باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2171 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۆلۈم سائەتلىرى
دوستلىشىش
قۇتلان
ئۈمۈت بىلەن ياشىغن ھەركۇن......
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 326
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 80
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە80دانە
ئۆسۈش: 665 %
مۇنبەر پۇلى: 1203 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-17
ئاخىرقى: 2012-03-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-05 20:16

ئۆلۈم سائەتلىرى

ئۆلۈم سائەتلرى
 

ئاپتۇرى
چىندىل




«ھوزور»لىرىڭ چۈچۈپ كەتتى قۇش كەبى
«راھەت»لىرىڭ تۈتۈن بولۇپ تارالدى
«سەل توختاپ»لار رەد قىلىندى مەڭگۈلۈك
دىدى؛« ھەر جان ئۆلۈم ئۈچۈن يارالدى»
 
 
ئەزەلدىنلا ئۆلەر ئىدى باشقىلار
تۇيماستىنلا ساڭىمۇ كۈز كەپقالدى
تاماشىبىن ئىدىڭ  ماتەم نەزرىدە
جان ئالغۇچى باش رول سىنىڭ دەپ قالدى
 
خەيىر خوش دىدى شۇ لەززەتلىك شىرىن جان
سەن ئۈچۈنلا ماڭغان سائەت توختىدى
دەرەخ سۇندى توزۇپ كەتتى مايمۇنلار
«چوڭ ئىش بولدى» ئەمما كۆپ خەق ئۇقمىدى
 
نامىڭ بىلەن ھەمراھ بولدى « رەھمەتلىك»
قارا تۇپراق يالماپ كەتتى جىسمىڭنى
سىنىڭسىزمۇ يۈرىۋەردى كارۋانلار
ئۈزۇن ئۆتمەي ئۇنتىشار ھەم ئىسمىڭنى
 
سنىڭ بىلەن بەسلەشكەنلەر توختىدى
ئاشنالىرىڭ «ئىننا لىللاھ» ديىشتى
«تۈنۈگۈنلا» «ئۇشتۇمتۇتلا»«ئەجەپ ھە»
دىدى ئەمما تەقدىرگە تەن بىرىشتى
 
مۇزلاپ كەتتى سەن ئىللىتقان يوتقانلار
بوخچىلىرىڭ چىقىرىلدى ئۆيلەردىن
تىلىفۇنلاردىن ئۆچىرىلدى نامىڭمۇ
جاي ساقلىماس سورۇنلاردا تۆرلەردىن
 
ئەجەپ شىرىن سۆيگەن ئىدىڭ ھاياتنى
ئۆمرۈڭ ئازكەن ئارمانلىرىڭ كۆپ ئىدى
كۆپرەك ياشاش ئۈچۈن چاپتىڭ بىر ئۆمۈر
كالىندارىڭ بىر نەپەستە توختىدى
 
قالدى سەندىن يىتىم ئوغلاق قىز ئوغۇل
كەتتى شۆھرەت قالدى مىسكىن سەللە تون
قالدى ئەمدى تاتلىق كۈلگەن نەۋرىمۇ
ئەر غىمىدە قالدى سەن سۆيگەن خوتۇن
 
 
سۆيگۈ نەپرەت گىرەلەشكەن مەيداندا
سەن ياتارسەن جنازاڭدا ئۈمچىيپ
يا قۇتۇلدۇڭ يا قۇتۇلدى ئەل سەندىن
رەسمىيەت ئۇ يىغلاپ يۈرگەن ئۇن سىلىپ
 
 
سەن كىرىپ كەتتىڭ قارا تۇپراق ئارا
مالۈ مۈلكۈڭ كويىغا كىردى يوچۈن
سەن جاۋاپكار تاپقىنىڭغا قەبىرىدە
يوق ئامالىڭ خەجلىنەر كىملەر ئۈچۈن
 
 
ئىستىكىڭ دائىم ياشاش كۆكلەش ئىدى
يوق ئىدى مۈشكۈل سەپەر يادىڭدا ھىچ
ماۋۇ دورا بەك شىپالىق دەر ئىدىڭ
چاقىرىپ قەبرەڭ سىنى بەرسە تىۋىش
 
ساڭگىلىدى ئەمدى گۆرگە بىر پۇتۇم
دىگىنىڭدە سەن تولۇق كىرگەن ئىدىڭ
«قىرىغاندا»چىقىمەن مەسجىدكە دەپ
تا بۈگۈنگە قىرىماي كەلگەن ئىدىڭ
 
سەن مۇسۇلمان دىن نىمە بىلمەس ئىدىڭ
يوق ناماز ياكى زاكات بەرمەس ئىدىڭ
بولسا گەر تەييارلىغىڭ ئەي شاش كۆڭۈل
ھەممە يىغلار كۈندە سەن كۈلمەسمىدىڭ
 
 
 
 
ئاپتور: چىندىل





مەنبە:ساقىيە چۈش تەبىر تورى

 
[ بۇ يازمىنىxahla91 2011-12-06 22:41قايتا تەھرىرلىدى ]
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+3(samanyoli) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • دوستلىشىش
    فىردەۋىس1
    ئاللا  ھەممىمىزنى ھىدايەت  قىلسۇن .
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9493
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 93
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە93دانە
    ئۆسۈش: 150 %
    مۇنبەر پۇلى: 1005 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-11-03
    ئاخىرقى: 2012-02-28
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-12 10:11

     رەھمەت  قىرىندىشىم  .  تولىمۇ  ياخشى  يىزىپسىز  .  اللە  قولىڭىزغا  دەت بەرمىسۇن   .
    جەننەت ، ئانىلارنىڭ  تاپىنى  ئاستىدا  .