ئەخلەت يىمەكلىكلەر خالىغانچە يېزا باللىرىنىڭ ئەقلىنى بۇلغىمىسۇن

مەن بىر يېزا ئوقۇتقۇچىسى ، ھەر كۈنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىستىن چۈشۈپلا مەكتەپ ئالدىدىكى دۇكانلاردىن پارچە-پۇرات يىمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىۋاتقانلىقنى كۆرۈپ تۇرىمەن، بەلكىم كۆپ قىسىم كىشىلەر بالىلار تېىخى كىچىك، ئۇششاق يىمەكلىىكلەرنى يېيىشىنى خاتا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ دەپ قارىشى مۇمكىن، بىراق كۆپچىلىك ئۇلارنىڭ يەۋەتقىنىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلسە ئىدى ، شۇ ھامان قاپاقلىرىى تۈرۈلۈپ قالاتتى، ھەتتا كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇۋېتىشى مۇمكىن، باھاسى ئىنتايىن ئەرزان،سۈپىتى ئىنتايىن ناچار، ئورىلىشى سۈپەتسىز، ھېچقانداق سۈپەت كاپالىتى يوق……… بۇ ئۇششاق يىمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىنى دىمەي تۇرايلى، ھەتتا ئەڭ ئاددىيسى بىخەتەرلىكتىنمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.ئەنخۈي ئۆلكىسى ۋۇۋېي ناھىيەسىدە ئىلگىرى مۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەن، 13 ياشلىق بالا 13خالتا 1 خالتىسى 1 موچەنلىك ”گۆش“ (大刀肉) يىگەنلىكتىن ئۆلۈپ قالغان. بىر نارىسىدىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ”گۆش“ مۇشۇ شۇ

1خالتىسى 1 موچەنلىك زادى قانداق گۆش؟ ئويلغانسىرى ئادەمنىڭ چىكىسىنى تەر باسىدۇ، مۇشۇنداق مەھسۇلاتنىڭ ھازىرمۇ بازاردا سېتىلىۋاتقانلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، تېخى مەخسۇس بالىلار ئۈچۈنلا ياسىلىدۇ! ”ئەخلەت يىمەكلىك“لەر يېزىلارغا ھۇجۇم قىلدى، يېزا بالىلىرى ئائىلە ئىقتىسادى چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ، خەجلەيدىغان پارچە پۇلىمۇ چەكلىك بولىدۇ، ئەزەلدىن باھاسى يۇقۇرراق بولغان ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارغا يېزىلاردا بازار يوق، بالىلارمۇ ئامالسىز سۈپىتى ناچار ، باھاسى ئەرزان ئۇششاق يىمەكلىلەرنى يىشىشكە مەجبۇر بولىدۇ.چۈنكى بالىلارنىڭ پەرىق ئىتىش ئىقتىدارى ۋە ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى چەكلىك بولغاچقا، ئۆزى سېتىۋالماقچى بولغان مەھسۇلاتنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقنى پەرىق ئىتەلمەيدۇ. يېزىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا قىلغان نەسىھەتلىرىمۇ ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغان بالىلارنىڭ ئوڭ قۇلقىدىن كىرىپ ،سول قۇلقىدىن چىقىپ كىتىدۇ. ئەگەر ، مەمىلكىتىمىزدە شەھەر بىلەن يېزىلار ئارسىدا پەرىق مەۋجۇت دىسەك، يىمەكلىك بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش جەھەتتى بۇ پەرىق تېخىمۇ روشەن، شەھەرلەردە يىمەكلىك بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش تورلىرى دىگەندەك مۇكەممەل بولمىسىمۇ ، ھېچ بولمىسا باشقۇرغۇچى تارماقلار بار، سودىگەرلەر خالىغانچە ھەددىدىن ئاشالمايدۇ، بىراق كەڭ يېزىلار بولسا نەزەردىن ساقىت قىلىنغان بۇلۇڭ خالاس، يىمەكلىك بىخەتەرلىك مەسىللىرى ماڭدامدا بىر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.يېزا باللىرىمۇ ئوخشاشلا دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ، مىللەتنىڭ ئۈمۈدى، ئۇلارمۇ شەھەردىكى بالىلارغا ئوخشاش، مىھرىبانلىق ۋە كۆيۈنۈشكە مۇھتاج. سۈپىتى ناچار مەھسۇلاتلار خالىغانچە يېزا باللىرىنىڭ سالامەتلىكىگە تاجاۋۇز قىلسا بولمايدۇ.ئەنخۈي ئۆلكىسى چۈەنجىياۋ ناھىيسدىن جىن شۆ(يېزا ئوقۇتقۇچىسى)مەنبە :
تېڭشۈن خەۋەر تورى ———————————————————————————————بۇ ئىچكىردىكى بىر يېزا مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىسىنىڭ ھېس قىلغانلىرى ، بىز ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، رايونىمىزدىمۇ مۇشۇنىغا ئوخشاش مەسىلە ناھايتى ئېغىر.ئاشۇنداق بىر خالتىسى 1 موچەنلكىك ”ئاچچىق“لارنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەس-بەستە سېتىۋېلىپ، ھەتتا سىنىپلاردا تەنەپپۇس ۋاقتىدا يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز، ئۇ نەرسىلەرنىڭ پۇرىقىنىڭ سېسىقلىقىدىن سىنىپنى بىر ئالىدۇ، ھەتتا پۈتۈن ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ھاۋاسىنىمۇ بۇزىۋېتىدۇ. ھازىر چوڭ بولىۋاتقان بالىلىرىمىز ئاشۇنداق ”ئاچچىق“لارنى يەپ چوڭ بولىۋاتقاچقا بارغانسرى دۆت، گەپ ئاڭلىمايدىغان ياغاچ قۇلاق بولۇپ كىتىپ بارامدىكىن دەيمەن. بۇنداق يىمەكلىلەردە يىمەكلىك ئىجازەتنامىسى، سەھىيە ئىجازەتنامىسى، سۈپەت بىخەتەرلىك بەلگىسى، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى دىگەندەكلەر بولمايدۇ،قېتىلغان خۇرۇچلارغا ئۆزى خالىغانچە ئۇنىڭ ئىچىدە يوق بولغان تەركىبلەرنى يېزىپ قويىدۇ، ئۇنىڭ نىمىدىن ياسالغانلىقىنى ياسىغۇچى ئۆزىلا بىلسە كىرەك. بۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلايدىغان بولساق ئادەمنىڭ تىنى شۈركىنىدۇ.سەرخىل يازمىلار بۇ يەردە ›››››
يولۇچى بلوگى