ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم.. بۇ سۇئاللارغا قۇرئان كەرىم ئېنىق جاۋاپ برەلەيدۇ!
1- ھازىرقى دەۋىر تەرەققىياتنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسى ئەمەس...ئاللاتائالا قۇرئان كەرىمدە نەملى سۆرىسىنىڭ 43-ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ:
ئۇنىڭغا (يەنى بىلقىسقا): «سارايغا كىرگىن» دېيىلدى ئۇ (يەنى بىلقىس) ساراينى چوڭ سۇ دەپ گۇمانلىنىپ (كىيىمىنى كۆتۈرۈپ) ئىككى پاچىقىنى ئاچتى سۇلەيمان ئېيتتى: «شۈبھىسىزكى ئۇ ئەينەكتىن ياسالغان سارايدۇر». ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم مەن ھەقىقەتەن (اﷲغا شېرىك كەلتۈرۈپ قۇياشقا چوقۇنۇش بىلەن) ئۆزەمگە زۇلۇم قىلدىم سۇلەيمان بىلەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲغا بويسۇندۇم (يەنى سۇلەيماننىڭ دىنىغا ئەگىشىپ ئىسلامغا كىردىم)».
2-ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئادەم ئەلەيسالامنى لايدىن يارانقانلىقىنى ئېتىدۇ:
اﷲ سىلەرنى (يەنى سىلەرنىڭ ئاتاڭلار ئادەمنى) لايدىن ياراتتى ئاندىن ئەجىلىڭلارنى بېكىتتى (سىلەرنىڭ تىرىلدىغان) ۋاقتىڭلار اﷲنىڭ دەرگاھىدا مەلۇمدۇر ئاندىن سىلەر- ئى كۇففارلار!(ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشكە) شەك كەلتۈرىسىلەر.(سۆرە ئەنئام 2-ئايەت
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:
اﷲ (ئىبلىسقا):«سېنى سەجىدە قىلىشقا بۇيرۇغان چېغىمدا نېمىشقا سەجىدە قىلمىدىڭ»دېدى.ئىبلىس:«مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق مېنى ئوتتىن ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ»دېدى.(سۆرە ئەئراپ12 ئايەت
قۇرئان كەرىمدە مۇشۇنداق مىساللار بىزگە يىتەرلىك دەرىجىدە جېق! يەنە نۇرغۇن جايلاردا ئادەمنى لايدىن ياراتقانلىقى مىسال كەلتۈرۈلگەن!!
سەۋيەمنىڭ چەكلىك بۇلىشى سەۋەپلىك مۇشۇنىلا يوللاپ تۇراي!