1979(؟)-يىلى 30-ماي ،جۇۋ شىياۋجۇۋغا تەزىيە بىلدۈرۇش يىغىنى گۇڭجۇدا ئۆتكوزۇلدى ،گۇڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىكوم شۇجىسى ياڭ شاڭكۇن يىغىلىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى،ئۆلكىلىك پارتىكومنىڭ 1-شۇجىسى شى جۇڭشۇن تەزىيە نۇتقى سۆزلەپ .جۇۋ شىياۋجۇۋنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۇردى .
جۇۋ شىياۋجوۋ 1912-يىلى خونەن ئۆلكىسى شىياڭتەن ناھيىسىدە پومىشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان .
1931-يىلى ئاۋغۇسىتتا ،خۇنەن ئۇنۋىرسىتىتى تەيارلىق سىنىپىنى پۆتكوزۇپ بىيجىڭ پېداگۇكا ئۇنۋىرسىېتىتى ئەدىبىيات ئىنىستىتۇتىغا كىرگەن .ئۇ 1935-يىلى شىمالىي جۇڭگۇ بىيرۇسى ئالاقە بۆلومدە خىزمەت قىلغان ھەمدە بۇيرۇق بۇيىچە نەنجىڭ سۆھبىتىگە قاتناشقان ،ئۇ چاغلاردا جۇۋ شىياۋجۇ نەنجىڭغا تۇت قېتىم بىرىپ سۆھبەت ئۇستىلىدە ئەقىل-پاراسىتىنى ئىشقا سالغان .ئۈ سۇھبەت ئاخرلاشقاندىن كىيىن ،سۇھبەتكە ئالاقىدار ماتىرياللارنى يەنئەنگە يۇللاپ پارتىيە مەركىزى كومتىتى بىلەن ماۋزىدۇڭنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن ،جۇۋ شىياۋجۇۋ ئەقىل ھەم پاراسەتتە يېتۇك بۇلغاچقا ماۋزېدۇڭنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەن.پارتىيە مەركىزى كومتىتى كېيىن ئۇنى ماۋزىدڭنىڭ كاتىپى قىلغان .
جۇۋ شىياۋجۇۋ 1953-يىلى خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسى ،قۇشۇمچە مۇئاۋىن ئولكە باشلىقلىقىغا ئۆلكىك سىياسى كىڭەشنىڭ رەئىسلىكىگە ،ئۆلكىلىك ھەربى رايۇننىڭ سىياسىي كومىسسارلىقىغا تەيىنلەندى،1959-يىلى ئىيۇلدا ج ك پ لۇشەندە يىغىن ئىچىپ <سۇل>چىل خاتالىقلارنى تۈزىتپ<چۇڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش >نى تەنقىت قىلماقچى بولسىمۇ،پىڭ دېخۇينىڭ بىر پارچە خېتى سەۋەبلىك ۋەزىيەتتە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى بولدى،بۇنىڭ بىلەن پېڭ دېخۇي باشچىلىقىدىكى <ئوڭچىل ئاغمىچىلارنىڭ پارتىيىگە قارشى گۇرۇھى>غا خاتا ھالدا تەنقىد-كۇرەش باشلاندى ۋە ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلدى ،پىڭ دېخۇي <<ئۇڭچىل ئاغمىچى ئۇنسۇر>>لارنىڭ كاتتبىشى قېلىپ قۇيۇلدى،شۇ چاغدا خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىكومنىڭ 1-شۇجىسى بۇلوپ تۇرغان جوۋ شىياۋجۇۋ بىر نەچچە ئېغىز <نا مۇۋاپىق >سۆز قىلىپ ،پارتىيگە قارشى گۇرۇھقا چېتىلىپ قېلىپ تارتىپ چىقىرىلدى .
ماۋ زېدۇڭ جۇۋ شىياۋجۇۋنى يىنىغا ئەكىلىۋىىلىشنى ئۇيلىغانتى ،ئۇ 1-ئاۋغۇسىت جۇۋ شىياۋجۇغا خەت يىزىپ <<بۇلمىغۇر خياللاردا بۇلماي ئۇزىڭىزنى رۇسلاڭ >>دەپ تەسەللى بەردى .
ماۋ زېدۇڭ جۇۋ شىياۋجۇغا <<تەكشۇرۇشنامە يېزىپ پىڭ دېخۇينى پاش قىلسىڭىزلا بۇلدى ،يەنىلا خۇنەنگە قايتىپ خىزمىتىڭىزنى قىلسىڭىز بۇلىدىغۇ >>دېدى جۇۋ شىياۋجۇ ماۋ زېدىڭغا كۆز يىشى قىلغان ھالدا <<رەئىسى ،مەن بۇنداق تەكشۇرۇشنامە يازالمايمەن ،پېڭ باش قۇمانداننىڭ پىكىرنامىسىدىكى كۆپلىگەن ماتىرياللارنى مەن تەمىنلىگەن ،رەئىسى بىلەن سۇزلىشىپ بىقىشنى بىز ئوتتۇرغا قۇيغان ماتىريالنى بىز تەمىنلىدۇق ئۇ يازدى ،شۇنداق تۇرۇقلوق ئۇنى نىمىشقا تەنقىد قىلىمەن دېىدى.ماۋ زىدۇڭ قولىنى سىلكىپ تۇرۇپ <<قايتىپ كەتسىڭىز بۇلىدۇ >>دېدى.
لوشەن يىغىندىن كېيىن ،جۇۋ شىياۋجۇ لىيۇياڭ ناھيىسى داياڭ خەلىق كۇممۇنىسى پارتىكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا ئەۋەتىلدى ھەم ئەمگەك بىلەن ئىدىيە ئۆزگەتتى 1962-يىلى ئىيۇندا جۇۋ شياۋجۇۋ جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇتتۇرا جەنۇپ شۇبىسىگە مۇئاۋىن باشلىقلىققا ئەۋەتىلدى ،بىراق پارتگۇرۇپپىسى يىغىنىغا قاتناشتۇرۇلمىدى 1962-يىلى ئۇڭچىللارنى ئېنىقلىغاندا ،ئۇ مەركەز جوۋ شىياۋجونى ئېنىقلىماسلىقىنى قارار قىلدى .
1966-يىلى 25-دىكابىر ،جۇۋ شىياۋجۇۋ چىدىغۇسىز ھاقارەتكە ئۇچراپ كۈرەشكە تارتىلدى جۇۋ شىياۋجۇۋ شۇ كۇنى كەچ ئۇيقۇ دۇرىسىنى ناھايىتى كۆپ يېدى ،26-دېكابىر سەھەردە جۇۋ شىياۋجۇ بۇ ئالەم بىلەن خۇشلاشقاندى. رەئىسى ماۋزىدۇڭ 73ياشقا كىرگەن ئاشۇ كۇنى ئۇزىگە كاتىپ بۇلغان جۇۋ شىياۋجۇنىڭ ئۆلوۋىلىشى بىر سىر بۇلوپ قالدى -ئۇ شۇ چاغدا 54ياشتا ئىدى .
جۇۋ شىياۋجۇۋ نېمە ئۇچۇن رەئىسى ماۋزىدۇڭ 73ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۇنىدە ئۆلىۋالىدۇ ؟بۇنىڭغا ھەر كىم تۇرلوك جاۋاپ بىرىدۇ جۇۋ شىياۋجۇۋ لىن بىياۋ،جىياڭ چىڭ پارتىيىگە قارشى گۇرۇھنىڭ ئىچىنىشلىق زىيانكەشلىكى ،خۇرلىقىغا ئۇچراپ ئالەمدىن كەتتى ،ئۇنىڭ رەئىسى ماۋزىدۇڭنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئۆلىۋىىلىغىا كەلسەڭ ،بۇ بىر تاساددپىيلىقتىنلا ئىبارەت .
تەجىمە قىلغۇچى :جۇشقۇن
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتى 2011-12-ئاغۇسىت ساندىن .