باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2795 قېتىم كۆرۈلدى
«1234»Pages: 1/4     Go
تېما: بەزى تور بىكەتلەرگە نىمە بولغاندۇ ؟
ھامان بىر كۈنى .......
دەرىجە: كۇلۇب باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 8
ئومۇمىي يازما: 424
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە424دانە
ئۆسۈش: 11240 %
مۇنبەر پۇلى: 11979 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2011-12-22
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-05 19:13

بەزى تور بىكەتلەرگە نىمە بولغاندۇ ؟

مۇشۇ كۈنلەردە تور بەت ئارلاپ ماتىريال ئىزدەپ قالسىڭىز  ..ئارتىس دىگەن قەدەمدە بىر تېنىقتا بىر ئۇچىرايدىغان  بولوپ كېتىپتۇ .
زىيارەت تېمىسى بار قايسى تور بەتنى ئاچسىڭىز  زىيارەت قىلىۋاتقىنى نىمە ، ئارتىس ...
كىنو ئارتىسى ..ناخشىچى ئۇسسۇلچى ..داپچى ..قوشاقچى ..ئېتۇتچى .. يۇرتىمىزدىكى ..چەتئەللەردىكى لەرنىڭ ھەممىسى توشۇپ كەتكەن ..ۋايۋۇي ...نىمىدىگەن تولا ..نىمىدىگەن ھەدىدىن زىيادە بولوپ كەتكەن .. ياكى بىز ئۇلارنى كۆرمايۋاتقان بولساق  ، تېلىۋىزۇردىمۇ شۇ ، سورۇندىمۇ شۇ ، تانسىخانا بەزمىخانىلاردىمۇ شۇ .بەزى ئارتىسلارنى تېخى چوڭ دادىسىدىنمۇ بەكىرەك بىلىدىغانلار باركەن . تور بەتلەر بەس-بەستە خۇددى بىر  قەدەم كەينىدە قالسا تور بېتى توختاپ ۋەيران بولىدىغاندەك دەرىجىدە ئارتىستلارنى بازارغا سالىدىغان بوپتۇ ..
بۇنداق گەپلەرنى دىمەي بولمايدۇ .
ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە بولوپ كەتكەن . يەنە كىلىپ قارىسىڭىز ، تور بەتلەرنىڭ تېلىۋىزىيە زىيارىتىگە  ئارتسلار يېتىشمەي قاپتۇ ، كونىلرىنى نەچچە رەت تونۇشتۇرۇپ بولغاندىكىن يېڭى چىققىنىنى ئامالىنىڭ بېرىچە كۆپتۈرۈپ ، كاتتا ،داڭلىق شەكىلدە بوياپ ، روياپقا چىقىرىش قىزغىنلىقى ئەۋىج ئالغان . پەقەت ئۆز بېكىتىنىڭ زىيارەت سانىنىڭ ئېشىش نېسبىتى يۇقۇرى بولسىلا كۇپايە .. باشقىسى بىلەن نىمە كارى  ، چۈنكى تور بەتكە ئاساسەن كۆپ كىرىدىغانلارنىڭ  ياشلار ئىكەنلىكىنى ھەممەيلەن بىلىمىز ، ياشلار بالىلىق مەزگىلىدە نېمىگە قىززىقىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان . مۇشۇ نوقتىنى چىڭ تۇتۇپ بىز باشقىلارنىڭ قانداق ئىدىيەگە كېلىشى بىلەن ھىسابلاشماي ، نېمىگە قىززىقسا شۇنىڭدىن پايدىلىنىش تەجىربىمىزگە تايىنىپ ،ئۆز بازىرىمىزنى كۆزلەپلا  باشقىلارنى پاتقاققا ئىتتەرسەك توغرا بولامدۇ ؟
بۇ مەسىلىمۇ ئادەتتىكى سەل قارىغىلى بولمايدىغان مەسىلە .
ئەڭ مۇھىم سەۋەپ شۇكى سەنئەتچىلەرگە كۆپىرەك ياشلارنىڭ قىززىقىشى ، بىز مۇشۇ يوچۇقتىن پايدىلىنىپ ئۆزىمىزنىڭ مىللىتىمىز ئۈچۈن دەپ قۇرغان تور بەتلىرىمىزنى ياشلارنى ئازدۇرىدىغان  ئازدۇرۇش سەھنىسى قىلىۋالساق ئەلۋەتتە توغرا بولماس . بۇ رىئاللىقتا  بىزنىڭ يۇرتىمىز ناخشا -موزىكا دىگەنگە توشۇپ كەتتى .قايسى بىر ياشنىڭ ئىرادىسىگە ياكى ئارزۇسىغا زەن سالسىڭىز  بىرنىچى بولوپ ناخشا -موزىكىنىڭ پۇرىقى كېلىپ تۇرىدىغان ھالەتكە كەلدۇق . ئەسەللى بىز زىيارەت قىلىدىغان زىيارەت ئوبىيكتىلىرىمىز ئاز ئەمەس ، مەسلەن ،؛ ئۇتۇق قازانغان تىجارەتچى ، ئۇتۇق قازانماي مەغلۇپ بولغان تىجارەتچى ، دېھقان ، ئىشلەمچى . خەيرى-ساخاۋەتچى ،  ۋە يەنە بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇق ئۆتكەن كىشىلەر ..قاتارلىق  بىز بىلىشكە تېگىشلىك ۋە ئۈگىنىشكە تېگىشلىك كىشىلىرىمىز ، جەمىيەتتىكى توغرا بولوپ كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىۋاتقان ياكى توغرا بولماي دەردىگە دەرمان بولالمايۋاتقان ئىشلار ........
ئەسلى بىز بىلىشكە تېگىشلىك ۋە بىلىشكە ئىنتىلىدىغان نۇرغۇن جەريانلار بار .. قىززىقىدۇ  دەپلا ، ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈنلا باشقىلارنى ئويلىمىساق كېينكى كۈندە ئۆزىمىزگە قويۇلغان سوئالغا نىمە دەپ جاۋاپ بېرىمىز ؟
بۇ ھەر بىر تور بىكەت ئېگىسىنىڭ يەنى زىيارەت سەھىپىسىنى ئاچقان تور بىكەت ئېگىسىنىڭ  بىلىشكە تېگىشلىك مەجبۇريىتى  دەپ قارايمەن .
مەن بۇ سۆزۈم ئارقىلىق سەنئەتچىلەرنى يامان دېگىنىم ئەمەس ، لېكىن ھەر ئىش ھەدىدىن زىيادە بولوپ كەتسە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ . ئەمدى چوڭ بولىۋاتقان ، ھاياتقا قىززىقىش نەزىرىدە قاراۋاتقان بىر ياش ، تېلىۋىزۇر كۆرسىمۇ ناخشا -موزىكا ياكى سەنئەت تونۇشتۇرۇشنى كۆرسە ، ئېلاندىمۇ شۇنى كۆرسە ، تور بەتكە چىقىپ بىر ئورۇننىمۇ ئاچقاندىمۇ يەن شۇ ئەھۋالنى كۆرسە ، ئاڭلايدىغىنىمۇ ناخشا ، بىرەرىنى بىلمەكچى بولغىنىمۇ ناخشىچى ، رەڭ-گارەڭ قىززىپ كېتىۋاتقان سەھىپىلەردىكى زىيارەت ۋە تونۇشتۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى كىن وئارتىسى ، ناخشىچى ، يۇمۇرچى بولوپ كەتسە ، ئۇ ياشنىڭ ئېڭىدا پەيدا بولىدىغىنى ئىنىقلا  ھاۋايى -ھەۋەس ، ناخشا -موزىكا  بولماي قالمايدۇ . ھېلىمۇ بىزدە ياشلارنىڭ ،شۇنداقلا ئۆسمۇرلەرنىڭ بېلوگ قىزغىنىلىقدىكى ئېچىلغان نۇرغۇنلىغان بېلوگلاردا قارىسىڭىز ناخشا-موزىكا بىلەن مۇھەببەت رەسىمىلىرىدىن باشقىنى ئۇچۇرتالمايسىز .  بۇ گەپكە ھىچكىم ياق دىيەلمەيدۇ .
ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە مېنىڭ ئويلىشىمچە ھەممىدىن ئاسان ، ھەم جان باققىلى بولىدىغان كەسىپ سەنئەتچىلىك بولوپ قاپتۇ . ھەم بىزنىڭ ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى بالىلىرىمىزنىڭ ئېڭىدا تۇنجى بولوپ مۇقەررەرلىشىۋاتقىنى سەنئەت بولوپ كېتىپ بارغانلىقى ئۈچۈن  ، ناخشا موزىكا ، ئوسسۇللارغا ئۇستا بولىۋاتقانلىقىمىز بىزنى تەدىرىجى سەنئەت بىلەنلا ھايات كەچۈرۈش ئاسان بولۇشتەك خىيالغا مۇپتىلا قىلماقتا . ئىنىقكى بۇ خىل ھالەت بىز ئۈچۈن چىققىلى بولمايدىغان  پاتقاق .
مۇشۇنداق ھالەتنى بەزى تور بەت ئېگىلىرىمىز كۆرمەيۋاتامدۇ ؟
مېنىڭچە بىر تور بەتنى ئاچقان قېرىندىشىمىزنىڭ بۇنىچىلىك ھالەتنى سېزىۋالالىشى تەس ئەمەس . لېكىن  ئېقتىساد  ۋە شۇ تور بەتنىڭ مالىيە قىزىل رەقىمى  بۇنىڭغا سەۋەب بولىدى دېيىش ئادەتتە ئىقدىساد جەھەتتە توغرا چۈشۈنۈشكە بولىدىغان مەسىلە بولغىنى بىلەن لېكىن قاراپ تۇرۇپ  ئەۋلادلىرىمىزنىڭ يولىغا توپا چاچساق بىز يەنە ، قايسى ئارمانغا چۇشلۇق دەرماننى تاپالايمىز ؟
بىز يەنى  ۋەتىنىمىز جۇڭگودىكى 56  مىلەتتنىڭ بىرى بولوش، نامىرات بولوش ، تەرەققى قىلمىغان بولوش، ۋە يەنە نۇرغۇن ئىشلاردا كەينىدە بولوش سۈپىتىمىز بىلەن  بىزگە  كۆڭۈل ئېچىش ، كۈلۈش ،ھۇزۇرلىنىش ، ۋاقىتنى يوقىلاڭ ناخشا-موزىكا بىلەن ئۆتكۈزۈش ، بېلوگ توپى ئاچقۇچىلار بېلوگقا قىززىققۇچىلارنى ناخشا-موزىكا بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەپ ئۆسمۈرلەرنى بىخ ھالىتىدە قۇرۇق خىيالغا مۇپتىلا قىلىش ، نەدىكى تېتىقسىز قىسىملىق كىنولار شەيتانلىقىنى قۇرۇپ ھەر قاچان ئارقىدا تۇرىۋاتقان مىللەتنى يەنە ئارقىغا تارتىش ، بىلشكە تېگىشلىك بولغان كىشىلەرنى بىلدۈرمەي ، ھەر قاچان كۆز ئالدىمىزدا تۇرغان پايدىسىزلارنى ھەر خىل رەڭدە بۇياپ رۇياپقا چىقىرىپ ئۆز مەنپەئەتىمىز بەدىلىگە قىززىقۇچىلارنىڭ روھىيىتىنى بۇلغاش ، تور بەتتىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى ئورۇن بوشلۇقىدىن پايدىلىنىپ توغرا ئۇسسۇلدا خەلقىگە نەپ يەتكۈزمەي ، زىيان يەتكۈزۈش ، ۋە يەن نۇرغۇن قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزمەسلىكىمىز كىرەك . !!!  
ھازىرقى ۋەزىيەتتە بىز يەنى تور بەت ئاچقۇچىلار ، جەمىيەتنىڭ سورىقىغا ئەڭ بۇرۇن تارتىلدىغانلار قاتارىدا تۇرىمىز . تور لېنىيەلىرىنىڭ بارغانسىرى ئائىلىلەرگىچە ئوموملىشى جەريانىدا سىز قاتارلىق تور بەت ئاچقۇچىلار يولىقىدىغان بۇرىچ ھەممىدىن كۆپ بولىدۇ .  بۇ سىز ۋە ھەمىمىز بىلىشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيەت .
تور بەت دىگەن ئەل نىڭ ئەينىكى ، ئەينەككە قارىغان ئەل ، ئۆز ئەكسىنى كۆرمىسە ،ئۇ قانداقمۇ ئەينەك بولىدۇ .
بىز دۇنياغا مەدەنىيىمىتىمىز بىلەن تونۇلىمىز ،
ئۆزىمىزگە سەنئىتىمىز بىلەن تونىلىمىزمۇ ؟
ناخشىنى خۇددى تاشمۇھەممەت باتۇردەك قانچىلىك دەرىجىدە چىڭقىلىپ ئېيتساقمۇ ئۇ بەرىبىر توقۇلما .
كىچىككىنە كۆڭۈلنىڭ ئارامى خالاس . سەنئەت ئۇ بىر خىيال . ئۇ بايلارنىڭ بېىشىدىكى يۇمشاق تەكىي . نامىراتقا نىسبەتەنمۇ يۇمشاق تەكىي . لېكىن ئۈنۈمى ئوخشىمايدۇ .
كوچىدىكى كۈنى غېرىپچىلىقتا ئۆتىۋاتقان بىر قېرىندىشىڭىزنىڭ يېنىغا كېلىپ ھال سورىسىڭىز ،سىزگە ئېيتىپ بېرىدىغان نۇرغۇن ھېكايىلىرى بار .
ھەر قانداق ئادەمنىڭ غەلبە قازانغۇچىنىڭ قانداق قىلىپ غەلبە قازانغانلىقىنى ، مەغلۇبىيەتچىنىڭ قانداق قىلىپ مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلگۈسى بار .  ئۇلارغا نەدىكى چۈشەنمەيدىغان ياكى مۇھىت بىلەن ماس كەلمەيدىغان بىل گېيتىس ،  روك فېللىر لارنىڭ كەچۈرمىشلىرى كېرەك ئەمەس بەلكى ھەقىقى ئەمەلىيەتتىكى يېنىدىكى چۈشىنىدىغان مۇھىتىدىكى قېرىندىشىنىڭ كەچۈرمىشلىرى كېرەك .
بىز ھەر بىرىمىز  كۆڭلىمىزنى  پەقەتلا شۇ رادىل ئابلاغا قاراپ تىنجىتساق ،خاتلاشقان بولىمىز .
تور بىكەتلەرنىڭ زىيارەت سەھىپىلىرىنىڭ زىيارەت قىلىنىشىنى كۈتۈپ زارىقىپ تۇرىۋاتقان تەبىئەتنىڭ قوينى ھامان كەڭرى . بىز رىئاللىقتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ خوش ياققانغا يىغىلساق ئېنىقكى ھەممىدىن شاللىنىپ كېتىمىز .
ئەسلى جىنايەتچى ئۆزىمىز تۇرۇپ باشقىلارنى ھاقارەتلىمىسلىكىمىز كىرەك . ھە دېسىلا ياردەمگە تايىنىپ ياشايدىغان مىللەت بولوپ قېلىشىمىزدىن ئاللا ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن .
گېپىم يالغان بولسا قېرىندىشىم بولغان تورداشلىرىمىز سەۋىرچانلىق بىلەن تور بەتلەرنى ئارلاپ باقايلى .
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+2(arzuyum) ئەھمىيەتلىك& ..
  • مۇنبەر پۇلى:+3(general) ھەق گەپ
  • مۇنبەر پۇلى:+2(omer) ھەق گەپ، نەق ..
  • مۇنبەر پۇلى:+2(era13) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • بۇ زادى نېمىدۇ؟
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1205
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1205دانە
    ئۆسۈش: 790 %
    مۇنبەر پۇلى: 12916 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-14
    ئاخىرقى: 2012-01-06

    كەڭ  ساي مانا مۇشۇنداق ئىشلاردىن خالىيلىقى بىلەن بىزلەرنىڭ ئىللىق ئائىلىمىز بولۇپ كەلمەكتە.
    سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!
    ئېتقاد - جاندىن مۇھېمدۇر!
    دەرىجە: چولپان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1636
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 788
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە788دانە
    ئۆسۈش: 1130 %
    مۇنبەر پۇلى: 8760 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-08
    ئاخىرقى: 2012-01-06
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-05 19:27

    توربەت قۇرغۇچىلار ئارىسدا مۇشۇنىڭدەك ھەقنى سۆزلەيدىغانلار ، ھەقنى كۆزلەيدىغانلار كۆپەيسە..
    سىلەرگە ئىشىنىمەن ، چۈنكى سىلەر قېرىنداشلىرىم ،
    سىلەرنى سۆيىمەن ، چۈنكى سىلەر ۋەتەنداشلىرىم.
    بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2111
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 3
    ئومۇمىي يازما: 257
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە257دانە
    ئۆسۈش: 1680 %
    مۇنبەر پۇلى: 3834 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-20
    ئاخىرقى: 2012-01-06
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-05 19:38

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
        ھەق گەپنى، نەق گەپنى قىپسىز قېرىندىشىم. اللە قەلەم تۇتقان قولىڭىزغا، مۇنبەرنىڭ ئەمەل تاجىنى كىيگەن ئەزىز بېشىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، ئىلمىڭىز ۋە ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن، امين!...
    بىز تۇپراق ئۈستىدىكى تۇپراقمىز!
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4969
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 1
    ئومۇمىي يازما: 147
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە147دانە
    ئۆسۈش: 510 %
    مۇنبەر پۇلى: 1894 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-12-18
    ئاخىرقى: 2011-12-11
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-05 20:00

    باشقا مۇنبەرلەر بەس-بەستە ئېرتىس داملاش بىلەن ئاۋارە............
    دوستلىشىش
    جەڭچى
    没有共产党,没有新中国
    دەرىجە: چولپان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 995
    ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە995دانە
    ئۆسۈش: 350 %
    مۇنبەر پۇلى: 10418 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-03-29
    ئاخىرقى: 2012-01-07
    5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-05 20:07

    نەخ گەپنىلا قىپسىز  ،،،ھەممەيلەن مۇشۇ توغرىسدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ باقساق.
    没有共产党,没有新中国
    AYATLIK,BIR KURAX
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 1
    ئومۇمىي يازما: 1430
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1430دانە
    ئۆسۈش: 4730 %
    مۇنبەر پۇلى: 17806 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-11-27
    ئاخىرقى: 2012-01-07
    6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-05 20:43

    تۇر بەتلەر خەلقىمىز ئۇچۇن خىزمەت قىلىدۇ ،خەلقىمزىنىڭ ئۇنۋىرسال ساپاسىنى يۇقۇرى كۇتۇرۇش ئۇچۇن ئىلىم -پەن ،مەدىنىيەت ،دىن ،سەنئەت ھەممە ساھەدە بۇلغان مۇنبەر ئەڭ ئىسىل مۇنبەر،،،،،،،،،،،،،،،،،
    ئويلانماقتىمەن...
    دەرىجە: چولپان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 3
    ئومۇمىي يازما: 704
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە704دانە
    ئۆسۈش: 1723 %
    مۇنبەر پۇلى: 8281 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-06-29
    ئاخىرقى: 2012-01-06
    7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-05 20:48

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى omer نىڭ 2011-12-05 19:38 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
        ھەق گەپنى، نەق گەپنى قىپسىز قېرىندىشىم. اللە قەلەم تۇتقان قولىڭىزغا، مۇنبەرنىڭ ئەمەل تاجىنى كىيگەن ئەزىز بېشىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، ئىلمىڭىز ۋە ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن، امين!...

    ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!
    بۇ قېرىندىشىمىز بۇ مۇنبەردە ئەمەل تاجىنى كىيگۈچى ئەمەس، بەلكى  كىيدۈرگۈچى....
    چۈشىنىۋالغانسىز؟
    ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىمان ئاتا قىل& ..
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3033
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 129
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە129دانە
    ئۆسۈش: 180 %
    مۇنبەر پۇلى: 1473 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-10-17
    ئاخىرقى: 2012-01-07
    8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-05 21:11

    بەزى تور بىكەتلەر پۇل تېپىشنىلا كۆزلەيدۇ . ھەق گەپنى قىپسىز قېرىندىشىم .
    دوستلىشىش
    samanyoli
    شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
    دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 1
    ئومۇمىي يازما: 1441
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1441دانە
    ئۆسۈش: 7020 %
    مۇنبەر پۇلى: 19379 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-01-05
    ئاخىرقى: 2012-01-06
    9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-05 21:26

    ھەقىقەتەن ياخشى تەپەككۇرلار،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
    ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار