دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دەۋەتچى كىم؟
ئۇشبۇ ۋەقەنى ماڭا شەيخ جەلىل سادىق ئېيتىپ بەرگەنىدى. شەيخ بىر كۈنى مەندىن سوراپ قالدى: «دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دەۋەتچىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن؟»
مەن «ھە، ئۇ ئىيسا ئىبنى مەريەمدۇر» دېدىم. شەيخ «ياق، مەن زامانىمىزدىكىنى سوراۋاتىمەن» دېدى. مەن قىزىقىپ قالدىم، -«خوش، كىم ئىكەن ئۇ؟» شەيخ «ئۇنداق بولسا قۇلاق سال» دېدى-دە ھېكايىسىنى باشلىدى:
مېنىڭ بىر قېرىندىشىم بار، ئاللاھ دۇنيا ئىشىكلىرىنى ئۇنىڭغا كەڭ ئېچىپ قويغان، مال-دۆلەت دېگەنلەر ئېقىپ كەلگەن، ئادەملەر ئارىسىدا بايلىقى تۈپەيلى چوڭ ئابروي، ئېتىۋار تاپقان. ھەممە نەرسىدە ئامىتى كەلگەن، پەقەت ئاللاھ بىلەن بولغان ئالاقىسىدىلا ئامەتسىزدۇر. ئۇ ئۇ زاتتىن ئۇمۇمەن ئۈزۈلگەن. نامازنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، گەرچە ساق-سالامەت جىسىم ۋە مول رىزىق ئىگىسى بولغىنىغا قارىماستىن، مەسچىد ئىشىكىنى قېقىشنى خىيالىغا ھەم كەلتۈرمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھ ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل پەرزەنت ئاتا ئەتكەن.
بالا ئەمدىلا ئالتە ياشقا كىرە-كىرمىگەن، مەكتەپكە ھەم بارمىغان. ئەمما شۇ يېشىدا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدا كۆپ باشقا بالىلاردىن پەرىقلىق رەۋىشتە كۆركەملىك، ئەقلۇ –زەكاۋەت(زېرەكلىك)، پاساھەت ۋە ھايا ئەدەپنى جەملەپ قويغان.
بىر كۈنى ئۇ دادىسىنىڭ ئالدىغا كىرىپ كەلدى. دادىنىڭ قولىدا تېلىۋىزورنىڭ تىزگىنىكى، ئۇ قانالدىن بۇ قانالغا ئايلاندۇرۇپ ئولتۇراتتى. تېلىۋىزور ئالدىدا كۆپ ئولتۇرغىنىدىن كۆزلىرى تالغان، چارچىغان خىياللىرى ھەم چېچىلغان پەرىشان ھالەت. كىرگىنىدە بالىنىڭ يۈزلىرى ھۆل، چاچلىرىدىن سۇ تامچىلاپ تۇراتتى. كىچىك قوللىرى يەڭلىرى تۈرۈلگەن، ئۇلاردى ھەم سۇ تېمىپ تۇراتتى. ئۇ كەلدى-دە دادىسىنىڭ ئالدىدا توختاپ، ئۇنىڭغا بالىلارچە تىكىلدى. بېقىشىدا دادىسىغا نىسبەتەن نارازىلىق ئالامىتى يۈزىدىن بىلىنىپ تۇراتتى. دادىسى ئۇنىڭغا قاراپ:« ئېي سالامەت بولسۇنلەر، شۇ كېتىشلىرىدە خۇدا خالىسا قەيەرگە يول ئالدى ئەمدى؟» دېدى چاقچاق ئارىلاش ئاھاڭدا. شۇندا بالا ئۆزىنىڭ چۈچۈك تىلىدا سۆزلەشكە باشلىدى:
«مەن مەسچىدكە كېتىۋاتىمەن ناماز ئوقۇغىلى، نامازخانلار بىلەن، مەن سىزگە ئوخشاش يەھۇدى ئەمەسمەن، سىزچۇ دادىجان يەھۇدى سىز، نامازنى خۇش كۆرمەيسىز.»
دادىدىن سوغوق تەر چىقىپ كەتتى، «بالام، بۇ نېمە دېگىنىڭ؟» دېدى ئۆزىنى يوقىتىپ قويغان ئەلپازدا. «ھە توغرا...» دېدى دە ئۆرىلىپ چىقىپ كەتتى. دادا گاڭگىرىغىنىچە شۇ ھالىدا كىچىككىنە گۆدەك ئوغلى يۈزىگە چۈشۈرۈپ كەتكەن ئىمانى زەربىلەرنىڭ تەسىرىدىن ئۆزىگە كېلەلمەي بىر ھازا ئولتۇرۇپ قالدى. گاڭگىرىغان ھالدا ئۆي ئىچىدە تەمتىرەپ يۈردى. كېيىن سەبىرسىزلىك بىلەن ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتۈشكە باشلىدى. بىردەمدىن كېيىن ئىشىك ئاستا ئېچىلدىدە بالا كىرىپ كەلدى.
«نېمىگە كەچ قېلىپ يۈرۈپسەن؟»
«ئېيتتىمغۇ دادا، ئادەملەر بىلەن ناماز ئوقۇغىلى بارىمەن دەپ.»
دادىسى قەسەم ئىچىپ ئېيتىدۇكى، ئاللاھ بۇ بالىنى قانداقتۇر ھىمايە قىلىپ توسۇپ تۇرار ئىدى. شۇنداق قاتتىق قول ھەم ئاچچىقى يامان بولىشىغا قارىماي ئۇنىڭغا قاتتىق يامان مۇئامىلە قىلىشقا ياكى قول كۆتۈرۈشكە ياكى ئورۇشقا جۈرئەت قىلالماس ئىدى.
ئاتا گاڭگىراپ يۈرگەنلىرىدە يەنە بىر ئىش يۈز بەردى. بىر كۈنى كوچىغا ئوينىغىلى چىقىپ كەتكەن بالا كەچ قالدى. ئەنسىرەشكە باشلىغان دادا، ئەمدىلا كوچىغا ئىزدىگىلى چىقماقچى ئىدىكى، ئىشىك غىچىلداپ ئېچىلدى. «قەيەرلەردە يۈرۈپسەن؟ سېنى ئىزدەپ ھەممە ياققا قاراپ چىقتۇق، ئىزدىمىگەن ئۆي قالىمىدى، سىز جانابى ئالىيلىرىنى تېپىش ئۈچۈن ئەمدى ساقچىلارغا خەۋەر بېرىشىمىز كېرەكمىدى؟»
-«دادا» دېدى، -«سىز بەرىبىر چۈشەنمەيسىز، سىز يامان ئادەمسىز، سىز نامازنى ياخشى كۆرمەيسى، مەن كەچ قالغىنىم يوق. ئوينىدىم، كېيىن شام نامىزىنى ئوقۇدۇق، كېيىن قوشنا ئابدۇل ئەزىز ئاكا بىلەن بىر ئاز گەپلىشىپ قالدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇدۇل ئۆيگە كەلدىم، كەچ قالغىنىم يوق، دادا»
دادا شۇنداق دەيدۇ:« شۇ تاپتا ئۆزەمنى تۇتۇۋالالماي قالدىم، كۆز ياشلىرىم مەڭزلىرىمگە ئېقىپ چۈشۈشكە باشلىدى. ‹قاچانغىچە بۇ غەپلەت، قاچانغىچە بۇ كەبى بىغۇبار پاك نەسىھەتلەرنى قوبۇل قىلماي گۇناھلار ئىچىدە يۈرۈشنى داۋام ئېتىمەن؟ ئاللاھ تائالا گۆدەك تىلى بىلەن سۆزلىتىپتىغۇ ھەقنى›»
شەيخ سۆزىنى داۋام قىلىدۇ:
ۋەللاھى، ئۇنى شۇ ۋاقىتقىچە ھېچكىم بۇنچىلىك تەسىرلەندۈرەلمىگەنىدى. گەرچە بالىنىڭ ئانىسى سالىھە ئايال بولۇپ، كۆپ قېتىملاپ ئېرىنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ بۇ ئورۇنۇشلار پايدىسىز كەتكەنىدى. لېكىن ئاللاھ بىرەر ئىشنى ئىرادە قىلسا ئەلۋەتتە ئۇ ئىش ئەمەلگە ئاشىدۇ. دادا سۆزىنى داۋام ئېتىدۇ: «ئۇزاق خىياللارغا چۆمۈپ ئويلىنىپ قالدىم، ئاللاھنىڭ ھەيۋىتى چۈشكەن ئىدى ماڭا، ئاللاھ قەلبىمگە ئۆزىدىن بولغان قورقۇنچ بىلەن بىرگە مۇھەببەت تاشلىغانىدى، مەندە بۇرۇن بۇنداق ھالەت ھېچ ھەم بولمىغانىدى. ئۇزاق ۋاقىت سۈكۈتكە پېتىپ ئويلىنىپ قالدىم، ھەممە ياق سۈكۈتكە چۆمگەنىدى گويا. بۇ سۈكۈناتنى خۇفتەن نامىزىغا چاقىرغان ھەقنىڭ تاۋۇشى بۆلۈۋەتتى. بۇ تاۋۇش يېنىمىزدىكى ئاخىرقى قېىم قاچان بارغانلىقىمنى ئەسلىيەلمەيدىغان مەسچىددىن تارىلىۋاتقان ئەزان تاۋۇشى ئىدى. ماڭا تىكىلىپ تۇرغان ئوغلۇمنىڭ نىداسى گوياكى ‹دادىجان، قولۇمدىن تۇتۇڭ كەتتۇق، ئاللاھ تەرەپكە يول ئالىمىز› دېيىلىۋاتقاندەك ئىدى. سەكرەپ تۇردۇم، تېزدىن تاھارەت ئالدىم ۋە قەلبىمنىڭ ئىچ-ئىچلىرىدىن كېلىۋاتقان كۆز ياشلىرىم مەڭزلىرىمدىن قويۇلغىنىچە ئوغلۇمنى قولۇمدا كۆتۈرۈپ مەسچىدكە يول ئالدىم. مەسچىدكە قەدەم قويىشىم بىلەن ئوغلۇم خۇشاللىقىدىن قولۇمدىن يەرگە چۈشۈپ خۇددى ئۇچۈپ كەتكۈدەك بولۇپ يۈگۈرۈپ كەتتى. يولدا ئۇچىرىغان نامازخانلارغا قاراپ، ‹ئۇ مېنىڭ دادام، ئەخمەت ئاكا قاراڭ، بۇ دادام بولىدۇ، فەتھىن ئاكا مانا مېنىڭ دادام، دادام،دادام، دادىجانىم» دەر ئىدى ئالدىراپ.
كىچىك دەۋەتچىنىڭ نامازخان دوستلىرى كېلىشىپ ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ناماز نېئمىتىگە مۇشەررەپ بولغىنى ۋە كۆپ يىللاردىن كېيىن ئاخىرى مەسچىدكە قايتقىنىنى تەبرىكلىشەر ئىدى، مۇبارەكلىشەر ئىدى.
شەيىخ ئېيتىدۇ، «ۋەللاھى، بىر ۋاقىتلار كىبىر ۋە بېخىللىق زاھىر بولۇپ تۇرغان، يۈزىنى غۇبار قابلىغان كىشىدىن، نۇر يېغىپ تۇرغان، ئوچۇق يۈزلۈك ئىنسانغا ئايلان ئاشۇ كىشىنى كۆردۈم، يۈزى چىرايلىق بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرغان ئىكەنمىز، ئۇ ھەر جۈمە ئەتتىگەندە تۇرىۋېلىپ، تىپىچەكلەپ ئانىسىدىن جۈمە نامىزىغا چىقىش ئۈچۈن غۇسىل قىلدۇرۇپ، خۇشبۇيلۇقلارنى سۈرۈپ قويىشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرىدىغان ئوغلى ھەققىدە سۆزلەر ئىدى. سۆزلىرىنى داۋام قىلىپ شەيخ يەنە شۇنداق دەيدۇ: «بالىنى ھەم كۆردۈم، كوچىدا بالىلار بىلەن يۈگۈرۈپ تەرلەپ، پىشىپ ئويناپ يۈرۈپتۇ. ئۆزۈمچە پىكىر قىلدىم. بىز كاتتىلار، يېشى چوڭلار دەۋەت مەيدانىدا سۇسلۇقىمىز سەۋبلىك ئامەتسىزلىككە ئۇچراپ تۇرغىنىمىزدا، شۇ ئويناقلاپ يۈرگەن كىچىك دەۋەتچى بىزگە قارىغاندا ئىلغارراق ۋە ئامەتلىكراق ئەمەسمۇ؟
دەر ھەقىقەت ئەزىزلەر، ئويلاپ كۆرەيلىك. ئۇشبۇ ھېكايە بىزگە ئوچۇق ھەقىقەتنى كۆرسىتىۋاتمامدۇ؟ ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە بىرەر ئىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىش سەۋەبلىرىنى ئەلۋەتتە پەيدا قىلىدۇ. ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئىبادىتىدە ئۇلغايتقان، ئۆز ھىمايىسىدە ساقلىغان بالا قانداق ھەم ئاجايىپ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئويلاپ قالىسەن.
ئىچىمىزدىكى ئايرىم ئاتىلار كۈن كېلىپ پەرزەنتلىرى ئۇلارنى مەسچىدلەر تەرەپكە يېتەكلىشىنى كۈتۇپ ئولتۇرۇشۇپتىمۇ؟ ھەرقايسى خەيرلىك ئىشلاردا ئۇلار خىزمەتكە يېتەكچى بولۇش ئورنىغا –يا ! ياكى بۇ كېتىشتە، تەلىم-تەربىيە چۈشەنچىلىرى ئۆزگىرىپ پەرزەنتلەر ئاتىلىرىنى تەربىيەلەشكە ئۆتۈپ قالدىمۇ؟ ئەپسۇسكى ئارىمىزدا قانچىلىغان ئىبەرەتلەر بارۇ، لېكىن ناھايىتى ئاز ئىبرەت ئالىمىز.
مەنبە:
مىسالىم تورى[ بۇ يازمىنىمومىيا 2011-12-04 11:50قايتا تەھرىرلىدى ]