باشقا شەھەرلەردە قانداق بولدىكىن بىلمىدىم . يىقىندا خەلىق ھۆكۆمىتى غۇلجىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئوقۇتقۇچىلارغا 10 مىڭ يۈەندىن ياردەم پۇلى تارقاتماقچى بولدى . ھەرقايسى مەكتەپلەرگە بەلگىلەپ بەرگەن سانمۇ ئوخشىمايدۇ. بەلكىم ھەربىر مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانىغا ئاساسەن ئاز-كۆپلىكىنى بەلگىلىگەن ئوخشايدۇ . بۇ خەۋەر ھەرقايسى مەكتەپلەرگەن يىتىپ كەلگەندىن كىيىن تۇرمۇشۇمدا قىيىنچىلىق بار دەپ قارىغان ئوقۇتقۇچىلار بەس -بەستە ئىلتىماسلارنى خەنزۇچە قىلىپ قاتۇرۇپ يېزىپ رەھبەرلەرگە تاپشۇردى . ھەممە مەكتەپلەردە ئىلتىماس يازغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى ئاز ئەمەس لىكىن ھەرقايسى مەكتەپلەرگە بىرىلگەن سان چەكلىك . قانداق قىلىش كېرەك ، بۇ مەسىلە ھەرقايسى مەكتەپ رەھبەرلەرنىڭ بىشىنى بەك قاتۇردى. تۈنۈگۈن ئاڭلىسام بىر ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۈچ سان بەرسە مەكتەپ رەھبەرلىكى بۇ ئۈچ ساننى گۈسمەستەك ئۈچ ئەر كىشىگە بىرىپتۇ . بۇنى ئاڭلىغان مەلۇم بىر ئۇزۇن يىل مائارىپ سىپىدە ئىشلىگەن بىر تۇل ئايال ئوقۇتقۇچى بۇ ئىشتىن رەنجىپ مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ قىشىغا كىرىپ بىر مۇنچە قاقشىغان ، بۇ ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزىدىن قارىغاندا بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىق ئىغىر . ئۆيىدە ئەر كىشى بولمىغاچقا ئۆيىنىڭ ئۆگىزىسىنىمۇ رىمۇنت قىلالماي يامغۇر ياغسىلا يامغۇر ئۆتۈپ پەقەت ئارام بەرمىگەن ۋە يەنە باشقا ئەھۋاللار بارمىش . (غۇلجىدا يامغۇر يىغىش دائىملىق ئىش .شۇڭا ھەممە ئۆينىڭ ئۈستى دىگۈدەك قەلەي بىلەن قاپلانغان .)
خوش ، مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى ، بىزنىڭ مەكتەپتىكى ئەھۋال تىخىمۇ قىززىق . بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلارمۇ بەس-بەستە ئىلتىماس دىگەننى قاتۇرۇپ يېزىپ مەكتەپ رەھبەرلىكىگە تاپشۇردى .مەكتىۋىمىزدا خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى 130 دىن ئاشىدۇ . ئويغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى 70 تىن ئاشىدۇ . مەكتىۋىمىزگە بىرىلگەن سان سەككىز . بۇ سان ئىچىگە كىرگەن خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى ئىككى ئىلتىماس قىلغىنى پەقەت شۇ . تۇرمۇشىدا ھەقىقەتەنمۇ ئىقتىسادىي قىيىنچلىق ئىغىر . بۇ سان ئىچىگە كىرگەن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى ئالتە نەپەر . بۇ ئالتە نەپىرىنىڭ بىرسى پىنسىيىگە چىققان پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىسى . قالغان بەشى ھازىر خىزمەت ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچى . بۇ بەش ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىككىسى خىزمەتكە چىقىپ تۇرمۇش قۇرۇپ بىردىن ئىككىدىن بالىلىق بولغان ياش ئوقۇتقۇچىلار تۇرمۇشىدا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىق بار . قالغان ئۈچى ئوتتۇرا ياشلىق ئوقۇتقۇچىلار ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى مۇنداق بىرنجىسى : مەكتەپ رەھبەرلىك قاتلىمىدا بولۇپ يەر ئۆيى بار. بۇ قىتىم يەنە ھۆكۈمەت ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە سىلىپ بەرگەن تۆۋەن باھالىق ئۆيدىن بىرنى سىتىۋىلىشقا تىزىملىتىپ ئالدىن تاپشۇرۇدىغان زاكالەت پۇلىنى تاپشۇرۇپ بولغان .ئايالىنىڭ خىزمىتى يوق. لىكىن ئايالىنىڭ ئىككى يەردە ئاچقان دۇكىنى ، تاللا بازىرى بار. يەنە ئىككى بالىسى بار. ئىككىنجى ئوقۇتقۇچى : ئەر-ئايال خىزمەتچى ئايالىنىڭ ئالىدىغان ئايلىقى تۆۋەن ، خىلى ياخشى بىزەلگەن بىنا ئۆيى بار. ئۆيدە ھەممە نەرسە تولۇق . ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يىل ئۆزىنىڭ يېرىگە يىڭىدىن ئۆي سالغان ،ئىككى بالىسى بار. ئۈچىنجى ئوقۇتقۇچى : يولدىشى ئۆلۈپ كەتكەن ، بىر بالىسى بار. ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى . ئايلىقى 3 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ، ئۆيى بار. بۇ يىل يەنە ھۆكۈمەت ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە سىلىپ بەرگەن تۆۋەن باھالىق ئۆيدىن بىرنى سىتىۋىلىشقا تىزىملىتىپ ئالدىن تاپشۇرۇدىغان زاكالەت پۇلىنى تاپشۇرۇپ بولغان . بالىسى ئۈچۈن يولدىشىنىڭ ئىدارىسىدىن ھەرئايدا ياردەم پۇلى بىرىپ تۇرۇدۇ .
ئەمدى ئىلتىماس يىزىپ ئىلتىماسى تەستىقلانمىغان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ باقايلى : بىرىنجى ئوقۇتقۇچى : خىزمەتكە چىققىلى بىر نەچچە يىل بولغان ، مەكتەپ ياتىقىدا تۇرۇدۇ . توي قىلمىغان ، ئاتا-ئانىسى دىھقان بولۇپ ئۆيى سەھرادا . تۇرمۇش قىيىنچىلىق بولغاچقا ھازىرغىچە توي قىلالماي ياكى ئۆي ئالالماي يۈرىدۇ . ئىككىنجى ئوقۇتقۇچى : يولدىشىنىڭ خىزمىتى يوق . يولدىشى ئاغرىقچان بولۇپ ئانچە-مۇنچە قۇربى يەتكەن ئىشلارنى قىلىپ پۇل تاپىدۇ . ئاتا-ئانىسى تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئىلىپ ياشايدۇ . بۇ ئائىلىنىڭ ئاساسلىق كىرىمى بۇ ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ ئايلىقى . ئۈچىنجى ئوقۇتقۇچى : ئايالىنىڭ خىزمىتى يوق ئۆيدە . ئىككى بالىسى بار . ئۆزىنىڭ شەخسى ئۆيى يوق بولغاچقا چوڭلار بىلەن بىرگەن تۇرۇدۇ . ئايلىقى 1500 يۈەن ئاتراپىدا . ئالدىنقى يىلى چوڭ بالىسى ئىغىر ئاغرىپ قىلىپ ، داۋالىتىپ باشقىلارغا ئىككى تۈمەندىن ئارتۇق قەرىز بولۇپ قالغان ھازىرغىچە تىخى قايتۇرۇپ بولالمىغان . ئائىلىدىكى تۆت جان بىر ئايلىققا قاراشلىق .
مۇشۇنچىلىكنى دەي . قالغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ تۇرمۇشىدا بەلگىلىك قىينچلىق بار . تورداشلارنىڭ ئىچىدە يەنە مائارىپ سىپىدىكىلەر بولسا ئۆز مەكتىۋىنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ باقسا .....