查看完整版本: [-- «خېيىم-خەتەرگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ قۇتقۇزماسلىق» جىنايىتى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> قانۇندىن مەسلىھەت -> «خېيىم-خەتەرگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ قۇتقۇزماسلىق» جىنايىتى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

almiliq 2011-12-04 11:59
پۈتۈن تور ئەھلىنى ھەيران قالدۇرغان ۋە غەزەپلەندۈرگەن نارسىدە قىز يۆيۆ پاجىئەسى ۋە بىر چەتئەللىك قىزچاقنىڭ 70 ياشلىق جوڭگۇلۇق ياشانغان بۇۋاينىڭ يولدا يېقىلىپ چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ يۆلەپ سۇ بەرگەنلىكى 21-ئەسىردىكى جوڭگولۇقلارنىڭ ساپاسىنى، ئاممىۋى ئەخلاق قارىشى ۋە كىشىلىك قەدىر- قىممىتىنى ئاشكارىلاپ قويدى. بۇنىڭغا ئوخشاش ئەخلاققا زىت قىلمىشلارنى قانۇن ئارقىلىق تۈزەش چەتئەللەردە ئاللىقاچان يولغا قويۇلغان ئىكەن. قېنى چەتئەللەردە قانداق جازا بېرىلىدىكەن قاراپ باقايلى، بۇ ھەقتە جوڭگۇلۇقلارنى قايتا ئويغا سالامدۇ قانداق؟

ئامېرىكىدا:ئامېرىكىنىڭ ئىككى قانۇنىدا كىشىلەرنى باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق، دەپ بىلىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە تەلەپ قىلىدۇ، بۇ قانۇنلار «قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيىتى قانۇنى» ۋە «ساۋابلىق ئىش قانۇنى»دىن ئىبارەت. مىنىسودا ئىشتاتىدا «خەتەر ئىچىدە قالغانلارنى قۇتقۇزماسلىق» جىنايى ئىشلار قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئەگەر نەق مەيداندا تۇرۇپ مۇۋاپىق ياردەم بەرمىسە، جىنايەت قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىدىكەن.

فىرانسىيەدە: فىرانسىيەنىڭ 1994-يىلى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «فىرانسىيە قانۇن مەجمۇئەسى» گە يېڭىدىن «ھۇرۇنلۇق قىلىپ قۇتقۇزماسلىق جىنايىتى» قوشۇلغان، ئەگەر قەستەن قۇتقۇزمىسا، بەش يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، 500مىڭ فىرانك جەرىمانە قويۇلىدىكەن.

گېرمانىيە، كۇۋەيت، شېۋىتسىيە، ئىسپانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىدىمۇ قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ خەتەردە قالغانلارنى قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت قانۇنىي مەسئۇلىيىتى بارلىقى بەلگىلەنگەن.

مەنبە: http://www.uycnr.com/fw/201111/t20111118_163701.html

رەسسام 2011-12-04 13:28
ئەگەر سىز باشقىلارنى قۇتقۇزۇش يۇلىدا قۇربان بۇلسىڭىز ياقى ئىغىر يارلانسىڭىز سىزنىڭ ياردىمىڭىزدىن بەھىرلەنگۇچى چۇقۇم سىزگە تۇلەم بىرىشى كىرەك بەرمىسە دەۋالاشسىڭىز قانۇن قۇللايدۇ،،!!!!!!!!!!!!

zero903 2011-12-04 17:08
ھازىر كۈندە ئەڭ گۈزەك جۇڭگۇلۇق دەپ كۆرسۈتۈپ كېتىپ باردىغۇ..نارسىدە قىز يۆيۆ ھازىر چەتئەل ئېنتېرنىتلىرىدا تارقىلىپ فاسىبوك  گوگول  يوتوبىلادا  چېكىلىشدا  رىكىرۇت ياراتتى.  


查看完整版本: [-- «خېيىم-خەتەرگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ قۇتقۇزماسلىق» جىنايىتى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.052788 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us