فىلىپپىندىكى قوراللىق تەشكىلات-مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەگەر فىلىپپىن ھۆكۈمىتى تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتمىگەن تەقدىردە، ھۆكۈمەت دائىرلىرى بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتى فىلىپپىننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ھۆكۈمەتكە قارشى ئىككى قوراللىق تەشكىلاتنىڭ بىرى بولۇپ، 1981-يىلى مورو مىللىي ئازادلىق فرونتىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ قۇرۇلغان.
تەشكىلاتنى فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىكى مىنداناۋ ئاراللار گۇرۇپپىسىغا جايلاشقان يەرلىك مۇسۇلمان مىللەت-ماگۇئىنداناۋسلارنىڭ قوللىشى بىلەن ھاشىم سالامەت قۇرغان ئىكەن.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ غايىسى جەنۇبىي فىلىپپىندىكى مىنداناۋ ئاراللار گۇرۇپپىسى ئاساس قىلغان رايونلاردا مۇستەقىل ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. لېكىن ھازىر ئۇلار ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن ئالىي مۇختارىيەت قۇرۇش شەرتى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ئالدىدا تۇرماقتا. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ نۆۋەتتىكى داھىيسى مۇراد ئىبراھىم.
نۆۋەتتە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتكە مالايشىيا ھۆكۈمىتى كېلىشتۈرگۈچى بولغان بولۇپ، سۆھبەت كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، فىلىپپىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مورو مەسىلىسىنى ئىقتىسادىي يول بىلەن ھەل قىلىش چارىسىنى كۆرسەتكەن بولسا؛ مورو ئىسلام فرونتى مەسىلىنىڭ سىياسىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
مۇراد ئىبراھىم دۈشەنبە كۈنى، كوتاباتو شەھىرىنىڭ سىرتىغا جايلاشقان داراپانان ھەربىي گازارمىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي مەيدانىدىكى پەرقلەرنىڭ ئىنتايىن زور ئىكەنلىكنى كۆرسەتتى ۋە كېلەر ھەپتىدىكى سۆھبەتنى ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇراد ئىبراھىم يەنە، مالايشىيالىق كېلىشتۈرگۈچىلەردىن ھەر ئىككى تەرەپ بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈششى كېرەكلىكىنى ۋە فىلىپپىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى تىنچلىق سۆھبەت پىلانىنى ئۆزگەرتىشكە دەۋەت قىلىشىنى، ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، بۇ خىلدىكى سۆھبەتلەرنىڭ ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇراد يەنە، ئۆتكەن ئايدا كۇالالۇمپۇردا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر رايوندا ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا كۆپرەك ئېتىبار بەرگەنلىكىنى، ئەمما مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتىنىڭ جەنۇبىي فىلىپپىندا مۇسۇلمان ئالىي مۇختارىيىتى قۇرۇش تەلىپىنى نەزەردىن ساقىت قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ئۇلارنى بۇ يەردىكى مەسىلىنىڭ سىياسىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ چوقۇم سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى چۈشىنىشكە چاقىرىمىز.
مۇراد ئىبراھىم يەنە، جەنۇبىي فىلىپپىندىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرىدىغان ئانا ۋەتىنى بولۇش ئارزۇسىنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن بولغان توقۇنۇشلارنىڭ نېگىزى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى مەركەز قىلغان ھالدا تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكنى تەكىتلىدى.
گەرچە فىلىپپىن ھۆكۈمىتى تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، مۇسۇلمان رايونىغا ئىقتىسادىي ياردەم ۋە بىر خىل شەكىلدىكى ئاپتونومىيە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما، مۇراد ئىبراھىم ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نۆۋەتتە ئوتتۇرىغا قويغان پىلاندا ئۇلارغا ھەقىقىي ئاپتونومىيە بېرىلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ھۆكۈمەتنىڭ سۆھبەت ۋەكىلى مارۋىك لېئونەن، ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى مەيدانىنى ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ ھۆكۈمەتنىڭ مەيدانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇراد ئىبراھىم مۇخبىرلارغا ئۆز تەشكىلاتنىڭ 2003-يىلى تۈزۈلگەن تىنچلىق كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ھازىرقى ياش مۇسۇلمان ئىنقىلابچىلارنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ يەنە سۈرۈلۈپ كېتىشىگە سەۋرچان بولۇپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتى قانداق تەشكىلات؟ تۆۋەندە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تارىخىغا قىسقىچە نەزەر سەپ ئۆتىمىز.
جەنۇبى فىلىپپىندا 1960 يىللىرى قۇرۇلغان مورو مىللىي ئازادلىق فرونتى بار بولۇپ، 1987-يىلى فىلىپپىن ھۆكۈمىتى مورو مىللىي ئازادلىق فرونتى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، مىنداناۋ ئاراللار گۇرۇپپىسىغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بەرگەن ۋە شۇ يىلى مىنداناۋ مۇسۇلمانلار ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان.
ھالبۇكى، مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتى، مورو مىللىي ئازادلىق فرونتىنىڭ قىلمىشىنى رەت قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇشتا سۇسلۇق قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۆز ئالدىغا قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىشنى يەنە داۋاملاشتۇرغان.
بۇ ھەقتە بەزى ئاشكارىلانغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 1997-يىلى مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتى بىلەن سۈلھى تۈزگەن ۋە ئۆز -ئارا دۈشمەنلىكنى ئاياغلاشتۇرۇشقا تىرىشقان.
2000 يىلى، فىلىپپىندا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان فىلىپپىن پرېزىدېنتى جوسېف ئەسترادا 1997-يىلىدىكى كېلىشىمنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتى فىلىپپىن ھۆكۈمىتىگە قارشى جىھاد ئېلان قىلغان.
شۇندىن كېيىن 2003-يىلى فىلىپپىندا داۋاۋ ئايرودرومىنى پارتلىتىش قاتارلىق بىر قىسىم تېررورلۇق ۋەقەلىرى كېلىپ چىققان بولۇپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتىغا دۆڭگىگەن ئىدى.
مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە 2007-يىلى فىلىپپىن ھۆكۈمىتى مورو خەلقنىڭ ئۆزىنى-ئۆزى ئىدارە قىلىشى ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان.
ھالبۇكى، مورو خەلقىگە بېرىلگەن ئاپتونومىيە ھەقىقىي كۈچە ئىگە قىلىنمىغان بولغاچقا، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار ھېلى ھەم داۋاملىشىپ كەلمەكتە