ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە،بولۇپمۇ قازاقىستاندا رۇسلار بەك كۆپ ،ئۇلار چار رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرغان 100يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ياۋرۇپادىن كەلگەن كۆچمەنلەر ھەم ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرىدۇر،سۇۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندا ئۇتتۇرا ئاسىيا رايۇنىداجەمئىي 10مىليۇندىن ئارتۇق رۇس بار ئىدى ،ئۇنىڭ ئىچىدە قازاقىستاندىلا رۇسلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بۇلوپ تەخمىنەن 6مىليۇندىن ئاشىدۇ ،نۇپۇس ئاساسلىق مىللەت قازاقلارغا يىقىنلىشىدۇ ،ئۇنىڭدىن قالسا ئۆزبېكىستاندا كۆپ بۇلوپ تەخمىنەن 1مىليۇن 800مىڭغا يىتىدۇ قىرغىسىتاندىكى رۇسلارمۇ خېلى كۆپ بۇلوپ 900مىڭغا يىقىنلىشىدۇ جۇمھرىيەت نۇپۇسىنىڭ 12.3%نى ئىگەللەيدۇ ،قالغانلىرى تاجىكىستان بىلەن تۇرۇكمەنىستانغا جايلاشقان ،ئۇتتۇرا ئاسىيادىكى رۇسلار چار رۇسىيە دەۋرىدە ھۆكۈمران مىللەت بۇلغاچقا ناھايىتى يۇقىرى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئۇرۇنغا ئىگە ئىدى ،سۇۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدە <1-مىللەت><<ئاكا مىللەت>>بۇلوپ ،باشقا مىللەتلەردىن خېلىلا ئۇستۇن تۇردى ،يەنە كىلىپ چۇڭ رۇسچىلىق ئەزەلدىن ئەستايىدىل تازلانمىدى ،يۇقۇتۇلمىدى ،شۇڭا شۇ جايلاردىكى ئاساسلىق مىللەتلەر ئارىسىدا رۇسلارغا قارىتا بىر خىل نارازلىق كەيپىيات ساقلىنىپ كەلدى.سۇۋىت ئىتپاقى پارچىلانغاندىن كىيىن ئۇزىنى <<ئاكا مىللەت>>دەپ بىلدىغان رۇسلار ھەش-پەش دىگىچە ئۇزلىرىنىڭ ئەۋزەل ئورنىنى يۇقىتىپ رۇھىي ۋە سىياسىي جەھەتتە <چەت ئەل >>ئاھالىسىگە ،يەنى ئاتالمىشى <<كەلگۈندى ئاھالىگە >>ھەتتا <<2-دەرىجىلىك پوقرا>>غا ئايلىنىپ قالدى،بۇلوپمۇ جەمئىيەتتە رۇسلارنى چەتكە قېقىش كەيپىياتى قاتتىق ئەۋىج ئىلىپ .ئۇتتۇرا ئاسىيادىكى ئاساسلىق مىللەتلەر بىلەن رۇسلارنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ ،ئۇزئارا قارشلىق پەيدا بۇلدى ،ئۇتتۇرا ئاسىيادىكى رۇسلار <<قۇش دۇلەت تەۋەلىكىگە >>(يەنى بىر ۋاقىتتا رۇسىيەنىڭ دۇلەت تەۋەلىكى بىلەن ئۇتتۇرا ئاسىيادىكى دۇلەتلەرنىڭ دۇلەت تەۋەلىكىگە)ئىرىشىش ۋە تىلىنى 2-دۆلەت تىلى قىلىشى (يەنى رۇس تىلىنى 2-دەرىجىلىك دۆلەت تىلى قىلىشى )تەلىپىنى ئۇتتۇرغا قۇيدى بۇ تەلەپلەرنىڭ ئۆتتۇرغا قۇيۇلىشى بىر تەرەپتىن ،رۇسلارنىڭ ئۇزلىرىنىڭ ئەۋزەل ئۇرنىدىن مەھرۇم قالغاندەك غەم-ئەندىشىسىنى ئەكىسى ئەتتۇرسە ،يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئۇتتۇرا ئاسىيا ئەللىردىكى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ مىللەتچىلىكىگە بۇلغان ئىنكاسى ھىسابلىنىدۇ .<<قوش دۇلەت تەۋەلىكى >>رۇسلارنىڭ مەنپىئەتىگە چىتىشىلىق بۇلغاچقا ئۇ مۇقەررەر ھالدا رۇسىيە فېدىراتسىينىڭ خەلقئارا مۇناسىۋىتىنىڭ تەسىرى بىلەن مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ بۇنىڭدىن باشقا قازاقىستاننىڭ رۇسلارغا <<قوش دۆلەت تەۋەلىكى >>بېرىشىنى رەت قىلىشى بىلەن چىگرا سىرتىدىكى قازاقلارغا دۇلەت تەۋەلىكى بىرىشىمۇ مەسىلە پەيدا قىلىدۇ ،دۇلەت تىلىنى بىكىتىشى تۇغرىسىدىكى ماجرالارمۇ تىل مەسلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۋىتىدۇ.
قازاقىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ 20ئۇبلاسىت ۋە بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ئچىدە رۇسلار شىمال،شەرىق ۋە ئۇتتۇرا قىسمىدىكى 7ئۇبلاسىت 1شەھەر (كۇنا پايتەخىت ئالمۇتا)دە كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ ،1992-يىلدىكى ھۆكۇمەت ستاتىستىكىدىسىغا ئاساسلانغاندا رۇسلار ئالمۇتا شەھرىدە 68%نى،شەرقى قازاقىستان ئۇبلاستىدا64.8%نى،شىمالىي قازاقىستان ئۇبلاستىدا 61.8%نى ئىگەللىگەن .بەزىلەر ھەمىشە رۇسلار نىسبەتەن مەركەزلىشىپ ئۇلتۇراقلاشقان جايلاردا مىللەتلەرگە ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھۇقۇقى بېرىشىنى مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى نەزەردە تۇتۇلغان فېدراتسىيە قۇرۇشنى،ھەتتا شىمالدىكى بىر قانچە ئوبلاسىتىنى رۇسىيەگە ئايرىپ بىرىشىنى ئۇتتۇرغا قويماقتا،بۇنداقلا كۆپ ئەمەس ھەم تەسىرىمۇ چۇڭ ئەمەس ،ئەمما ئۇ باشتىن -ئاخر بىر مەسىلە بۇلوپ كەلمەكتە
مەنبە:شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى نەشىر قىلغان ئۇتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبى ئاسىيادىكى مىللەت ،دىن تۇقۇنۇشى دىگەن كىتاپتىن .