قەشقەر جامىسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ قەدىمىي مەسچىد ﻫېسابلانسىمۇ، ئەڭ بالدۇر سېلىنغان تۇنجى مەسچىد ﻫېسابلانمايدۇ. 13 - ئەسىردە ئۆتكەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى جامال قارشى قەشقەرىيە خان جەمەتى كۇتۇبخانىسىدىن تاپقان 11 - ئەسىردە يېزىلغان " سۇرراھ " ناملىق ئەسەردە بايان قىلىنىشىچە، 9 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ﻫازىرقى ئۇيغۇر دىيارى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا كۈچلۈك ئىككى چوڭ دۆلەت قەد كۆتەرگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىرى بۇددا ۋە مانىي دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان قاراخانىيلار دۆلىتى، يەنە بىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان سامانىيلار سۇلالىسى ئىدى. قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ 3 - ئەۋلاد خانى ئوغۇلچاق ﻫاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان مەزگىللەردە قاراخانىيلار دۆلىتى بىلەن سامانىيلار سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت يۈز بېرىپ، بۇلار بىر - بىرىدىن ئالاقىسىنى ئۈزىدۇ. 893 - سامانىيلار سۇلالىسى قاراخانىيلار دۆلىتىگە ﻫۇجۇم قىلىپ، قاراخانىيلارنىڭ 2 - پايتەختى تالاسنى بېسىۋالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن قاراخانىيلار پايتەختىنى قەشقەرگە يۆتكەيدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي سامانىيلار سۇلالىسى ئىچىدە ئىچكى ئۇرۇش چىقىپ، بۇ ئۇرۇشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان شاﻫزادە ئەبۇ ناسىر سامانىي سودىگەر قىياپىتىدە قاراخانىيلار دۆلىتىگە كىرىپ پاناﻫلىنىدۇ. قاراخانىيلار خانى ئوغۇلچاقمۇ ئۆزىنىڭ ئەشەددىي رەقىبى سامانىيلار تەرىپىدىن كەلگەن بۇ شاﻫزادىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۇنى ئىززەت - ئىكراملار بىلەن قارشى ئالىدۇ ۋە ئاتۇشتا ئازادە ﻫايات كەچۈرۈشىگە كېپىللىق قىلىدۇ. ئاتۇشقا يەرلەشكەن ئەبۇ ناسىر سامانىي كىشىلەرنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىشقا باشلاپ، شۇ ئارىدا ئوغۇلچاقنىڭ جىيەن ئوغلى سوتۇق بۇغرا خاننى مۇسۇلمان قىلىشتا غەلىبە قىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئاتۇشتا مۇسۇلمانلار سانىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن مەسچىد سېلىشقا ئېﻬتىياج تۇغۇلۇپ تۇنجى مەسچىتنى سالىدۇ."
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان " سۇرراھ " ناملىق ئەسەردە ئېيتىلىشىچە، قاراخانىيلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى خانى ئوغۇلچاق مۇسۇلمانلارنى ياقتۇرمايدىكەن. ﻫەتتا دۆلىتىدە ئىسلام دىنىنى تەشۋىق قىلىشقا يول قويمايدىكەن. ئەبۇ ناسىر سامانىي ئۇنىڭ ئەشەددىي رەقىبىنىڭ ئائىلىسىدىن بولغان بىر شاﻫزادە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە دۈشمەننىڭ ئىچكى ئەﻫۋالىنى بىلىش ئۈچۈن ئەبۇ ناسىر سامانىيغا ناﻫايىتى زور ئىززەت - ئىكرام كۆرسەتكەن، ئەبۇ ناسىر سامانىيمۇ ئوغۇلچاقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن ئىكەن. شۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭ دىن تارقىتىشىغا يول قويغىنىدەك، ئۇنىڭ ئاتۇشتا مەسچىد سېلىشىغىمۇ يول قويغان ئىكەن. ئاتۇشتا تۇنجى مەسچىتنى سېلىشنى پىلانلىغان ئەبۇ ناسىر سامانىي ئوغۇلچاقتىن بىر كالا تېرىسى چوڭلۇقىدىكى يەرنى بېرىشىنى سورايدۇ. ئوغۇلچاق ماقۇل كېلىدۇ ۋە خالىغان يېرىدىن بىر كالا تېرىسى چوڭلۇقىدىكى يەرنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ. ئەبۇ ناسىر ئۆزىنىڭ " كالا تېرىسى پىلانى"نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كىرىشىدۇ. ئۇ بىر كالىنى سويۇپ، ئۇنىڭ تېرىسىنى ئىنچىكە تىلىپ، بىر - بىرىگە ئۇلاپ ئۇزۇن بىر تانا ياسايدۇ ۋە بۇ تانا بىلەن ئاتۇشتىكى ياخشى بىر جاينى تام سالغاندەك ئوراپ كۆرۈپ، شۇ جايغا تۇنجى مەسچىتنى سالىدۇ. ئوغۇلچاق بۇ ئىشتا ئالدانغانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئەبۇ ناسىر سامانىينىڭ ئەقىل - پاراسىتىگە ﻫەيران بولۇپ قايىل بولىدۇ. شاﻫزادە ئەبۇ ناسىر سامانىي " كالا تېرىسى پىلانى"نى ئىشقا ئاشۇرۇپ سالغان بۇ مەسچىد ئۇيغۇر دىيارىدا سېلىنغان تۇنجى مەسچىد بولۇپ ﻫېسابلىنىدۇ. بۇ مەسچىد 14 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر " ئاتۇش جامەسى" دەپ ئاتىلىپ نامى تەرەپ - تەرەپلەرگە تارقالغان ئىكەن."
مەنبە:ساقلانما