查看完整版本: [-- ئاناڭنى دەپ تىللىما مېنى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> ئاناڭنى دەپ تىللىما مېنى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئىسلام 2011-12-01 23:18

ئاناڭنى دەپ تىللىما مېنى،
ئانام ساڭا نىمە قىلغانتى.
ئاناڭنى دەپ تىللاشقا ئېيتە،
سېنىڭ نېمە ھەققىڭ بار ئېدى.

ئاناڭنى دەپ تىللىما مېنى،
دوستۇم سېنىڭ ئاناڭ يوقمىتى.
مەنمۇ شۇنداق تىللىسام ئەگەر،
كۆڭلۈڭگە يا قەتتى كەلمەمتى.

ئاناڭنى دەپ تىللىما مېنى،
مەنمۇ شۇنداق تىللايمۇ سېنى.
ئاناڭنى دەپ تىللىشىپ ئاخىر،
يارامدۇق يا باش،كۆز، قاپاقنى.

مەنبە : قەلىمىم  :  ئىسلام نۇرى
:بۇ تېمىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى::http://bbs.makanim.cn/read.php?tid=14503

dulbarqin310 2011-12-02 12:49
ياخشى شېركەن.

general 2011-12-02 13:14
ئاپتورى: ئابدۇقادىر يۈسۈپ

<<ئاناڭنى>> دەپ تىللىما مېنى،
سەنمۇ شۇنداق ئانىنىڭ ئوغلى.
بۇ دۇنيادا قايسى بەندىنىڭ،
تۇغۇلۇشتا يوقكەن ئانىسى؟

<<ئاناڭنى>> دەپ تىللىما مېنى،
ئانام ساڭا نېمە ئىشىتتى؟
بار گۇناھنى ئۈستۈمگە ئالاي،
ماڭا ھالال ئانامنىڭ سۈتى.

<<ئاناڭنى>> دەپ تىللىما مېنى،
ئانام گۇناھسىز،ئانام مېھرىبان.
ئانام ئۈچۈن ھەربىر دەقىقە،
بولالايمەن باتۇر پاسىبان.

<<ئاناڭنى>> دەپ تىللىما مېنى،
ئاناڭنى ھەم مەنمۇ تىللىماي.
ئېيتقان ئاشۇ ئەللەيلىرىگە،
تاڭ ئاتاتتى خوراز چىللىماي.

دوستۇم ئىشىتكىل ئۇشبۇ سۆزۈمنى،
ئانا گوياكى گۈلخان مەشئىلى.
ھامانەم سېنى مۇزلىتىپ قويماس،
بېرىپ قۇياشتەك ئىسسىق تەپتىنى.

ئانىلار ئۇلۇغ،ئانىلار جەسۇر،
ئانىنى ھەر چاغ قەدىرلەيلى بىز.
ئانىسىز ئالەم ____ لەززەتسىز دۇنيا،
ھەرگىز ئانىسىز يارالمىغان بىز.

مەنبە:   ئاپتورنىڭ خاتىرىسىدىن يېزىۋالغان.



ئىسلام 2011-12-02 16:27
بۇمۇ بەك كاتتىكەن    

ئۆمەرئىلى 2011-12-02 18:42
قالتىس ياخشى يىزىلغان شئىرلاركەن بۇ ،رەھمەت تىما ئگىسىگە

arzuyum 2011-12-03 17:23
ئەسسالامۇ  -  ئەلەيكۇم ،  اللاھ  ئىلىمىڭىزنى  زىيادە  قىلغاي  !

qiqak119 2011-12-03 20:17
باشقىلارنىڭ ئاتا ئانىسىنى ، ئاكا سىڭىللىرىنى تىللىغانلىق ، ئەمىلىيەتتە ئۆزىنىڭكىنى تىللىغانلىق . بۇ ھەقتە ئېنىق ھەدىس بار .


查看完整版本: [-- ئاناڭنى دەپ تىللىما مېنى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.057825 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us