ئىزدەپ ئاللاھ رىزالىقنى ئىزدىگەن. قارىم قىرائىتى بىلەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلسا دېقان ھالال خالسانە ئەمگىكى بىلەن يازغۇچى قەلىمى بىلەن باي خوجاملار سەدىقە ،ئىقتسادى بىلەن، سىز بىلەن بىزچۇ؟ھېچ بولمسا مۇشۇ مۇنبەرلەردە ياخشى تېملارنى يوللاش،بۇغداي سۆزىمىز بىلەن بولسمۇ بىرەر ساۋابلىق ئەمەل ئىزدەيمىز.  مەن نېمشقا بۇنى توردا بىلەت تاشلاڭلار دېدىم؟ بۇ يەردە ھەرگىزمۇ شەخسى بىر نېيەت يوق،ئۆز مىللەت ئادەملىرىنى سۆيۇشمۇ ۋەتەننى سۆيۇشكە ئوخشاشلا ئىش.ئىسل پەزىلەتلەرنىڭ مۇسۇلمانلاردىمۇ بارلىقىنى ماۋۇ ياتلارغا تونۇتىپ قويساق، ھېلىقى ئوغرى يانچۇقچى دېگەن ئاتالغۇلار ئۆز جايىنى تېىپپ قالار،،،،سۆيۇملۈك ئۇيغۇرۇم (ئاللاھ  مىللىتىمىزنى ئامان قىلسۇن )جاھانغا ئېسل خىسلەتلىرى بىلەن تونۇلسا دېگەن مەقسەت بار.بۇ مەقسەتلىرىمىزنى ئاللا قۇبۇل قىلسۇنكى بۇ نېيەتلىرىمىز  پاك ۋە سەمىمىيدۇر.  بىز ئۇلارنى كۆرۇپ ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلمىز ياكى بولمىسا بىزمۇ ساۋبلىق ئىشلارنى قىلىشنى ئۆگىنمىز. يامان ئىش قىلغانلاردىن ئۆگىنەمدۇق يا؟

ئۇ بۇۋاي رىيا قىلىشنى بىلسە 30يىلنىڭ ياقى كىشلەر بىلگەن بولاتتى....ھەم بۇندىن كېيىنكى ئۆمىرىگىمۇ ئاللاھ بۇۋامىزغا تەقۋادارلىق لىباسىنى ئاتا قىلغۇسى!!

نەزەرسالسام 2011-12-09 16:42
مەنمۇ بىر  بىلەت  تاشلىدىم

999999999 2011-12-09 20:42
مەندىن بىربىلەت كەتتى...

گەپچى 2011-12-09 21:04
بىلەت تاشلىمايمەن دىگەن كىشىلەر ئۆزىنى ۋىراچقا كۆرسىتىپ .نىرىپنى قۇۋەتلەش دورىسىنى ۋاختىدا سېتىۋىلىپ ئىچسە ئۆزىگىمۇ ھەمدە ئەتراپىدىكى كىشىلەرگىمۇ پايدا قىلىدۇ.
                                                  گەپچى:ئۈزۈندىلىرى

urkax5 2011-12-09 21:52
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى xahruh نىڭ 2011-12-08 17:43 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
كەچۈرۈڭ ،مەن بېلەت تاشلىمىدىم ،ئۆزىڭز دەپسىزغۇ ،<"ئوڭ قولۇڭ بەرگەننى
 سول قولۇڭ تۇيمىسۇن"> دىگەن دەپ ،شۇڭا بۇ بۇۋاينىڭ خالىس قىلغان مىھنىتىنى
 باشقىلارغا داۋراڭ قىلىپ ئاخىرەتتە ساۋاپتىن قۇرۇق قالمىسۇن دەپ بېلەت تاشلىمىدىم ،
،،،بۇنداق بېلەت تاشلاپ ،توردا تەشۋىق قىلىپ جۇڭگۇنى تەسىرلەندۇرمىسىمۇ ،
ئۇنىڭ ئشى ھەركەتلىرى ئاللاھنى تەسىرلەندۈرسىلا بولمىدىمۇ ؟؟؟مۇشۇ يەتمەپتىما ؟
.......

ئۇ ئادەم ئېرىشىمەن دىمىدى بەلكى ئاللاھ ئېرىشتۇرۋاتىدۇ،ئەگەر سىزنىڭ مۇشۇ ئىنكاسىڭىز شۇئادامنىڭ قۇلىقىغا يەتتى دەيلى ئۇ چاغدا سىز ئۇ كىشىگە ئازار بەرگەن بولامسىز يا ئۇنداق ئەمەسمۇ؟خەقنىڭ قىلغان ياخشى ئىشىغا دىنىمىزدا ئازار بېرىپ پەتىۋا بېردىغان نەدە بار ،يۈرىگىڭىزنى تۇتۇپ ئۆزىڭىزدىن سوراپ بىقىڭ سىز ئۆمرىڭىزدە بىساتىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئەمەس بىر قىسمىنى  سەرىپ قىلىپ مۇشۇنداق ياخشى ئىشتىن بىرنى قىلالىدىڭىزمۇ؟شۇنداق ئادەملەر ئازىيىپ ئەمەليىتى يوق قۇرۇق پەتىۋاچىلار جىقىيىپ كەتكەچكە ئاللاھ بىزگە كۆرسىتىپ قويۋاتىدۇ

xahruh 2011-12-10 10:20
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 20قەۋەتتىكى urkax5 نىڭ 2011-12-09 21:52 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

ئۇ ئادەم ئېرىشىمەن دىمىدى بەلكى ئاللاھ ئېرىشتۇرۋاتىدۇ،ئەگەر سىزنىڭ مۇشۇ ئىنكاسىڭىز شۇئادامنىڭ قۇلىقىغا يەتتى دەيلى ئۇ چاغدا سىز ئۇ كىشىگە ئازار بەرگەن بولامسىز يا ئۇنداق ئەمەسمۇ؟خەقنىڭ قىلغان ياخشى ئىشىغا دىنىمىزدا ئازار بېرىپ پەتىۋا بېردىغان نەدە بار ،يۈرىگىڭىزنى تۇتۇپ ئۆزىڭىزدىن سوراپ بىقىڭ سىز ئۆمرىڭىزدە بىساتىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئەمەس بىر قىسمىنى  سەرىپ قىلىپ مۇشۇنداق ياخشى ئىشتىن بىرنى قىلالىدىڭىزمۇ؟شۇنداق ئادەملەر ئازىيىپ ئەمەليىتى يوق قۇرۇق پەتىۋاچىلار جىقىيىپ كەتكەچكە ئاللاھ بىزگە كۆرسىتىپ قويۋاتىدۇ

شۇنداق ،ئۇنى ئاللا ئېرىشتۇردى ،لېكىن بۇ گاداي ئۇنىڭ بەدىلىگە نام شۆھرەتكە ئېرىشش
تەماسىدا بۇلدى ....ئەگەر نىيىتى ھەقىقەتەن خالىس بولسا ئىدى ،بۇنداق مۇنبەردە ماڭا بېلەت
تاشلاڭلار ،مېنى ھەممە ئادەم تونۇسۇن دەپ جار سالماس ئىدى ....

del 2011-12-10 14:45
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى omer نىڭ 2011-12-08 17:04 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
     ماۋۇ رەسىمگە قاراڭ! مېھنەتكەش، ساخاۋەتلىك بوۋاينىڭ ئالدىدا قولىنى ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ، خۇددى بىرسىدە ئېلىشى باردەك تۇرغان غىتمەك كىمۇ زادى؟! ھىچ بولمىغاندا چوڭلارنى ھۆرمەتلەشتىن ئىبارەت ئەقەللىي قائىدىنى بولسىمۇ بىلمەيدىغان لالمىمۇ ئۇ!!!... كۆۋرۈك سېلىپ بەرگەن ئادەمگە ئەشۇنداق ھالەتتە رەھمەت ئېيتامدىكىنا؟!...

بۇ كىشى توققۇزتارا ناھيە دۆڭمەھەللە يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ خەلىق قۇرۇلتاي رەئىسى.ئىسمى ئابلكىم ئەخمەت.

xahruh 2011-12-10 15:36
نېمە دېسەڭلار دەڭلار ،،ئىشقىلىپ مەن بېلەت تاشلىمايمەن ،،،ھەرگىز .....
كىم تاشلىسا تاشلىسۇن !!!!!

muriel 2011-12-11 13:15
مەنمۇ تاشلىدىم

999999999 2011-12-11 20:20
مەنمۇ بىر بىلەت تاشلىدىم...

dulbarqin310 2012-01-07 15:25
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى xahruh نىڭ 2011-12-08 17:43 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
كەچۈرۈڭ ،مەن بېلەت تاشلىمىدىم ،ئۆزىڭز دەپسىزغۇ ،<"ئوڭ قولۇڭ بەرگەننى
 سول قولۇڭ تۇيمىسۇن"> دىگەن دەپ ،شۇڭا بۇ بۇۋاينىڭ خالىس قىلغان مىھنىتىنى
 باشقىلارغا داۋراڭ قىلىپ ئاخىرەتتە ساۋاپتىن قۇرۇق قالمىسۇن دەپ بېلەت تاشلىمىدىم ،
،،،بۇنداق بېلەت تاشلاپ ،توردا تەشۋىق قىلىپ جۇڭگۇنى تەسىرلەندۇرمىسىمۇ ،
ئۇنىڭ ئشى ھەركەتلىرى ئاللاھنى تەسىرلەندۈرسىلا بولمىدىمۇ ؟؟؟مۇشۇ يەتمەپتىما ؟
.......


قارغۇنىڭ يۇرتىغا بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىس دەيدۇ، تاشلاڭە سىزمۇ، نېمە بولسا ئىشقىلىپ يامان بولمايدۇ، ياخشى بولىدۇ، بۇلارغا تاشلىماي كىمگە تاشلىماقچى ئەمسە ھە.


查看完整版本: [-- ئەنەيەتخان ئىسلامغا بىلەت تاشلاڭ!!! --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.055363 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us