باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 367 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مىنىڭ مەسئۇلىيتىم، سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز
دوستلىشىش
noshirwan
ئەلبەھرە تورى   www.elbehre.com
دەرىجە: يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6925
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 91
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە91دانە
ئۆسۈش: 1860 %
مۇنبەر پۇلى: 2176 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-06
ئاخىرقى: 2012-01-06
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-02 22:49

مىنىڭ مەسئۇلىيتىم، سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز

بۇ تەكلىپلىك يازما phonon نامىدىكى فىزىكا دوكتور كاندىداتى تەرىپىدىن يېزىلغان.

مىنىڭ مەسئۇلىيتىم، سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز



مىللەتنى سۈكۈش، تارىختىن، باشقىلاردىن ئاغرىنىشنى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن قېچىپ، باشقىلارغا دۆڭگەش ئارقىلىق ئۆزىگە تەسەللىي ئىزدەيدىغان ئۇسۇل قىلىۋالدى. بۇ خىل روھىي ھالەتنىڭ زىيىنى باشقا كەمچىلىكلەردىن چوڭ. مىللەتنىڭ كەلگۈسىنىڭ قانداق بۇلۇشى ھەربىر ئەزانىڭ مەسئۇلىيىتى، سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز، مىنىڭ مەسئۇلىيىتىم. يەنىلا تارىختىن، باشقىلاردىن ئاغرىنىپ يۇرسەك كەلگۈسىدە ئەۋلاتلار ئوخشاشلا بىزدىن، بىز ياراتقان تارىختىن ئاغرىنىدۇ. قاچانغۇچە مۇشۇنداق مەسئۇلىيىتىمىزنى ئۇنتۇپ، ئاغرىنىپ يۈرىيمىز؟ تىرىشمىساق بۇ ھالىتىمىز قىيامەتكىچە داۋاملىشىدۇ! ئۆتكەن كۈنگە ئامال يوق، پەقەت ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالساق بۇلىدۇ. كەلگۈسىدە نىمە ئىشلارنىڭ بۇلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيمىز. پەقەت بۈگۈن، بۇ سائەت، بۇ مىنۇت، بۇ سىكىنوت بىز تۇتالايدىغان ئىش. ھەممىمىز بۇگۇن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى ياخشى ئورۇنلىساق، بولسا تىرىشىپ ئاشۇرۇپ ئورۇنلىساق، مەن ئىشىنىمەن كەلگۈسىمىزنىڭ ياخشى بۇلىشىدا ئۈمۈت چوڭ بۇلىدۇ. مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى بىرنەچچە ئىللەت، بىرنەچچە ياخشى ئادەم، ياكى بىر نەچچە ناچار ئادەملەر بەلگىلىمەيدۇ. ھەممە ئەزانىڭ تەسىرى بار. بەزى كىشىلەرنىڭ كۆرسەتكەن تەسىرى چوڭ بۇلۇشى مۇمكىن، لىكىن پۇتۈن بىر مىللەتنىڭ تەسىرىدىن چوڭ بولمايدۇ. ئەگەر بارلىق كىشىلىرىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى تارازىنىڭ ئوڭ تەرەپكە قويساق، كەمچىلىكلىرىنى سول تەرەپكە قويساق، ئوڭ تەرەپ ئېغىر كەلسە بۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسىدە ئۇمۇت بار، يۈكسىلىشلەر بۇلىدۇ، قانچە ئېغىر كەلسە شۇنچە ياخشى؛ سول تەرەپ باسسا جاھالەت باش كۈتۈرىدۇ؛ تەڭ بولسا ئۆزگۈرۈش بولمايدۇ. مىللەتنىڭ كەلگۈسىدە ھەربىر ئەزانىڭ مەسئۇلىيىتى ھەرگىز ئوخشاش بولمايدۇ، ئوخشاش قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. بۇ مەسئۇلىيەتنى ھەربىر ئەزاغا تەڭ تەخسىم قىلساق، مەسئۇلىيەت كىچىكلەپ ھىچ كىم كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. ھەممە ئادەم مەن قىلمىسام باشقىلار بارغۇ دىگەن ئويغا كىلىپ قالىدۇ. قانداق تەخسىم قىلىمىز؟ بۇ ئاسان ھەم چۇقۇم مۇشۇنداق بۇلۇشى كېرەك!
ئوقۇغان كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئوقۇمىغان كىشىدىن چوڭ؛ پۇلى بارنىڭ پۇلى يوقتىن؛ ئورنى يۇقۇرنىڭ ئورنى تۆۋەندىن؛ ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن چوڭ بۇلۇشى كېرەك. ئېنېرگىيىڭىز قانچە يۇقۇرى بولسا مەسئۇلىيتىڭىز شۇنچە يۇقۇرى بۇلىدۇ. ئەگەر سىز بىر ياخشى ئادەم بۇلۇپ باشقىلارنىڭ ناچار ئىشلىرىنى كۆرگەندە تەربىيە قىلىڭ، تەربىيە قىلىشقا قۇربىڭىز يەتمىسە، ئۆزىڭىزدە ئۇنداق ئىشلارنىڭ يوقلىغىدىن پەخىرلىنىپ كىتىپ قالماڭ، تىرىشىپ ئارتۇقچىلىقلىرىڭىزنى كۆپەيتىپ تارازىنىڭ ئوڭ تەرىپىنى ئىغىر قىلىشقا ھەسسە قۇشۇڭ. بۇ سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز، مىنىڭ مەسئۇلىيىتىم. ئوقۇمۇشلۇق، زىيالىي كىشىلىرىمىزنىڭ قىلغان ئىشلىرى، قىلغان گەپلىرى كىشىلىرىمىزنى تۇلۇق رازى قىلالمايۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ زىيالىلارغا، ئوقۇمۇشلۇقلارغا پىكرىڭىز بولسا، ئاچچىغىڭىز بولسا ئىچىڭىزدە ئەڭ سەت گەپلەر بىلەن ھاقارەتلەڭ، كىشىلەر يوق يەرگە بېرىپ پۈتۈن ئاۋازىڭىز بىلەن تىللاڭ! (ئادەم بار يەردە سەت گەپ ئىشلەتمەڭ!) ئاندىنچۈ؟ ئۆيگە كىرىپ ئۇخلاپ قالامسىز؟ بۇ ياخشى ئەمەس. سىز مەسىلىلەرنى بايقىغاندىكىن، رازى بولمىغانكىن تىرىشىڭىز كېرەك. تىرىشىپ باشقىلار رازى بۇلىدىغان كىشىلەردىن بۇلۇڭ. بۇنىڭغا قۇربىڭىز يەتمىسە باشقىلارغا تەربىيە قىلىڭ، پەرزەتلىرىڭىزنى ياخشى تەربىلەڭ! باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇڭ! باشقىلارنى قوللاڭ!
مۆجۈزە كۈتمەيلى! قانداق ئادەملەرنىڭ چىقىشىنى شۇ مىللەتنىڭ ساپاسى بەلگىلەيدۇ. ساپا يۇقۇرى بولسا نوبۇل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغانلار چىقىدۇ؛ ساپا تۆۋەن بولسا ئاپپاق غۇجىدەك پاسىقلار چىقىدۇ.
تولا قاخشىمايلى! تولا ئاغرىنمايلى! تىرىشىپ ساپايىمىزنى ئۆستۈرلى، ئارتۇقچىلىقىمىزنى كۆپەيتىلى؛ يىتەرسىزلىكلەرنى ئازايتىلى ياكى تەسىرىنى سۇزلاشتۇرىلى! شەيتان بۇلىدىكەن كەمچىلىك تۈگىمەيدۇ. ئاساسلىق زېھنىمىزنى كەمچىلىكلەرنى بايقاش، تۈزۈتۈشكە ئەمەس، ساپانى ئۆستۈرۈش، ئارتۇقچىلىقلارنى كۆپەيتىشكە قارىتىلى!
سىز دۇنياغا ئۇيغۇر بۇلۇپ يارالدىڭىز خالاڭ-خالىماڭ، بىلىڭ-بىلمەڭ قىلغان ئىش، دىگەن سۆزلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرنىڭ كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. پەقەت تەسىر چوڭ ياكى كىچىك بۇلىدۇ. بىزدە كەمچىلىك بار، يىتەرسىزلىك بار. لىكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە ئورتاق، پەقەت تەرەققىي قىلغان ئەللەردە بۇنىڭ تەسىرى كىچىك خالاس! شۇڭا ئۆزىمىزنى كەمسىتىشنى تاشلايلى! ئۆزىمىزگە ئىشەنچىمىز بۇلۇشى كېرەك! تارىخنى ئۇنۇتمايلى! نىمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ نادانلىقلارنى قىلدۇق! بۇنى پات-پات ئەسلەپ ئۆزىمىزگە ئەسكەرتىپ تۇرىلى! تارىخنى ئۇنۇتساق تارىخنى قايتىلايدىغان ئىش بۇلىدۇ!

مەنبە: http://jeckblog.com/
ئەلبەھرە تورى
www.elbehre.com
دوستلىشىش
جەڭچى
没有共产党,没有新中国
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 996
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە996دانە
ئۆسۈش: 350 %
مۇنبەر پۇلى: 10428 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-01-07

ئۆزمەسۇليىتىمىزنى  تونۇپ يىتەيلى .
ئالتۇندەك تىما بوپ تۇ   سىزگە تەشەككۈر بۇرەدەر .
مىللىتىمىزنىڭ بۇرۇنقى نادانلىقتىن بارا -بارا   ،،،قۇتۇلۇپ چىقىۋاتقانلىقىنى  كۆرگەندەك بولۋاتمەن . ئاللاھ ئىگىمىز بىزگە ساغلام ئەقىل ،كۈچلۈك غۇرۇر  بەرسۇن . ئامىن.
没有共产党,没有新中国
دوستلىشىش
baxmaltak
baxmaltak
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3281
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 198
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە198دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 2015 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2012-01-05
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-03 14:42

بىز  غەقىقىەتەن  ئىسل مىللەت.