查看完整版本: [-- كىتاب ئاشىنالىرىغا خۇش خەۋەر --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> مۇنبەر يېڭىلىقلىرى -> كىتاب ئاشىنالىرىغا خۇش خەۋەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

uykitab 2011-12-03 16:06
   ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، سىز بەلكىم بۇندىن ئون بەش يىگىرمە يىل، ھەتتا ئەللىك – ئاتمىش يىللار ئىلگىرى نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، چەتئەل ئەدەبىياتىغا ئائىت تۈرلۈك كىتابلارنى پەقەت بىرەر قېتىم ھەۋەس ئىلكىدىلا ۋاراقلاپ باققانسىز. بەلكىم ئۇلاردىن بەزىلىرىنى كۆزىڭىزگە سۈرتكۈدەك بولغان بولسىڭىزمۇ سىزگە ئۇلارنى ئوقۇش، سېتىۋېلىپ ساقلىۋېلىش نېسىپ بولمىغاندۇ. كىتابخانىلاردىن ئاسانلىقچە تېپىش مۇمكىن بولغان بەزى كىتابلارنى مىڭ مۇشەققەتلەر بىلەن تاپقان بولسىڭىزمۇ ئىقتىساد ۋە ياكى باشقا تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن سېتىۋېلىشقا مۇشەررەپ بولالالمىغانسىز. سىز بەلكى ئۆزبېكچە، تۈركچىنىڭ تىلىمىزغا شۇ قەدەر يېقىنلىقىنى بىلگەن ۋە بۇ تىلدىكى كىتابلاردىن بەھىرلىنىشنى ئويلاشقانسىز، بىراق سىزگە سىز تۇرۇۋاتقان مۇھىتتا بۇ خىل ئىمكان  بولمىغاندۇ. ئۇيغۇر كىتابخانلىرىدىكى تېپىش تەس بولغانلىق سەۋەبى بىلەن باھاسى ئۆرە بولۇپ كەتكەن كونا كىتابلار ۋە قېرىنداش  مىللەتلەرنىڭ كىتابلىرىنى تېپىش، سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىنىڭ ئازلىقىدەك ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، بىز ئوقۇرمەنلىرىمىز بۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ تور كىتابخانىمىزنى ئاچتۇق. مەقسىتىمىز ئېلىمىزدە ۋە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى «يېڭى ھايات ژۇرنىلى نەشرىياتى»، «شەرق ھەقىقىتى نەشرىياتى» قاتارلىقلار نەشر قىلىنغان زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرچە كىتابلار، ئۆزبېكچە كىتابلار ۋە تۈركىيەدە نەشر قىلىنغان دۆلىتىمىز قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن كەلگەن بىر قىسىم كىتابلارنى ئەرزان باھادا نۇسخىلاپ ئوقۇرمەنلىرىمىزگە بۇ ئېسىل كىتابلارنى تەقدىم ئېتىش. كىتابلار گەرچە نۇسخىلانغان بولسىمۇ سۈپىتى ناھايىتى سىپتا ۋە ئۆلچەملىك. باھاسى مۇۋاپىق. كىتابنىڭ مۇقاۋىسى يىرتىلىشقا چىداملىق سېرىق كارتون قەغەزدىن ئىشلىنىدۇ. تۈپلىنىشى ۋە نۇسخىلىنىشىدا مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ. كىتابخۇمار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ خۇش خەۋەرنى بىر بىرىگە يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ئۈمىد  قىلىمىز. ئوخشاش بىر كىتابنى يىگىرمە نۇسخىدىن كۆپ لازىم قىلغانلارغا باھادا ئېتىبار قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، كىتابخانىمىز دىيارىمىزدىكى ھەرقايسى كىتابخانىلار  ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.
   مۇلازىمىتىمىز دائىرىسىدىكى 4000 پارچىدىن ئارتۇق كىتابلار ھەممىسى دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن تۈزۈملىرى دائىرىسىدىكى قانۇنلۇق كىتابلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى سوۋىت ئىتتىپاقىدا چىققان ئۇيغۇر تىل – يېزىقىدىكى كىتابلار، دۆلىتىمىزدە 1995 – يىلىدىن بۇرۇن  نەشر قىلىنغان بىر قىسىم كىتابلار(يەنى بېرىلگەن  كىتابلارنىڭ بىرىنچى نەشرى) ۋە تۈركىيە، ئۆزبېكىستانلاردا نەشر قىلىنغان كىتابلاردىن ئىبارەت. دۇنيا ئەدەبىياتىدا زور تەسىرلەر قوزغىغان رۇس ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىلىرى ئۇيغۇر تىلىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىنىپ بولغان بولسىمۇ، بىراق ئوقۇرمەنلىرىمىز ئۇلارنى تېپىش ئىمكانىيىتىنىڭ قىيىن بولۇشى سەۋەبلىك كۆرەلمىگەن ئىدى. تولىستوي، گوگۇل، گوركىي، چېرنىشىۋىسكىي، تۇرگېنىف، فادىيىف قاتارلىق دۇنياۋىي تەسىر قوزغىغان رۇس يازغۇچىلىرىنىڭ، سەدرىدىن ئەينىي، ئابدۇللا قاھار، ئايبېك قاتارلىق ئۆزبېك ئەدىبلىرىنىڭ كاتتا ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇپ بەھىرلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايسىز. ئۆزبېكىستاندا لاتىن يېزىقىدا چىققان كىتابلار سىزنى خۇددى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى ياكى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا كىتاب ئوقۇۋاتقاندەك ھېسلارغا كەلتۈرىدۇ ۋە كۆز ئالدىڭىزدا يېڭىچە بىر دۇنيانى نامايەن قىلىدۇ. تۈرك تىلىدىكى تۈرلۈك كىتابلار تۈركچە ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك ماتېرىياللاردىن سانىلىدۇ.
كىتاب سېتىۋېلىش جەريانى تۆۋەندىكىدەك:
   تور بېتىمىزگە بىزدىكى كىتابلارنىڭ تىزىملىكى بېرىلگەن، خېرىدارلار بۇ تىزىملىكتىن ئۆزلىرى سېتىۋالماقچى بولغان كىتابنى تاللاپ، پوچتا ھەققى بىلەن بىرگە كىتابنىڭ پۇلىنى بانكا كارتا نومۇرىمىزغا سېلىپ بېرىدۇ. كىتاب باھاسى پوچتا ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. پۇل كارتىغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن، بىز كىتابنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە نۇسخىلاپ، ئادرېس بويىچە پوچتىدىن سېلىپ بېرىمىز. سېتىش – سېتىۋېلىش ئىشلىرى مۇتلەق ئىشەنچلىك يوسۇندا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى: ,$}Q #q  
ئابلاجان يۈسۈپ تەھۇر 18910276931         1725177701:QQ Yb?#vpI  
 نۇرئەخمەت مەخمۇت    13011889213          591769621:QQ RMvlA' c  
تور بەت ئادرېسىمىز:
>yWJk9h f  
{==Q6BG*  

جەڭچى 2011-12-03 17:46
بەك بەلەن ئىش بوپتۇ ،،،،،ھارمىغايسىزلەر قىرىنداشلار.

dulbarqin310 2011-12-03 17:51
ئەجەپ ياخشى ئىش بۇپتۇ، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، تۇلىمۇ قۇلايلاشتىغۇ بۇ جاھان.

uyghur0998 2011-12-03 18:47
شۇنداق بېركۈن كىلىدۇ.. ناملىق كىتابدا نېمىلەر تەسۋىرلىنىدۇ.. قايسىڭلار بىلىسىلەر

جەڭچى 2011-12-03 18:50
شۇنداق كىتابمۇ  بارمىكەن تىىخى؟

تاھىربەگ 2011-12-03 18:59
ۋاھ... كىتاپلار تىزىملىكىنى كۆرمەي تۇرۇپ بىر رەھمەت ئېيتىۋىتەي.  كۆپتىن كۆپ رەھمەت !!!

بىناۋا 2011-12-03 19:12
ئاپىرىنلار سىزلەرگە بولسۇن.قالتىس خىزمەت بوپتۇ خەلقىمىز ئۈچۈن. X&?lDL7?  
   ئۇيغۇر 0998 تورداش! <<شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇ>> دېگەن كىتاپتا ئىراندىكى كۇردلارنىڭ مۇستەقىللىق ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرى تەسۋىرلىنىدۇ.

uykitab 2011-12-03 19:59
تورداشلىرىمىزنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىگىنىگە كۆپ تەشەككۈر. كىتاب ئاشنالىرىغا بۇ خەۋەرنى ئۆز ئارا يەتكۈزۈپ قويۇشۇڭۇزلارنى ئۈمىد قىلىمىز!!!!

ئايقۇت 2011-12-03 20:28
ياىشى خەۋەركەن،،،مەن  سىلەر بىلەن ئالاقىلىشاي!

upukjan 2011-12-03 21:17
سىلەردەۋاتقان 4000مىڭ پارچە كىتاپنىڭ تىزىملىكىنى قالدۇرماپسىلەرغۇ؟تىزىملىككە ئاساسەن زاكاز  قىلارمىز.ياكى مەن بىلەلمىدىممۇ؟

uykitab 2011-12-03 21:29
تور بېتىمىزگە كىرىپ كىتابلار تىزىمىنى كۆرەلەيسىز. كىتاب سېتىۋېلىش ئۈچۈن بىز بىلەن ئالاقىلاشقايسىز.

almiliq 2011-12-03 21:58
كۆپ رەھمەت سىلەرگە، ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىپسىلەر، ئېتىڭلار ھارىمىغاي!!!

amanxa 2011-12-03 22:49
رەھمەت سىلەرگە، ئاۋال بىر كۆرۈپ چىقاي

muzepper 2011-12-04 04:16
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى uyghur0998 نىڭ 2011-12-03 18:47 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل : ?DPHo)w  
شۇنداق بېركۈن كىلىدۇ.. ناملىق كىتابدا نېمىلەر تەسۋىرلىنىدۇ.. قايسىڭلار بىلىسىلەر Lu=O +{*8  
?'eq",c#4N  
   كۈرت مىللىتىدىن سەرتىپ سەلىمىي ئىسىملىك بىر كومۇنىست پەرەست ئوپىتسىرنىڭ دۆۋلەتكە قارشى پائالىيەتلىرى سۆزلىنىدۇ. ئاخىردا ئۇ ئوپىتسىر تۇرمىدا زەھەرلىك ئۇكۇل بىلەن ئۆلتۈرىلىدۇ. مەنمۇ كىچىك ۋاقتىمدا بۇ كىتاپنىڭ ئىسمىغا قاراپلا قىزىقىپ ئوقۇغان بولۇپ ۋەقەلىكى يادىمدا قالماپتۇ. e4\dpvL  
    E"qFXA>  
    مەن بۇ پائالىيەتنى قانات يايدۇرغان ھەممىڭلارغا سەمىمى رەخمەت ئېيتىمەن. ئاللاھ تەئەلا ياردەمچىڭلار بولسۇن.

yusup 2011-12-06 18:41
ناھايىتى ياخشى ئ.ش بوپتۇ، مۇشۇ كىتاپلارنىڭ تىزىملىگىنى بىر كۆرەي.  مەن<< شۇنداق بىركۇن كېلىدۇ>> دىگەن كىتاپنى ئازراق ئوقۇغان ، بۇ كىتاپ سېۋىت ئۇيغۇر يازغۇچىسى  تۇرغان توختاموۋ يازغان كىتاپ. يۇقۇرىدا دىگەنلەر قايسى كىتاپنى دىگەنلىگىنى بىلەلمىدىم.


查看完整版本: [-- كىتاب ئاشىنالىرىغا خۇش خەۋەر --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.050653 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us