باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4362 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مەكتەپلەردىكى يىڭى خەۋەر...
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9782
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-26
ئاخىرقى: 2011-11-26
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-26 17:13

مەكتەپلەردىكى يىڭى خەۋەر...

باشقا شەھەرلەردە قانداق بولدىكىن بىلمىدىم .  يىقىندا خەلىق ھۆكۆمىتى غۇلجىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئوقۇتقۇچىلارغا 10 مىڭ يۈەندىن ياردەم پۇلى تارقاتماقچى بولدى . ھەرقايسى مەكتەپلەرگە بەلگىلەپ بەرگەن سانمۇ ئوخشىمايدۇ. بەلكىم ھەربىر مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانىغا ئاساسەن ئاز-كۆپلىكىنى بەلگىلىگەن ئوخشايدۇ . بۇ خەۋەر ھەرقايسى مەكتەپلەرگەن يىتىپ كەلگەندىن كىيىن تۇرمۇشۇمدا قىيىنچىلىق بار دەپ قارىغان ئوقۇتقۇچىلار بەس -بەستە ئىلتىماسلارنى خەنزۇچە قىلىپ قاتۇرۇپ يېزىپ رەھبەرلەرگە تاپشۇردى . ھەممە مەكتەپلەردە ئىلتىماس يازغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى ئاز ئەمەس لىكىن ھەرقايسى مەكتەپلەرگە بىرىلگەن سان چەكلىك . قانداق قىلىش كېرەك ، بۇ مەسىلە ھەرقايسى مەكتەپ رەھبەرلەرنىڭ بىشىنى بەك قاتۇردى.  تۈنۈگۈن ئاڭلىسام بىر ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۈچ سان بەرسە مەكتەپ رەھبەرلىكى بۇ ئۈچ ساننى گۈسمەستەك ئۈچ ئەر كىشىگە بىرىپتۇ . بۇنى ئاڭلىغان مەلۇم بىر ئۇزۇن يىل مائارىپ سىپىدە ئىشلىگەن بىر تۇل ئايال ئوقۇتقۇچى بۇ ئىشتىن رەنجىپ مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ قىشىغا كىرىپ بىر مۇنچە قاقشىغان ، بۇ ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزىدىن قارىغاندا بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىق ئىغىر . ئۆيىدە ئەر كىشى بولمىغاچقا ئۆيىنىڭ ئۆگىزىسىنىمۇ رىمۇنت قىلالماي يامغۇر ياغسىلا يامغۇر ئۆتۈپ پەقەت ئارام بەرمىگەن ۋە يەنە باشقا ئەھۋاللار بارمىش . (غۇلجىدا يامغۇر يىغىش دائىملىق ئىش .شۇڭا ھەممە ئۆينىڭ ئۈستى دىگۈدەك قەلەي بىلەن قاپلانغان .)
خوش ، مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى ، بىزنىڭ مەكتەپتىكى ئەھۋال تىخىمۇ قىززىق . بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلارمۇ بەس-بەستە ئىلتىماس دىگەننى قاتۇرۇپ يېزىپ مەكتەپ رەھبەرلىكىگە تاپشۇردى .مەكتىۋىمىزدا خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى 130 دىن ئاشىدۇ . ئويغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى 70 تىن ئاشىدۇ . مەكتىۋىمىزگە بىرىلگەن سان سەككىز .  بۇ سان ئىچىگە كىرگەن خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى ئىككى ئىلتىماس قىلغىنى پەقەت شۇ .  تۇرمۇشىدا ھەقىقەتەنمۇ ئىقتىسادىي قىيىنچلىق ئىغىر .  بۇ سان ئىچىگە كىرگەن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى ئالتە نەپەر . بۇ ئالتە نەپىرىنىڭ بىرسى پىنسىيىگە چىققان پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىسى . قالغان بەشى ھازىر خىزمەت ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچى . بۇ بەش ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىككىسى خىزمەتكە چىقىپ تۇرمۇش قۇرۇپ بىردىن ئىككىدىن بالىلىق بولغان ياش ئوقۇتقۇچىلار تۇرمۇشىدا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىق بار . قالغان ئۈچى ئوتتۇرا ياشلىق ئوقۇتقۇچىلار ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى مۇنداق بىرنجىسى : مەكتەپ رەھبەرلىك قاتلىمىدا بولۇپ  يەر ئۆيى بار. بۇ قىتىم يەنە ھۆكۈمەت ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە سىلىپ بەرگەن تۆۋەن باھالىق ئۆيدىن بىرنى سىتىۋىلىشقا تىزىملىتىپ  ئالدىن تاپشۇرۇدىغان  زاكالەت پۇلىنى تاپشۇرۇپ بولغان .ئايالىنىڭ خىزمىتى يوق. لىكىن ئايالىنىڭ ئىككى يەردە ئاچقان دۇكىنى ، تاللا بازىرى بار. يەنە ئىككى بالىسى بار.  ئىككىنجى ئوقۇتقۇچى  : ئەر-ئايال خىزمەتچى ئايالىنىڭ ئالىدىغان ئايلىقى تۆۋەن  ،  خىلى ياخشى بىزەلگەن بىنا ئۆيى بار. ئۆيدە ھەممە نەرسە تولۇق .  ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يىل ئۆزىنىڭ يېرىگە  يىڭىدىن ئۆي سالغان ،ئىككى بالىسى بار.  ئۈچىنجى ئوقۇتقۇچى : يولدىشى ئۆلۈپ كەتكەن ، بىر بالىسى بار. ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى . ئايلىقى 3 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ،  ئۆيى بار. بۇ يىل يەنە ھۆكۈمەت ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە سىلىپ بەرگەن تۆۋەن باھالىق ئۆيدىن بىرنى سىتىۋىلىشقا تىزىملىتىپ  ئالدىن تاپشۇرۇدىغان  زاكالەت پۇلىنى تاپشۇرۇپ بولغان . بالىسى ئۈچۈن يولدىشىنىڭ ئىدارىسىدىن ھەرئايدا ياردەم پۇلى بىرىپ تۇرۇدۇ .
ئەمدى ئىلتىماس يىزىپ ئىلتىماسى تەستىقلانمىغان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ باقايلى : بىرىنجى ئوقۇتقۇچى : خىزمەتكە چىققىلى بىر نەچچە يىل بولغان ، مەكتەپ ياتىقىدا تۇرۇدۇ . توي قىلمىغان  ، ئاتا-ئانىسى دىھقان بولۇپ ئۆيى سەھرادا .  تۇرمۇش قىيىنچىلىق بولغاچقا ھازىرغىچە توي قىلالماي ياكى ئۆي ئالالماي يۈرىدۇ . ئىككىنجى ئوقۇتقۇچى : يولدىشىنىڭ خىزمىتى يوق . يولدىشى ئاغرىقچان بولۇپ ئانچە-مۇنچە قۇربى يەتكەن ئىشلارنى قىلىپ پۇل تاپىدۇ .  ئاتا-ئانىسى تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئىلىپ ياشايدۇ . بۇ ئائىلىنىڭ ئاساسلىق كىرىمى بۇ ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ ئايلىقى .  ئۈچىنجى ئوقۇتقۇچى : ئايالىنىڭ خىزمىتى يوق  ئۆيدە . ئىككى بالىسى بار . ئۆزىنىڭ شەخسى ئۆيى يوق بولغاچقا چوڭلار بىلەن بىرگەن تۇرۇدۇ . ئايلىقى 1500 يۈەن ئاتراپىدا . ئالدىنقى يىلى چوڭ بالىسى ئىغىر ئاغرىپ قىلىپ ، داۋالىتىپ باشقىلارغا ئىككى تۈمەندىن ئارتۇق قەرىز بولۇپ قالغان ھازىرغىچە تىخى قايتۇرۇپ بولالمىغان . ئائىلىدىكى تۆت جان بىر ئايلىققا قاراشلىق .
مۇشۇنچىلىكنى دەي . قالغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ تۇرمۇشىدا بەلگىلىك قىينچلىق بار .  تورداشلارنىڭ ئىچىدە يەنە مائارىپ سىپىدىكىلەر بولسا ئۆز مەكتىۋىنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ باقسا .....
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9846
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 3
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2011-12-03
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-11-29 23:43

ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپلەرگىمۇ  بۇ ھۆججەت چۈشتى.بىزنىڭ مەكتەپكە 10 سان بېرىپتىكەن،،،بۇنىڭ ئىككى سانىنى قىينچىلىقى بار  پېنسىيىگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارغا بەردى.قالغان سەككىز ساننى  خىزمەت ئورنىدىكى  مۇنبەردە ئىزچىل ئىشلەپ كېلۋاتقان ،ھەقەقىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇتقۇچىلارغا بەردى.(بۇ ئىشنى ئالدى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ئوتتۇرسىدا  مۇزاكىرىگە سېلىپ ئاندىن بېكىتتى)