<<قىزىل پاچاق>>گۇمىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىڭ كوممۇنىسىتلارنى،ئىلغار تەرەقپەرۋەرلەرنى ھاقارەتلەپ ،ئېيىتقان سۆزى ئىدى،ھالا بۇگۇنكى كۈنگە كەلگەندە ،بۇ سۆز خىزمەتتە ئاكتىپ ،مەسئۇلىيەتچان ،پىرىنسىپال كادىرلارنى مەسخرە قىلدىغان سۆزگە ئايلاندى.
مەن بۇ يىل سېنتەبىردىن باشلاپ يۇرتىمىزدىكى تەربىيەلەش مەركىزىدە<<تىل -ئەدىبىيات ئۇقۇتقۇچىلىرىنىڭ <قۇش تىل>بۇيىچە بىريىللىق تەربىيەلەش كۇرسغا>قاتناشتىم.
بۇ كۇرس مۇنتىزىم يۇقلىما تۇزىمى ئارقىلىق باشقۇرىلاتتى .
شۇنداقتىمۇ بەزى دەرسى ئۇقۇتقۇچىلىرى يۇقلىما قىلمايىتتى ،كۇرسانىتلار يوقلىما قىلمىغان ئۇقۇتقۇچىلارنى ماختاپ.دەرىسكە خالىسا كىرىپ ،خالىسا كىرمەي يۇرسە يۇقلىما قىلىىشنى چىڭ تۇتقان ئۇقۇتقۇچىلارنى <<تازا بىر <قىزىل پاچاق>مۇئەللىم ئىكەن بۇ !>>دەپ ئىچىدە مىڭنى تىللاپ ،مەجبۇرىي دەرىسى ئاڭلايىتتى.
دېمەك ،پىرىنسىپقا ئامەل قىلىپ ،قائىدە -تۇزۇم ۋە بەلگىلىمە بۇيىچە خىزمەت ئىشلىگەنلەر <<ئۆزىنىمۇ ،باشقىلارنىمۇ خۇش قىلالمايدىغان قىزىل پاچاق>>ئاتىلىپ ،كىشىلەرنىڭ ياقتۇرىشىدىن مۇستەسنا قالدى،پىرىنسىپىتىن چەتنەپ،قانۇن-تۇزۇمنى كۆزگە ئىلماي ،خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ پورسەتپەرەسلەرگە ،مەنپىئەتپەرەسلەرگە پورسەت يارتىپ بەرگەنلەر <<ھەقىقىي ئەركەكچىلىكى بار كادىر>>دەپ ئاتالدى.
ئۇيلىنىپ قالدىم ،ئاكتىپلارنىڭ ،جۇملىدىن ئۇلار ئاتالغان <<قىزىل پاچاق>>لىقنىڭ نەرى يامان؟ئەسلىدە ھەممە كادىردا مۇشۇنداق ئىسىتىل يېتىلىشى ۋە خەلقىمىز شۇنداقلا ھىمايە قىلىشى كېرەكقۇ؟!
شۇنىسى ئېنىقكى .جەمىيەت يەنىلا ئاكتىپ.پىرىنسىپال،ھەققانىي كادىرلارغا مۇھتاج.شۇڭا <<قىزل پاچاق >>لىقنى ھەممىمىز قىلىپ باقايلى ،شۇندىلا جەميەتتە ئادىللىق ھۆكۇم سۈرىدۇ.
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتى 2011-25-نويابىر ساندىن ئاپتۇرى:ئابدېغەنى مۇقىم
[ بۇ يازمىنىkuwruk 2011-12-08 19:14قايتا تەھرىرلىدى ]