باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2423 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بۇ ساۋاپنى قاچۇرۇپ قويماڭ !!!
دوستلىشىش
مۇسلىم،
ھەق سۆز ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلە ...!!!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9900
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 34
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە34دانە
ئۆسۈش: 610 %
مۇنبەر پۇلى: 742 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-04
ئاخىرقى: 2012-01-04
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 20:12

بۇ ساۋاپنى قاچۇرۇپ قويماڭ !!!

ئەسكەرتىش: بۇ يازما general تەرىپىدىن شېئىر روبايىلار بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2011-12-04)
اللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:



«كىم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بىر ياخشىلىقنى ئېلىپ كەلسە تېخىمۇ ياخشىسىغا ئېرىشىدۇ،…»- نەمل 27/89.
«كىم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بىر ياخشىلىقنى ئېلىپ كەلسە تېخىمۇ ياخشىسىغا ئېرىشىدۇ»- قەسەس 28/84.
ئاللاھ تەئالا بۇ ئىككى ئايەتتىكى «تېخىمۇ ياخشىسى» نى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«كىم ئاللانىڭ دەرگاھىغا بىر ياخشىلىقنى ئېلىپ كەلسە ئېلىپ كەلگىنىنىڭ ئون ھەسسىسىگە ئېرىشىدۇ»- ئەنئام 6/160.

بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بىر ئايلىق روزىنى ئېلىپ بارغان كىشى 10 ئاي روزا تۇتقاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ. شەۋۋال ئېيىدا 6 كۈن روزا تۇتقان كىشى 2 ئاي روزا تۇتقاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ.تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا رامىزان بويىچە 30 كۈن، شەۋۋال ئېيىدا 6 كۈن بولۇپ جەمى 36 كۈن روزا تۇتقان كىشىنىڭ بۇ روزىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا 360 كۈن (بىر يىل) روزا تۇتقان بىلەن تەڭ ھېسابلىنىپ ساۋاب بېرىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىمۇ بۇ ئايەتلەردىكى مەنانى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: ئەبۇ ئەييۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى رامزان روزىسىنى تۇتۇپ بولۇپ ئارقىسىدىن شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتسا زاماننىڭ ھەممىسىدە روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ»- مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.دېمەك، كىمكى رامزان ئېيىغا ئۇلاپلا شەۋۋال ئېيىدىن ئالتە كۈن روزا تۇتسا خۇددى پۈتۈن بىر ئۆمۈر روزا تۇتقان بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. بۇ مۇنداق بولىدۇ:مەسىلەن: 70 ياشتا ۋاپات بولۇپ كەتكەن بىر مۇسۇلماننىڭ 15 يېشىنى نارەسىدىلىككە چىقىرىۋەتسەك، 55 يىل قالىدۇ. ئۇ كىشى بۇ 55 يىللىق ھاياتىدا ھەر يىل رامىزان روزىسىنى ۋە شەۋۋال ئېيىدا 6 كۈن روزا تۇتقان بولسا ئۇ كىشىنىڭ بۇ 55 يىللىق ئۆمرىنىڭ ھەممىسى روزا بىلەن ئۆتكەن بولىدۇ. بۇنى ئاللاھ تەئالا ۋەدە قىلدى. ئاللاھ تەئالا ۋەدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ.ئەسكەرتىش:يۇقىرىدىكى ساۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن ياخشىلىقنى قىلىشلا ئەمەس، بەلكىدە ئۇنى قىلىپ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئېلىپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. يەنى ياخشىلىق ئۆزىنى قىلغۇچى كىشى بىلەن بىللە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بېرىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىلىقنى قىلغان كىشىنىڭ ئەقىدىسى توغرا، ئىمانى دۇرۇس بولۇشى شەرت. ئەكسى تەقدىردە قىلغان ياخشىلىق مۇشۇ دۇنيادا قېلىپ ياخشىلىقنى قىلغۇچى كىشى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يالغۇز بارىدۇ. شۇڭا ئايەتتە «مەن فەئەلە بىلھەسەنەتى» دېيىلمەستىن «مەن جائە بىلھەسەنەتى» دېيىلىدۇ. بۇنىڭ پەرقى يۇقىرىقىدىن ئىبارەت.


مەنبە ؛ مۇسۇلمانلار ئىسلام تورى http://www.musulmanlar.com/.
ئادەمنىڭ ئۆرە تۇرغانلىقى ئۇنىڭ روھىنىڭ ئويغاق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ.
دوستلىشىش
نۇرجۇلا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9571
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 53
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە53دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 530 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-13
ئاخىرقى: 2012-01-24
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-05 17:47

رەھمەت سىزگە! بىز بىلمەيدىغان، ئاز ئىش بىلەن كۆپ ساۋاپقا ئېرىشكىلى بولىدىغان ئىش بولسا يەنە يوللاپ بىزلەرنى خەۋەردار قىلىسىڭىز سىزدىن تولىمۇ خوش بولاتتۇق!