查看完整版本: [-- ئۆلۈم سائەتلىرى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> ئۆلۈم سائەتلىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

قۇتلان 2011-12-05 20:16
ئۆلۈم سائەتلرى
 

ئاپتۇرى
چىندىل




«ھوزور»لىرىڭ چۈچۈپ كەتتى قۇش كەبى
«راھەت»لىرىڭ تۈتۈن بولۇپ تارالدى
«سەل توختاپ»لار رەد قىلىندى مەڭگۈلۈك
دىدى؛« ھەر جان ئۆلۈم ئۈچۈن يارالدى»
 
 
ئەزەلدىنلا ئۆلەر ئىدى باشقىلار
تۇيماستىنلا ساڭىمۇ كۈز كەپقالدى
تاماشىبىن ئىدىڭ  ماتەم نەزرىدە
جان ئالغۇچى باش رول سىنىڭ دەپ قالدى
 
خەيىر خوش دىدى شۇ لەززەتلىك شىرىن جان
سەن ئۈچۈنلا ماڭغان سائەت توختىدى
دەرەخ سۇندى توزۇپ كەتتى مايمۇنلار
«چوڭ ئىش بولدى» ئەمما كۆپ خەق ئۇقمىدى
 
نامىڭ بىلەن ھەمراھ بولدى « رەھمەتلىك»
قارا تۇپراق يالماپ كەتتى جىسمىڭنى
سىنىڭسىزمۇ يۈرىۋەردى كارۋانلار
ئۈزۇن ئۆتمەي ئۇنتىشار ھەم ئىسمىڭنى
 
سنىڭ بىلەن بەسلەشكەنلەر توختىدى
ئاشنالىرىڭ «ئىننا لىللاھ» ديىشتى
«تۈنۈگۈنلا» «ئۇشتۇمتۇتلا»«ئەجەپ ھە»
دىدى ئەمما تەقدىرگە تەن بىرىشتى
 
مۇزلاپ كەتتى سەن ئىللىتقان يوتقانلار
بوخچىلىرىڭ چىقىرىلدى ئۆيلەردىن
تىلىفۇنلاردىن ئۆچىرىلدى نامىڭمۇ
جاي ساقلىماس سورۇنلاردا تۆرلەردىن
 
ئەجەپ شىرىن سۆيگەن ئىدىڭ ھاياتنى
ئۆمرۈڭ ئازكەن ئارمانلىرىڭ كۆپ ئىدى
كۆپرەك ياشاش ئۈچۈن چاپتىڭ بىر ئۆمۈر
كالىندارىڭ بىر نەپەستە توختىدى
 
قالدى سەندىن يىتىم ئوغلاق قىز ئوغۇل
كەتتى شۆھرەت قالدى مىسكىن سەللە تون
قالدى ئەمدى تاتلىق كۈلگەن نەۋرىمۇ
ئەر غىمىدە قالدى سەن سۆيگەن خوتۇن
 
 
سۆيگۈ نەپرەت گىرەلەشكەن مەيداندا
سەن ياتارسەن جنازاڭدا ئۈمچىيپ
يا قۇتۇلدۇڭ يا قۇتۇلدى ئەل سەندىن
رەسمىيەت ئۇ يىغلاپ يۈرگەن ئۇن سىلىپ
 
 
سەن كىرىپ كەتتىڭ قارا تۇپراق ئارا
مالۈ مۈلكۈڭ كويىغا كىردى يوچۈن
سەن جاۋاپكار تاپقىنىڭغا قەبىرىدە
يوق ئامالىڭ خەجلىنەر كىملەر ئۈچۈن
 
 
ئىستىكىڭ دائىم ياشاش كۆكلەش ئىدى
يوق ئىدى مۈشكۈل سەپەر يادىڭدا ھىچ
ماۋۇ دورا بەك شىپالىق دەر ئىدىڭ
چاقىرىپ قەبرەڭ سىنى بەرسە تىۋىش
 
ساڭگىلىدى ئەمدى گۆرگە بىر پۇتۇم
دىگىنىڭدە سەن تولۇق كىرگەن ئىدىڭ
«قىرىغاندا»چىقىمەن مەسجىدكە دەپ
تا بۈگۈنگە قىرىماي كەلگەن ئىدىڭ
 
سەن مۇسۇلمان دىن نىمە بىلمەس ئىدىڭ
يوق ناماز ياكى زاكات بەرمەس ئىدىڭ
بولسا گەر تەييارلىغىڭ ئەي شاش كۆڭۈل
ھەممە يىغلار كۈندە سەن كۈلمەسمىدىڭ
 
 
 
 
ئاپتور: چىندىل





مەنبە:ساقىيە چۈش تەبىر تورى

 

omer 2011-12-05 20:59
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    چىندىل قېرىندىشىمىزنىڭ چىن ھەقىقەت سۈيىدە سۇغۇرۇلغان ئېسىل تېمىسىنى ھوزۇرىمىزغا سۇنغىنىڭىزغا تەشەككۈر قېرىندىشىم. اللە تېما ئېگىسى ھەم تېما يوللىغۇچىنىڭ قولىغا دەرت بەرمىگەي، ئىلمىنى ۋە ئەجرىنى زىيادە قىلغاي، امين!...

qiqak119 2011-12-05 21:08
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم . تەربىيىۋى قىممىتى يۇقۇرى مىسرالىرىڭىز داۋاملىق مۇنبەردىن ئۈزۈلمىگەي . ئەقىللىق ئادەمگە بىر دەرىس بوپتۇ .

نەزىرە 2011-12-05 23:45
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەركاتۇھۇ!

بەك ياخشى يېزىلغان شىېئىركەن، قەلبىمنى يىغلاتتى، ئۇلۇغ ئاللاھ بىزنى غەپلەتتىن ئويغاتسۇن..............

تېما ئېگىسىگە كۆپ تەشەككۇر!!!

arzuyum 2011-12-05 23:47
ئەسسالامۇ  -  ئەلەيكۇم  ،    ئۇلۇغ  ياراتقۇچى  زات    ئىلىمىڭىزنى  زىيادە  قىلسۇن ،  امىين  !
  شۇ  سائەتلەر  ھەبىرلىرىمىزنىڭ  بېشىدا  بار  ،   شۇ  سائەتلەر  كىلىشتىن  بۇرۇن   ئاخىرىتىمىز    ئۈچۈن  
تەييارلىق  قىلىشنى  ئۇنۇتمايلى  !

قارگۇلى 2011-12-06 11:03
بەكمۇ ياخشى يېزىلغان شئېر ئىكەن،،،، دېمىسىمۇ   بىرئۆلۇم بىلەن  بويسۇندۇرۇلغان......  بىر ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن بۇ دۇنياغا سىناق ئۇچۇن كەلدۇق........  ئاخىرى يەنە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىپ ھىساپ ئېلىنىمىز!!  ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا  قانداقمۇ ھىساپ بېرەرمىز.................       

muslima32 2011-12-06 17:10
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ناھايتى ئىسىل شئېر ئىكەن.

omer 2011-12-08 19:14
مەيلى دېھقان، يا رەئىس، نازىر ئۆزۈڭ،
ئۆلمىكىڭ ھەق، قەبرىگە ھازىر ئۆزۈڭ.
بارچە جان ئىچەر ئۆلۈم شارابىنى،
مەيلى مۆئمىن، مەيلى بول كاپىر ئۆزۈڭ!

kesas 2011-12-09 10:22
بەكمۇ  ياخشېدۇردانېلار كەنبۇ قەلبېمنې لەرزېگە سالدې بۇ شېېر    تولېمۇ  ئەپسۇس   چۇشۇرېۋالاي دېگەن ئېدېم    چۇشۇرۇشنې بېلمېدېم  بېلېدېغان لار ياردەم قېلساڭلار

arzuyum 2011-12-09 14:29
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى omer نىڭ 2011-12-08 19:14 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مەيلى دېھقان، يا رەئىس، نازىر ئۆزۈڭ،
ئۆلمىكىڭ ھەق، قەبرىگە ھازىر ئۆزۈڭ.
بارچە جان ئىچەر ئۆلۈم شارابىنى،
مەيلى مۆئمىن، مەيلى بول كاپىر ئۆزۈڭ!

ئەسسالامۇ  -  ئەلەيكۇم  ،  ئىلھاملىرىڭىز  بەرىكەتلىك  بولغاي  قېرىندىشىم  ،  امىين  !

فىردەۋىس1 2011-12-12 10:11
 رەھمەت  قىرىندىشىم  .  تولىمۇ  ياخشى  يىزىپسىز  .  اللە  قولىڭىزغا  دەت بەرمىسۇن   .


查看完整版本: [-- ئۆلۈم سائەتلىرى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.055634 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us