باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2165 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: كىتاب ئاشىنالىرىغا خۇش خەۋەر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9892
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 50 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-03
ئاخىرقى: 2011-12-05
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-03 16:06

كىتاب ئاشىنالىرىغا خۇش خەۋەر

   ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، سىز بەلكىم بۇندىن ئون بەش يىگىرمە يىل، ھەتتا ئەللىك – ئاتمىش يىللار ئىلگىرى نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، چەتئەل ئەدەبىياتىغا ئائىت تۈرلۈك كىتابلارنى پەقەت بىرەر قېتىم ھەۋەس ئىلكىدىلا ۋاراقلاپ باققانسىز. بەلكىم ئۇلاردىن بەزىلىرىنى كۆزىڭىزگە سۈرتكۈدەك بولغان بولسىڭىزمۇ سىزگە ئۇلارنى ئوقۇش، سېتىۋېلىپ ساقلىۋېلىش نېسىپ بولمىغاندۇ. كىتابخانىلاردىن ئاسانلىقچە تېپىش مۇمكىن بولغان بەزى كىتابلارنى مىڭ مۇشەققەتلەر بىلەن تاپقان بولسىڭىزمۇ ئىقتىساد ۋە ياكى باشقا تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن سېتىۋېلىشقا مۇشەررەپ بولالالمىغانسىز. سىز بەلكى ئۆزبېكچە، تۈركچىنىڭ تىلىمىزغا شۇ قەدەر يېقىنلىقىنى بىلگەن ۋە بۇ تىلدىكى كىتابلاردىن بەھىرلىنىشنى ئويلاشقانسىز، بىراق سىزگە سىز تۇرۇۋاتقان مۇھىتتا بۇ خىل ئىمكان  بولمىغاندۇ. ئۇيغۇر كىتابخانلىرىدىكى تېپىش تەس بولغانلىق سەۋەبى بىلەن باھاسى ئۆرە بولۇپ كەتكەن كونا كىتابلار ۋە قېرىنداش  مىللەتلەرنىڭ كىتابلىرىنى تېپىش، سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىنىڭ ئازلىقىدەك ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، بىز ئوقۇرمەنلىرىمىز بۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ تور كىتابخانىمىزنى ئاچتۇق. مەقسىتىمىز ئېلىمىزدە ۋە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى «يېڭى ھايات ژۇرنىلى نەشرىياتى»، «شەرق ھەقىقىتى نەشرىياتى» قاتارلىقلار نەشر قىلىنغان زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرچە كىتابلار، ئۆزبېكچە كىتابلار ۋە تۈركىيەدە نەشر قىلىنغان دۆلىتىمىز قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن كەلگەن بىر قىسىم كىتابلارنى ئەرزان باھادا نۇسخىلاپ ئوقۇرمەنلىرىمىزگە بۇ ئېسىل كىتابلارنى تەقدىم ئېتىش. كىتابلار گەرچە نۇسخىلانغان بولسىمۇ سۈپىتى ناھايىتى سىپتا ۋە ئۆلچەملىك. باھاسى مۇۋاپىق. كىتابنىڭ مۇقاۋىسى يىرتىلىشقا چىداملىق سېرىق كارتون قەغەزدىن ئىشلىنىدۇ. تۈپلىنىشى ۋە نۇسخىلىنىشىدا مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ. كىتابخۇمار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ خۇش خەۋەرنى بىر بىرىگە يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ئۈمىد  قىلىمىز. ئوخشاش بىر كىتابنى يىگىرمە نۇسخىدىن كۆپ لازىم قىلغانلارغا باھادا ئېتىبار قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، كىتابخانىمىز دىيارىمىزدىكى ھەرقايسى كىتابخانىلار  ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.
   مۇلازىمىتىمىز دائىرىسىدىكى 4000 پارچىدىن ئارتۇق كىتابلار ھەممىسى دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن تۈزۈملىرى دائىرىسىدىكى قانۇنلۇق كىتابلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى سوۋىت ئىتتىپاقىدا چىققان ئۇيغۇر تىل – يېزىقىدىكى كىتابلار، دۆلىتىمىزدە 1995 – يىلىدىن بۇرۇن  نەشر قىلىنغان بىر قىسىم كىتابلار(يەنى بېرىلگەن  كىتابلارنىڭ بىرىنچى نەشرى) ۋە تۈركىيە، ئۆزبېكىستانلاردا نەشر قىلىنغان كىتابلاردىن ئىبارەت. دۇنيا ئەدەبىياتىدا زور تەسىرلەر قوزغىغان رۇس ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىلىرى ئۇيغۇر تىلىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىنىپ بولغان بولسىمۇ، بىراق ئوقۇرمەنلىرىمىز ئۇلارنى تېپىش ئىمكانىيىتىنىڭ قىيىن بولۇشى سەۋەبلىك كۆرەلمىگەن ئىدى. تولىستوي، گوگۇل، گوركىي، چېرنىشىۋىسكىي، تۇرگېنىف، فادىيىف قاتارلىق دۇنياۋىي تەسىر قوزغىغان رۇس يازغۇچىلىرىنىڭ، سەدرىدىن ئەينىي، ئابدۇللا قاھار، ئايبېك قاتارلىق ئۆزبېك ئەدىبلىرىنىڭ كاتتا ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇپ بەھىرلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايسىز. ئۆزبېكىستاندا لاتىن يېزىقىدا چىققان كىتابلار سىزنى خۇددى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى ياكى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا كىتاب ئوقۇۋاتقاندەك ھېسلارغا كەلتۈرىدۇ ۋە كۆز ئالدىڭىزدا يېڭىچە بىر دۇنيانى نامايەن قىلىدۇ. تۈرك تىلىدىكى تۈرلۈك كىتابلار تۈركچە ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك ماتېرىياللاردىن سانىلىدۇ.
كىتاب سېتىۋېلىش جەريانى تۆۋەندىكىدەك:
   تور بېتىمىزگە بىزدىكى كىتابلارنىڭ تىزىملىكى بېرىلگەن، خېرىدارلار بۇ تىزىملىكتىن ئۆزلىرى سېتىۋالماقچى بولغان كىتابنى تاللاپ، پوچتا ھەققى بىلەن بىرگە كىتابنىڭ پۇلىنى بانكا كارتا نومۇرىمىزغا سېلىپ بېرىدۇ. كىتاب باھاسى پوچتا ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. پۇل كارتىغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن، بىز كىتابنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە نۇسخىلاپ، ئادرېس بويىچە پوچتىدىن سېلىپ بېرىمىز. سېتىش – سېتىۋېلىش ئىشلىرى مۇتلەق ئىشەنچلىك يوسۇندا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى: uZd)o AB  
ئابلاجان يۈسۈپ تەھۇر 18910276931         1725177701:QQ LEyn1d  
 نۇرئەخمەت مەخمۇت    13011889213          591769621:QQ Yk?ux Z4)H  
تور بەت ئادرېسىمىز:
E<-}Jc1  
+n2x@ 0op  
دوستلىشىش
uyghur0998
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3032
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 370
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە370دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 2050 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2012-03-27
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-03 18:47

شۇنداق بېركۈن كىلىدۇ.. ناملىق كىتابدا نېمىلەر تەسۋىرلىنىدۇ.. قايسىڭلار بىلىسىلەر