باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3267 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئۇيغۇرچە ئىسىمنىڭ ئامېرىكىدىكى كەچۈرمىشلىرى
دوستلىشىش
دانىش
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6374
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 111
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە111دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 1354 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-04
ئاخىرقى: 2012-05-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 12:44

ئۇيغۇرچە ئىسىمنىڭ ئامېرىكىدىكى كەچۈرمىشلىرى

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

“ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار” نىڭ داۋامى
1. ئىسمىمنىڭ ئامېرىكىدىكى پىشكەللىكلىرى
جوڭگۇدا تولا خاتا ياكى چالا يېزىلىپ ئاۋارە قىلغان ئىسىمىم ئامېرىكىغا كېلىپمۇ مېنى خېلى مالال قىلدى. مەكتەپكە كەلسەم ئوقۇغۇچلىق كارتامدىن ئىككىسى چىقىپ قاپتۇ. بىرسى ئاتا-ئانام قويغان ئۇيغۇرچە ئىسمىمغا يەنە بىرى پاسپورتۇمدىكى خەنسۇچە ئىسمىمغا. بۇلارنى چۈشەندۈرۈپ بىردەمدە ئوڭشىۋەتتىم. جۇڭگۇدىكىدەك ئاۋۋال مەھەللە كومىتىتىدىن، ئىدارەمدىن، ساقچىخانىدىن ئىسپات ئالىدىغان ئىشلارنىڭ بىرسىمۇ بولمىدى. كۆڭلۈمنى يېرىم قىلغىنى مەكتەپتىكىلەر كارتامغا ئۇيغۇرچە ئىسمىمنى ئەمەس خەنسۇچە ئىسمىنىڭ پىنيىچە يېزىلىشىنى كومپىيوتىردا بېسىپ بەردى. بۇنى ھەرقانچە چۈشەندۈرسەممۇ “مېنى كەچۈر، مېنىڭمۇ ئۇيغۇرچە ئىسمىڭنى يېزىپ بەرگىم بار. ئۇيغۇرچە ئىسمىڭ ھەم قىسقا، ھەم ئېنگىلىزچىدە تەلەپپۇز قىلىشقا قولاي، ئەمما بىز يەنىلا سېنىڭ پاسپورتۇڭدىكى ئىسمىڭنى ئاساس قىلمىساق بولمايدۇ. چۈنكى بىزنىڭ تونۇيدىغىنىمىز سېنىڭ پاسپورتتىكى كىملىكىڭ” دەپ مۈرىسىنى قىسىپ تۇرۇۋالدى. پاسپورتۇمغا قارىدىم. پاسپورتتىكى جوڭگۇلۇق دېگەن خەت چەتئەللەردە خەنسۇ دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. پاسپورتتىكى ئىسم-پامىلەم خەنسۇلارنىڭ پامىلىسى ئالدىدا ئۆز ئىسمى كەينىدە بولىدىغان قائىدىسى بويىچە يېزىلغان ئېدى. ئەسلى كىملىكىمدە دادامنىڭ ئىسمى ئۆز ئىسمىمنىڭ كەينىدە بولغاچقا بۇنى خەنسۇلارنىڭ پامىلە+ئىسىم قائىدىسىگە سالسا ئۆزەمنىڭ ئىسمى پامىلەم دادامنىڭ ئىسمى مېنىڭ ئىسمىم بولۇپ قالاتتى. مەندەك ئەرلەرگىغۇ مەيلى قىز-ئاياللارغا بۇ تولىمۇ بىئەپ بولاتتى. يەنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئىسمى پامىلىسى، دادىسىنىڭ ئىسمى ئۆز ئىسمى بولۇپ قالاتتى. بۇنداق بولغاندا قىز بالىغا دادىسىنىڭ يەنى ئەركىشىنىڭ ئىسمى قويۇلۇپ قالاتتى. خەنسۇلارنىڭ پامىلە+ئىسىم قائىدىسى بويىچە بىجىرىلگەن پاسپورتۇمغا ئاساسلانغاندا مەن ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئامالسىز ئېدىم. ئېنگىلىز تىلىدا چاينىيىز (جوڭگۇلۇق) دېگەن خەنسۇ ۋە خەنسۇچە دېگەن ئىككى مەنىدە كېلەتتى. شۇ سەۋەپتىن جوڭگۇلۇق دېسىلا چەتئەلىكلەر ھەممىمىزنىڭ مىللىتىنى خەنسۇ، تىلىنى خەنسۇچە دەپ چۈشىنەتتى. شۇڭا ھەرەمگە بارغان بىر قىسىم ھاجىلارنىڭ “ئەرەبىستاندا خەنسۇچە بىلمەيمەن دېسەك جوڭگۇلۇق تۇرۇپ خەنسۇچە بىلمەمسەن دەپ بەك ھەيران قالىدىكەن” دېيىشكىنى بەرھەق. چۈنكى سەئۇدىلىق ئەرەبلەرنىڭ تىلىدا ۋە نەزىرىدە سىنىي (جوڭگۇلۇق) دېگەن بۇ سۆز ھەم خەنسۇ ھەمدە خەنسۇچە دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. خەنسۇچە ئۇقمايمەن، دېگەنلىك ئەرەبلەرگە “مېنىڭ تىلىم يوق” دېگەندەكلا بىلىنىدۇ. بۇ شۇندقكەن، ئەرەبلەر ھەيران قالسا ئەمەس، ھەيران قالمىسا ئەجەبلەنسەك بولىدۇ. مەن ئامېرىكىدا تۇرۇش جەريانىدا شۇنى چوڭقۇر ھىس قىلدىمكى، بىز چەتئەلدە جوڭگۇدىكى ئايرىم مىللەتلىك ئورنىمىزنى ھەرقانچە تونۇشتۇرساقمۇ، خەقنىڭ تىلىدا جوڭگۇلۇق دېگەن سۆزنىڭ خەنسۇ ۋە خەنسۇچە دېگەن مەنىسى بولغاچقا ئۇقۇشماسلىق يۈز بېرىپ قالىدىكەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ تىلىدا جوڭگۇلۇق بىلەن خەنسۇچە دېگەن بىر سۆزدە! بۇنى ھەرقانچە چۈشەندۈرسىڭىزمۇ رۇس، ئەرەب، پارىس، ئېنگىلىز…قاتارلىق تىللاردا جوڭگۇلۇق دېگەن سۆز خەنسۇ ۋە خەنسۇ تىلى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
پاسپورتۇمدىكى ئۇچۇر بويىچە مەن خەنسۇ، تىلىم خەنسۇچە ئېدى، ئۇنىڭدا مېنىڭ ئۇيغۇرلۇقۇمغا دائىر ھىچقانداق ئۇچۇر يېزىلمىغان ئېدى. ئىسمىم خەنسۇچە ۋە پىيىنچە ئىككى خىل يېزىلغان. ئاتا-ئانام ۋە باشقا ماڭا مېھىرلىكلىرىم سۆيۈپ سۆيۈنۈپ تۇرۇپ چاقىرىدىغان بىر چىرايلىق، ئىخچام ئۇيغۇرچە ئىسمىم يېزىلمىغان ئېدى. جوڭگۇدا ئىشلەتكەن كىملىكىمدە ئۇيغۇرچە ئىسمىم بار، لېكىن مەيلى بانكىدا، دوختۇرخانىدا، سوتتا، پوچتىدا، ساقچىدا … ئىش قىلىپ ھىچ يەردە بۇ ئىسمىم قوللۇنۇلمايتتى، ئۇنى ھىچ بىر گرافىگە، جەدىۋەلگە، كىنىشكىگە تولدۇرۇپ باقمىغان ئېدىم. ئۇنىڭ كىملىك كارتامنى بېزەشتىن باشقا زادى نېمە رولى بارلىقىنى بەلكىم تارقاتقانلارمۇ ئېيتىپ بېرەلمەسلىكى مۇمكىن.
تۇنجى مەۋسۈم ئاخىرىدا بىر دەرستىن نەتىجەم يوق چىقىپ قاپتۇ. سەۋەبىنى سورۇسام دەرسكە كەلگەن ۋە ئىمتىھان بەرگەنلەر قاتارىدا ئىسمىم يوق بولغانلىقتىن ئىكەن. مۇئەللىم بىلەن كۆرۈشتۈم، يەنە شۇ ئىسمىمنىڭ چاتىقى. مەن دەرسكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئىمزا قويىدىغان يوقلىمىغا ئىمزا قويغاندا، ئىمتىھاندا ئىسمىمنى يازغاندا ئۇيغۇرچە ئىسمىمنى يېزىپتىمەن. مەكتەپنىڭ نەتىجە توشقۇزىدىغان سېستىمىسى مېنىڭ خەنسۇچە پىيىن بىلەن يېزىلغان ئايىپۇ دېگەن خەنسۇچە ئىسمىمنى، ئابۇدۇۋەيلى دېگەن خەنسۇچە پامىلەمنىلا تونۇيدىكەن. ئۇيغۇرچە ئىسمىم پاسپورتۇمدا يوق بولغاچقا تونۇمايدىكەن. شۇندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلىرىم ئارىسىدا ئىسمىمنىڭ پىشكەللىكلىرى قىزىقارلىق پاراڭ تېمىسىغا ئايلاندى ۋە ھەرقانداق چاغدا ئۇيغۇرچە ئىسمىمنى يازسام ئۆزلىرى تېپىپ توغرىلىۋالىدىغان بولۇشتى. ئامېرىكىدا ئوقۇغان ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئىسمىمنى جاھىللارچە ئۇيغۇرچە يازدىم. بۇ جاھىللىقىم ۋە يۇقارقى ۋەقە سەۋەبلىك ئوقۇتقۇچىلىرىممۇ ئىسمىمدىكى سىر ئەسرارلاردىن خەۋەر تېپىپ ئۇيغۇرلۇق كىملىكىمنى بىلىشكە قىزىقىدىغانلار كۆپەيدى. ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان مەۋسۈمدە بىر مۇئەللىم ئۇيغۇرچىنى تىلشۇناسلىق مىتودلىرى دېگەن دەرسىنىڭ تەتقىقىقات ئوبىكتى قىلىپ تاللىدى. مەن شۇ ئوقۇتقۇچىغا ھەمكارلىشىپ بىر مەۋسۈم بەش ئوقۇغۇچىغا ئۇيغۇرچە دەرس بەردىم. شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى ھازىر ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا قىزىقىپ ئىزچىل ئۇيغۇرچە ئۆگنىۋاتىدۇ. شۇڭا ئىسمىمنىڭ ئامېرىكىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى پۈتۈنلەي پاجىيەلىك بولدى دېيەلمەيمەن. ئىسمىمدىكى خاتالىقلارنى ئاقلاش، ئاتا-ئانام قويغان ئۇيغۇرچە ئىسمىمنى جاھىللارچە قوللۇنۇش ۋە قوغۇداش ئارقىلىق ئۆزۈمنى ۋە ئۆزۈم تەۋە توپنى بىلدۈرۈش، ئىتىراپ قىلغۇزۇش مەقسىدىگە يەتتىم.
2. ئۇيغۇر ئىسىملىرىنىڭ ئامېرىكىچە ھىكايىسى
بىر دوستۇم ئايالىنىڭ ئاي كۈنى يېقىنلاشقانلىقىنى دېگەندەك قىلغان. بىر كۈنى تېلىپۇن قىلسام كۆزەيگەنلىك خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزدى. ئادىتىم بويىچە ئىسمىنى سورۇسام شىرىن قويۇپتۇ. يا شىرىنئاي ئەمەس، يا شىرىنگۈل ئەمەس شىرىنلا ئىكەن.
-بۇ ئىسىمنىڭ بىر يېرى كەممۇ نېمە؟ دېدىم قىزىقسىنىپ.
-ئاچىسى مۇشۇنداق بولسۇن دەپ تۇرۇۋالدى. ئۇيغۇرچە ئىسىم قويايمۇ دېگەن لېكىن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئاغزى كەلمەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن قىزىمنىڭ باشقا ئامېرىكىلىقلاردىن ئىسمى سەۋەبلىك بەك پەرقلىنىپ قېلىشىنى، ئامېركىلىقلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى باشقا پىلانىتتىن كەلگەندەك يات ھىس قىلىشىنى خالىمىدىم، ئۆزەڭ بىلىسەن جوڭگۇدا ئىسمىمىز سەۋەبلىك نېمە ئاۋارىچىلىقلارنى تارتمىدۇق، دەپ قالدى. ئۇنىڭ بىلەن تالىشىشنى خالىمىدىم. ئەمەلىيەتتە يىلىغا مىليۇنلاپ كۆچمەنگە ماكان بولۇۋاتقان ئامېرىكىدا تەلەپپۇزى ئېنگىلىز تىللىق ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئاغزىغا كەلمەيدىغان ئىسىم قۇمدەك ئېدى. شۇلارنىڭ ھىچ قايسى ئۆزىنى تاشقى پىلانىتىدىن كەلگەندەك ھىس قىلماي ئۇشبۇ ئاغىنەمنىڭ قىزى شۇنداق ئويلاپ قالارمۇ؟ ئامېرىكىدا ئىسىم سەۋەبلىك ھىچ كىم كېلىشمەسلىكلەرگە ئۇچرىمايدىغان تۇرسا ئۇنىڭ قىزى دىشۋارغا قالارمۇ؟ جوڭگۇدا ئۆزى تارتقان مالاللىق سەۋەبلىك ئامېرىكىدا تۇغۇلغان قىزىغا ئامېرىكىلىققا ياقىدىغان ئىسىم قويىمەن دېگەن قانداق گەپ؟ ئاللىقاچان قويۇلۇپ بولغان ئىسىم، پۈتۈن ئائىلە كىشىلىرى بىرلىككە كەلگەن ئاتقا باشقا گەپ قىلمىدىم. … ئۇلارنىڭ تېنى چەتئەلدە بولغان بىلەن مىجەز خۇلقى، تەپەككۇرى ئاللىقاجوڭگۇچىلىشىپ بولغان. ئۇيغۇرلار جوڭگۇدا دۇچ كېلىۋاتقان ئىسىم دىشۋارچىلىقى سەۋەبىدىن ۋەتەندىكى بەزەنلەردە خەنسۇچىغا ماسلاشتۇرىمىز دەپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇشتىن بۇرۇن خەنسۇچىسىنى ئاۋۋال ئويلىشىدىغان، خەنسۇچە خەت سانى قىسقا بولغان ئىسىملارنى ئويلىشىدىغان، خەنسۇلارغا چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان ئىسىملارنى ئويلىشىدىغان، نوپۇسقا ئولتۇرغۇزغاندا ئۇزۇن بولۇپ كېتىشتىن قورقۇپ ئۆز ئىسمىنى پەرزەنتىنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە قوشۇپ يازمايدىغان، ئاتا بوۋىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئۇزۇن كۆرۈپ بالىلىرىغا قويمايدىغان ئىشلار بارغانچە كۆپىيىپ كېتىۋاتاتمامدۇ؟ ئەگەر مۇشۇلارنى ئامېرىكىغا چىقىرىپ قويسا جوڭگۇدىكى قىلىقلىرىنى داۋام قىلماي قالامدۇ؟
بۇ ئىشتىن كېيىن ئۆزۈم ئۈلپەت بولغان ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىغا قانداق ئىسىم قويغانلىقىغا دىققەت قىلدىم. ۋەتەندە تۇغۇلغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسىملىرى ئاساسەن بىزدىكى بىلەن ئوخشاش ئىكەن. مەن كۆرگەن ئامېرىكىدا تۇغۇلغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسمى بىر بولسا بەك قىسقا، يەنە بىر بولسا ئۇيغۇرچە تەلەپپۇزى ئىسپانچە ياكى باشقا ياۋرۇپا تىللىرىغا يېقىنراق ئىسىملاردىن تاللىنىپتۇ. مەسىلەن، بىر دوستىمىزنىڭ قىزىنىڭ ئىسمى رەنا بولۇپ ئىسپانچە خانىش دېگەن مەنىدە ئىكەن، يەنە بىرىنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى بەيكىر ئىكەن، ئېنگىلىزچە مەنىسى ناۋاي. ئاتىسىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە بۇ ئىسىم ئۇيغۇرچىدىكى بەكرى دېگەن ئىسىمغا يېقىنكەن. بىر دوستىمىزنىڭ بالىسىنىڭ ئىسمى يۈسۈپ ئىكەن. مەن بىر قانچە قېتىم ئۇيغۇرچىلاپ يۈسۈپجان دەپ تاشلىغىنىمدا ئاتايىن تۈزۈتىش بەردى. سەۋەبىنى سورۇمىدىم، پەرىزىمچە يۈسۈپ دېگەن ئىسىم ئەسلى ئىبرايچە (يەھۇدىچە) ئىسىم بولۇپ ئامېرىكىدا خېلى كەڭرى قوللۇنىلىدۇ، ئەمما ئېنگىلىزچىدە جوسىپ ئېيتىلىدۇ. يۈسۈپجان دەپ قويسام جوسىپ دېگەن ئېنگىلىزچە تەلەپپۇزىدىن يىراقلاپ كېتىدۇ. دوستىمىزنىڭ قەلبىدىكى مېنى يۈسۈپجان دېگۈزمەيۋاتقان سەۋەپ بالىسىنىڭ يۈسۈپجان ئىسىملىك ئۇيغۇر ئەمەس جوسىپ ئىسىملىك ئامېرىكىلىق بولۇشىغا بولغان مايىللىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
مەنبە: www.gulenblog.com
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+3(general) ئەھمىيەتلىك ..
  • دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9016
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 9
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە9دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 120 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-09-20
    ئاخىرقى: 2012-04-18

    بۇ يازما بولىدىكەن، لىكىن گۇلېن دىگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى نىمە؟ خەنسۇچىدىكى 古林 قەدىمى ئورمان دىگەن مەنىدىما؟
    anisa
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9882
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 14
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە14دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 140 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-12-02
    ئاخىرقى: 2011-12-11
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 17:13

    بىز نەگىلا بارمايلى كىملىكىمىزنى ،ئېتقادىمىزنى تاشلىمايلى
    دوستلىشىش
    بەگزات
    يولۋاس ئىزىدىن قايتماس ، يىگىت سۆزىدىن يانماس !!!
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8912
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 22
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە22دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 210 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-09-10
    ئاخىرقى: 2012-05-05
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 17:46

    مۇشۇنداق يوسۇندىكى جاھىللىق ھەقىقەتەن تەرىپلەشكە ئەرزىگۈدەك جاھىللىق مانا !
    سىزدىن ئەجەب سۆيۈنۈپ كەتتىم قېرىندىشىم ، ئاللاھ بارلىق ئىشلىرىڭىزنى قولاي قىلغاي !!!
    بەگزات
    دوستلىشىش
    تاھىربەگ
    تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
    دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 11
    ئومۇمىي يازما: 2471
    ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2471دانە
    ئۆسۈش: 5440 %
    مۇنبەر پۇلى: 30391 سوم
    تۆھپىسى: 179 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-06-06
    ئاخىرقى: 2012-05-10
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 17:49

    گۈلەن_ كۈلگەن   شۇنداققۇ دەيمەن؟
    ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9904
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 34
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە34دانە
    ئۆسۈش: 120 %
    مۇنبەر پۇلى: 383 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-12-04
    ئاخىرقى: 2012-03-21
    5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 17:53

    گۈلەن بلوگى نورمال ئېچىلمىدىغۇ! خەتلرى چاپاق!
    بەك ياخشى ئەسەرلەرنى يازاتتى! ھەي!!!
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4214
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 175
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە175دانە
    ئۆسۈش: 270 %
    مۇنبەر پۇلى: 1146 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-12-03
    ئاخىرقى: 2012-05-06
    6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 19:28

        مۇشۇنداق ئۆز ئىسمىغا سادىق كىشىلەر بولغاشقىلا بۇ تىل بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ قالغان .
    دوستلىشىش
    ئۆزئۇيغۇر
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8994
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 121
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە121دانە
    ئۆسۈش: 80 %
    مۇنبەر پۇلى: 1230 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-09-18
    ئاخىرقى: 2012-05-06
    7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-05 00:21

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى barimtay نىڭ 2011-12-04 16:55 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
    بۇ يازما بولىدىكەن، لىكىن گۇلېن دىگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى نىمە؟ خەنسۇچىدىكى 古林 قەدىمى ئورمان دىگەن مەنىدىما؟

    تۈركچە  گۈلەن= كۈلگەن   دىگەن گەپ.
    باتۇر بىر قېتىم ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق كۈندە ئۆلىدۇ.
    دەرىجە: چولپان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6689
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 1
    ئومۇمىي يازما: 758
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە758دانە
    ئۆسۈش: 6940 %
    مۇنبەر پۇلى: 12657 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-03-24
    ئاخىرقى: 2012-05-10
    8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-05 02:11

        مېنىڭ ھەر خىل بانا، سەۋەپلەر بىلەن ئىسمىنى ياكى باشقا قىياپەتلىرىنى ئۆزگەرتىدىغان ئاشۇنداق كىشىلەرگە پەقەتلا ياخشى گېپىم يوق. مەمەتنى مايكىل، جاپپارنى جېكسون، ئابدۇللانى، ئىبراھىمنى ئاپو دەيدىغان ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىسمىنى قويىدىغان ياكى يۇقارقىلاردەك ئوخشۇتۇپ، يېقىنلاشتۇرۇپ، مايىللاشتۇرىدىغانلار بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى ئەڭ خەتەرلىك ئادەملەر دەپ قارايمەن.
    ھەقىقى دوستۇ سادىق گەر زەھەر سۇنسا شېكەر دەپ بىل،
    مەگەر دۈشمەن ساڭا ئەپلەپ شەكەر سۇنسا زەھەر دەپ بىل.
    زىيان يەتكۈزسە دوستۇڭ پايدا دەپ بىل كۆڭلى تۈز بولغاچ،
    شۇنىڭدەك دۈشمىنىڭ گەر پايدا يەتكۈزسە زەھەر دەپ بىل.
    ...
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9916
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 3
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 30 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-12-05
    ئاخىرقى: 2011-12-05
    9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-05 02:29

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى alkan نىڭ 2011-12-04 17:53 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
    گۈلەن بلوگى نورمال ئېچىلمىدىغۇ! خەتلرى چاپاق!
    بەك ياخشى ئەسەرلەرنى يازاتتى! ھەي!!!



    نۇرمال ئېچىلىۋاتىدۇ مەندە