قانداق كىسەللىكلەردە قەۋزىيەت پەيدا بۇلىدۇ؟
تەرەت قۇرۇق قاتتىق بۇلۇپ ، راۋان چىقىپ كىتەلمەسلىك، نۇرمال تەرەت قىلىش قىتىم سانى ئازىيىپ كىتىش ياكى يوقىلىش قەۋزىيەت دەپ ئاتىلىدۇ. قەۋزىيەت تۆۋەندىكى كېسەللىكلەردە كۆپ كۆرىلىدۇ:
1. قىزىتمىلىق كىسەللىكلەر: بەدەن تىمپىراتۇرسى 38 سىلىتسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى سەۋىيدە ئۇدا نەچچە كۈن داۋاملاشسا، يىمەك- ئىچمەك ۋە ئىچكى ئاجراتما ئامىللىرىنىڭ تەسىرىدە ئاشقازان ، ئۈچەي فونكىتسىيسى قالايمىقانلىشىپ ، ئاسانلا قەۋزىيەت يۈز بىرىدۇ، بىرلەمچى كىسەللىك ساقايسا ئوڭشىلىپ كىتىدۇ.
2. ئادەتلەنگەن قەۋزىيەت: دىققەت ئىتىبارىنى خىزمەتكە ۋە باشقا ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ ، تەرەت سېزىمىغا سەل قارالسا ، كۈنلەر ئۆتكەنسىرى ئادەتلەنگەن قەۋزىيەت شەكىللىنىدۇ، بۇنىڭدا قەرەللىك تەرەت قىلىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشكە دىققەت قىلىنسىلا ، تەرەت نۇرماللىشىدۇ.
3. قېرىشتىن بولغان قەۋزىيەت: قېرىغاندا بەدەن ئاجىزلىشىدۇ، بۇلۇپمۇ كۆپ تۇققان ئاياللارنىڭ قۇرساق دىۋار مۇسكۇللىرى كۈچسىز، ئۈچىيىنىڭ لۆمۈلدەش ھەركىتى ئاجىز بولغاچقا ، ئاسانلا قەۋزىيەت پەيدا بولىدۇ.بۇنى ئاستا تەسىر كۆرسىتىدىغان سۈرگە دورىلىرىنى قەرەللىك ئىشلىتىپ داۋالاش كىرەك.
4. دورا مەنبەلىك قەۋزىيەت: بېللادوننا تنىكتورىيسى، ئاتروپىن، مورفىن قاتارلىق دورىلار قەۋزىيەت پەيدا قىلىدۇ. سۈرگە دورىلىرىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتسە ، مىقدارىنى ئاستا ئاستا ئاشۇرۇپ بارسىمۇ قەۋزىيەت پەيدا بولىدۇ.
5. ئاشقازان ، ئۈچەي ، نېرۋا فونكىتسىيسى بۇزۇلۇش كىسىلى : بۇنداق كىسىلى بارلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئىچى سۈرىدۇ ، يەنە بىر قىسمى قەۋزىيەت بۇلىدۇ، ، ئادەتتە تۇتقاقلىق قورساق ئاغرىش قۇشۇلۇپ كىلىدۇ، تەرەت قېتىم سانى ئازىيىپ كىتىدۇ، تەرەت خۇددى قوي مايىقىدەك قاتتىق كىلىدۇ.
6. تۇغما زور بوغماق ئۈچەي: بوۋاقلاردا يۈز بىرىدۇ، تۇغما زور بوغماق ئۈچەينىڭ فونكىتسىيسى نۇرمال بولمايدۇ، قۇرساق كۈپۈش ئىپادىسى بۇلىدۇ، بىر نەچچە كۈندە بىر تەرەت كىلىدۇ ياكى ھەمەل قىلىش بىلەن كەلتۈرلىدۇ، تەرەت قاتتىق، قۇرغاق، مىقدارى كۆپ بۇلىىدۇ، بۇ كىسەل ئوپراتسىيە قىلىپ داۋالىنىدۇ.
مەنبە: تىۋىپ ساغلاملىق تورى
:بۇ تېمىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى::
http://bbs.makanim.cn/read.php?tid=14389