بىز خازىر ھەممە نەرسە سېتىلدىغان جەمىئەتتە ياشاۋېتىپتىمىز،بىز سېتۋېلىشنى خالىساقلا ھەممە پۇلمىز بولسا،ھەممە نەرسىنى سېتۋالالايمىز،بەلكىم بۇ ھەممىگە ماددى مەنپەئەت ھاكىم-قازى بولغان بۈگۈنكى دۇنيانىڭ يەنە بىر پاجەسى بولسا كېرەك،پۇلغا ھەممىنى سېتۋالغىلى بۇلامدۇ ؟دېگەن بۇ سۇئال بىردەك ھممەيلەننىڭ ياق!دېگەن جاۋابىغا ئىرىشكەن،ئەممائۇ بىزنىڭ نەسىر،نۇتۇقلىرمىزدىكى ئۈندەش جۈملىلەردىلا قېپقالدى،رېئاللىق بولسا يەنلا پۇلنىڭ قۇدۇرتىنى ئالى رەۋىشتە نامايەن قىلىپ تۇرۋاتدۇ،بىز جەمىيتىمىزدە شۇنداق كىشلەرنى ئۇچۇرتىمىزكى ،ئۇلار پۇلغا گۈزەللىكنى سېتۋالغىلى بولمايدۇ، دىيشىدۇ، ئەمما پۇلغا گۈزەل قىزلارنى سېتۋالدۇ؛مۇھاببەتنى سېتۋالغىلى بولمايدۇ ، دىيشىدۇ، ئەممانىكاھنى سېتۋالالايدۇ،ھەتتا ھازىر كىشلەرنىڭ ۋىجدان ، ئىمانىمۇ بىردوملاپلا تاۋارغا ئايلىندۇ، ئۇمۇ ئوخشاشلا سېتىلدۇ،دىمەك بۇ دەۋىر ئىنسان ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن ، بارلىق ماددى-مەنىۋى ئىلمىنتلاردىن ئەڭيۇقرى چەكتە ئىقتىسادى قىممەت ياراتقىلى بۇلدىغان دەۋىر .
<<جاھاندا ئەڭ قاتتىق نەرسە نىمە؟>>
<<مۇھتاجلق>>شۇنداق بۇجۈملىنى باشلانغۇشتا ئۇقۇيدىغان چاغلىرىمدائويغۇر خەلىق چۆچەكلىردىن ئۇقۇغنىم يادىمدا،ئادەمنىڭ ئىنتىلىشتىن قىلغان ئىشلىرى بىلەن مۇھتاجلىقتىن قىلغان ئىشلىرى روشەن پەرىقلىندۇ،ئىنتىلىش ئاكتىپ روھى ھالەتكە ۋەكىللىك قىلدۇ،مۇھتاجلىق پاسسىپ روھى ھالەتكە ۋەكىللىك قىلدۇ،ئىنتىلىش ئەركىنلىككە دالالەت قىلسا مۇھتاقلىق قۇللۇققا دالالەت قىلدۇ،ماھىيەتتە بۇ ئىككىسى ئىنسان پائالىيتىنىڭ ئىچكى ھەركەتلەندۇرگۈچى كۈچى،ئىنتىلىش مۇھتاجلىقنىڭ ئالى ماقامدىكى مۇقەددەسەرەك ئىپادىسىى ، ئۇنۇڭدا خىلمۇ خىل تاللاش ئىمكانىيتى بار، ئەمما مۇھتاجلىق مەجبۇرلۇقتۇر،بۇنىڭدا بويسۇنۇشلا بار ، تاللاش يوق،مەن ئويلايمەنكى بۇ ئىككىسى مۇۋاپىق بىرلىكىدىلا ئاندىن مۇكەممەللىككە يەتسە كېرەك،مۇھتاجلىق رېئاللىقنى،ئىنتىلىش خايىنى كۆزدە تۇتدۇ،مۇھتاجلىقنى بايقىيالماي ئىنتىلىپلا يۈرگەن ئادەمنىڭ ئىشلىرى نەتىجىسىز بۇلدۇ، ئەمما ئىنتىلىشنى تەرىك ئىتىپ ، مۇھتاجلىق مۇھتاجلىق ھەلەھچىلگىدە يۈرگەن ئادەمنىڭ ئىشلىرى ئۇلۇغۋار بولمايدۇ،ھەتتا بەزىدە پەسكەشلىشىپ كىتدۇ، ئەمما ھەممىنەڭ ئالدىنقى شەرتى ئادەمنىڭ نىمىگە ئىنتىلگەنلىكدە،نېمىگە مۇھتاجلىقدا،ئىنسان ئۈچۈن تاللاشنىڭ ئۈزى چوڭ بىر سىىناق ،
مانا ھازىر بىز شۇنداق بىر دەۋىردە ياشاۋېتىپتىمىزكى سىناقسىز مۇھتاجلىقلار بىلەن قورشالغان،ئۈزمىزنىڭ ئارمانلىرى نەلەدە ئۇنتۇلغان،مائاشقا مۇھتاج ئۇقۇش ئارمان ، خۇتۇنغا مۇھتاج ، مۇھەببەت ئارمان ،
ئىنگىلىز تىلى ئىگەللەش ئارمىنىم دەيسىز ، ئەمما نىمىشقا دەپ سورىسا دەۋىرنىڭ تەلپى دەيسىز، مۇشۇ گەپنىڭ ئۈزىلا ئارمان ئەمەس ،ئېھتىياج ئىكەنلىكنى كۆرسۈتۈپ بىرىدۇ، دەۋىر تەقەززا قىلمىغان ئەمما ھەرقانداق دەۋىردە بولمىسا بولمايدىغان نەرسىلەرنى تەسەۋۇر قىلالام سىز؟ مېنىڭچە ، ياق،بۇنداق كىشلەر بەك ئاز.
ئىنسانلار ھەرقانداق دەۋىردە ياشاش ئۈچۈن ئىلىمگە مۇھتاج بولغان، ئەمما بۇ خىل مۇھتاجلىق بۇگۈنكىدەك تەخىرسىز بولغان،بىلىملىك بولغاننىڭ ئالامەتلىرى بولمىش دىپلوم،ئۇنۋان كېنىشكىلەر بۈگۈنكى زامان كىشلىرنىڭ ئىختىراسى،كىشلەر ھەزىر ئۆزسالاھىيەتلىرنى شۇلاردىن ئىزدەيدىغان بولدى، بۇخىل سۈننى سالايىھەتلەر خىلمۇ خىللاشقانسىرى ئەسلى ئىنسانلىق سالاھىيەت بارا-بارا ئۇنتۇلۇشقا باشلاپ،ئادەملەر سەن كىم؟دىگەن سۇئالغىمۇ دەرھال جاۋاپ بىرەلمەي ،ئېسەنكىرەپ قالدىغان بولدى،ئەمىليەتتە بۇلارنىڭ بۇلشى خاتا ئەمەس ، ئەمما ھەممىنى شۇنىڭدىن ئىزدەش،شۇنى ئۆزىنىڭ ماركىسى قىلۋېلىش،خاتادۇې،چۈنكى ئىنسان ئۈچۈن ئىنسان دىگەن ماركىلا شەرەپ،ئادەم بۇنىڭدىن ئارتۇق شەرەپنى قوغلاشقاندا،تاپتىن چىقدۇ.
ساختىلىق قارايۈرەكلىك بىلەن مۇھتاجلىقنىڭ مەھسۇلى.ھازىرغا قەدەر ئىنسان ساختىلىق ئىشلەتمىگن ھىچنەرسە قالمىدى ،ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىلىم مائارىپقا ئىشلىتىلگن ساختىلەق ئادەمنى ئەبەدى پۇشايماندا قالدۇردۇ، بىز ۋە ئەۋلاتلىرمىز بۇنىڭ زىينىنى مەڭگۈ تارتىمىز.ئۇنداقتا بىزنىڭ جەمىيتىمىزنىڭ ئىلىم ساھەسى قانچىلىك پاكىز؟
بلكىم بۇساھەدىكى پاكىزلىقنىڭ بەلگىلىەك ئۆلچىمى بولمىسا كېرەك ، رايۇنمىزدا <<سەللە يوغان ئىمان توق ، داسقىنى يوغان بىرنېنى يوق>> دېگەن دەمسىل ئاللىقاچان ئۇمۇمىيۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلانغان،ھىچكىم خەنزو تىلدا بەشيىل ئوقىغان بىرەيلەننىڭ بىرەر پاچە ئىلتىماسنى قاملاشتۇرۇپ يازالمىغىندىن بەك ھەيران قېلىپ يۈرمەيدۇ،(ھەيران قالماسلىق كۈنۈپ كەتكەنلىكنىڭ ئالامىتى،تولا ھەيران قېلىش بىلمەسلىكنىڭ ئالامىتى،پەقەت ھەيران قالماسلىق غاپىللىقنقڭ ئالامىتى).
ھازىرقى زامان كىشلىرى ئۈچۈن دىپلوم ، ئۇنۋانلارمۇ ، ئۇلارنىڭ سالاھىيتىەە ۋەكىللىك قىلدىغان نەرسە ئەمەس نان يىيىش دەسمايىسگە ئايلىنىپ قالدى،ھازىر دىپلومىڭىز يوغانسا قۇلڭىزدىكى زاغىر كاكچىغا، بېشڭىزدىكى تەلپەك شىلەپىگە ئالمىشدۇ،مانا بۇخىل زۆرۆرىيەت جەمىيتىمىزدە ئىنتايىن تىزلىكتە جەمىيەت ئىلىم ساھسىنىڭ ھەرقانداق ساھە،قاتلىمغا سىڭىپ كەتكەن ئىلىم ساختىلغى ھادىسنى پەيدا قىلدى،يېڭدىن خىزمەتكە چىققان ۋاختىمدا ئۇقۇتقىچىلار نىڭ ئۇنۋان باھالاش يىغىنغا قاتنىشىپ قالدىم.ئەسلىدە ئۇقۇتقۇچىلار بىرەر ئۇقۇتقۇچىنى كۆرسىتىدغۇ دەپ ئويلىغانكەن مەن ، ئەمىليەتتە ئۇنۋان داۋاگىرى ئارنۇمۇسنى قايرىپ قۇيۇپ ، ئۈزىنىڭ <<جاپالىق >>خىزمەت شارائىتىدا <<ھارماي-تالماي>>ئىشلەپ قولغا كەلتۈرگەن <<شانلىق>> نەتىجىللىرنى ئېغىزلىردىن كۈپۈك قاينىتىپ تۇرۇپ ئۇقۇپ چىقىدىكەن (يازغان كەمچىلىكلىرى بىر ۋاراقمۇ چىقمايدۇ)،ئاندىن بىز ئۇنڭ ئۇتۇقلىرنى قايتا تىلغا ئېلشىپ ،ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ شۇئۇنۋانغا لايىقلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقىدكەنمىز.ناۋادا بىرىلگەن سان نامزاتلار غا يىتىشمىسە ، ئۇيۇننىڭ قىزقى شۇيەردە،ئۇيەردىكى تالاش تارتىشلارنى سىنالغۇغا ئېلۋېلىپ بىرقۇيۇپ بەرگىلى بولسا ،دەپ قالمەن. ئەسلىدە ئۇتالاش تارتىش ئۇقۇتقۇچىلار ئارسىدا ئەمەس،بەلكى نامزاتلار ئارسىدا بۇلدۇ،ئادەملەر ئۆز ئۇتۇقلۇرنى ئاشكاردىيشىپ ، پەشقىلىشتىن يۈزى قىزىردۇ،دەپ ئويلايتىم ئۇلار ماڭا مىنىڭخاتا ئويلىغانلىقىمنى كۆرسۈتۈپ قويدى،ھەتتا ئۇلار شۇتۈپەيلى بىر-بىرى بىلەن ئاداۋەتلىشىپ ، قاراشمايمۇ يۈرشىدۇ،بەزىللىرى ھەتتا بۇيىل نۆۋتىنىڭ كەلگنلىكنى ئېيتىدۇ،بۇ<<بۇلتۇر بالانى باھالانغاندا غىڭقىلمىدىم،ھازىر مېنىڭ سىتاژىممۇ ئەڭ ئۇزۇن،قىلغان خىزمىتىممۇ ئاز ئەمەس،ئەمدى بۇيىل مەن باھالىنۋالمىسام كىلەريىلى يەنە بىرنەچچىسى چىقدۇ،دەم ئېلىشقا چىقىشتىن ئاۋال باھالىنۋالاي ، تەشكىل بۇنىمۇ كۆزدە تۇتۇپ قويسۇن>>،دىگەنلىك ئەمەسمۇ ئبۇلارچە بولغاندا ئۇنۋان خىزمەتنىڭ سۈپتىگە ئەمەس سىتاژىغا كىلدۇ،شۇنىڭ بىلەن تەشكىل ئادەمگەرچىلىك قىلدۇ.ئۇنۋان ئۈچۈن باشقىلارغا ماقالە يازدۇرۇش ئۆنامىدا ئىلەن قىلدۇرۇش دېگەنلەر ھازىر ھىچكىم ئېغىرئالمايدىغان ئىشقا ئايلىنىپ كەتتى.
1998-يىلى ساۋاقداشلىرىم بىلەن دىسىېر تاتسىيە ياقىلغىلى كەلگەندە ،ئۇلارغا ھەمراھ بۇلۇپ بىرگە كەلدىم ئۇلار دىگەن گەپلەر مىنى بەك ھەيران قالدۇردى يېتەكچى ئۇقۇتقۇچىللىرى:<<سىز خوتەندىن كەلدىڭىزمۇ ؟ خوتەننىڭ ياڭقى داڭلىق -ھە>>دېگەندەك ئىما ئىشارەت قىلغانمىش،بەزىللىرى خېلى ئاشكارىلا مەقسىتىنى بايان قىلغانمىش ، دىسىېر تاتسىيە ماقالىسنى خەققە يازدۇرغان بولسىمۇ،ئەممە يېتەكچىللىرنى رازى قىلغانلىرنىڭ ماقالىللىرى ئەلا باھالاندى، مانا بۇ رايۇنمىزنىڭ ئەڭ ئالى بىلىم يۇرتىنىڭ سەرخىللىرنىڭ كومىديىللىرى ، بۇمۇ مۇھتاج لىقتقن كىلىپ چىققان پەسكەشلىكمۇ؟
ھازىر ئۇرۇمچىنىڭ ئاممىۋى تېلېفۇنلىرى ، دۇكانلارنىڭ ئەينەكلىرى،ھەتتا ئۈتۈشمە كۆۋرۈكلەرنىڭ پەشتاقلىرى...ئىشقىلىپ،كۆزگە تاشلانغانلا ھەرقانداق جايغا قارىسڭىز ھەرقانداق دىپلوم كېنىشكە بېجرىشتىن غەم قىلمىسڭىزمۇ بۇلدۇ.<<办证>>(كىنىشكا بېجىرمىز)دېگەن خەتنى ھەرقانداق جايدا ئۇچراتقىلى بۇلدۇ،ئۇلار ھىچنىمىدىن ئەنسىرمەي تېلفۇن نۇمۇرلىرنى يىزىپ قۇيشىدۇ، بۇيەردىكى ئېغىر مەسلە بۇخىل ھادىسنىڭ ئۇمۇملىشىپ كەتكەنلىكدە ئەمەس، بەلكى بۇنىڭ قانداق قىلىپ بۇنچە ئەركىن ئۇمۇملىشىپ كەېتەلىگەنلىكى ۋە بۇنىڭغا مەسئۇل ئورگانلارنىڭ قاراپ تۇرغانلىقدا.
<<ئسرائىليە چوڭاملىرغا خەت دىگەن پىلەيتوندا مۇنداق بىر ۋەقەلىك سۆزلىنىپتۇ:<<يۈز نەچچە نەپەر مائارىپ ئەربابى ،ئالى ساقچى قاتارلىق جەمىئەتنىڭ ھەرساھە قاتلاملىردىكى سەرخىللار يالغان دىپلوم بېجرىش دىلوسىغا چېتلىپ قالپتۇ، بۇ ئىش پۈتكۈل ئىسرائىليەنى زىلزىلگە سېلۋېتىپتۇ،.دىلو يزبەرگەندىن كىيىن ،ساقچىلار دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، لاتۋىيە ئونۋىرسىتېتىنىڭ ئىسرائىليەدىكى تارماق مەكتىپنىڭ مەسئۇلىنى ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدكى بەش نەپەر خادىم ھەم ئىسرائىليە ئۇقۇتقۇچىلار جەميتىنىڭ رەئىيسىنى رەسمى قولغا ئاپتۇ،قانۇننى بىلىپ تۇرۇپ خىلاپلىق قىلىپ، يالغان دىپلوم سېتۋالغان ئىسېائىليە ساقچى ئەمەلدالىرنى سوراق قىپتۇ،ساختا دىپلوم ياسسىغان لاتۋىيە ئۇنۋىرسىتېتى ۋە بېردىن ئونۋىرسىتېتىتىنىڭ ئىسرائىليەدە ئېلىپ بېرۋاتقان بارلىق ئوقۇش پائالىيەتلىرنى توختۇتۇپتۇ ھەم بۇمەكتەپ تارقاتقان ھەرقانداق دىپلومنى ئىتراپ قىلماپتۇ>>،ئەگەر بۇئىش جۇڭگۇدا يۈز بەرگەن بولسا قانداق بۇلار ئىدى؟ئىشقىلىپ ئىسرائىليىدەك بولمايتى.ھەتتا شۇ ماقالىدە دىيلىشچە،جۇڭگۇدىكى مەلۇم شەھەردە خىزمەت باھالىغۇچىلار شۇ شەھەردىك 64% ئالى مەكتەپ دىپلومىنىڭ يالغانلىقنى بايقىغان . ئەمما، ھىچقانداق بىر تەرەپ قىلىنمىغان جىياڭشى ئۆلكىسنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇچاڭچىڭ(ئۆلۈمگە ھۈكۈم قىلىنغان پارخور ئەمەلدار ) جۇڭگو دىكى ئەڭ نۇپۇزلۇق بىر ئونۋېرسىتېتىدىن ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ھەل قىلغان (ئەگەر پارخورلۇق ئاشكارلانمىغان بولسا ،بۇنى ھىچكىم بىلمەس ئىدى).
يەنە ئىسرائىليەدىكى ھېلقى ۋەقە توغۇرلۇق مائارىپ مىنىستىرلىكنىڭ مىنىستىرىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ:<<سىلەر ئەۋلاتلىرمىزغا يامان ئۈلگە تىكلەپ بەردىڭلار>>دېگەن،يەنە بىر ئالى مەكتەپ پىراپپىسورى:دىپلوم ئالدامچىلقى ئىنتايىن رەزىل جىنايەت، خۇددى ئەسكەرنىڭ مىلتىقنى دۈشمىنگە ساتقاندەك ئىپلاس قىلمىش>>دېگەن.
ئاخىردا فېلەيتۇن ئاپتۇرى لېي چاڭفېڭ كىنايە تەلەپپۇزدا:<<دىپلوم،كىنىشكا لازىم بولسا جۇڭگۇغا كېلىڭلار تام سىتولبىلار دىكى تېلفۇن نۇمۇرغا تېلفۇن قىلساڭلار بىردەمدىلا ھەلبۇلدۇ،ھەم ئەرزان ھەم بىخەتەر>> دېگەن.
يەنە تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قۇلاڭ سېلىڭ:مەملىكەت تەبى پەنلەر فوندى جەمىيتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش مۇپەتتىش ئىشخانسى 2001-يىلىدىكى چىرىكلىكلەرنى ئېلان قىلغان .2001-يىلى 31-دىكابىرغىچە بۇ ئىشخانا مۇشۇ خىلدىكى دىلودىن 76 نى تاپشۇرۋالغان .ئۇنىڭ 54 پارچىسى ناشقىلارنىڭ ئەسىرنى ئۈزىنىڭ نامىدا ئېلان قىلۋېلىش،باشقىلاردىن كۈچۈرۈش،مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشى ئادىل بولماسلىق،مۇكاپات سوممىسنى قالايمىقان ئىشلىتىش.....
ئىلىم ساھەسىدە ساختىپەزلىك قىلىش ، باشقىلارنىڭ ئەسىرنى كۈچۈرۋېلىش دېگەندەك چىرىكلىكلەر ئادەتتىكى ھادىسلەرگە ئايلىنىپ قالغان ،بۇلۇپ،بۇنىڭغا چېتىلدىغانلار ئىچدە فىراففىسور ،ئاسپىرانتلار بولماستىن ،ھەتتا ئاكادىمىكلار،داڭلىق ئونۋېرسىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرمۇ بارئىكەن ،پۇلغا چىدىسڭىزلا ، ئىنتېرنېتتىن ئىزدىسڭىزلا باكلاۋىرلىق ئىلمى ماقالىسى 10 يۈۋەن ماگىستىرلىقنىڭ 20يۈۋەن،دوكتورلۇقنىڭ 30يۈۋەن ئىكەن،(ئويلاپ كۈرۈڭ،نەچچەيىل چاچ ئاقارغىچە ئۇقۇپ ، كېچە-كېچىلەر ئۇخلىماي يازدىغان ئىلمى ماقالىلەرنىڭ باھاسى شۇنچىلىك بولسا -ھە!ھازىر مەدكار لارمۇ سائەتىگە10 يۈۋەن گە رازى بۇلامدۇ؟بۇ بىر گەپ)بېيجىڭدا ئۇقۇيدىغان بىردوستۇم :<<بېيجىڭدا ماگىستىرلىق ، دو،دوكتۇرلۇق دىپلوملىرنى تاپماق ئاسان،ئىشقىلىپ شۇئۇنۋاننىڭ كېنىشكىسلا بولىدكەن ،ياسايدىغانلار بار ،خەلىق ئونۋېرسىتېتى ، بېيجىڭ ئونۋېر سىتېتى ئالدىغانلار كۆپ.ئۇلار دىپلوم نىكاھ گۇۋاھنامىسى ،ئاجىرشىش خېتى ،ھەتتا ئۈلۈم ئىسپاتنامىسى ....قاتارلىق 160خىلدىن ئارتۇق كىنىشكا ياسسىيالايدىكەن ،دىگەنىدى>>. مەن تازا چىن پۇتمىگەنىدىم،مانا ئەمدى چىن پۈتمەي بولمىدى.ئەمىليەتتە ئۇلار دىپلوم،كىنىشكا ئەمەس مىللەتنىڭ تەغدىرىنى سېتۋاتدۇ،ئۇلار چىقرىلغان باھالار مىللەتنىڭ تەقدىرى-ئىستىقبالىغا چىقرىلغان باھادۇر!بۇلپمۇ نۇخىل چىرىكلىك ئالى بىلىم يۇرتىدا ئېغىر.ئوقۇغچىنى قەستەن ئېمتاھاندىن ئۆتكۈزمەيدىغان ،ئوقۇغچىلاردىن نەپ تەمە قىلدىغان ئىشلار تولا،بۇنۇڭغا ھازىر ئالى مەكتەپ ئۇقۇغچىللىرمۇ،ئوقۇتقۇچىللىرمۇ بۇنىڭغا كۈنۈپ كەتتى ،بۇ ئاللىقاچان ئاشكارە مەخپىيەتلىك بۇلۇپ قالدى . ئالى مەكتەپ قانداق جاي ئۇ قانداق بۇلۇش كېرەك؟بۇ مەسىللەر بەلكىم شۇيەردىكى نۇرغۇن كىشىللىرمىزگە ئايدىڭ بولمىسا كېرەك. بۇنىڭ بىرئالى مەكتەپنىڭ ،بىر مىللەتنىڭ ، بىر دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلىقى ،ئىستىقبالىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى مۆلچەرلۈگسىز دەرىجىدە بۇلدۇ.
بەزى ماتىرياللاردا كۆرسۈتىلشچە ئامىركىدكى مەشھۇر ئون ئونۋېر سىتېت مۇنداق تۇنۇشقا كەلگن :دۇنياۋى ئالدىنقى قاتاردىكى ئونۋېرسىتېتنىڭ مۇنداق ئاساسلىق ئىككى ئۆلچىمى بۇلدۇ،بىرى رايۇن ئىقتىسادى ۋە دۆلەت ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا ئالغا سۈرگۈچ رول ئوينىيالىشى ؛يەنە بىرى شۇرايۇن شۇدۆلەتنىڭ مەرىپەت ، مەدىنيىتىگە يىتەكچىلىك قىلالىشى كېرەك.ئۇمۇمەن مۇنداق قاراش بار :دۇنياۋى ئالدىنقى قاتاردىكى ئونۋېرسىترتلار ئاز دىگەندىمۇ تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك،
1.خەلقارادا زور تەسىرگە ئىگە كۆزگە كۈرۈنگەن ئىختىساسلىقلارنى يىتۈشتۈرۈپ چىقالىشى كېرەك.
2.ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇندا بىر تۈركۈم دۇنياۋى پىشىۋالار بۇلشى كېرەك .
3.دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇردىغان پەنلىرى بۇلىش كېرەك .
4. ئىلمى تەتقىقاتلىرى دۇنيا ئېقىمغا يىتەكچىلىك قىلالىشى ھەم دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە مۇۋاپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرشى كېرەك .
5.جەمىئەت تەرەققىتاتىغا زور تۆھپە قوشقان بۇلشى كېرەك،مەدىنيەت ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان بولشى كېرەك.(قارىغان دا مەن ھازىرغا قەدەر ئالىمەكتەپتە ئۇقۇپ باقمىغان ئوخشايمەن).خې خەنلىن <<دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىمەكتەپ قانداق بۇلدۇ ؟>>دېگەن فېلەيتوندا مۇنداق دەيدۇ:<<خارۋارد سىتانفورد،يالى ئۇنىۋىرسىتېتللىرى كالفورنىيە سانائەت ئىنىستوتى ،ئوكىسفورد<كامبىرىج،توكيو ئۇنۋېرسىتېتى دېگەنلەر دەل دۇنياۋى ئالدىنقى قاتاردىكى ئالى مەكتەپلەردۇر بۇلار نۇرغۇن، خەلقارالىق شەخىسلەرنى يىتىشتۈرگن مەسلەن،نوبىل مۇكاپاتى ساھىپلىردىن خارۋارد ئونۋېرسىتېتىدىن 27 نەپەر ئادەم چىققان . ئاكادىمىك،بانكىر،كارخانچىلارنى ساناپ بولغىلى بولمايدۇ،كالفورنىيە سانائەت ئىنىستوتىدا ئاران 2000 ئوقۇغچى ئۇقۇيدىكەن (شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتىدا 30 مىڭ غا يېقىن ئوقۇچۇچى ئۇقۇيدىكەن.
خې خەنلىن يەنە ئونۋېرسىتېتلاردا ئونۋرسىتېتنىڭ روھى،خىسلىتى بۇلشى كېرەك ،ئۇ پۇل ھۇقۇق ئەمەس،ئەقىل ۋىجداننى تۈۋرۈك قىلشى كېرەك.ئۇ ئىنسانىيەت مەنىۋى مەدىنيىتىنىڭ مۇقەددەس تۇپرۇقى بۇلشى كېرەك . ئۇ ھەرقانداق چىرىكلىك پەسكەشلىكنى سىغدۇرالمايدۇ.ئۇ تارىخى بىلىملەرنىڭ <<كۆۋرىكى>>ياكى باشقىلارنىڭ بىلىملىرنى پىششىقلايدىغان زاۋۇت ئەمەس ،بەلكى ئىجادىلىققا باي دەۋېر روھىنىڭ بالياتقۇسى ،ئىلغار ئىشلەپ چىقرىش كۈچلىرى ۋە مەدىنيەت يارتىدغان بۈشۈك بۇلشى كېرەك ئۇ پاسسىپ ھالدا جەمىئەت تەرپىدىن يتەكلەنمەستىن ،بەلكى ئىجتىمائى مەدىنيەتكە يىتەكچىلىك قىلشى كېرەك؛ ئونۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىللىرى ئىلىم ئەھلىللىرى،ھەرگىزمۇ <<ئىجتىمائى ئالاقىچى>>،<<ئىلمى پائالىيەتچى>>ئەمەس،مۇدىرلار بولسا ئۇنۋېرسىتېت روھى>>نىڭ ئوبرازلىرى ۋە ئىلغار مائارىپشۇناسلاركى،ھەرگىزمۇ سىياسىئون ئەمەس>>.قىستۇرۇپ ئۈتۈش زۈرۈركى ئوكىسپورد ئۇنۋېرسىتېتى بىر ئەرەپ ماگىنتىنىڭ ئۆئىسمىنى قۇيۇش بەدىلگە بېردىغان غايەت زور ياردەم پۇلنى رەت قىلغان ،خارۋارد ئونۋرسىتېتى بولسا،ئامىركىنىڭ سابىق رەئىيسى جۇمھىرى رېگاننىڭ پەخىرى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بىرىش تەلپىنى رەت قىلغان .چۈنكى ، ئۇلارنىڭ ئاللىقاچان مۇقەددەسلەشكەن بىر ئونۋېرسىتېت روھى ،خىلاپلىق قىلغىلى بولمايدىغان پىرىنسىپى شەكىللىنىپ بولغان.
قارىغاندا مائارىپ ،ئالىمەكتەپلەردىكى ئىلىم چىرىكلىكنى دەپ بولغىلى بولمايدىغاندەك قىلدۇ.مەيلى ئۇقۇتقىچى-ئۇقۇغىچىللاردىكى پارخورلۇق ياكى يالغان دىپلوم ،كۈچۈرمىكەشلىك ھادىسلىرى بولسۇن ۋە ياكى ئوغىرلانغان ماقالە ،ئەسەرلەر مەسىلىسى بولسۇن ،بۇلار جۇڭگۇ جەمىيتىنىڭ ئاجايىپ <<كەڭ قورساق >>ئىكەنلىكنى ،شۇنچىلىك ئالەم شۇمۇ لرەزىللىكلەرنى سىغدۇرۇپ كېتەلەيدىغانلىقنى ئېيتىپ بىرىدۇ.مۇشۇ رەزىللىكلەرگە قارتا بىر ئۈنۈملۈك نازارەت ،باشقۇرۇش مېخانىزىمىنىڭ بولماسلىقى ياكى بولسىمۇ ئۆزرۇلنى جارى قىلدۇرالماسلىقى كىشنى ئاجايىپ ئېچىندۇردۇ.
ۋىي جىيەنمېي <<ئالى مەكتەپلەردە نىمە كەم ؟>>دېگەن فېلەيتوندا بۇ مەسىللەرنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە توختۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ،<<ئاددى سەۋەپ ئالى مەكتەپتىكى بىيۇكرالاشقان تۈزۈمدە غەرىپتە مەشھۇر ئالى مەكتەپنىڭ ھەممىسنى دېگۈدەك فىراففىسور مۇتەخەسسىلەر باشقۇردۇ،بىزنىڭ ئالى مەكتەپلىرمىز بولسا باشقارما،ئىشخانلارغا تولغان ، ھېلقى ئولتۇرسا ئۈيى ماڭسا ماشىنىسى تەييار باشقارما باشلىقى،نازىرلارنى شۇنداق دىيىشكە بۇلدۇمائارىپ بىلەن پەقەت ئالاقىسى يوق كىشلەردۇر،بيۇكىرات باشقۇرۇش تۈزمى بىيۇكىراتلاشقان كەيپىيات پەيدا قىلدۇ،ھەتتا ئوقۇغۇچىلار رەھبەرلەر ئۇقۇغىچىلارغا رەھبەرلىك قىلىپ پارتىيەگە كىرەلەيدۇ ،ئەلا باھالىنالايدۇ،يۇقۇرى نۇمۇر ئالالايدۇ،ھەقىقى ئلىم ساھىپلىرى ۋىجدان ئىگىللىرى بولغان پىراففىسور مۇتەخەسسىسلەر ھۇقۇق چەمبىركىنىڭ سىرتىدا قالدۇ،بۇنداق <<رىقابەت>> مۇھىتىدا يىتىلگەن ئۇقۇغىچىلار جەمىئەتتە ئادالەت بارلىققا ئىشەنسۇن؟ئەمىليەتتە نۇرغۇنلىرى شۇچاغلاردىلا ئادالەت ھەقىقەتكە بولغان ئىتقات چۈشەنچىللىردىن ۋاز كىچىپ بۇلدۇ-دە چوڭ ئېقىمغا قۇشۇلدۇ>>،ھازىرقى زاماندا ئالى مەكتەپ مەلۇم نوقتىدىن ئېتقاندا ،جەمىئەتنىڭ مېڭىسدۇر ،بۇيەردىن چىققانلار جەمىئەتنىڭ سەرخىللىرى ،كىشلەرنىڭ ئىلغارلىردۇر،ئۇلار جەمىئەتنى ساغلام بىرنىشانغا يىتەكلەشكە ،ئاۋامنى ئاقارتىشقا ،ئۇلارغا يول كۆرسۈتۈشكە،ئۇلار چۈشەنمىگننى چۈشەندۈرۈشكە ،بىلمەي قالغىننى بۈلدۈرۈشكە تىگىشلىك.ئۇلار خۇددى تۇزدەك پۈتكۈل جەمىئەتكە تېتشى كېرەك ،بولمىسا شەخىس ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ ئەمىليەتتە خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ ھەقىقى ئىپادىسى ئىكەنلىكدەك زاكۇنلارنىمۇ چۈشەنمەي يۈرىيدۇ،
ئەپسۇس، بىز ھازىر سىتودېنتلىرمىزدىن بۇلارنى كۈتەلمىدۇق؟ئۇيغۇرلار ھازىر بۇلارنىڭ جەمىيتكە يۈك بۇلۇپ قالماي جېنىنى باقالىغىندىن خوش.ئاتا-ئانىلار قىزلىرى ئالى مەكتەپتىن <<ساق>>قايتىپ كەلگىندىن باشقىلارنىڭ كەينىدىن قېچىپ كەتمىگىندىن خوش،.دىمەك بۇلاردىن بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرراق نەرسىنى كۈتكىلى بولمىغاچقا ،بىز تەلەپ ئۆلچەملىرمىزنى شۇنچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بىز ھازىر ياخشى ئىش قىلمىسمۇ يامان ئىش قىلمايدىغان ئادەملەرنى ياخشى دەپ ئاتايمىز.غايە،نىشان كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس.
كىرزىس ھەرخىل بۇلدۇ،ئەمما بۇ كىرزىسلار شۇنىڭ ئۈچۈن پاجەلىك تەخىرسىزكى،چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ ،خەلىقنىڭ ،چەتەننىڭ مېڭسىدىن چاتاق چىققىن ئادەمدىن يەنە نىمىنى كۈتۈش مۇمكىن !
مەنبە : ئابدۇرېھىم دۆلەتنىڭ <<مەدىنيەت ۋە مەۋجۇتلىقمىز >> ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى