查看完整版本: [-- بۇ ساۋاپنى قاچۇرۇپ قويماڭ !!! --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> بۇ ساۋاپنى قاچۇرۇپ قويماڭ !!! [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مۇسلىم، 2011-12-04 20:12
اللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:



«كىم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بىر ياخشىلىقنى ئېلىپ كەلسە تېخىمۇ ياخشىسىغا ئېرىشىدۇ،…»- نەمل 27/89.
«كىم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بىر ياخشىلىقنى ئېلىپ كەلسە تېخىمۇ ياخشىسىغا ئېرىشىدۇ»- قەسەس 28/84.
ئاللاھ تەئالا بۇ ئىككى ئايەتتىكى «تېخىمۇ ياخشىسى» نى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«كىم ئاللانىڭ دەرگاھىغا بىر ياخشىلىقنى ئېلىپ كەلسە ئېلىپ كەلگىنىنىڭ ئون ھەسسىسىگە ئېرىشىدۇ»- ئەنئام 6/160.

بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بىر ئايلىق روزىنى ئېلىپ بارغان كىشى 10 ئاي روزا تۇتقاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ. شەۋۋال ئېيىدا 6 كۈن روزا تۇتقان كىشى 2 ئاي روزا تۇتقاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ.تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا رامىزان بويىچە 30 كۈن، شەۋۋال ئېيىدا 6 كۈن بولۇپ جەمى 36 كۈن روزا تۇتقان كىشىنىڭ بۇ روزىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا 360 كۈن (بىر يىل) روزا تۇتقان بىلەن تەڭ ھېسابلىنىپ ساۋاب بېرىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىمۇ بۇ ئايەتلەردىكى مەنانى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: ئەبۇ ئەييۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى رامزان روزىسىنى تۇتۇپ بولۇپ ئارقىسىدىن شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتسا زاماننىڭ ھەممىسىدە روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ»- مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.دېمەك، كىمكى رامزان ئېيىغا ئۇلاپلا شەۋۋال ئېيىدىن ئالتە كۈن روزا تۇتسا خۇددى پۈتۈن بىر ئۆمۈر روزا تۇتقان بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. بۇ مۇنداق بولىدۇ:مەسىلەن: 70 ياشتا ۋاپات بولۇپ كەتكەن بىر مۇسۇلماننىڭ 15 يېشىنى نارەسىدىلىككە چىقىرىۋەتسەك، 55 يىل قالىدۇ. ئۇ كىشى بۇ 55 يىللىق ھاياتىدا ھەر يىل رامىزان روزىسىنى ۋە شەۋۋال ئېيىدا 6 كۈن روزا تۇتقان بولسا ئۇ كىشىنىڭ بۇ 55 يىللىق ئۆمرىنىڭ ھەممىسى روزا بىلەن ئۆتكەن بولىدۇ. بۇنى ئاللاھ تەئالا ۋەدە قىلدى. ئاللاھ تەئالا ۋەدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ.ئەسكەرتىش:يۇقىرىدىكى ساۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن ياخشىلىقنى قىلىشلا ئەمەس، بەلكىدە ئۇنى قىلىپ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئېلىپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. يەنى ياخشىلىق ئۆزىنى قىلغۇچى كىشى بىلەن بىللە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بېرىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىلىقنى قىلغان كىشىنىڭ ئەقىدىسى توغرا، ئىمانى دۇرۇس بولۇشى شەرت. ئەكسى تەقدىردە قىلغان ياخشىلىق مۇشۇ دۇنيادا قېلىپ ياخشىلىقنى قىلغۇچى كىشى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يالغۇز بارىدۇ. شۇڭا ئايەتتە «مەن فەئەلە بىلھەسەنەتى» دېيىلمەستىن «مەن جائە بىلھەسەنەتى» دېيىلىدۇ. بۇنىڭ پەرقى يۇقىرىقىدىن ئىبارەت.


مەنبە ؛ مۇسۇلمانلار ئىسلام تورى http://www.musulmanlar.com/.

ilim 2011-12-04 21:39
مۇسۇلمانلار تورىنىڭ يازمىىرىنى ئەڭ ياخشىسى كۆرمەڭ. ھەممىنى خاتا دىگىنىم ئەمەس. توغرىلىرىمۇ بار. خاتالىرىمۇ ھەم بار. ئۇنىڭدىكى خاتالار ئەقىدىگە بېرىپ تاقىشىدۇ.
شۇڭا بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلاررنىڭ «مۇسۇلمانلار تورى»نىڭ يازمىلىرىدىن پايدىلانماي «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى» تورىنىڭ يازمىلىرىنى خالىغانچە تارقىتايلى ھەم پايدىلىنايلى. ئۇنىڭدا ئەقىدىگە زىت مەزمۇنلار يوق. ئاللاھ خالىسا.............
ئادرىسى:http://www.sajiye.net/

anisa 2011-12-05 13:35
har qandaq yazmini korganda kallimizni sagak tutayli

نۇرجۇلا 2011-12-05 17:47
رەھمەت سىزگە! بىز بىلمەيدىغان، ئاز ئىش بىلەن كۆپ ساۋاپقا ئېرىشكىلى بولىدىغان ئىش بولسا يەنە يوللاپ بىزلەرنى خەۋەردار قىلىسىڭىز سىزدىن تولىمۇ خوش بولاتتۇق!

tamkin 2011-12-05 19:31
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  قېرىنداشلار ، كىمدە   ئىسلام ئۆگىنىش تورىدىن چۈشۈرىۋالغان دەرىسلىكلار  باردۇ ؟ .. ماڭا لازىم بولۇپ قالغان ئىدى ..

qiqak119 2011-12-05 21:30
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم .

abdullajan 2011-12-06 04:15
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
مەندە بار قانداق ئەۋەتىپ بېرىمەن.

muslima32 2011-12-06 20:03
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ياخشى تېمىكەن داۋاملىق مۇشۇنىڭدەك ياخشى تېمىلارنى يوللاپ تۇرارسىز،

xahruh 2011-12-06 20:43
بۇ تورلارغا كىرەي دەيمەنيۇ قانۇنسىز بوپ قېلىشىدىن قورقىمەن ،،،،،،
چۈشەنمىدىم ،شەۋۋال ئېيى دىگەن قاچان ئەمدى ؟؟؟قاچاندىن باشلاپ قاچانغىچە
قانداق تۇتىدۇ ؟؟؟

بىگان 2011-12-06 21:31
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

tamkin 2011-12-06 22:54
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم  سىز  قايسى يۇرتتىن ، ناۋادا ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز كۆرۈشسەكمۇ بولىدۇ .. چچ نۇمۇرۇمنى قالدۇراي 1009972976


查看完整版本: [-- بۇ ساۋاپنى قاچۇرۇپ قويماڭ !!! --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.059081 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us