دېمىسىمۇ ھازىرقىدەك بىر دەۋىردە ماڭا قانداق قىز كېرەك دىگەننى ھەممە ئادەم بىلىدۇ،بىراق بىزگە قانداق قىز كېرەك دىگەننى كىم دىيەلەيدۇ؟بۇ بىز ئۇقۇمى بەك كەڭرى ئۇقۇم.يۇقىرىدا دىيىلگەندەك ئوخشىمىغان ئادەمدە ئوخشىمىغان ئاڭ-ئىدىيە بولغاندىكىن ئەلۋەتتە ئوخشىمىغان خۇلاسە كاللىسىدا پەيدا بولىدۇ.بىزگە قانداق قىز كېرەك؟ئەلۋەتتە ئۆزىمىز قانداق بولساق بىزگە شۇنداق قىزلار كېرەك بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.بۇنىڭدىن باشقىسى ئەمەلىيەتتىن يىراق بولغان خىيال بولىدۇ خالاس.
دىندار كىشىگە ئۆزىگە لايىق دىندار قىز لازىم،ئادەتتىكى مائاشلىق كىشى بەلكىم ئۆزىگە ئوخشاش مائاشلىق قىزنى تاللىشى مۇمكىن،باي_خوجاينلار ئۆزى بىلەن سورۇنلارغا بارالايدىغان ئاياللارنى تاللىشى مۇمكىن.ئىشقىلىپ ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئوخشىمىغان قىزنى تاللايدۇ.بەزىلەر دەپ قويىدۇ<<كۆڭۈل دىگەن ئېشەككە چۈشسىمۇ بىر نىمە دىگىلى بولمايدۇ>>دەپ،بەلكىم بۇمۇ با گەپ،ئۆزى ئېشەكتەك بولسا چۈشۈپ قالا ئېشەككە كۆڭلى.لېكىن رېئال تۇرمۇشتا كۆڭۈلدىن باشقا يەنە نۇرغۇن تەرەپلەر بار ئويلىشىدىغان.خۇددى ھېلىقى بىر ئېتوتتا دىيىلگەندەك قىزلارمۇ<<ۋىجدانىڭىزنى جۇاڭشيۇ قىلىپ،يۈرىكىڭىزدە ئوتتاغىلى بوممايدۇ>>دەيدۇ ھازىر.
گەپنىڭ قىسقىسى قانداق ئەر بولسا شۇنداق ئايال بولىدۇ.چۈنكى ئۆيدە ئەر كىشى ئۆينىڭ خوجىسى.
لېكىن مەن
يۇقىرىقى ئالى مەكتەپنى پۇتۇۇرگەن قىزلارنىڭ ئۇغۇللارغا قارىغاندا خىزمەت ئۇرۇنلىرىنىڭ قارشى ئىلىشقا ئىرىشەلمەسلىگى ھەقىقەتەن بىر پاجىئە...جەمىيەت ھەر خىللىرىنىڭ كەلگۇسى ئانىلارغا چىقىش يۇلى بىرىشتە بىخىللىق قىلىشى بىر ئەلنىڭ نادانلىغىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىسپاتى .دىگەن گەپكە تۈپتىن قارشى.بۇ ئېنىقلا ئانىلارنىڭ چىقىش يولىنى خىزمەتتىن ئىزلىگەنلىك.ئانىنىڭ خىزمىتى نىمە؟ئانىغا ياراملىق بىر ئەۋلاد ئىزباسارلارنى تەبىيلەشتىنمۇ ياخشى خىزمەت بارمۇ؟ئاتالمىش ئاياللار باراۋەرلىكى ھېلىمۇ قىز-ئاياللىرىمىزنى قايمۇقتۇرۇپ،ھەر ساھە-ھەر كەسىپلەرگە ئەكىرىپ بولدى.بەزى ئەرلىرىمىز ئايالى تېپىپ بەرگەن پۇلنىڭ كۈچىنى تازا كۆرىۋاتىدۇ.ئەر-ئايال ئوخشاش ئىشلىگەندىكىن،ئۆي ئىشىنى تەڭ قىلىدۇ،پۇلنى ھەم تەڭ تېپىۋاتىدۇ،ھوقۇقتا ھەم ئوخشاش،ئائىلىدىكى ۋەزىپىسى ھەم ئوخشاش بولۇپ قېلىۋاتقان ئىشلار كۆپ.گەپ تېخى بۇ يەردە ئەمەس،ئەڭ مۇھىمى بالا.بالا يا چوڭلارنىڭ قولىغا قېلىۋاتقان يا تاماق يۈگۈزىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان بومۇنىڭ قولىغا قېلىۋاتقان.ئاياللارغا خىزمەت بەرگەن بىلەن بۇ خىزمەت بالىنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە كېلىدۇ.مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي.