باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1548 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: «بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ-زارى»غا كىم جاۋاب بېرىدۇ؟
دوستلىشىش
noshirwan
ئەلبەھرە تورى   www.elbehre.com
دەرىجە: يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6925
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 91
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە91دانە
ئۆسۈش: 1860 %
مۇنبەر پۇلى: 2176 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-06
ئاخىرقى: 2012-01-06
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-24 21:02

«بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ-زارى»غا كىم جاۋاب بېرىدۇ؟

«بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ-زارى»غا كىم جاۋاب بېرىدۇ؟



بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، بەزى ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە «بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ-زارى» ناملىق بىر يازما كۆزىمىزگە چېلىقىشقا باشلىدى ھەم باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈلدى. تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، تۈرلۈك پىكىر-ئىنكاسلار بولدى. ئىزدەش موتۇرىدا ئىزدىتىپ باقساق، بۇ يازمىنىڭ ئىزدەش نەتىجىسى نەچچە مىڭغا يەتكەنلىكىنى كۆرۈش مۇمكىن.

مەن بۇ يازمىنى «باغداش مۇنبىرى»دىن كۆردۈم ھەم يېقىندىن دىققەت قىلدىم، ھازىر بۇ يازمىنىڭ باغداش مۇنبىرىدە كۆرۈلۈش قېتىم سانى 150 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپتۇ، چۈشكەن ئىنكاسلارمۇ 1600 پارچىدىن ئېشىپتۇ. بۇ يازمىدىكى مەسىلە قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى، دېيىشكە بولىدۇ.

«باغداش مۇنبىرى»دە «بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ-زارى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، « <بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ-زارى>غا يانداشما» ناملىق يەنە بىر يازمىمۇ ئېلان قىلىندى.

بۇ ئىككى يازمىدا قەشقەر شەھىرى بەشكىرەم يېزىسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئالىي ئۇنۋان ئېلىش جەھەتتە ناھەقچىلىققا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى، مەركىزىي مەكتەپ مۇدىرىنىڭ شۇ ئوقۇتقۇچىنى قاماققا سولىتىۋەتكەنلىكى، يىراق مەكتەپكە يۆتكىۋەتكەنلىكى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئەرز قىلسىمۇ رازى بولغىدەك بىر تەرەپ قىلىنمىغانلىقى، مەركىزىي مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئۇنۋاننى ۋە مەكتەپ مۇدىرلىقىنى ساتىدىغانلىقى، يەسلى بالىلىرىنىڭ ھەققىنى يەۋالىدىغانلىقى، ئوقۇتقۇچىغا ھايۋانغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى، ئۆز ئىشىنى قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش كارتىسى مۇدىرنىڭ يانچۇقىدا ئىكەنلىكى، باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرلىرىغا يالغاندىن قول قويدۇرىدىغانلىقى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۆت يىللىق مائاش ۋە ئۈچ يىللىق ئۈنۈم ئىش ھەققىدىن نەچچە يۈز مىڭ يۇەن پۇل تۇتۇپ قالغانلىقى، سىنىپ سانىنى يۇقىرىغا يالغاندىن ئارتۇق يوللىغانلىقى، ئۇقۇتقۇچىلاردىن جەرىمانە ئىلىنغان نەچچە يۈزمىڭ يۇەن پۇلنىڭ ھىساباتى ئاشكارىلانمىغانلىقى قاتارلىق بىر مۇنچە مەسىلىلەر ئىنكاس قىلىنىپتۇ. بۇ يازمىلار ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ رەسمىي جاۋابىنى كۆرمىگەنلىكىم ئۈچۈن، ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ قايسى راست-قايسى يالغانلىقى ھەققىدە بىر نېمە دېيەلمەيمەن.

بۇ يازمىلاردا ئىنكاس قىلىنغان ئورۇن، ئادەم ۋە ئىشلارنىڭ تەپسىلاتى ئېنىق يېزىلغان بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر مۇناسىۋەتلىك بىرەر ئورۇننىڭ بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، تورداشلارغا جاۋاب بەرمىگىكەنلىكى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ھۆكۈمەت ئىشىدا ئاشكارا بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت ئىشى مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، رايونلار، ئورۇنلارنىڭ ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
«پىكىر»دە ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش نىزامىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، زور پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەر ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىگە ۋاقتىدا جاۋاب بېرىپ، جامائەت پىكرىنى توغرا يېتەكلەش تەلەپ قىلىندى. كۆپ جايلاردا بۇ پىكىر ئۆز ئىجراسىنى تاپتى. ئۈچ خىل راسخۇتنى ئاشكارىلاش، قىزىل كرىسېت جەمئىيىتى گو مېيمېي ۋەقەسى، ئازگال مېيى مەسىلىسى، تېز سۈرئەتلىك پويىز ھادىسىسى قاتارلىق ۋەقەلەردە تورداشلار تۈرلۈك گۇمانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرمۇ ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇردى.


«بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ-زارى» ۋە ئۇنىڭغا يانداشما ناملىق يازمىدا ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن شۇنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ: سىلەر مەركەزنىڭ يۇقۇرىدىكى «پىكرى» بويىچە ئىجرا قىلدىڭلارمۇ؟ مانا شۇنداق قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە ئادەمنى ئاساس قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىگە ۋاقتىدا جاۋاب بەردىڭلارمۇ؟

مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ئەتراپلىق ئويلاش، ئىنچىكە ئىشلەش كېرەك. ئاممىنىڭ گۇمانىنى، نارازىلىقىنى توغرا چۈشىنىش، ئۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلىش، پىكىرلەرنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاش كېرەك. شۇ ئارقىلىق خىزمەتتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، تۈزىتىش كېرەك. ھۆكۈمەت تارماقلىرى مۇلازىمەت قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولۇش كېرەك، ئاممىغا مۇئامىلە قىلغاندا ئەمەلدارلىق ۋە باشقۇرۇش كىبرىنى كۆرسىتىشكە بولمايدۇ. ئادەمنى ئاساس قىلىشنى ئاغزىدىلا دەپ قويماي، ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىش كېرەك. قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە يوشۇرۇش، جىم تۇرىۋېلىش، قۇلاقنى يوپۇرىۋېلىش، بىر-بىرىگە ئىتتىرىش، ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمەسلىك، ئۆزىنى ئاقلاش، مېنىڭلا توغرا دەپ تۇرىۋېلىش يارىمايدۇ. بۇنداق قىلىش ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى تونۇپ يېتەلمىگەنلىك، ئاۋام-پۇقرانى كۆزگە ئىلمىغانلىق. توغرا پوزىتسىيە بولمىسا، تېخىمۇ پاسسىپ بولۇپ قالىدۇ، ئامما رازى بولمايدۇ. بولۇپمۇ قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە قۇلىقىنى يوپۇرىۋالسا، كىچىك ئىشلار چوڭىيىپ كېتىشى، چوڭ ۋەقەلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بۇنداق قىلىش پارتىيە -ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش باش مەقسىدىگە تۈپتىن زىت كېلىدۇ. سىلەر بۇنى بىلمەمسىلەر؟

خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش، ئىشەنچىىسىگە ئېرىشىش ئۇنچە تەس ئىشمۇ ئەمەس، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە ئامما ئادىللىقنى تەلەپ قىلىدۇ، جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، پوزىتسىيەسى قانداق بولاركىن دەپ قارايدۇ.
سىلىق بىر جۈملە گەپ بىلەن ئامما سىلەرنى چۈشىنىشى، قوللىشى مۇمكىن ئىدىغۇ. سىلەر بۇنى بىلمەمسىلەر؟

ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش، ئاممىنىڭ دىققىتىگە ۋاقتىدا جاۋاب بېرىش مۇلازىملىق روھىنى نامايان قىلىدۇ. بۇ ھەم مۇلازىمەت، ھەم مەجبۇرىيەت. بۇنى دېمەك ئاسان، لېكىن قىلماق تەس. بۇنىڭ سەۋەبى، سىلەرگە ئوخشاش بىر قىسىملارنىڭ مۇلازىمەت ئېڭى ئارقىدا قالغان. بۇنىڭغا نازارەت كەمچىل.

زامانىمىزدا تور تەرەققىي قىلدى، مۇنبەر، بلوگ، مىكرو بلوگ قاتارلىق تاراتقۇلار ئومۇملاشتى. بۇنداق ئەھۋالدا قۇلىقىڭلارنى يوپۇرۇپ، جىم تۇرىۋېلىش بىلەن ئىش تۈگەمدۇ؟ پاسسىپ ئورۇندا تۇرغاندىن تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرغىنىڭلار ياخشى ئەمەسمۇ؟

مەنبە: ئەلبەھرە تورى
http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=433
ئەلبەھرە تورى
www.elbehre.com
گېنېرال تارىخنى يارىتىدۇ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 801
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە801دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 10060 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-01-06

مەنمۇ بۇ ئىشنىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىش نەتىجىسىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتىمەن.پۇقرا بولماق ھەقىقەتەن تەسكەن،ھازىرقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلدار بولۇشنى كەلگۈسى نىشان-غايىسى قىلىشى بەرھەق ئوخشايدۇ.
گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general
دوستلىشىش
بىگان
جاننى كىم بەردى؟قانداق قايتۇرىمىز؟!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9603
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 402
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە402دانە
ئۆسۈش: 270 %
مۇنبەر پۇلى: 4284 سوم
تۆھپىسى: 12 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-01-06
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-24 22:47

گالنى ياغلىماي تۇرۇپ،ئۆسىمەن،ساقالنى مايلىماي تۇرۇپ ئىشنى سۆكىمەن دىگەن ھازىر ئاقمايدۇ...ئامال يوق...ئامال بولغان بولسا بۇ كەمدە بۇ يەردە سۆزلەپ ئولتارمايتتۇق..
<ئىلىپ>نى بىلىپ،<بەر>نى ئۇنۇتماڭلار!ھاياتنى كىم بەرگەن؟قانداق قايتۇرىمىز؟
دوستلىشىش
13779682092
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8340
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 180 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-27
ئاخىرقى: 2012-01-05
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-24 22:52

كىچىككىنە ھوقۇق تەگسە جاھانغا پاتماي ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىدىغان ئەھۋال بىزدە كۈپ.
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1441
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1441دانە
ئۆسۈش: 7020 %
مۇنبەر پۇلى: 19379 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-01-06
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-24 23:09

ئاڭلايدىغان ئادەم چىقمىسىمۇ ئاز تولا سۆزلەپ تۇرغۇلۇق،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار
دوستلىشىش
karluk007
سەمىمى بۇلۇش ئەڭ ئەلا گۈزەل  ئەخلاقتۇر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8110
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 47
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە47دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 480 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-12
ئاخىرقى: 2012-01-06
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-24 23:22

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى samanyoli نىڭ 2011-11-24 23:09 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
ئاڭلايدىغان ئادەم چىقمىسىمۇ ئاز تولا سۆزلەپ تۇرغۇلۇق،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

مانا بۇ جىڭدا توختايدىغان گەپ،سۆزلىگەنگە باج ئالمىغاندىكىن سۆزلەپ تۇردىغان گەپ،قاخشاپ تۇرمىسا شىللىغا مىنىۋالدۇ ئەمەلدار گۇيلا
دوستلىشىش
ياۋاگۈل
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7374
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 49
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە49دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 490 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-13
ئاخىرقى: 2011-11-30
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-25 13:24

يائاللا بۇنداق ئىشلارمۇ باركەن تېخى ! مەن ھازىر كۇرۇپتىمەن. نىملا دىگەن بىلەن بىزنىڭ يېزىلاردا بۇنداق ئىشلار يوق . بۇ ناھەق ئىشلارغا جاۋاپ بىرىدىغان ئۇرۇن يوقمىدۇ. مائارىپ نازارتىدىكىلەر نىمە ئىش قىلدىغاندۇ،
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5446
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 119
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە119دانە
ئۆسۈش: 1850 %
مۇنبەر پۇلى: 2624 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-03
ئاخىرقى: 2012-01-05
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-25 14:18

     بۇ تېمىنىڭ «كەڭساي»مۇنبىرىگە يوللانغىنى بەك ياخشى بوپتۇ. مەنمۇ  «باغداش مۇنبىرى»دىكى بۇ تېمىنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىمەن. مەن بۇ پۇرسەتتە «باغداش مۇنبىرى»غا ۋە بۇ مۇنبەر ئەتراپىغا ئۇيۇشقان ھەقىقەت سۆيەرلەرگە ئالى ئېھتىرام بىلدۈرىمەن.
    مەن قەشقەردىكى ئەمەلدارلارنىڭ «باتۇرلۇقىغا»ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم؛ ئۇلار خەلقنىڭ غەزىپىدىن قورقمايدىكەن، نەچچەيۈزمىڭ تورداشنىڭ ھەققانىي ساداسىنىنى قاپتىلىغىمۇ ئېلىپ قويمايدىكەن، تايانچسىز،ھىماتسىز خەلق ئاممىسىنى،دېھقانلارنى ئوقۇتقۇچى،ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئېلىۋەتكەن تىرنىقىغا تەڭ قىلمايدىكەن.
         مەن بۇ تېمىنى ۋە بۇ تېمىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆرۈپ ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز خەلقىگە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئاڭلاپ،ھەيرانلىقتىن نەچچە قېتىم ياقامنى تۇتتۇم.جەنۇبىي شىنجاڭنى بىر توپ باندىت كونترول قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم،بۇنىڭغا يول قويماسلىق كېرەك،داۋاملىق ئىنكاس يېزىپ ،ھەممە توربەتلەرگە چاپلاپ بۇنداق چىرىك ئەمەلدارلارنى تازىلاپ،قەشقەرنىڭ شۇنداقلا پۈتۈن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سىياسى مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بۇنىڭغا چوقۇم قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرىدۇ.
دوستلىشىش
جەڭچى
没有共产党,没有新中国
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 996
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە996دانە
ئۆسۈش: 350 %
مۇنبەر پۇلى: 10428 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-01-07
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-25 15:02

بۇ مەسىلە ھەل بولامۇ ؟
没有共产党,没有新中国
دوستلىشىش
karluk007
سەمىمى بۇلۇش ئەڭ ئەلا گۈزەل  ئەخلاقتۇر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8110
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 47
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە47دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 480 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-12
ئاخىرقى: 2012-01-06
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-26 01:04

چۇقۇم ھەل بۇلدۇ،قەشقەردە ئادىللىق بولمىسا جاڭچۈنشەن شۇجىدا،پارتىيە مەركىزى كومىتىتىدا ئادىللىق بار،جاڭ شۇجى ھازىر پارازىتلارنى تازلاۋاتىدۇ،مۇشۇ ئادالەتسىز رەھبەرلەر جاڭ شۇجىنىڭ چويلىسىغا چۈشۈپ قالسا ئۈزىنى ئوتتا كۈرۈشى مۇمكىن.