قاتتىق قول تۈركىيە
ئاپتورى: سلومو ئاۋىنېرى
يېقىندا، تۈركىيە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۇردلارغا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت قوزغىدى، بۇ تۈركىيەنىڭ دېپلوماتىيە سىياسىتىدە ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىلا 180 گىرادۇس بۇرۇلۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئىپادىلەپ بەردى ھەمدە كۈتمىگەن يەردىن چىقتى، ئەمما پۈتۈنلەي ئاقىلانىلىك بولمىدى دەپ قارىساقمۇ بولمايدۇ. تۈركىيەنىڭ ھۇجۇمى يەنە بۇ ئۆزگىرىشلەر يېقىنقى تۈركىيە-ئىسرائىلىيە جىددىي مۇناسىۋىتىنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بەردى، كېيىنكىسى پەقەت تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق يۈزلىنىشنىڭ كىچىك بىر قىسىمى خالاس.
نەچچە يىل ئىلگىرى، گەرچە تۈركىيە ئادالەت ۋە ھەققانىيەت پارتىيىسى بىر قاتار زور ھەربىي ۋە جىنايى ئىشلار قانۇنى ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەگە دەرۋازىسىنى جالاققىدە قىلىپ ئېتىۋالغاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ دېپلوماتىيە سىياسىتى ياۋروپادىن قوشنىلىرىغا يۈزلەندى. تۈركىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى داۋۇدئوغلۇ «قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ھچقانداق توقۇنۇشتا بولماسلىق» سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، تۈركىيە سىياسىتىنىڭ بۇرۇلىشىدىكى ئىستراتىگىيىلىك ۋە نەزەرىيىۋى ئاساسى بولۇپ قالدى.
تۈركىيە ئۆزىنىڭ دېپلوماتىيە تارىخىدا كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدىغان يېڭى سەھىپە ئاچتى، تۈركىيە ئامېرىكا بىلەن ئۇچرىشىشقا باشلىدى؛ جەنۇبىي قىبرىسقا (سىپرۇس) قاتتىق مەيداندا بولۇۋەرمىدى؛ ئىران بىلەن غەربنى پائال سۆزلەشتۈرمەكچى بولدى؛ سۇرىيەنى قايىل قىلىپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى چېگرا مەسىلىسىنى بىرلىكتە ھەل قىلماقچى بولدى؛ ئەڭ چوڭ مۇۋاپىقىيىتى سۇرىيە بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق سۆزلىشىشىنى قانات يايدۇرىشىغا كۆۋرۈك سالدى.
ئەمما قوشنىلار ئارا دوستلۇقتا بولۇش سىياسىتى مۆلچەرلەنگەن مەقسەتكە يېتەلمىدى. ئەرمىنىيە بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇساپىسى ئالغا باسالمىدى؛ قىبرىس مەسىلىسى ئىلگىرلەشكە ئېرىشەلمىدى، بولۇپمۇ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى مەيدانى تېخىمۇ قاتتىق رەھبەر سايلاپ چىققاندىن كېيىن شۇنداق بولدى؛ ئىرانغا قۇچاق ئېچىشى موللىلارنىڭ يادرونى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەيدانىنى يۇمشىتالمىدى (ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى)؛ سۇرىيە-ئىسرائىلىيە سۆھبىتى مەغلوبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى؛ بۇنىڭدىن سىرت، تۈركىيە 2010-يىلدىكى گازاغا كىچىك تىپتىكى كېمە ئەترىتىنى ئەۋەتىشكە قاتناشتى، ئىسرائىلىيە بۇنىڭغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى، تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ نەچچە ئون يىللىق قويۇق ھەمكارلىقى شۇ سەۋەبلىك ئاخىرلاشتى.
ئەڭ چاتاق بولغىنى، تۈركىيەنىڭ قارىماققا يېقىن بولغان ئىتتىپاقدىشى، سۇرىيە پىرىزدېنتى بەشىر ئاساد ئۆزىنىڭ ئوتتۇرار شەرقتىكى ئەڭ ئەكسىيەتچى، ئەڭ قانخور زالىم ئىكەنلىكىدەك ھەقىقىي ماھىيىتىنى كۆرسەتتى. 2011-يىلنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتىدا، بەشىر ئاساد ئەركىنلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى تەلەپ قىلغان ئۆز دۆلىتىنىڭ خەلقىنى قىرغىن قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
گەرچە ئىشلار پايدىسىز بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيەنىڭ ئىستراتىگىيىلىك ئوبرازى بۇ سەۋەبلىك زىيانغا ئۇچرىمىدى، قىسمەن سەۋەبى ئوباما ھۆكۈمرانلىقىدا، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى ئىلگىرىكىدەك چوڭقۇر بولمىدى، تۈركىيە بولسا ئامېرىكىدىن كېيىنكى رايونلۇق كۈچلەر بوشلۇقىنى تولۇقلىدى. ئەرەب باھارى (ئەرەب ئىسيانلىرى) دا گەرچە ھەل قىلغۇچ نەتىجە ھاسىل بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما مىسىرنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى سىياسىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇردى، تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان تۈركىيەنى ھەمدە ئەردوغاننىڭ ئۆزىنى مۇسۇلمانلار لاگىرىنىڭ رەھبىرىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىسلام دىنى بىلەن دېموكراتىيە تۈزۈمى بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى بولۇپ قالدى. ئەڭ ئاخىرىدا، ئادالەت ۋە ھەققانىيەت پارتىيىسى يېقىنقى پارلامېنت سايلىمىدا غەلبە قىلدى، بۇ ئەردوغانغا پۇتىنچە قارا نىيەت ئاتا قىلدى.
يۇقىرىقىلار ئەخمەد داۋۇدئوغلۇنىڭ «ھېچقانداق توقۇنۇش بولماسلىق» سىياسىتىدىكى ئىچكى زىددىيەتنى ئاشكارىلاپ بەردى. «نۆل توقۇنۇش» سىياسىتى قارىماققا بىر خىل مۇلايىم، مۇقىم ۋە ساغلام سىياسەتتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئاساسىي نۇقتىئىنەزىرى تۈركىيە يەنىلا ئوتتۇرا شەرقنىڭ زومىگىرى، توقۇنۇشقا كېسىم چىقارغۇچى ئىدى، راستىنى ئېيتقاندا، باشقا ئىككىنچى ئورۇندىكى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى تۈركىيەنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشى كېرەك. تۈركىيەنىڭ قىلمىشىنى «يېڭى ئوسمان ئىمپىرىيىسى» دەپ ئاتاش ئېتھىمال ئانچە مۇۋاپىق بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما تۈركىيەنى ياراشتۇرغۇچى ۋە ئىلگىرى سۈرگۈچى بولىشىنى ئۈمىد قىلغان بىر قىسىم قوشنىلىرى ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ دۇچ كەلگىنى بىر زومىگەر ئىكەنلىكىنى بايقىشى مۇمكىن.
ئەردوغاننىڭ ئىسرائىلىيەگە قارىتىلغان سىياسىتىنى يېڭى باشتىن بەلگىلىشىنى ئۇنىڭ ئەرەب دۇنياسىنىڭ تۈركىيەگە بولغان ئەنئەنىۋى گۇمانىي پىسخىكىسىنى (تۈركىيەنىڭ ئىمپىرىيە تارىخى كەلتۈرۈپ چىقارغان) يوقىتىش بولۇپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ مۇلايىم بولغان ئىسلام ئوبرازىنى يارىتىپ، ئىراننىڭ دىننىي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋە بىلگىلى بولمايدىغان پىرىزدېنتىنىڭ ئورنىنى ئېلىش دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. ئەمما ئەردوغاننىڭ تۈركىيە دېڭىز ئارمىيىسىنى ئىشقا سېلىپ گازاغا كىرىدىغان كېمىلەرنى قوغداشنى ئويلىشىۋاتىمەن دەپ تەھدىت سېلىشى قوراللىق ئىغۋاگەرچىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئۇ يەنە جەنۇبىي قىبرىس جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇقلۇق بوسۇغۇسىدا تەبىئىي گاز قېدىرىپ تەكشۈرۈشىنى قوراللىق توسۇشتىن باش تارتمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمەلىيەتتە، ئەردوغان ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر قىبرىس 2012-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولسا، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ پارتىزانلارنىڭ ئۇۋۇسىنى يوقىتىشنى باھانە قىلىپ ئىراقنىڭ شىمالىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىشى قاتتىق كۇردلارغا قارشى سىياسىتىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرگەنلىكىنى ئىپادىلەپ بەردى. ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىن قوشۇن چېكىندۈرۈشى تۈركىيەنىڭ ئىراق-تۈركىيە چېگرىسىنىڭ ئىراق تەرىپىدە مۇداپىئە بەلبېغى قۇرۇش ئىرادىسىغا ياردەم بەردى، ئېتىمال يەنە ئىران بىلەن رىقابەتلىشىپ، باغداد شىئە مەزھىپى ھۆكۈمىتىگە بولغان تەسىر كۈچىنى قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن سىرت، تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۆز زېمىنىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى رادار سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قوشۇلغان بولسىمۇ، يېقىندا سۇرىيەنىڭ قورال توشۇش كېمىسىنى تۇتۇپ قالغان بولسىمۇ، بۇلار غەربنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەقەلەردە تۈركىيەنىڭ سىياسىتى يەنىلا «قاتتىق» ھەربىي كۈچنى مەركەز قىلدى.
ئوخشاشلا، ئەردوغان يېقىندا مىسىر، لىۋىيە ۋە تۇنىسنى زىيارەت قىلىشى تۈركىيەنىڭ يېڭى رايونلۇق زومىگەرلىك تەشەببۇسىنىڭ زىددىيەتلىكىنى ئىپادىلەپ بەردى. مىسىرنىڭ ئۇلى مۇستەھكەم بولمىغان ھەربىي ھۆكۈمىتى ئەردوغاننىڭ زىيارىتىنى قارشى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما مىسىر خەلقى (ھەمدە باشقا ئەرەب خەلقى) ئەردوغاننىڭ ئۇلارنى تۈركىيەنىڭ سىياسىتىگە ھۆرمەت قىلىشىنى ھەمدە تۈركىيەنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبىرى دەپ قارىشىغا قىستىشىنى ئۇنچە ياقتۇرمىدى. يېڭى ئىمپىرىيەمۇ (سۇلتانلىقمۇ)؟ ئەردوغان قايتا تىرىلگەن سالاھىدىنمۇ؟
تۈركىيە ئوتتۇرا شەرقتە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. تۈركىيە شەرق بىلەن غەربنىڭ ئالاقىسىدىكى كۆۋرۈكى، مۇسۇلمانلار دۇنياسى ۋە زامانىۋى دۇنيانىڭ كۆۋرۈكى، ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب دۇنياسىنىڭ كۆۋرۈكى بولالايدۇ. ئەمما تۈركىيە ئوت بىلەن ئويناشماقتا، ئەمەلىي كۈچىدىن مەغرورلىنىپ كەتتى، تارىخ ئىسپاتلىدىكى، كۆپلىگەن ئىمپىرىيەلەر موشۇ سەۋەبلىك چىرىكلىشىش ۋە يىمىرىلىش يولىغا قاراپ ماڭغان.
مەنبە: ئاپتورى سلومو ئاۋىنېرى ئېرۇسالىمدىكى ئىبراي ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ سىياسىي ئىلىم پراففىسورى، ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق دېپلوماتىيە مىنىستىرى. (نەپرەت تەرجىمە قىلدى)
ئوكيان تورى...مەنبە