查看完整版本: [-- مەكتەپلەردىكى يىڭى خەۋەر... --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> مەكتەپلەردىكى يىڭى خەۋەر... [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

چوقان 2011-11-26 17:13
باشقا شەھەرلەردە قانداق بولدىكىن بىلمىدىم .  يىقىندا خەلىق ھۆكۆمىتى غۇلجىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئوقۇتقۇچىلارغا 10 مىڭ يۈەندىن ياردەم پۇلى تارقاتماقچى بولدى . ھەرقايسى مەكتەپلەرگە بەلگىلەپ بەرگەن سانمۇ ئوخشىمايدۇ. بەلكىم ھەربىر مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانىغا ئاساسەن ئاز-كۆپلىكىنى بەلگىلىگەن ئوخشايدۇ . بۇ خەۋەر ھەرقايسى مەكتەپلەرگەن يىتىپ كەلگەندىن كىيىن تۇرمۇشۇمدا قىيىنچىلىق بار دەپ قارىغان ئوقۇتقۇچىلار بەس -بەستە ئىلتىماسلارنى خەنزۇچە قىلىپ قاتۇرۇپ يېزىپ رەھبەرلەرگە تاپشۇردى . ھەممە مەكتەپلەردە ئىلتىماس يازغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى ئاز ئەمەس لىكىن ھەرقايسى مەكتەپلەرگە بىرىلگەن سان چەكلىك . قانداق قىلىش كېرەك ، بۇ مەسىلە ھەرقايسى مەكتەپ رەھبەرلەرنىڭ بىشىنى بەك قاتۇردى.  تۈنۈگۈن ئاڭلىسام بىر ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۈچ سان بەرسە مەكتەپ رەھبەرلىكى بۇ ئۈچ ساننى گۈسمەستەك ئۈچ ئەر كىشىگە بىرىپتۇ . بۇنى ئاڭلىغان مەلۇم بىر ئۇزۇن يىل مائارىپ سىپىدە ئىشلىگەن بىر تۇل ئايال ئوقۇتقۇچى بۇ ئىشتىن رەنجىپ مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ قىشىغا كىرىپ بىر مۇنچە قاقشىغان ، بۇ ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزىدىن قارىغاندا بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىق ئىغىر . ئۆيىدە ئەر كىشى بولمىغاچقا ئۆيىنىڭ ئۆگىزىسىنىمۇ رىمۇنت قىلالماي يامغۇر ياغسىلا يامغۇر ئۆتۈپ پەقەت ئارام بەرمىگەن ۋە يەنە باشقا ئەھۋاللار بارمىش . (غۇلجىدا يامغۇر يىغىش دائىملىق ئىش .شۇڭا ھەممە ئۆينىڭ ئۈستى دىگۈدەك قەلەي بىلەن قاپلانغان .)
خوش ، مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى ، بىزنىڭ مەكتەپتىكى ئەھۋال تىخىمۇ قىززىق . بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلارمۇ بەس-بەستە ئىلتىماس دىگەننى قاتۇرۇپ يېزىپ مەكتەپ رەھبەرلىكىگە تاپشۇردى .مەكتىۋىمىزدا خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى 130 دىن ئاشىدۇ . ئويغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى 70 تىن ئاشىدۇ . مەكتىۋىمىزگە بىرىلگەن سان سەككىز .  بۇ سان ئىچىگە كىرگەن خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى ئىككى ئىلتىماس قىلغىنى پەقەت شۇ .  تۇرمۇشىدا ھەقىقەتەنمۇ ئىقتىسادىي قىيىنچلىق ئىغىر .  بۇ سان ئىچىگە كىرگەن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى ئالتە نەپەر . بۇ ئالتە نەپىرىنىڭ بىرسى پىنسىيىگە چىققان پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىسى . قالغان بەشى ھازىر خىزمەت ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچى . بۇ بەش ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىككىسى خىزمەتكە چىقىپ تۇرمۇش قۇرۇپ بىردىن ئىككىدىن بالىلىق بولغان ياش ئوقۇتقۇچىلار تۇرمۇشىدا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىق بار . قالغان ئۈچى ئوتتۇرا ياشلىق ئوقۇتقۇچىلار ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى مۇنداق بىرنجىسى : مەكتەپ رەھبەرلىك قاتلىمىدا بولۇپ  يەر ئۆيى بار. بۇ قىتىم يەنە ھۆكۈمەت ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە سىلىپ بەرگەن تۆۋەن باھالىق ئۆيدىن بىرنى سىتىۋىلىشقا تىزىملىتىپ  ئالدىن تاپشۇرۇدىغان  زاكالەت پۇلىنى تاپشۇرۇپ بولغان .ئايالىنىڭ خىزمىتى يوق. لىكىن ئايالىنىڭ ئىككى يەردە ئاچقان دۇكىنى ، تاللا بازىرى بار. يەنە ئىككى بالىسى بار.  ئىككىنجى ئوقۇتقۇچى  : ئەر-ئايال خىزمەتچى ئايالىنىڭ ئالىدىغان ئايلىقى تۆۋەن  ،  خىلى ياخشى بىزەلگەن بىنا ئۆيى بار. ئۆيدە ھەممە نەرسە تولۇق .  ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يىل ئۆزىنىڭ يېرىگە  يىڭىدىن ئۆي سالغان ،ئىككى بالىسى بار.  ئۈچىنجى ئوقۇتقۇچى : يولدىشى ئۆلۈپ كەتكەن ، بىر بالىسى بار. ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى . ئايلىقى 3 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ،  ئۆيى بار. بۇ يىل يەنە ھۆكۈمەت ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە سىلىپ بەرگەن تۆۋەن باھالىق ئۆيدىن بىرنى سىتىۋىلىشقا تىزىملىتىپ  ئالدىن تاپشۇرۇدىغان  زاكالەت پۇلىنى تاپشۇرۇپ بولغان . بالىسى ئۈچۈن يولدىشىنىڭ ئىدارىسىدىن ھەرئايدا ياردەم پۇلى بىرىپ تۇرۇدۇ .
ئەمدى ئىلتىماس يىزىپ ئىلتىماسى تەستىقلانمىغان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ باقايلى : بىرىنجى ئوقۇتقۇچى : خىزمەتكە چىققىلى بىر نەچچە يىل بولغان ، مەكتەپ ياتىقىدا تۇرۇدۇ . توي قىلمىغان  ، ئاتا-ئانىسى دىھقان بولۇپ ئۆيى سەھرادا .  تۇرمۇش قىيىنچىلىق بولغاچقا ھازىرغىچە توي قىلالماي ياكى ئۆي ئالالماي يۈرىدۇ . ئىككىنجى ئوقۇتقۇچى : يولدىشىنىڭ خىزمىتى يوق . يولدىشى ئاغرىقچان بولۇپ ئانچە-مۇنچە قۇربى يەتكەن ئىشلارنى قىلىپ پۇل تاپىدۇ .  ئاتا-ئانىسى تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئىلىپ ياشايدۇ . بۇ ئائىلىنىڭ ئاساسلىق كىرىمى بۇ ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ ئايلىقى .  ئۈچىنجى ئوقۇتقۇچى : ئايالىنىڭ خىزمىتى يوق  ئۆيدە . ئىككى بالىسى بار . ئۆزىنىڭ شەخسى ئۆيى يوق بولغاچقا چوڭلار بىلەن بىرگەن تۇرۇدۇ . ئايلىقى 1500 يۈەن ئاتراپىدا . ئالدىنقى يىلى چوڭ بالىسى ئىغىر ئاغرىپ قىلىپ ، داۋالىتىپ باشقىلارغا ئىككى تۈمەندىن ئارتۇق قەرىز بولۇپ قالغان ھازىرغىچە تىخى قايتۇرۇپ بولالمىغان . ئائىلىدىكى تۆت جان بىر ئايلىققا قاراشلىق .
مۇشۇنچىلىكنى دەي . قالغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ تۇرمۇشىدا بەلگىلىك قىينچلىق بار .  تورداشلارنىڭ ئىچىدە يەنە مائارىپ سىپىدىكىلەر بولسا ئۆز مەكتىۋىنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ باقسا .....

جەڭچى 2011-11-26 17:57
ھا ھا ھا ھا    

موتۇ 2011-11-26 18:30
ئىشلار  شۇنداق  بولغاچقا  ،  ھالۋېنى ھېكىم  يەيدۇ ،  تاياقنى  يېتىم  . ئەمەسمۇ  بۇرادەر  .

tuman 2011-11-26 18:33
بۇ ئىش 5 يىللىق پىلان ئىكەنغۇ ،5 يىلغىچە بۇتۇن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئوچرەت بىلەن بىرىلسە ھەممىسى بەھرىمان بولىدىكەنغۇ،
بۇ يىل ئالغانلار كىلەر يىلى ئالمىسا بولدىغۇ، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە سان كۆپرەككە،

نۇرنىسە10 2011-11-26 19:43
ئادالەت بولمىسا، مۇقىملىق بولامدۇ؟!

ئۆمەرئىلى 2011-11-26 21:53
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى موتۇ نىڭ 2011-11-26 18:30 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئىشلار  شۇنداق  بولغاچقا  ،  ھالۋېنى ھېكىم  يەيدۇ ،  تاياقنى  يېتىم  . ئەمەسمۇ  بۇرادەر  .

ھەق گەپ

muallim70 2011-11-26 22:03
بىزنىڭ نەچچە سان بەرگەندۇ؟

muallim70 2011-11-26 22:11
ياردەم ئاجىزلارغا بېرىلىدۇ.دېمەك بۇگۇنكى كۇندە ئوقۇتقۇچىلار........ھەي....

بىگان 2011-11-26 22:49
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

تۈركىچىن 2011-11-26 23:04
  

ئۆركەش 2011-11-27 00:38
شۇنداقكەن.

bahram 2011-11-27 03:57
بۇنداق ئىشلار ھەممە يەردە ماۋجۇت ، سۆزلىسەك گەپ تولا ،،،،،،، ھازىر ھەممە ئىش قەغەز يۈزىدىلا بىجىرىلىدىغان بولۇپ كەتتى ئامال قانچە ....

kepterwaz 2011-11-27 08:17
بىكاردا ئىش يوق،ھۆپۈپتە چىش

تاھىربەگ 2011-11-27 11:38
كەپتەردىمۇ يوق  

oghuzhan 2011-11-27 15:39
ھەي ئىدىيە نامراتلىق !
مەكتەپ رەھبەرلىك قاتلىمى تەكشۈرۈپ كۆرمەيلا ھاللىق كىشىلەرگە ياردەم بەرگىنىنى قامچىلىماقچىمۇ ياكى باي تۇرۇپ ئىزا تارتماي ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى قامچىلىماقچىمۇ ؟

tug 2011-11-27 20:06
قىيىنچىلىقى بارلارغا بېرىلگەن پۇلنىى تۇرمۇشى خاتىرجەملەر  ئالىدىكەن ، تۈۋەن كاپالەت سوممىسىنى بەزىلەرنىڭ تۇغقانلىرى ئالىدىكەن .

almiliq 2011-11-27 20:34
ئاشۇنداق قىيىنچىلىقى ئىغىر ئوقۇتقۇچىلارغا قاراپ باقسا ئاساسەن خىزمەتنى بېرىلىپ ئىشلەيدىغانلار، كەسپىنى، ئوقۇغۇچىلارنى سۆيىدىغان مىھنەتكەشلەر بولۇپ چىقىدۇ.  بۇلارغا قاراپ ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپ قىزغىنلىقى تۆۋەنلەيدۇ-دە، بىۋاستە مائارىپ-ئوقۇتۇش سۈپىتگە تەسىر يېتىدۇ، بۇنىڭدا زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا سەبىي غۇنچىلار بولىدۇ.

karwan@ 2011-11-28 10:38
    بۇ ياردەم پىلانى بەزى مەكتەپلەردە ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ يەتكۈزۈلگەن بولسا،بەزى مەكتەپلەردە خۇپىيانە ئېلىپ بېرىلغان بولىشى مۇمكىن،مەنپەئەت دىسە قانات ياسايدىغان،خىزمەت دىسە ھورۇن ئېشەكتەك ياتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئاز ئەمەس.گەپ شۇ ئوقۇتۇش رايونىدىكى مۆھتىرەم چوڭاملاردا.

ۋىسال731 2011-11-28 12:07
ھازىرقى بىر قىسىم  ئادەملەر نىمىدىگەن ئاجايىپ.بىر تۈركۈم كىشىلەر ياردەمگە ئىھتىياجى پەقەت يوق جايلارغا ياردەم بىرىمىز دەپ بېرىۋالىدۇ،ئۇلارنىڭ نىمىگە ياردەم بىرىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.يەنە بىر قىسىم كىشلەرگە بۇ ماددى پەلسەپە شۇنچىلىك تەسىر كۆرسەتتىكى ،ئەگەر مېيىپلارغا ياردەم قىلىنىپ ئايدا 30يۇەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بىرىلىدىكەن دىسە،ساق كۆزىنى قۇيىۋەتكىلى،ساق پۇتىنى كىسىۋەتكىلى،ساق بىشىنى تىنىدىن جۇدا قىلغىلى ئالدىرايدىكەن.ئوقۇتقۇچىلارغۇ ياردەم دىسە تاماششىنىڭ قىزىقى چىقىدۇ ياردەمگە ئىرىشىشنىڭ ماتىرىيالىنى توغىرلايمەن دەپ.ھەقىقەتەن ياردەمگە ئىھتياجلىق بولسا بۇ باشقا گەپ، شۇڭا ياردەمگە ئىرىشىمەن دەپ كىشىلك ئىزەتنى ،غۇرۇرنى يوق قىلىۋالمايلى.

ياۋاگۈل 2011-11-28 12:23
بىزنىڭ بۇ يەردە قېينچلقى ئەڭ ئېغىر  ، يەنە ئائىلىسدە ئېغىر كېسەل بار ئۇقۇتقۇچىلارغا بىرىلىدى. ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئۇقۇتقۇچى  ئىلتماس يازمىدى ، ئىدارىدىن تەكشۇرۇپ بىكىتتى .

ئايقۇت 2011-11-29 23:43
ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپلەرگىمۇ  بۇ ھۆججەت چۈشتى.بىزنىڭ مەكتەپكە 10 سان بېرىپتىكەن،،،بۇنىڭ ئىككى سانىنى قىينچىلىقى بار  پېنسىيىگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارغا بەردى.قالغان سەككىز ساننى  خىزمەت ئورنىدىكى  مۇنبەردە ئىزچىل ئىشلەپ كېلۋاتقان ،ھەقەقىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇتقۇچىلارغا بەردى.(بۇ ئىشنى ئالدى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ئوتتۇرسىدا  مۇزاكىرىگە سېلىپ ئاندىن بېكىتتى)


查看完整版本: [-- مەكتەپلەردىكى يىڭى خەۋەر... --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.065910 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us