باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1763 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئۆي چېقىش ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1745
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1745دانە
ئۆسۈش: 8090 %
مۇنبەر پۇلى: 23682 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-05-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-06 21:22

ئۆي چېقىش ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى

--«خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى»غا تەقلىد

     جياڭشىنىڭ يىخۇاڭ دېگەن يېرىدە ئۆي چېقىش تۈپەيلىدىن ئۆزىنى كۆيدۈرىۋېلىش ۋەقەسىدە ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلانغان ناھىيىلىك پارتكوم شۇجىسى ۋە ھاكىمنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىققانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر 2-دېكابىردىن باشلاپ تارقالغان. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى سابىق شۇجىنىڭ ئىشقا چۈشكەنلىك خەۋىرىنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن، قانداق مەنسەپكە ئولتۇرغانلىقىنى ئېيتمىغان. بۇندىن بۇرۇن شۇجى ۋە ھاكىمنىڭ دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرىلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. 2010-يىلى 10-سېنتەبىر ، جياڭشىنىڭ يىخۇاڭ ناھىيىسىدە ئۆي چېقىش سەۋەبىدىن ئۆزىنى كۆيدۈرىۋېلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۈچ ئادەم ئېغىر زەخمىلىنىپ، بىر ئادەم قازا قىلغان. («جۇڭگو ياشلىرى گېزىتى»نىڭ 3-دېكابىر خەۋىرى)
     بىزنىڭ بەزى پارتىيە ئەزالىرىمىز ۋە ئەمەلدارلىرىمىز قالتىس ئادەملەردۇر. بۇ قوشۇندىكى بەزى ئادەملەر ھەقىقەتەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلار ئەمەستۇر، ئۈزۈل-كېسىل خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلار ئەمەستۇر. ئۇلار ئۆي چېقىش ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلاردۇر، GDPئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلاردۇر. ئۇلار ھەتتا سىياسىي دەسمايە ۋە خۇسۇسىي مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلاردۇر. جايلاردىكى ئۆي چېقىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان ئۆي چاققۇچى ئەمەلدارلار بىزنىڭ قوشۇنىمىزدىكى تايانچلىرىمىزدۇر.
     ساختىپەزلىكنىڭ سورىقى بولىدۇ، ئەمەلدارلىقنىڭ خېيىم-خەتىرى بولىدۇ. چاتاق چىققاندا، مەنسىپىدىن ئېلىۋەتكەن بولۇپ، رەسمىيەتچىلىك قىلماي بولمايدۇ. مەنسىپىدىن قېلىشنىڭ ئەھمىيىتى ئوخشاش بولمايدۇ. ئاۋام-پۇقرا ئۈچۈن گەپ قىلىپ، يۇقۇرىنى ۋە يولداشلىرىنى خاپا قىلىپ قويۇپ مەنسەپتىن قالسا، ھاڭگىرىت پېيىدىنمۇ قەدىرسىز بولىدۇ. ئۆي چېقىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ھۆكۈمەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، پارتىيە ئۈچۈن گەپ قىلىپ چاتاق چىقىپ مەنسىپىدىن قالسا، تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك بولىدۇ. ئۆي چاققۇچى ئەمەلدارلار ئومۇملىقنى كۆزلەپ، مۇھىم قائىدىلەرنى بىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن قان كېچىپ كۈرەش قىلىپ، چاتاقچى، قاداق ئائىلىلەر بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلدى. كۈرەش ۋە خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ۋەزىپىسىدىن ۋاقتىنچە ئېلىۋېتىلگەن بولسىمۇ، شامال ئۆتۈپ كەتكەن ھامان ئۇلار قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. بۇنىڭ ئۆرنەكلىرىمۇ يوق ئەمەس. سەنلۇ ئەمەلدارلىرى قايتا باش كۆتۈرمىدىمۇ؟ پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىش ۋە كان پارتلاش ۋەقەسىدىكى ئەمەلدارلارمۇ قايتا باش كۆتۈرمىدىمۇ؟ ئۆي چاققۇچى ئەمەلدارلار جۇڭگودىكى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ۋەكىللىك قىلغۇچىلاردۇر، جۇڭگو ئىلغار مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنۈلۈشىگە ۋەكىللىك قىلغۇچىلاردۇر. جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ خەلق چاكارلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغۇچىلاردۇر. ئۇلارنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشى ئەمەلدارلارنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان ئىشتۇر.
     بىز ئۆي چېقىش ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلارمىز. شۇڭا بىزدە كەمچىلىك بولىدىكەن، ھەتتا ئۆي چېقىشتا ئادەم ئۆلىدىغان ئىش چىققان تەقدىردىمۇ، باشقىلارنىڭ تەنقىت قىلىپ كۆرسىتىپ بېرىشىگە ئۇنىمايمىز. قانداق كىشى ئىكەنلىكىدىن قەتئىينەزەر، كىم كۆرسىتىپ بېرىمەن دېسىمۇ بولمايدۇ. سېنىڭ ئېيتقىنىڭ توغرا بولسىمۇ، بىز تۈزەتمەيمىز. سەن ئېيتقان چارە خەلققە پايدىلىق بولسىمۇ، بىز سېنىڭ ئېيتقىنىڭچە ئىش قىلمايمىز.
     بىز بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، خەلقنىڭ گەپ-سۆزىدىن قورقمىساقلا، بىزنىڭ بۇ قوشۇنىمىز چوقۇم گۈللەپ - ياشنايدۇ. يەر-زىمىندىن كېلىدىغان كىرىمگە كاپالەتلىك قىلالىساقلا، بىر قىسىم بۇزۇقلارنى ئالدىن بېيىتىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشاننى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.
     بىز ھەر يەر - ھەر يەردىن كېلىپ، «ئۆي چېقىش بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايدۇ» دېگەن قەتئىي ئېتىقاد ئۈچۈن توپلاندۇق. بىز يەنە زور كۆپچىلىك خەلققا ۋەكىللىك قىلىپ مۇشۇ يولدا ماڭىمىز. بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ كۆپ جايلار ۋە ئەمەلدارلىرىمىز ئۆي چېقىش ۋە يەر سېتىش بىلەن بەختلىك تۇرمۇشقا ئىگە بولدى. بۇ تېخى يېتەرلىك ئەمەس، تېخىمۇ كۆپرەك بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا پۈتكۈل قوشۇننىڭ بەختىنى تاپالايمىز.
يولداشلىرىمىز قىيىنچىلىق ۋاقىتلىرىدا ئۇتۇقلارنى كۆرۈشى كېرەك، يورۇقلۇقنى كۆرۈشى كېرەك، غەيرىتىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.
     بىز ھەر بىر يولداشقا غەمخورلۇق قىلىشىمىز لازىم، بىر - بىرىمىزگە غەمخورلۇق قىلىشىمىز، بىر - بىرىمىزگە كۆيۈنۈشىمىز، بىر - بىرىمىزگە ياردەم بېرىشىمىز، ئۆي چېقىش ئۇلۇغ ئىشىنى ئاخىرىغىچە قىلىشىمىز لازىم.
     بۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ قوشۇنىمىزدا مەيلى كىم بولسۇن ئۆي چېقىش سەۋەبىدىن مەنسەپتىن قالغان بولسا، مەيلى رەسمىي بولسۇن ياكى ۋاقتلىق بولسۇن، ئۇ ئۆي چېقىشقا ئاز - تولا پايدىلىق ئىش قىلغانلا بولسا، بىز ئۇنى قايتا باش كۆتۈرگۈزىشىمىز، تەبىرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشىمىز لازىم. بۇ بىر تۈزۈم بولۇپ قالسۇن. مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن غايىمىزنى بىلدۈرۈپ، پۈتۈن ئۆي چېقىش قوشۇنىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى
ئاپتورى: چياۋ جىفېڭ
تەرجىمىدە: ئەلبەھرە تورىدىن نوشىرۋان.
http://opinion.people.com.cn/h/2011/1204/c159301-1219188345.html
مەسجىد ئەقسا,ئۇمۇسۇلمانلارنىڭ بىرىنچى قىبلىسى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1240
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1240دانە
ئۆسۈش: 2750 %
مۇنبەر پۇلى: 14579 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-30
ئاخىرقى: 2012-05-08

جۇڭگۇ پار خۇرلۇق ئۈستىدىن غەلبە قىلالامدۇ.....
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 945
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە945دانە
ئۆسۈش: 3310 %
مۇنبەر پۇلى: 11842 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-05-09
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-06 22:25

پۇل پاخاللىقى قاچان يۇقا؟
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 615
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 605
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە605دانە
ئۆسۈش: 1995 %
مۇنبەر پۇلى: 7728 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-16
ئاخىرقى: 2012-05-10
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-06 22:31

پارخورلۇق پىرىنسىپقا كۆتۈرلۈپ غەرىپ تۈزىمىگە تەقلىت قىلىنسا جىنايەت ، بىراق 5000 يىللىق مەدىنىيىتىمىزدە بۇ ئەنئەنىۋى ئەخلاقنىڭ بىر قىسمى ،تۈۋەننىڭ يۇقىرىغا ساداقىتىنى بىلدۈرىشى سۇلالىلەر دەۋرىدىن دېمۇكىراتىيەگىچە« شاكىلى قايرىلىپ مېغىزى يىتىپ كەلگەن» قائىدە ،
پارخورلىقنىڭ ئۈستىدىن غەلبە قىلىش ئۈچۈن ، جۇڭگو ئەمەلدارلىنىڭ ئالدىدىكى خەلىقنىڭ «ئاتا-ئانىسى» ياكى «چاكىرى» دىگەن سۈپەتنى چىقىرىۋىتىش كېرەك ،
ئاتا-ئانىغا بالا بولغىچى ساداقىتىنى بىلدۈرىدۈ ،
چاكارغا يەنە تاپان ھەققى بېرىپ تۈرۈش كېرەك !
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4950
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 392
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە392دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 2082 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-05-10
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-06 23:01

  مۇشۇ نەپسانىيەتچى پارخور ئەمەلدارلار يوقالسا بولاتى .
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 615
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 605
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە605دانە
ئۆسۈش: 1995 %
مۇنبەر پۇلى: 7728 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-16
ئاخىرقى: 2012-05-10
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-06 23:10

نەپسانىيەتچىلەر يوقالسا ئورنىغا رادىكاللار چىقىدۇ ، ئىش ئۈنىمى تۈۋەنلەيدۇ ،
ھۇرۇنلۇق، مۇۋەپپىقىيەتسىزلىكنىڭ تۈپ يىلتىزى!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9809
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 32
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە32دانە
ئۆسۈش: -20 %
مۇنبەر پۇلى: 260 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2012-01-25
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-06 23:59

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى xahla91 نىڭ 2011-12-06 23:10 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
نەپسانىيەتچىلەر يوقالسا ئورنىغا رادىكاللار چىقىدۇ ، ئىش ئۈنىمى تۈۋەنلەيدۇ ،

رادىكال دىگەن گەپكە بىر چۈشەنچە بىرۋەتسىلە ... كىملەرنى رادىكال دەيمىز؟ بىلەلمىدىم!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 615
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 605
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە605دانە
ئۆسۈش: 1995 %
مۇنبەر پۇلى: 7728 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-16
ئاخىرقى: 2012-05-10
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-07 00:26

بارلىق ئىشلاردا نىزامنامىنى ئاساس قىلدىغان ، قىزىل باشلىق ھۆججەت بولمىسا ئورنىدىن مىدىرىمايدىغان ، مۇنداقچە ئىيتقاندا «پار ئالمايدۇ ، پىرىنسىپسىز ئىش قىلمايدۇ ، ئۇنىڭ پىرىنسىپى ئۆزىنىڭ ئەمەس ، ياكى خەلىقنىڭ ئەمەس ، بەلكى ئۆزىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگاننىڭ بولىدۇ ،مەسىلەن مەلۇم ئاھالىلەر ئىش باشقارمىسىغا سىز تۇغۇت كۆرسەتكۈچى ئالغىلى بېرىڭ ، ھامىلە قوشماق بولسۇن ، ھەم بۇندىن بۇرۇن بىر پەرزەنىتلىك بولغان بۇلۇڭ، ئاشۇنداق رادىكالغا يولۇقۇپ قالسىڭىز ، سىزنى پىلانلىق تۇغۇتقا خىلاپلىق قىپسەن ، بۇنى چوققۇم ئالاھىدە تەستىقلىتىشىڭ كېرەك دەيدۇ .ئۇنىڭغا سىز ھېچ قاچاندا گەپ يىگۈزەلمەيسىز ،چۈنكى ئۇ قىلىۋاتقان خىزمىتىنىڭ رادىكالى ئاستىغا كىرىۋالغان ، بىر قاتار فورمىلالىرى بولىدۇ ، شۇنىڭدىن چىقىپ كەتسە ھېچ ئىشقا ئەسقاتمايدۇ ،
خەنزۇدا بىر گەپ بار ،
撑死胆大地,饿死胆小的
شۇڭا قورۇقماسلىرى نەپسانىيەتچى كېلىدۇ ، سىز زىيان تاتسىڭىزمۇ ئىشىڭىز ھەل بولىدۇ ، قورقۇنچاقلىرى ھەتتا ئۆز مەجبۇرىيىتىنىمۇ بىلمەيدۇ ،
بۇ تېمىدىكى ئۆي چېقىش ئىشىمۇ دەل شۇنداق ، ئىگىسىگە قاندىقى لازىم بولسا شۇنى ئىشلىتىدۇ ، بۇنى پەققەت ، ئورۇن ۋاقىت مەسىلىسى بەلگىلەيدۇ ،
قۇمدەك پوقراسى بار بۇ ئەلدە ، بۇمۇ بىر خىل ئەلنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسى ،
[ بۇ يازمىنىxahla91 2011-12-07 00:48قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
ئەپەندىم111
نەۋرۇز
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9557
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 11
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە11دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-11
ئاخىرقى: 2012-03-03
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-07 00:37

  
ئەپەندىم111
ھۇرۇنلۇق، مۇۋەپپىقىيەتسىزلىكنىڭ تۈپ يىلتىزى!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9809
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 32
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە32دانە
ئۆسۈش: -20 %
مۇنبەر پۇلى: 260 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2012-01-25
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-07 01:25

رادىكاللاردىن نەپسانىيەتچى ياخشىراقكەندە ئۇنداقتا....؟ لىكىن مەن ھەر ئىككىلىسىنى يامان كۈرىمەن يوقالسۇن نەپسانىيەتچىلىك! يوقالسۇن رادىكاللار!...   ياشىسۇن ئەركىنلىك...........................!