باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2356 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: مەسچىتلەرنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇش ئەمەلىيىتى
ئەلبەھرە تورى   www.elbehre.com
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6925
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 108
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە108دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 2539 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-06
ئاخىرقى: 2012-03-04
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-01 22:20

مەسچىتلەرنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇش ئەمەلىيىتى

مەسچىتلەرنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇش ئەمەلىيىتى

    سەھىيە مىنىستىرلىكى دۆلىتىمىزدە ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئېغىر بولغان رايونلارنى ئېلان قىلغان. بەزى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا (مەسىلەن: يۈننەن، شىنجاڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن قاتارلىق ئۆلكە-ئاپتونوم رايونلاردا) ئەيدىزنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى خېلىلا ئېغىر بولۇپ، شۇ جايلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ ھاياتلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا غايەت زور خىرس ئېلىپ كەلگەن. ئازسانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ھەرىكىتىنى قاناتيايدۇرۇش دۆلىتىمىزنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىۋىي قىسمى بولۇپ قالغان.
    ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي كۈچلەرنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قاتنىشىشقا پائال يېتەكلىشىگە ئەگىشىپ، سەھىيە تارماقلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ مەدەنىيەت ئۆزگىچىلىكىنى تولۇق نەزەرگە ئېلىش شەرتى ئاستىدا، دىنىي تەشكىلاتلارنى قاتناشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىغان. بەزى جايلاردا دىنىي تەشكىلاتلار ھەرىكەتكە كېلىپ، شۇ جايدىكى سەھىيە، كېسەللىك كونترول تارماقلىرى بىلەن بىرگە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئالدىنقى سېپىگە ئۆتكەن. مەسىلەن، يۈننەن شىشۇاڭبەننادىكى «بۇددا نۇرى ئائىلىسى»، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا شەھىرى، غۇلجا ناھىيىسى، قورغاس ناھىيىسىنىڭ دىنىي ساھەدىكى ۋەكىللىرى، نىڭشىيا ۋۇجوڭ شەھىرىدىكى شەرقى چوڭ مەسچىتى «ھىلال ئاي مېھىر-شەپقەت ئۇيۇشمىسى»، يۈننەن شاديەن چوڭ مەسچىتى قاتارلىقلار.
    دىنىي تەشكىلاتلار ئىچىدە، مەسچىتلەرنىڭ قاتنىشىشى پەۋقۇلئاددە ئىجابىي ئەھمىيىتى ئىگە بولغان. مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا، مەسچىت مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. مەسچىت مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇنلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مۇسۇلمانلار مەسچىت ۋە ئۇنىڭ دىنىي مەدەنىيەت ئالامەتلىرىنى تەبىئىي ھالدا ھېس قىلىدۇ، مەسچىت مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنى ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش بوشلۇقى. مەسچىت دىنغا ئېتىقات قىلىدىغان ئامما بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى زىچ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق، ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە غايەت زور رول ئوينىغان. مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتى ۋە ئىمامنىڭ ئالاھىدە تەسىر كۈچى بولغانلىقتىن، مەسچىتتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى دىنىي تەشكىلات ئارقىلىق
ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرى ۋە دۆلەتنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىت قانۇن-سىياسەتلىرىدىن تەربىيە ئېلىپ بېرىش ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسى ئارىسىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئابروي-ئىناۋىتى يۇقۇرى دىنىي داھىيلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتى كەڭ مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ ھەرىكىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، دىنىي داھىي ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق ئىلمىي ساۋاتلارنى دىنىي ئەقىدىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەشۋىق قىلىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پائالىيىتىگە قاتناشسا، مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تۈرىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىدىغان، ئۇنى قوللايدىغان قىلغىلى بولىدۇ.
     1999-يىلى جۇڭگو پىلانلىق تۇغۇت جەمئىيىتى شىنجاڭنىڭ قورغاس ناھىيىسى ۋە يەكەن ناھىيىسىدە دىنىي زاتلار ئارقىلىق مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ كۆپىيىش ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈرىنى قاناتيايدۇرغان. 2006-يىلىدىن بۇيان، فورد فوند جەمئىيىتىنىڭ ياردەم مەبلىغى بىلەن جۇڭگو پىلانلىق جەمئىيىتى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىدە «دىنىي زاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ كۆپىيىش ساغلاملىق سەۋىيىسى ۋە جىنسىي كېسەللىك، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش» تۈرىنى يولغا قويغان. قەشقەر ۋىلايىتىدىن ئابدۇقادىر خەتىب داموللامنىڭ دىنىي زاتلار ۋە مۇسۇلمانلار ئاممىسى ئارىسىدىكى ئابرويى ۋە تەسىرى چوڭ بولۇپ، تۈر باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئۇنى تۈر پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا پائال سەپەرۋەر قىلغان. ئۇنىڭ تەسىرى ۋە يېتەكلىشى بىلەن، تۈر ئاپپاراتى ۋە شۇ جايدىكى دىنىي تەشكىلاتلار ھەمكارلىشىپ، «دىنىي زاتلار كۆپىيىش ساغلاملىقى تەشۋىقات قوللانمىسى»نى تۈزۈپ چىقىپ، دىنىي زاتلار كۇرسى ئاچقان. ستاتستىكا قىلىنىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدە تۈر يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بەش قېتىم دىنىي زاتلار كۇرسى ئېچىلغان،دىنىي زاتلار ۋە ئاممىدىن 406 ئادەم(قېتىم) تەربىيلەنگەن، يېزا بويىچە ٪95 تىن ئارتۇق دىنىي زات تەربىيەلەشكە قاتناشقان.
      مۇسۇلمانلار ئاممىسى دەسلەپتە چۈشەنمىگەن، نومۇس قىلغان بولسا، دىنىي زاتلارنىڭ تەشۋىق قىلىشى نەتىجىسىدە تۈر پائالىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلغان، قاتناشقان. تۈر باھا سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۈر نۇقتىسىدا دىنىي زاتلارنىڭ كۆپىيىش ساغلاملىقى ساۋاتلىرىنى بىلىش نىسبىتى ٪20 تىن ٪90 كە، مۇسۇلمانلار ئامىسىنىڭ بىلىش نىسبىتى ٪10 تىن ٪85 كە يەتكەن.
    نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدىمۇ «ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرىنى مەسچىتلەرگە يەتكۈزۈش»، «بىمارلارغا مېھرىبان بولۇپ، كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش—دىنىي تەشكىلات ھەرىكەتتە» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قاناتيايدۇرغان. مەسچىتلەرنىڭ خەتىبلىرى ئۆزىنىڭ تەسىرى ۋە چاقىرىق كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مەۋلۇت ۋە جۈمە نامىزى قاتارلىق دىنىي پائالىيەت كۈنلىرىدە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى دىنىي ئەقىدىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ياش-ئۆسمۈرلەرگە يۈز-تۇرانە تەشۋىق قىلغان. گۇيۈەن شەھەرلىك كېسەللىك كونترول مەركىزى شەھەرلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى، ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، ھەرقايسى ناھىيە(شەھەر)لىك ئىسلام دىنى جەمئىيەتلىرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ياردىمى بىلەن ب د ت بالىلار فوند جەمئىيىتى تۈرىدىن پايدىلىنىپ، 2009-يىلى 8-ئايدا گۇيۈەن شەھىرى بالىلار فوندى جەمئىيىتى دىنىي زاتلار ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرى تەشۋىقات كۇرسى ئاچقان، ناھىيە-شەھەر مەسچىتلىرىنىڭ ئاخۇنلىرىدىن 127 ئادەم كۇرسقا قاتناشقان.
    گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ گۇئاڭخې ناھىيىسى مەملىكەت بويىچە 2- تۈركۈمدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى تۈرى قىلىپ بېكىتىلگەن. تۈر 2004-يىلى 6-ئايدا رەسمى باشلانغان. تۈر يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، سەھىيە تارماقلىرى ۋە دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ھەر پەسىلدە بىر قېتىم قەرەللىك ئالاقىلىشىش يىغىن تۈزۈمى ئورنىتىپ، دىنىي زاتلار ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى قاناتيايدۇرۇش جەھەتتە ساقلانغان قىيىنچىلىقلارنى ۋاقتىدا ھەل قىلغان، شۇ ناھىيەنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان دىنىي زاتلار ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتى خىزمىتىنىڭ چارە-ئۇسۇللىرىنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلغان. مەسچىتنىڭ ئاخۇنلىرى ئامما جۈمە ۋە
نامازغا يىغىلغان چاغلاردا ۋەز ئېيتقاندا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرىنى ئاممىغا چۈشەندۈرگەن.
    پاكىتلاردىن ئايان بولدىكى، مەسچىتلەر ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تۈرىگە قاتناشتۇرۇلغاندا، بۇ تۈرنى مۇۋەپپىقىيەتلىك يولغا قويۇش تېخىمۇ ئوڭاي بولغان. ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تۈرلىرىنى تەشۋىق قىلىش، تەشكىللەش، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىدا مەسچىتلەر سەھىيە تارماقلىرى بىلەن مۇسۇلمانلار ئاممىسى ئوتتۇرىسىدا مۇھىم كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان.

مەنبە: «جۇڭگو مىللەتلىرى گېزىتى»نىڭ 2011-يىل 15-نويابىر سانى.

ئاپتور: جاڭ نىڭ (لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى غەربىي شىمال ئاز سانلىق مىللەتلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى)

تەرجىمىدە: ئەلبەھرە تورىدىن نوشىرۋان.


http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=443
ئەلبەھرە تورى
www.elbehre.com
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7564
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 544
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە544دانە
ئۆسۈش: 1150 %
مۇنبەر پۇلى: 6325 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-24
ئاخىرقى: 2012-05-07

كەڭ سايىدكى مۇللاملار ئەيدىز تۇغرىسىدا ،ئەيدىزگە قانداق تاقابىل تۇرۇش تۇغرىسىدا تالاش-تارتىشى قىلىڭلار،،،،،!
پەقەت ئاللاھنى ھەقىيقى تونىسىلا بولدى ھەممە ھەل& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7009
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 204
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە204دانە
ئۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلى: 2515 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-11
ئاخىرقى: 2012-03-23
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-02 00:36

ئۇلار سەپەر قىلىمىسىمۇ ئاللاھ مۇسۇلمانلارنى بارلىق يامانلىقلاردىن ئاگاھلاندۇرۇشقا ياخشىلىققا چاقرىشقا بۇيرىغان.قانداق گەپ بۇ؟ ئامال تاپالماي ئەمدى مەسجىدكە سىلىق سىلىپ.ئۇلار مەسجىتكە گەپ قىلىشتىن بۇرۇن ئىسلامنى قوبول قىلسۇن.مەسجىد ئاللاھنىڭ ئويى ۋە ئاللاھنىڭ سۆزىنى قىلمىز.قاچانلا قارسا باشقۇرمىز دىگەن.ئاللاھنىڭ جازاسىنى بىلىپ تۇرۇپ قىلغان بولغاندىكىن( بولسا پۇتۇن ئىنسانلار ھىدايەت تىىپىپ كەتسۇن).ئاللاھنىڭ ھەق دىنغا قۇلارق سالماري زىنانى قىلىۋەرگەنلەر ھەممىسى بولسا ئەيدىز بولسۇن.شۇندا ئاندىن ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئاجىزلىقىنى تونۇيدۇ.
مەسچىتتىكى موس موس موللىلارنىڭ جىنغا ۋايكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن ئوينىشىۋاتدۇ.
باشقىلار دىمسىمۇ ئىسلامنى توختىماي كىشلەرگە ئاڭلىتىش ياخشىلىققا چاقرىش شۇلارنىڭ باش تارتماس موھىم ئىشى ئىدى.لىكىن بەزى نانكورلار نىمىش قىلدىكىن تاڭ؟
پەقەت ئاللاھنى ھەقىيقى تونىسىلا بولدى ھەممە ئىللەت تۇزلىدۇ!
باراۋەرسىزلىك ئىتپاقلىققا ئۆچ.ئىتپاقلىق دۆلەت
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 644
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە644دانە
ئۆسۈش: 800 %
مۇنبەر پۇلى: 8049 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-09
ئاخىرقى: 2012-04-30
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-02 01:00

نىمىش قىلسىلە ئىماملانى بىرنەرسە دەپ ئۆزەڭلانىڭ گىپىنى قىلىڭلا خۇددى ئىماملاغا دالايدەك ئىمتىياز بېرۋاتقاندەكلا گەپ قىلدىكەنسىلە.
http://bbs.meripetyoli.com
باراۋەرسىزلىك ئىتپاقلىققا ئۆچ.ئىتپاقلىق دۆلەت
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 644
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە644دانە
ئۆسۈش: 800 %
مۇنبەر پۇلى: 8049 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-09
ئاخىرقى: 2012-04-30
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-02 01:05

مەسچىتلەردە زىنانىڭ قاتتىقلىقى تۇغۇرلۇق كۆپ تەبلىغلەر بۇلۇنۋاتىدۇ  ئاللاھ ھەر بىرىمىزگە ئىسلام نىمىتىدىن نىسىۋە بەرسۇن.
http://bbs.meripetyoli.com
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2097
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2097دانە
ئۆسۈش: 5500 %
مۇنبەر پۇلى: 15839 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-05-10
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-02 01:45

  


كەڭ سايىدكى مۇللاملار ئەيدىز تۇغرىسىدا ،ئەيدىزگە قانداق تاقابىل تۇرۇش تۇغرىسىدا تالاش-تارتىشى قىلىڭلار،،،،،!  
......................................................................
سوغۇقتا شۈمشىەيگەن مايلامچىلارمۇ قاتناشسۇن ..............................
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4797
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 973
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە973دانە
ئۆسۈش: 950 %
مۇنبەر پۇلى: 6136 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-14
ئاخىرقى: 2012-05-10
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-02 02:58

قۇرامىغا يەتمىگەنلەر،ئالى مەكتەپ ئوقۇۋاتقانلا،دۆلەت خىزمەتچىلىرى بۇ تەربىيەنى ئالالماي قالامۇ ئەمدي،قاندامۇ قىلا
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2111
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 356
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە356دانە
ئۆسۈش: 1760 %
مۇنبەر پۇلى: 5102 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2012-05-10
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-02 07:50

................

ئەمەس بولساڭ ھاراملىق ،چوقۇم ئاناڭ نىكاھلىق،
نەسلىڭ ھالال بولغاندۇ موللام بەرگەچ گۇۋاھلىق.
ئەزەن چىللاپ قويغاچقا ئىسمىڭ شۇنداق جۇلالىق،
قاچان بولۇپ قالغاندۇر موللام ساڭا گۇناھلىق.
ئەيت دۇنيادا تۇزكورلۇق قىلىغان بارمۇ مۇنداقمۇ؟،
جاۋاپ بەرگىل شائىرىم زىيالىلار شۇنداقمۇ؟

..................
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+2(ئىزباسار) ئىسلامدىكى ئ ..
  • بىز تۇپراق ئۈستىدىكى تۇپراقمىز!
    دوستلىشىش
    قارگۇلى
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8196
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 395
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە395دانە
    ئۆسۈش: 90 %
    مۇنبەر پۇلى: 4091 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-07-18
    ئاخىرقى: 2012-05-09
    8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-02 11:50

    بۇ ماقالىنىڭ دېمەگچى بولغىنى نىمە؟؟؟؟؟؟   مېنىڭ كاللام سەل  گال بولغاچقا ئانچە چۇشەنمىدىممۇ قانداق!!!!  

    مۇنبەرداشلار بىر قانچە كۇن بولدى  مەرىپەت مۇنبىرىگە پەقەتلام چىقالمايۋاتىمەن... نىمە بولغاندۇ؟؟؟؟   بىلىدىغانلار  خەۋەر بېرىڭلارچۇ!!!!  بەك ئىچىم پۇشتى دېسە!!!!!!!!!!       
    ئۇنۇتمايلىكى :  <<بۇ دۇنيا بىر قونالغۇ...........بىز بولساق مىھماندۇرمىز!!!!!>>
    ياردەم مەزمۇنى
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1191
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1086
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1086دانە
    ئۆسۈش: 140 %
    مۇنبەر پۇلى: 12064 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-08-26
    ئاخىرقى: 2012-05-01
    9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-02 12:28

    مىچىتلەرگە بۇنداق ئىمتىيازنى بەرسە دىن تارقىتىش بىلەن مۇناسىۋىتى بۇلۇپ قالىدۇ دەپ ھەجەپ ئەنسىرمەپتۇ ھە ؟
    كەچۇرۇڭلار ئۇرۇشمايمەن!!!!