ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 10قەۋەتتىكى كۆكلەنى نىڭ 2011-12-08 01:14 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
چىركاۋ نى سۇرۇشتۇرۇپ نىمە كىلا ؟ بەكلام بىلىپ باققىم كىلىۋاتىدۇ؟
بۇ ئوقۇتقۇچى ئالىي مەكتەپنىڭ پروفېسسورى. 10 يىل ئىلگىرى مۇسۇلمانلار رايونىدىكى مىسسىئونېرلىق پائالىيەتلىرى توغرىسىدا تەتقىق قىلىپ مەخسۇس كىتاب يازغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خرىستىئان مىسسىئونېرلىرىنىڭ ئىشلىرىنىمۇ ياخشى بىلىدۇ.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، بىر يىلى قازاقىستاندا بىر مېھمانسارايدا تۇرغاندا يېنىغا ئىككى كىشى كېلىپ ئۇنى ئىيسا مەسىھنىڭ دىنغا دەۋەت قىلماقچى بوپتىكەنمىش، بۇلار قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار بولۇپ، باشقا ئۇيغۇرلارنى ئىزدەۋېتىپ، بۇ مۇئەللىمگە يولۇقۇپ قاپتىكەن، مۇئەللىم ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ يولغا سېلىپ قويۇپتىكەن.
.......................................................
سىلەر بەلكىم خەنزۇچە ئۇنۋېرسال مۇنازىرە مۇنبەرلىرىگە كىرەمسىلەر يوق، بىلمەيمەن. ئەمما مەن تۇلا كىرىمەن. خەنزۇچە دىنىي مۇنازىرىلەردە كاتولىك خەنزۇلار بىلەن داۋجىياۋ راھىبى خەنزۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرىلەر بەك قىززىيدۇ.
كاتولىكلەر: "ھازىر جوڭگۇدا ئالىي مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن خەنزۇ زىيالىيلاردىن كاتولىك بولغانلار كۆپ. يەنە قىرىق ئەللىك يىلدىن كېيىن، كاتولىك دىنى جوڭگۇنىڭ دۆلەت دىنى بولىدۇ. بىز دىنسىزلىقنىڭ زىيىنىنى كۆپ تارتتۇق. دىن تاللاشقا توغرا كەلسە، كاتولىك دىنى ئەڭ مۇۋاپىق." دەيدۇ. بۇنىڭغا جاۋابەن داۋجىياۋچىلار:
"بىزنىڭ ئاتا-بوۋىمىز ئىككى مىڭ يىلدىن بويان مۇشۇ داۋجىياۋغا ئىشەنگەن. بىز ئۆلسەكمۇ بۇ دىندىن ۋاز كەچمەيمىز. بۇ دىن ئاز ۋاقىتتىن كېيىن جوڭگۇنىڭ دۆلەت دىنى بولىدۇ. سەندەك چەتئەلنىڭ غالچىسى، يالاقچى قەلەندەرلەرنىڭ ئەجنەبىي دىنىغا ئىشەنمەيمىز." دەيدۇ. كاتولىك خەنزۇلار:
"ئىشەنسەڭ ئىشەنمىسەڭ، رىئاللىقنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرسەن. ھازىر جوڭگۇدا ئەللىك مىليون كاتولىك بار. ئىككى يۈز يىلغا يەتمىگەن قىسقا ۋاقىتتا مۇشۇنچىلىك كۆپىيىپ، يەنە قانۇنلۇق دىن بولۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشتۇق. بۇندىن كېيىنمۇ توختاپ قالماي دۆلەت دىنى بولۇشقا تىرىشىمىز" دەيدۇ.
..........................
مۇنازىرە قاتتىق داۋاملىشىدۇ. پروتەستانلار كېلىدۇ:
"كاتولىك دىنى دۆلەت دىنى بولۇشقا يارىمايدۇ. پروتەستان خرىستىئانلىق ئەڭ نوچى. دۆلەت دىنى بولسا، مۇشۇ بولسا بولىدۇ." دەيدۇ.
مەنمۇ قوشۇق سالىمەن مۇنازىرىگە:
"كاتولىك دىن تارقاتقۇچىلار تونجى قېتىم 1605-يىلى ئاۋمىن ئارقىلىق جوڭگۇغا كىردى. مۆرىتى كۆپ، ئەمما تارىخى قىسقا. پروتەستانلار سىلەر ئامېرىكىلىق مارك تىۋىننىڭ "جوڭگۇنىڭ دەرۋازىسىنى توپ زەمبىرەك ئارقىلىق ئىيسا مەسىھكە ئېچىش كېرەك" دېگەن چاقىرىقى بويىچە 1840-يىللاردا ئەپيۇن ئۇرۇشى قوزغاپ ئاندىن كىردىڭلار. سىلەر كېلىشتىلا جوڭگۇنى يېرىم مۇستەملىكە قىلىپ يامان نىيىتىڭلارنى ئاشكارىلاپ بولدۇڭلار. گەرچە ھازىر 100 مىليون خەنزۇ مۆرىتىمىز بار دەپ پو ئاتقىنىڭلار، قانۇنلۇق بولدۇق دەپ مەغرۇرلانغىنىڭلار بىلەن، سىلەرنىڭ ئەقىدەڭلارنى، تەڭرى ئۈچ دەيدىغان دىنىڭلارنى ئەقىل بىلەن ئويلىغان كىشى سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا كىرمەيدۇ. دىندا سەمىمىي راستچىل بولساڭلار، ئىسلام ئەقىدىسىنى تەتقىق قىلىپ بېقىڭلار. بىز ئىيسا پەيغەمبەرنى ھۆرمەتلەيمىز. ئاللاھنى ئۇلۇغلاپ، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرمەيمىز. سىلەرنىڭ پوپلارغا ھەر كۈنى ۋەھىي كەلگەنلىكىگە سىلەر ئىشەنگەن بىلەن، بىز پەيغەمبىرىمىزدىن باشقىلارغا ۋەھىي كېلىدۇ دېمەيمىز...."
بىر دىنسىز خەنزۇ مۇنداقراق ئىنكاس يازىدۇ:
"ئىسلام دىنى ئەلچىلىرى گەرچە 650-يىللاردا جوڭگۇغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما مۆرىتلىرى ئاز. جوڭگۇدا ئاران 20 مىليون ئەتراپىدا مۇسۇلمان بار. ئىسلامنىڭ جوڭگۇدا دۆلەت دىنى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر دىن تاللاشقا توغرا كەلسە، پروتەستان ياكى كاتولىك مۇشۇ ئىككىسىدىن بىرنى تاللاش كېرەك. بۇددا دىنى بىزنىڭ نۇرغۇن سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرەلمەيدۇ. تايلاندنى ياقتۇرمايمەن."
بۇددا دىنى مۆرىتىدىن بىرسى:
"سەن ياقتۇرساڭ ياقتۇرمىساڭ، بىزنىڭ پەرۋايمىز پەلەك. بەرىبىر جوڭگۇدا چىركاۋدىن بۇتخانا كۆپ. بۇددا دىنى بۇ يەرگە كەلگىلى 1800 يىل بولدى. گەرچە چەتتىن كەلگەن دىن بولسىمۇ، ئاللىقاچان يەرلىكلىشىپ سىڭىپ بولدى. سىياسىىيدىن تامايىمىز يوق، تىنچلىقنى خالايمىز، ئەمما كەلگۈسىدە بۇ دىن جوڭگۇنىڭ دۆلەت دىنى بولۇپ، باشقا ئەللەرگە تارقىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز بار."
..............................
مۇنازىرە مۇشۇنداق داۋاملىشىپ، تىللاشقان سەت گەپلەر ئۆچۈرۈلۈپ، بەزى ئەزالار ھەيدىلىپ دېگەندەك بەزىدە يەتمىش سەكسەن بەتچە بولىدۇ.
2009-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەر تاقىلىپ قالغاندا، خەنزۇچە مۇنبەرلەر بەك ئاۋات ئىدى...
.............................................
ئۇ مۇئەللىمنىڭ چېركاۋنى سورىشىدا مېنىڭ پەرىزىمچە مۇنداق 2 سەۋەب بار بولۇشى مۇمكىن:
1) ھازىر جوڭگۇ چەتئەللەردىكى تەشۋىقاتتا دۆلەت ئىچىدىكى دىنىي ئەركىنلىكنىڭ بەك يۇقىرىلىقىنى كۆچەپ تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. ئەركىنلىك بارلىقى راست. بۇ ئەركىنلىك سايىسىدە يېڭى مەسچىت كۆپ سېلىندىمۇ ياكى يېڭى چېركاۋمۇ؟ بۇ ئەركىنلىك مۇسۇلمانغا خىزمەت قىلدىمۇ ياكى خرىستىئانغىمۇ؟ ... بەلكىم بۇنى بىلگۈسى كەلگەندۇ.
2) يۈز يىل ئىلگىرىكى مەسچىت سانى بىلەن ھازىرقى مەسچىت سانى، يۈز ئىلگىرىكى چىركاۋ سانى بىلەن ھازىرقى چىركاۋ سانىنى ئېنىقلاپ، ئىككىسىنى نىسبەتلەشتۈرسە، بۇ يەردە قايسى دىننىڭ بەكرەك گۈللىنىپ، قايسىسىنىڭ ئارقىغا چىكىنىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بەلكىم مۇشۇنى ئوققۇسى كەلگەندۇ.
بۇنىڭدىن باشقا سەۋەب بولسا، مەن بىلمەيدىكەنمەن.