كېسەل قانداق ساقىيىدۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
جىسمانىي كېسەللەرنى داۋالاشنىڭ باسقۇچلىرى:
شەخىس كېسەل بولغاندا:
كېسەلنى بايقاش
نېمە كېسەل ئىكەنلىكىگە دئاگىنوز قويۇش
كېسەلنىڭ سەۋەبىنى، مەنبەسىنى تېپىپ چىقىش
كېسەلنىڭ دورىسىنى، شىپاسىنى تېپىپ چىقىش
كېسەلنىڭ ئادەمگە يەتكۈزىدىغان زىيىنىنى بىلىش
بىمارغا ئۇنىڭ كېسەل بولغانلىقىنى، داۋالاش كېرەكلىكىنى ئېيتىش
بىمارغا كېسەلنىڭ زىيىنىنى ھېس قىلدۇرۇش
بىمارنى داۋالاشنى قوبۇل قىلىشقا ماقۇل قىلىش
كېسەلگە تۈپ يىلتىزىدىن شىپا بولىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش
ئاللاھتىن شىپالىق تىلەش
ئىنشائاللاھ، ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن كېسەل ئاخىرى ساقايدى.
بىر يۇرتقا يوقۇملۇق كېسەل تارقالغان بولسا:
ئۈستىدىكى باسقۇچلارنى بىجىرىش بىلەن بىرگە
يوقۇملارغانلارنى ئايرىۋېتىش
شۇ يۇرتتىكى كىشلەرنى باشقا يۇرتقا چىقارماسلىق، باشقا يۇرت كىشلىرىنى بۇ يۇرتقا كىرگۈزمەسلىك
يۇقىرىدىكىدەك قىلغاندىلا، كېسەلنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ. بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىدە كۆرسىتىلگەن. ئەمما، بۇنداق قىلىش ئۈچۈن شۇ يۇرتنىڭ رەھبىرى بۇ ئىشقا ئارىلىشىشى، پۇقرالارنىڭ ئۆزى خالىغانچە سەپەرگە چىقىشىنى چەكلىشى... كېرەك بولىدۇ. بۇ ئىشلار ھوقۇقنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىقلا ھەل بولىدۇ.
جىسمانىي كېسەللەرنى داۋالايدىغان دوختۇرخانىلارغا قارايدىغان بولساق:
ئومۇمەن، يۇقىرىدىكى باسقۇچلارنىڭ ھەممىسىنى بىرلا دوختۇر ئورۇنداپ كېتەلمەيدۇ. بىر دوختۇر كېسەلنى تېپىپ چىققان بولسا، يەنە بىر دوختۇر دورىنى تەتقىق قىلىپ چىقىدۇ، يەنە بىر دوختۇر كېسەلنىڭ رىتسىپىنى يازىدۇ. رىتيەنە بىر دوختۇر بىمارنى داۋالايدۇ. يۇقىرىدىكىدەك ئەھۋالنى ھەمىشە بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ تۇرساقمۇ، ھىچقايسىمىز: « نىمىشقا مېنى باشتىن ئاخىر بىرلا دوختۇر داۋالىمايدۇ؟ نىمىشقا بىرلا دوختۇر داۋالىيالمايدۇ؟ ئۇنداق ئادەم دوختۇر بولغۇچە ئىشىنى قىلسۇن» دېمەيمىز. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق دېيىشىمىز تولىمۇ بىمەنىلىك.
سېلىشتۇرما:
بىر ئادەمنىڭ مەنىۋىيىتى كېسەلگە مۇپتىلا بولغاندا:
بىمارنىڭ ئىدىيىسىدىكى، ئىش ھەرىكىتىدىكى ئازغۇنلۇقنى تېپىپ چىقىش
توغرا ئىدىيە-پىكىرنى ۋە بۇ بىماردىكى ئازغۇنلۇقنى يوقىتىشنىڭ چارىسىنى تېپىش
بىمارنىڭ خاتا ئىدىيىسىنى، خاتا ئىش ھەرىكەتلىرىنى پاش قىلىش،
بۇ خاتالىقلارنىڭ زىيىنىنى ھېس قىلدۇرۇش
توغرا پىكىرنى يەتكۈزۈش
بۇپىكىرنى قوبۇل قىلىپ، ئىلگىرىكى ئازغۇنلۇقلاردىن چېكىنسە قانداق مەنپەئەت بار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش
بۇ دورىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئۈزۈلدۈرۈپ قويماي بېرىش.
ئەگەر بىمار مەنىۋىي كېسەلدىن مانا مۇشۇنداق قۇتۇلسا، ئاللاھ خالىسا ئۇ ئازغۇنلۇققا ھەرگىز ماڭمايدۇ.
روھىيىتى بۇلغانغان بىر ئىنساننى يۇقىرىدىكىدەك باسقۇچلار ئارقىلىق توغرا يولدىكى يېپيېڭى بىر ئادەمگە ئۆزگەرتىش مۇمكىن.
بىر ئۈممەت ئىچىدىكى مىڭلىغان ئىنساننىڭ مەنىۋىيىتى چىركىنلەشكەندە(مەنىۋىي ۋابا تارقالغاندا):
ئۇنى تۈپتىن ھەل قىلىشنىڭ چارىسى بۇ ۋابانىڭ تارقىلىشىنى كونتىرول قىلىشتۇر. سىرتتىن كېلىۋاتقان ۋابانى توسۇش، ۋابا يۇققانلارنى مەخسۇس داۋالاش، جەمئىيەتتە ۋابانىڭ زىيىنىنى تەشۋىق قىلىش، ۋاباغا قارىتا مۇداپىئەلىنىدىغان تۇيغۇنى ھاسىل قىلىش ئارقىلىقلا بۇ كېسەلدىن قۇتۇلغىلى بولۇش مۇمكىن. ئەمما، بۇنى بىر، ئون ياكى نەچچە يۈز شەخىس ئورۇندىيالمايدۇ. يۇقىرىدىكىدەك ئىشلارنى ئورۇنداش، ۋابانى كونتىرول قىلىش ئۈچۈن كۈچ- قۇۋۋەت، ھاكىملىق بولۇشى كېرەك. مانا بۇ ئۈممەتتىكى كېسەلنى يىلتىزىدىن يوق قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى.
شەخىسنى ئىسلاھ قىلىشتا، ئەڭ ئاۋۋال ئىمان چۈشەنچىسىنى ھاسىل قىلىش ۋە مۇستەھكەملەش كېرەك:
ئادەمنى بىر دەرەخكە ئوخشاتساق:
دەرەخنىڭ غولى ئۇنىڭدىكى ئىمان قۇۋۋىتىدۇر. ياندىن ئۆسۈپ چىقىۋالغان ھارام شاخچىلار ئۇ سادىر قىلىۋاتقان بىدئەت ئىشلار، ئەقىدىسىگە زىت بولغان ئىشلار...دۇر.
ئەگەر دەرەخنىڭ غولى توم بولسا ھارام شاخلار تەرەققىي قىلالمايدۇ، ئۇشاخلارنى چاتىۋەتسىمۇ دەرەخكە زەرەر يەتمەيدۇ، بەلكى غول تېخىمۇ كۈچلىنىدۇ. ئەگەر دەرەخنىڭ غولى ئۆسمەي ياندىن ھارام شاخلارلا چىقىۋالغان بولسا، بۇ شاخلارنى چاتاش بىلەن دەرەخنىڭ سورتىنى ياخشىلىغىلى بولمايدۇ، چاتىسا ياندىن يەنە چىقىدۇ، يەنە چاتىسا يەنە بىرى چىقىدۇ. بۇ ھارام شاخلاردىن بىراقلا قۇتۇلۇشنىڭ ئۇسۇلى دەرەخكە يېڭى بىر غول ھاسىل قىلىشتۇر. بۇ دەرەخ تۈۋىدىن كېسىپ تاشلىنىپ سورتلۇق شاخقا ئۇلاش ئارقىلىق قايتا كۆكەرتىلىدۇ. ئەمدى بۇ دەرەخكە ھارام شاخلار ئۆسمەيدۇ.
ئەگەر بىر بىمار ئوپىراتسىيە قىلمىسا ساقايمايدىغان بىر كېسەلگە مۇپتىلا بولغان بولسا:
ئاۋۋال ئۇنىڭ بەدەن قۇۋۋىتى تەكشۈرۈلىدۇ، ئەگەر بەدىنى بەك ئاجىز بولۇپ، ئوپىراتسىيىگە بەرداشلىق بېرەلمىگۈدەك بولسا، ئاۋۋال ئۇنىڭغا بىر مەزگىل قۇۋۋەت ئۇكۇللىرى، قۇۋۋەت ئۇزۇقلۇقلىرى بېرىلىدۇ، ئىمۇنىتىت كۈچى ئاشۇرۇلىدۇ. بىمارنىڭ بەدىنى ئوپىراتسىيەنى قۇبۇل قىلالىغۇدەك ھالغا كەلگەن چاغدا ئاندىن ئوپىراتسىيە قىلىنىدۇ. ئەگەر ئاجىز ھالەتتە ئوپىراتسىيە قىلىۋەتسە، ئۇنىڭ بەدىنىدە يەنە يېڭى كېسەللەر پەيدا بولىدۇ، بىمار دوختۇردىن قاتتىق نارازى بولىدۇ، كېسىلىمنى داۋالىيالماي تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى، دەپ قارىشىمۇ مۇمكىن. ھەتتا، كېسەلنى قارىغۇلارچە داۋالىماقچى بولغانلىقىدىن، بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ.
ئەگەر بىر ئادەم گۇناھقا چۆكۈپ كەتكەن بولسا، بىدئەتكە پېتىپ كەتكەن بولسا، ئاۋۋال ئۇنىڭ ئىمانى تەكشۈرۈلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ئىمانى يوق بولسا ئىمان چۈشەنچىسى بېرىلىدۇ، ئەگەر ئىمانى سۇس بولغان بولسا، ئىمانىنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن تەربىيە قىلىنىدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ ئىمانى كۈچىيىپ مەلۇم چەككە يەتكەندە ئۆزى قىلىۋاتقان خاتا قىلمىشلاردىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ۋاز كېچىدۇ، ئۆزىگە بۇيرۇلغان ئىشلارنى بىجاندىل ئورۇنداشقا باشلايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلماي ئىمانى ئاجىز ياكى ئىمانسىز كىشىنىڭ قىلىۋاتقان خاتا قىلمىشلىرىنى مەجبۇرىي چەكلەيمەن، دېسە، بىر ىاتالىقىنى چەكلىيەلىگەن بىلەن ئۇ كىشى يەنە بىر خاتا ئىشقا ئۆگىنىپ بولىدۇ. بىر بىدئەتتىن توسۇپ بولغىچە يەنە بىر بىدئەتكە چۆكۈپ بولىدۇ. ماددىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، شۇ ئىشنى سادىر قىلغان كىشىنى ئۇنىڭدىن چەكلەشكە كۈچى يەتمىگەن ئىماننىڭ ئۆزىگە قەلب ھۇزۇرى ۋە ماددىي بايلىق ئېلىپ كېلىۋاتقان ھارام ئىشتىن چەكلەشكە كۈچى يېتەرمۇ؟ بەدىنى ئاجىزلاپ كەتكەن ئادەمنى دەررۇ ئوپىراتسىيە قىلسا كۆتۈرەلمەيدۇيۇ، ئىمانى ئاجىزلاپ كەتكەن ئادەمدىكى خاتالىقلارنى، ئۇنىڭ قەلبىدىكى بىدئەت شاخچىلىرىنى بىۋاستە كېسىپ تاشلىسا ئۇ كىشى بۇ ئوپىرايتسىيەنى كۆتۈرەلەمدۇ؟ (ھازىرقى مەنىۋىيەت دوختۇرلىرىنىڭ قولىدا ھارام شاخلارنى كېسىدىغان قايچا ھەم يوق، كېسەلىگۈدەك كۈچ- قۇۋۋەت ھەم يوق، قايچە ھەم كۈچ- قۇۋۋەت ھاكىمنىڭ، رەھبەرنىڭ قولىدا. ئۈممەتتىكى ھارام شاخچىلارنى تولۇق چاتاش ئۈچۈن ئەنە شۇنداق كۈچ -قۇۋۋەت مەنبەسى كېرەك).
قۇۋۋەتلىك ئادەمنىڭ ئىمۇنىتىت كۈچى يۇقىرى بولىدۇ، ئۇنىڭغا ۋىرۇسلار، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئاسانلىقچە تەسىر قىلالمايدۇ. جىسمانىي كېسەللىكلەرگە جىسمانىي قۇۋۋەت، مەنىۋىي كېسەللىكلەرگە مەنىۋىي قۇۋۋەت، ئىماننىڭ ئاجىزلىقىدىن كېلىپ چىققان كېسەللەرگە ئىمان قۇۋۋىتى تولۇقلاش ـــــ كېسەلنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر!
قېرىنداشلار: ئوپىراتسىيەدىن ئاۋۋال قۇۋۋەت تولۇقلاش كېرەكمۇ قانداق؟
مەنبە: ئويچاننىڭ ئويلىرى
[ بۇ يازمىنىoylinish 2011-11-27 09:44قايتا تەھرىرلىد ]