باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1031 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: «خېيىم-خەتەرگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ قۇتقۇزماسلىق» جىنايىتى
ھايات -كۆرەش،پۇرسەت،نەتىجە دىمەكتۇر.
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 191
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 832
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە832دانە
ئۆسۈش: 2402 %
مۇنبەر پۇلى: 8371 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-01-05
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 11:59

«خېيىم-خەتەرگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ قۇتقۇزماسلىق» جىنايىتى

پۈتۈن تور ئەھلىنى ھەيران قالدۇرغان ۋە غەزەپلەندۈرگەن نارسىدە قىز يۆيۆ پاجىئەسى ۋە بىر چەتئەللىك قىزچاقنىڭ 70 ياشلىق جوڭگۇلۇق ياشانغان بۇۋاينىڭ يولدا يېقىلىپ چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ يۆلەپ سۇ بەرگەنلىكى 21-ئەسىردىكى جوڭگولۇقلارنىڭ ساپاسىنى، ئاممىۋى ئەخلاق قارىشى ۋە كىشىلىك قەدىر- قىممىتىنى ئاشكارىلاپ قويدى. بۇنىڭغا ئوخشاش ئەخلاققا زىت قىلمىشلارنى قانۇن ئارقىلىق تۈزەش چەتئەللەردە ئاللىقاچان يولغا قويۇلغان ئىكەن. قېنى چەتئەللەردە قانداق جازا بېرىلىدىكەن قاراپ باقايلى، بۇ ھەقتە جوڭگۇلۇقلارنى قايتا ئويغا سالامدۇ قانداق؟

ئامېرىكىدا:ئامېرىكىنىڭ ئىككى قانۇنىدا كىشىلەرنى باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق، دەپ بىلىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە تەلەپ قىلىدۇ، بۇ قانۇنلار «قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيىتى قانۇنى» ۋە «ساۋابلىق ئىش قانۇنى»دىن ئىبارەت. مىنىسودا ئىشتاتىدا «خەتەر ئىچىدە قالغانلارنى قۇتقۇزماسلىق» جىنايى ئىشلار قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئەگەر نەق مەيداندا تۇرۇپ مۇۋاپىق ياردەم بەرمىسە، جىنايەت قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىدىكەن.

فىرانسىيەدە: فىرانسىيەنىڭ 1994-يىلى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «فىرانسىيە قانۇن مەجمۇئەسى» گە يېڭىدىن «ھۇرۇنلۇق قىلىپ قۇتقۇزماسلىق جىنايىتى» قوشۇلغان، ئەگەر قەستەن قۇتقۇزمىسا، بەش يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، 500مىڭ فىرانك جەرىمانە قويۇلىدىكەن.

گېرمانىيە، كۇۋەيت، شېۋىتسىيە، ئىسپانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىدىمۇ قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ خەتەردە قالغانلارنى قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت قانۇنىي مەسئۇلىيىتى بارلىقى بەلگىلەنگەن.

مەنبە: http://www.uycnr.com/fw/201111/t20111118_163701.html
پۇرسەت سىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ، لىكىن پۇرسەت سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا پەرۋانىدەك چۆرگۈلەپ تۇرىدۇ، گەپ سىزنىڭ بايقشىڭىزدا. تىرىشچانلىق، سەمىمىيلىك، ئىشەنچ سىزگە بايلىق ئاتا قىلىدۇ. كۈنىڭىز مەنىلىك، ئەھمىەتلىك،خوشال ئۆتىدۇ.