باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 914 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاناڭنى دەپ تىللىما مېنى
ئاللاھقا شۇكرى....مەن تىرىشىمەن
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8760
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 201
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە201دانە
ئۆسۈش: 1460 %
مۇنبەر پۇلى: 2291 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-27
ئاخىرقى: 2012-03-18
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-01 23:18

ئاناڭنى دەپ تىللىما مېنى

ئەسكەرتىش: بۇ يازما general تەرىپىدىن تەنتەربىيە مەخسۇس سەھىپىسى بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2011-12-02)

ئاناڭنى دەپ تىللىما مېنى،
ئانام ساڭا نىمە قىلغانتى.
ئاناڭنى دەپ تىللاشقا ئېيتە،
سېنىڭ نېمە ھەققىڭ بار ئېدى.

ئاناڭنى دەپ تىللىما مېنى،
دوستۇم سېنىڭ ئاناڭ يوقمىتى.
مەنمۇ شۇنداق تىللىسام ئەگەر،
كۆڭلۈڭگە يا قەتتى كەلمەمتى.

ئاناڭنى دەپ تىللىما مېنى،
مەنمۇ شۇنداق تىللايمۇ سېنى.
ئاناڭنى دەپ تىللىشىپ ئاخىر،
يارامدۇق يا باش،كۆز، قاپاقنى.

مەنبە : قەلىمىم  :  ئىسلام نۇرى
:بۇ تېمىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى::http://bbs.makanim.cn/read.php?tid=14503
گېنېرال تارىخنى يارىتىدۇ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1534
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1534دانە
ئۆسۈش: 2390 %
مۇنبەر پۇلى: 10590 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-03-28
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-02 13:14

<<ئاناڭنى>> دەپ تىللىما مېنى

ئاپتورى: ئابدۇقادىر يۈسۈپ

<<ئاناڭنى>> دەپ تىللىما مېنى،
سەنمۇ شۇنداق ئانىنىڭ ئوغلى.
بۇ دۇنيادا قايسى بەندىنىڭ،
تۇغۇلۇشتا يوقكەن ئانىسى؟

<<ئاناڭنى>> دەپ تىللىما مېنى،
ئانام ساڭا نېمە ئىشىتتى؟
بار گۇناھنى ئۈستۈمگە ئالاي،
ماڭا ھالال ئانامنىڭ سۈتى.

<<ئاناڭنى>> دەپ تىللىما مېنى،
ئانام گۇناھسىز،ئانام مېھرىبان.
ئانام ئۈچۈن ھەربىر دەقىقە،
بولالايمەن باتۇر پاسىبان.

<<ئاناڭنى>> دەپ تىللىما مېنى،
ئاناڭنى ھەم مەنمۇ تىللىماي.
ئېيتقان ئاشۇ ئەللەيلىرىگە،
تاڭ ئاتاتتى خوراز چىللىماي.

دوستۇم ئىشىتكىل ئۇشبۇ سۆزۈمنى،
ئانا گوياكى گۈلخان مەشئىلى.
ھامانەم سېنى مۇزلىتىپ قويماس،
بېرىپ قۇياشتەك ئىسسىق تەپتىنى.

ئانىلار ئۇلۇغ،ئانىلار جەسۇر،
ئانىنى ھەر چاغ قەدىرلەيلى بىز.
ئانىسىز ئالەم ____ لەززەتسىز دۇنيا،
ھەرگىز ئانىسىز يارالمىغان بىز.

مەنبە:   ئاپتورنىڭ خاتىرىسىدىن يېزىۋالغان.


گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general