گۇگىل شىركىتىنىڭ كۈچى بىلەن Google Chrome تور كۆرگۈچنىڭمۇ ئارىمىزدا ئۇزۇن قالماي تېزلا ئومۇملىشىپ كېتىشىدە گەپ يوق. شۇڭا «ئىت قوپقىچە تاياق ئېلىپ»، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق ئۇيغۇرچە نامنى بىرلىككە كەلتۈرۈش زۆرۈردۇر.
گەرچە Chrome سۆزىنىڭ تەلەپپۇزى «كروم» غا يېقىن كەلسىمۇ، لېكىن ئوخشاش سۆز تومۇرىدىكى خىمىيىۋى ئېلېمېنت Chromium نىڭ ئارىمىزدا «خروم» دەپ ئومۇملىشىپ كېتىشى سەۋەپلىك، بۇنى «كروم» ياكى «خروم» دەپ ئاتاشتا ئىككىلىنىش كېلىپ چىقتى. ئۇنى «گۇگىل كروم» دەمدۇق ياكى «گۇگىل خروم» دەمدۇق؟
2009-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى (شەنبە) چۈشتە قويۇلغا «جاھاندىكى ئىشلار» پروگراممىسىدا، گوگېلنىڭ تور كۆرگۈچىسىنى تونۇشتۇرغان ئىدى، دېكتور گۈلشەن ئابدۇرېھىم «گوگېل كىرۇم» دەپ تەلەپپۇز قىلىپتۇ.
گۇگولنىڭ Chrome Presentation سىگە دېققەت قىلايلى، گۇگولنىڭ Chrome تۇنۇشتۇرۇش يىغىنىدا ھەممەيلەن "كروم" دەپ تەلەپپۇزدا بولغان. مېنىڭچە شۇنىڭغا ماسلىشىپ ئىشلەتسەك. بۇ بىر جەھەتتىن شۇلارنىڭ ئەمگىكىگە بولغان ھۆرمەت، يەنە بىر جەھەتتىن شۇلارنىڭ ئاتىلىشى بىلەن بىرلىككە كىلەلەيمىز، ئۈچىنچىدىن بۇرۇنقى ئۆزىمىزدە بار بولغان "خىروم" دىگەن خىمىيىۋىلىك سۆز بىلەن پەرقلىنىپ تۇرسا تېخىمۇ ياخشى.
شۇڭا Google Chromeنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى گۇگىل كروم بولسا بولغۇدەك !