بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم
بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن .
قۇرئان ئايەتلىرىنى شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرىنى يېزىپ تاملارغا ئېسىش ھازىرقى زامان ئالىملىرى ئوخشاشمىغان قاراشلاردا بولغان مەسىلە بولۇپ، بەزىلەر بۇ ئىشنى مەكروھ دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر بىدئەت دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر جائىز دەپ قارايدۇ. دېمەك بۇ مەسىلە ئىختىلاپى مەسىلە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىشتا كەڭچىلىك بار .
ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە ئەرەبلەرنىڭ ئاددى-ساددا جەمئىيىتىدە بۇ تۈرلۈك جازىلارنى ئېسىش ئادىتى بولمىغاچقا ئەسرى سائادەتتە ساھابە-كىراملار ھازىرقى زامانىمىزدا كۆرگىنىمىزدەك ئايەتلەرنى تاملارغا ئېسىپ باقمىغان. كېيىنچە رەسىم ياكى بەزى ھۆسنىخەتلەرنى تامغا ئېسىش ئادەتلىرى شەكىللەنگەن.
ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق، پۈتۈن دۇنيا مىقياسى بويىچە تاملارغا جازىلاردا رەسىم ياكى ھۆسنىخەتلەرنى ئېسىش ئومۇملاشقان بىر ئادەت. يېقىندىن بۇيان ماشىنىلارغىمۇ ئېسىش ئومۇملىشىۋاتىدۇ .
مەسىلىنىڭ ماھىيتىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا تامغا ئېسىلغان رەسىم ياكى ھۆسنىخەت مەزمۇنى مەلۇم جەھەتتە بىر ئەلدە ياشاۋاتقان كىشىنىڭ كىملىكى، قىممەت قارىشى، ۋە دۇنيا قارىشى قاتارلىق تەرەپلەرنى، شۇنداقلا دىنىي ھەم ئەدەبىي تەۋەججۇھىنى ۋە كەلگۈسىگە قارىتا ئىنتىلىشىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان رەمزىلەرگە ئايلىنىپ قالدى ۋە شۇ ئاساستا ھەر مىللەت ئۆزىنىڭ ئېتىقادى، تارىخى، ئەنئەنىسىگە ماس نەرسىلەرنى ئاسىدىغان بولدى.
ئەمدى ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن شەرئى جەھەتتىكى قاراشلىرىغا قاراپ باقايلى :
ئۇلارغا بېرىلىدىغان جاۋاب شۇكى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆي كۆچكەندە ياكى بۇ نەرسىلەرنى يۆتكىگەندە ئۆز لايىقىدا ئورۇندا قويۇپ يۆتكەش، گۇناھ-مەسىيەتلەر بولىدىغان جايلارغا قويماسلىققا دىققەت قىلىش تەبىئىيلا مەسىلىنىڭ مەكروھلۇق ھۆكمىنى ئېلىپ تاشلاپ ئەسلىدىكى مۇباھلىق ھۆكمىنى كۈچكە ئېگە قىلىۋېرىدۇ .
2. بىدئەت دەپ قارىغان ئالىملار: بۇ ئىشنى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىلمىغان، قۇرئان بولسا تاملارغا ئېسىپ قويۇش ئۈچۈن ئەمەس، ئوقۇپ ئەمەل قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان، قۇرئان ئايەتلىرىنى زىبۇ-زىننەت قاتارىدا ئۆي بېزەشكە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ئايەتلەر ئېسىلغان جايلاردا گۇناھ-مەسىيەتلەر قىلىنىسا، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلغانلىق بولىدۇ، بۇ تۈرلۈك جازىلارنىڭ باھاسى يۇقىرى بولسا، بۇ ئىسراپ دائىرىسىگە كىرىدۇ، دەپ قارايدۇ.
بۇلارغىمۇ ئالدىنقى قاراشتىكىلەرگە بېرىلگەن جاۋابنى بىرىش بىلەن بىرگە قوشۇمچە بېرىلىدىغان جاۋاب شۇكى، پەيغەمبەر دەۋرىدە بولمىغانلىكى ھەر قانداق ئىشنىڭ كىيىنكى دەۋىردە قىلىنىشىنىڭ ھەممىسى مۇتلەق ھالدا مەسىلىنىڭ بىدئەتلىكىنى ئۇقتۇرۇپ بەرمەيدۇ: مىسالغا ئالساق: مەسىلەن پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كىتاب قىلىپ توپلىمىغان قۇرئاننى ساھابىلەر توپلىغان، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېزىپ قالدۇرمىغان ھەم توپلىمىغان ھەدىسلەرنى ساھابىلەر توپلىغان ۋە يېزىپ قالدۇرغان، جۈمە كۈنى بىرىنچى ئەزاننى ئارتۇق پەيدا قىلغان، بۇلار بىدئەت ھېسابلانمىغان، چۈنكى بۇ ئايرىم بىر ئىبادەت پەيدا قىلغانلىق بولماستىن ئەسلى بار ئىبادەتنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇشقا پايدىلىق ئىشلار دەپ قارالغان، ھەمدە بۇ ئىشلار قۇرئاننىڭ زايا بولماسلىقى ۋە ئاۋامنىڭ جۈمەگە ئۈلگۈرەلىشى ئۈچۈن قىلىنغان ۋەسىلە خاراكتىرلىك ئىشلار. ئەگەردە تاملارغا ئايەتلەرنى ئېسىشنى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم قىلمىغان دەپلا چەكلەيدىغان بولساق، ئۇنداقتا بىر كىتاب قىلىپ جەملەنگەن قۇرئاننى ئوقۇشىمىز، بېسىپ تارقىتىشىمىز، يېنىمىزدا كۆتۈرۈپ مېڭىشىمىزمۇ بىدئەت بولسا بولاتتى، چۈنكى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم قۇرئاننى ئۇنداق توپلاپ جەملىمىگەن، يېنىدا بىللە ئېلىپ يۈرمىگەن.
3. قۇرئان ئايەتلىرىنى شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرىنى يېزىپ تاملارغا ئېسىش جائىز دەپ قارىغان ئالىملار بۇ ھەقتە چەكلەنگەن بىر ئەھۋال بولمىغاچقا، جائىز دەپ قارايدۇ.
بۇلارنىڭ دەلىلى كۆپ تەرەپلەردىن ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىپ، مەسىلىنىڭ يۈزەكى تەرىپىگىلا قارىماستىن بەلكى مەسىلىنى ماھىيەتلىك كۈزىتىم ئاساسىدا تەھلىل قىلغان بولۇپ بۇلار تۆۋەندىكىچە:
مەسىلەن پەيغەمبەر ھاياتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزگىچە كۆرۈنۈشىگە ھېرىسمەن ئىدى، تەققى-تۇرقى، تاشقى قىياپىتىدە مۇسۇلمان شەخس باشقا مۇشرىك، بۇتپەرەس ياكى ئاتەشپەرەسلەردىن ئايرىلىپ تۇرۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى. مەسىلەن:
نافىئ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مۇشرىكلارغا خىلاپ ئىش قىلىڭلار! ساقاللارنى قويۇۋېتىپ، بۇرۇتلارنى چۈشۈرۈۋېتىڭلار» دېگەن.(سەھىھەين: بۇخارى: 5892-ھەدىس. مۇسلىم: 259-ھەدىس) سەھىھى مۇسلىمدا ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن بىر رىۋايەتتە: «بۇرۇتلارنى چۈشۈرىۋېتىپ، ساقاللارنى قويۇۋېتىڭلار، مەجۇسىلارغا خىلاپ ئىش قىلىڭلار!» دېگەن.
يەنە: شەدداد ئىبنى ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «يەھۇدىيلارغا خىلاپ ئىش قىلىڭلار! چۈنكى ئۇلار كەشلىرىدە ۋە ئۆتۈكلىرىدە ناماز ئوقۇمايدۇ» دېگەن.(ئەبۇ داۋۇد: 652-ھەدىس). ئىبنى ھىببان رىۋايىتىدە: «ناسارالارغىمۇ» دەپ ئارتۇق كەلگەن. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد ئاجىز دەپ قارىمىغان. ئىبنى ھىببان سەھىھ دېگەن.
ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئەبۇ سەلەمە بىلەن سۇلايمان ئىبنى يەسار ئىككىيلەن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «يەھۇد-ناسارالار (چاچ-ساقاللىرىنى) بويىمايدۇ، سىلەر ئۇلارغا خىلاپ ئىش قىلىڭلار» دېگەن.(سەھىھەين: بۇخارى: 5899-ھەدىس. مۇسلىم: 2103-ھەدىس)
بۇنىڭدىن باشقا: ئاشۇرا روزىسىنى تۇتۇشتا يەھۇدىيلارغا ئوخشاپ قالماسلىق ئۈچۈن بىر كۈن قېتىپ روزا تۇتۇشقا بۇيرۇغان.
ئومۇمەن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش-ئىزلىرىدا مانا مۇشۇنىڭدەك غەيرى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاپ قالماسلىق ئۈچۈن ئىبادەتتە بولسۇن، تەققى-تۇرقى ۋە قىياپەتتە بولسۇن ئۆزگىچە ئىش تۇتقان ئەھۋاللار كۆپ.
ئەمدى نۆۋەتتە مۇشۇ قاراشنى تۇتقا قىلغىنىمىزدا بىزنىڭ تەھلىلىمىز تۆۋەندىكىچە:
ئۈچىنچى قاراشىتىكىلەرنىڭ جاۋابىغا ئاساسەن ئادەتتىكى ئىسلام ئەللىرىگە نىسبەتەن جائىز دېگەن قاراش مۇۋاپىق بولسىمۇ، بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا نىسبەتەن بۇنى مۇستەھەب ھەم پايدىلىق ئىش دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى بىز باشقا مىللەتلەر بىلەن بىللە ياشايمىز، ئۆي بېزەكچىلىكتە، يۈرۈش-تۇرۇشىمىزدا، ھېيت-ئايەملىرىمىزدە شۇنداقلا ئايرىلىپ تۇرۇش مۇمكىن بولغان ھەر ساھەدە بىز ئايرىم، ئۆزگىچە، مۇسۇلمانلارغا خاس ئەنئەنە، پۇراق بىلەن كىملىكىمىزنى ئىپادىلەپ تۇرۇشىمىز لازىم.
شۇنىڭدەك يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن قۇرئان ئايەتلىرىنى شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرىنى يېزىپ تاملارغا ئېسىش بىدئەت ھېسابلانمايدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ سۆزىنى ۋە ئىسمىنى ئۇلۇغلاش شۇنداقلا ئەسلىتىش ھېسابلنىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئىسلام تەشۋىقاتى، ئىسلام شوئارى ھەم ئىسلام بەلگىسىدۇر، بۇلۇپمۇ يات مىللەتلەر ئارىسىدا ياشايدىغان مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۆز كىملىكىنىڭ نىشانىسىدۇر.
شۇنداقلا يەنە بۇ ئىسلام بۇيرۇغان ئېنىق بىر كۆرسەتمىگە زىت كەلمەيدۇ، قۇرئان ئايەتلىرىنى قەغەزگە بولسۇن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا تام ۋە باشقا نەرسىلەرگە بولسۇن ئومۇمەن يېزىش، ئوقۇش ۋە ئەسلىتىش بۇيرۇلغان ئىش، ئىسلام روھىغا زىت كەلمەيدىكەن، ئەكسىچە ئىسلام بۇيرۇقىغا مۇۋاپىق كېلىدىكەن بۇ بىدئەت ھېسابلانمايدۇ، ساھابىلارمۇ شۇنداق چۈشىنىپ ئىش قىلغان.
دېمەك ئايەتلەرنى ئائىلىلەرگە ئېسىش قاتارلىق بۇ تۈرلۈك ئىشلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئىتى كۆزدە تۇتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاملارغا ئايەت ئېسىش ئىشلىرى دىنى ماھىيەتتىن ئىشىپ ئادەت دائىرىسىگە كىرىدۇ، ئۇنداق بولىدىكەن بۇنى بىدئەت دېيىشكە بولمايدۇ.
قۇرئاننى ئېسىشنى بىدئەت دەپ چەكلىسەك تاملارغا غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ نەرسىلىرىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدىغانلىقى ئېنىق، شۇنداقلا ئۆيلىرىمىز ياتلارنىڭ ئۆيلىرىدىن، ئىشخانىلىرىمىز ياتلارنىڭ ئىشخانىلىرىدىن، دۇكانلىرىمىز ياتلارنىڭ دۇكانلىرىدىن پەرقلەنمەيدۇ، بۇنداق قىلغاندا بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزگىچە خاراكتىرى يوقۇلۇپ كىملىكى يوق تەمسىز، پۇراقسىز مىللەتكە ئايلىنىپ قالىمىز، پەرزەنتلىرىمىزمۇ قۇرئان ئايەتلىرىنى كۆرۈپ چوڭ بولمايدۇ، تونۇمايدىغان بولىدۇ، چوڭ بولغاندا قۇرئان ئايىتىنى بىر يەردە كۆرسە ياكى قۇرئاننىڭ ئۆزىنى كۆرسە بۇ باشقا بىر مىللەتنىڭ ئادەتتىكى بىر كىتابى ئوخشايدۇ، دەپ چۈشىنىدىغان بولىدۇ.
قۇرئان ئېسىش، قۇرئاننى بايراقلارغا ۋە بەزى شۇئار خاراكتىرلىك لەۋھە قاتارلىق نەرسىلەرگە يېزىش ئىسلام ئەنئەنىسى، مۇسۇلمانلىقنىڭ بەلگىسى ۋە شوئارى، شۇڭا يات مىللەتلەر ئارىسىدا ياشايدىغان مۇسۇلمانلار ئۆزىگە تەۋە نەرسىلەردە داۋاملىق قۇرئان ۋە ئىسلام ئالامەتلىرىنى ئىزھار قىلىپ باشقىلاردىن ئايرىم تۇرۇشى لازىم، خەلىپىلەرمۇ دەسلەپ قىلىپ تىللا ۋە تەڭگە سوقتۇرغاندا تىللاغا سۈرە ئىخلاس ۋە كەلىمەتى شاھادەتنى يازدۇرغان. بەزى خەلىپىلەرنىڭ ئۈزۈكلىرىگە، مۆھۈر-تامغىلىرىغا ئايەتلەر يېزىلغان ئىدى، ھالبۇكى بۇ پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەينەن قىلمىغان ئىش ئىدى، لېكىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ سوقتۇرغان پۇللىرى ئالدىدا ئىسلام دۆلىتىنىڭ پۇلى ئايرىم ئىسلام پۇرىقى بىلەن ئالاھىدە تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلار پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىلمىغان ئىشنى قىلغان، بۇنى بىدئەت دەپ قارىمىغان، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇشرىك ۋە كاپىرلاردىن يۈرۈش-تۇرۇش ۋە شەكىل-قىياپەتتە، ئولتۇرۇپ-قوپۇشتا، ئۆي تۇتۇش ۋە بېزەشتە، شۇنداقلا بارلىق ئىشلىرىدا ئۆزگىچە ۋە ئايرىم بولۇشى مۇسۇلمانلار كىملىكىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر.
ئەلۋەتتە قۇرئاننى خارلايدىغان شەكىلدە ئېسىشقا، دەسسىلىدىغان گىلەم ۋە پالاسلارغا يېزىپ ئۆيلەرگە سېلىشقا، ياستۇق، يوتقان-كۆرپىلەرگە يېزىشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ قۇرئاننى ھاقارەتلەشكە ئېلىپ بارىدۇ، بۇنداق ئەھۋالنىڭ شەكسىز چەكلىنىدىغانلىقى ھەققىدەك ھېچكىم ئىختىلاپ قىلمايدۇ.
شۇڭا بۇ نۇقتىدىن تەكىتلەيدىغىنىمىز شۇكى، مۇسۇلمانلارنىڭ كىملىكىنى ۋە ئۆزگىچىلىكىنى ساقلاپ قېلىشقا پايدىسى بولىدىغان ئادەت ئىشلار بىدئەت بولماي بەلكى مۇستەھەب بولىدۇ، ھەر بىر ئىشقا بىدئەت دەپ ھۆكۈم چىقىرىشقا ئالدىرايدىغانلار مانا مۇشۇنداق ئەھۋاللاردا ئەتراپلىق ئىزدىنىپ قارار چىقىرىشى، ئىبادەت بىلەن ئادەتنى ئايرىشى، نەزەرىيەگىلا قارىماي، ئەتراپقا، ياشاۋاتقان مۇھىتقا، مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارغا، مۇسۇلمانلارنىڭ كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش زۆرۈرلىكى قاتارلىقلارنىمۇ كۆزدە تۇتۇشى لازىم، چۈنكى پەتىۋا بىرىشتە ياشاۋاتقان مۇھىتنى چىقىش قىلىش پەتىۋا چىقىرىشنىڭ ئاساسلىق شەرتلىرىدىن بىرىدۇر.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.
2011-12-3
مەنبە:ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى