خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆزىنى ئاسرىشىدىكى توققۇز خىل چارە
1. ئامال بار ئىش قۇشۇپ ئىشلىمەڭ : ئىش تۈگىمەيدۇ ، ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت بولغاندا چۇقۇم ئىشتىن چۈشۈڭ ، ئارقىغا سۈرمەڭ .
2. قېنىپ ئۇخلاڭ : ئۇيقۇ كەم بۇلۇپ قالسا ، ئىجادچانلىق چېكىنىدۇ ، روھسىزلىنىپ ، كەيپىيات تۇراقسىزلىشىدۇ ، ئاسان خاپا بولىدىغان بۇلۇپ قالىسىز .
3. كومپىيوتىىرنى ئېتىۋېتىپ ، ئېكراندىن يىراق تۇرغىنىڭىزدا ناھايىتى راھەت ھېس قىلىسىز ، تەپەككۇر يولى ئايدىڭلىشىپ ، تەپەككۇرىڭىز جانلىنىدۇ .
4. تەبىئەتكە يېقىنلىشىڭ : ھەر كۈنى ئازراق ۋاقىىت چىقىرىپ سىرىتلارنى ئايلىنىپ كېلىڭ، مەسىلەن بىردەم پىيادە سەيلە قىلىڭ ، گۈل-گىياھ ، دەل-دەرەخلەرگە قاراڭ ، بۇنىڭ پىسخىڭ ساغلاملىققا ناھايىتى زور پايدىسى بار .
5. ئۇرۇق-تۇغقان ، دوسىت-بۇرادەرلەرگە ھەمراھ بۇلۇڭ : خىزمەت مۇھىم ،لىكىن ئۆيىڭىزدىكىلەر ۋە دوسىت-بۇرادەرلەرمۇ ئوخشاشلا مۇھىم . ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلارغا ھەمراھ بۇلۇڭ ، بۇنىڭدا تۇرمۇشىڭىز تېخىمۇ مەنىلىك بولىدۇ .
6. ساغلام ئۇزۇقلىنىڭ : خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى بىلەن كىشىلەر ئاشپۇزۇللارنى ياقتۇرىدىغان ، مېۋە-چىۋە ، كۆكتات ۋە دانلىق زىرائەت قاتارلىق ساغلاملىق يېمەكلىكلەرنى بارغانسىرى ئاز ئىستىمال قىلىدىغان بۇلۇپ قالدى . سىزگە شۇ تەكلىپنى بېرىمىزكى ، ئۆيىڭىزگە قايتىپ تاماق يىيىشنى بىرخىل راھەت دەپ بىلىپ ، كۈندە ئاز بولغاندىمۇ بىر ۋاق تاماقلىنىڭ .
7. ئىشتىن سىرىتقى قىزىقىشىڭىزنى يېتىلدۈرۈڭ : ئۆزىڭىزدىن خىزمىتىڭىز بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان قىزىقىش ئىزدەپ بېقىڭ ، تۇرمۇشىڭىز تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ .
8. بەدەننىڭ ئاگاھلاندۇرىشىغا دىققەت قىلىڭ: خىزمەت ۋاقتى ئۇزىراپ، نورمىدىن ئېشىپ كەتكەندە ئادەمنى ھاردۇرۇپلا قالماي ، ئادەمنى بۇرۇختۇم ، بىپەرۋا قىلىپ قويىدۇ . بەدىنىڭىزنىڭ مۇشۇنداق سىگنال بەرگىنى دەرھال خىزمەتنىڭ < سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش> ئىڭىز كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ .
9. ياخشى ئادەتنى ساقلاش : ساغلام ئادەت بىردىنلا شەكىللەنمەيدۇ ، كۈندە ئازراقتىن ئۆزگىرىش ياسىسىڭىز ۋە بۇنى ئىزچىللاشتۇرسىڭىز چۇقۇم زور نەتىجىگە ئېرىشىسىز . مەسىلەن : كۈندە يېرىم سائەت چېنىقىڭ .
ياڭزى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى