«زىيالى» دېگەندىن كۆرە، «ئەسكەر» دېيىش تېخىمۇ ماس: ھەم ۋەزىپىلىك، ھەم مەجبۇرىيەتلىك، «تۆۋەنگە چۈشكەن» بۇ جەرياندا، يېمەك-ئىچمەك ۋە ھەرنەرسىسى پادىشاھىنىڭ كېپىلى ئاستىدا.
ھەر نەفس ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. ئەمما ئۆلۈم بىر مۇئمىن ئۈچۈن ئۇنداق قورقۇنچلۇق، دەھشەتلىك ئەمەس. بەلكى بىر كۆچۈش، ماكان ئالماشتۇرۇش، ۋەزىپىسىدىن بوشىنىپ تەتىلگە چىقىش، ۋەزىپىسىنىڭ مۇكاپاتى ئۈچۈن ئېچىلغان بىر يولدۇر. ئۆلۈم يوقلۇققا سەپەر قىلىش ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ ئادالەت مەيدانىغا سەپەردۇر. بۇ ھىكمەتنى بىلگەن بۈيۈك زاتلاردىن بەزىلىرى ئۆلۈم كەلمەستىن، ئۆلۈمنى خالاشقاندۇر. بۇ ھەقتە قۇرئان بىزگە بىر دەرس بېرىدۇ :
ھەزرىتى يۇسۇف ئەلەيھىسسالام مىسىر ئەزىزى بولغان، ئاكا-ئىنىلىرى بىلەن جەم بولغان پەيتتە، دۇنيا ھاياتىدىكى ئەڭ يۈكسەك بىر سەلتەنەت، سائادەت ئىچىدە ئىدى. ئەمما شۇ پەيتتە ئاللاھتىن جېنىنى ئېلىشنى خالاپ دۇئا قىلدى. ئاللاھ دۇئايىنى قۇبۇل قىلدى.
گۈزەل بىر قىسسەنىڭ ئاخىرىنىڭ بۇنداق چىقىشى ھىكمىتىنى بىلمىگەن ئادەمنى تەئەججۈپلەندۈرىدۇ. ھالبۇكى قۇرئاندىكى ھەربىر قىسسە، ھەربىر ئايەت بىزگە يۈزلەرچە دەرسلەرنى بېرىدۇ. ئۆلۈم ئاچچىق، يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ سائادەت ئىچىدە تۇرۇپمۇ، ئۆلۈمنى خالىشى بىزگە ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ ئۆتكەلنىڭ ئارقىسىدا، بۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر گۈزەللىكتىن تېخىمۇ گۈزەل بولغان، توختاۋسىز بولغان بىر گۈزەللىك دىيارىنىڭ بارلىقىنى، ئۆلۈم بولسا ئۇ يەرگە ئېچىلغان ئىشىك ئىكەنلىكىنى بىزگە باشقا ئايەتلەر بىلەن بىرگە ئىشارەت قىلىدۇ. (ئەمما خاتا چۈشىنىلمەسلىك كېرەككى، ئۆلۈمنى خالاش دۇنيادىكى ئەھۋالىدىن شىكايەت قىلىپ ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى، فەزلى-كەرەمىنى، جامالىنى سېغىنىش بىلەن بولىدۇ.)
ئۆلۈمدىن ئۈچ خىل ئادەم دەھشەت ئالىدۇ: بىرى، كافىر. ئۆلۈمنى يوق بولۇپ كېتىش دەپ چۈشەنگەچكە، ئۆلۈمنى ئېسىگە ئالغان ھامان دۇنيادا ھەم مەنىۋى بىر جەھەننەمنىڭ ئازابىنى تارتىدۇ. ئاخىرەتتە ھەم ئەينى شۇ ئازاپنى چېكىدۇ. يەنە بىرى، دۇنياغا ئارتۇقچە مۇھەببەت باغلىغان مۇئمىن. دۇنيا سەلتەنەتلىرىدىن، قول ئىلكىدىكى بايلىقلىرىدىن ئايرىلىشنى خالىمايدۇ-دە ئۆلۈمدىن قورقىدۇ. بۇ سەۋەپتىن بەددىئۇززامان ھەزرەتلىرى دەيدۇكى:«دۇنيا سېنى تەرك قىلىشتىن بۇرۇن، سەن دۇنيانى قەلبى جەھەتتىن تەرك قىل.» ئۈچىنچىسى، گۇناھكار مۇسۇلمان. ئاخىرەتكە ئىشىنىدۇ، گۇناھ ئىشلىگەن كىشىنىڭ جازاغا مەھكۇم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ؛ ئەمما بىلگىنىدەك ياشىيالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆلۈمدىن دەھشەتلىنىدۇ.
خۇلاسە، ئۆلۈمنىڭ دەھشىتىدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر چارىسى-تەھقىقىي ئىمان(يەنى ھەقىقىي ئىمان). ھەقىقى ئىمان قەلپتە يەرلەشسە، ئۆلۈمنىڭ ھېچ قورقۇنچى قالمايدۇ.
ھەقىقى ئىمانغا ئىگە بولغان، كائىناتقا جەڭ ئېلان قىلالايدۇ. (-بەددىئۇززامان)
[ بۇ يازمىنىنۇرس 2011-11-30 09:21قايتا تەھرىرلىدى ]