سەھرالىق(ساتىرا ) 
سۈرتۈپ ئەمدى چىكەڭدىن تەرنى ، 
كۈرۈپ باققىن بىر رەت شەھەرنى   ،
 شەھەردە ئۆتكۈز بىر كۈن سەھەرنى   ،
 سۈزۈمنى بىر رەت  ئاڭلا سەھرالىق . `   
  
شەھەرلەرگە كىرسەڭ قارايسەن  ،
بىنا بىلەن قەۋەت سانايسەن   ، 
بەلكى بۇنى نىمە ئىشتۇر دەيسەن   ،    
لىكىن بىلمەي ياشا سەھرالىق   .
  باشلىق بولدۇم دىگىنىڭ بىلەن   ،    
كاستىيۇم ، شىبلىت  كىيگىنىڭ بىلەن ، 
بېنتىس، ئاۋدى مىنگىنىڭ بىلەن  ،    
يەنىلا سىنىڭ ئېتىڭ سەھرالىق   . 
  بىز دىگەنچۇ يۈرۈيمىز مۇنداق  ،
 ھايات پەيزى بۇلۇر ئاشۇنداق ،   
سەنمۇ بىزدەك بۇلامسەن قانداق ،    
چۈشەنمەيسەن لىكىن  سەھرالىق .
ئىشتىنىمىز غەرىبچە كالتە  ، 
چاچلىرىمىز رىمچە بۈدىرە   ،    
ئۆي تۇتىمىز يەنە كورىيەچە ،    
بىخەۋەر سەن بۇندىن سەھرالىق ،
ئوينىغاننى كۆرگەنمۇ قاتار ،    
كۈن كەلسە يىتىپ ئۈتۈپ ئايلار ،    
توشار شۇ كۈن رىستۇران چايلار ،    
ئويناپ باققىن مەندەك سەھرالىق  . 
ئەر دىگەنمۇ كۈنۈپ كىتىدۇ ،   
بىز يانغۇچە ساقلاپ تۇرىدۇ   ،    
تېخى بىزگە رەھمەت ئېيتىدۇ ، 
كۆندۈر ئەرنى سەنمۇ سەھرالىق   .
قايتالمىساڭ ئۈيۈڭگە ئەگەر ،    
قۇنۇپ كىچە ، قايتىسەن سەھەر ، 
نىچۈن؟ دىسە چاچىسەن زەھەر ، 
قىلالامسەن بىزدەك سەھرالىق  .
رېستۇراندا تانسا ئوينايمىز  ، 
دىسكو ئويناپ تىنماي سەكرەيمىز ، 
بىردەم ئويناپ باشنى چايقايمىز ، 
سەنمۇ ياشا بىزدەك سەھرالىق ، 
ئەر دىگەنگە تاماق ئەتكۈزگىن ،
 كەچلىكى ھەم كىر- قات يۇيغۇزغىن ،
 تۇغۇپ قويدۇڭ ! بالا باققۇزغىن ،   
قىلالامسەن شۇنداق سەھرالىق .  
   -خاتىرەمدىن (دەرۋىش ) 
تېما تەستىقلىغۇچى:ئوغلان  
تەھرىرلىگۈچى:تۈن لىرىكىسى
[ xirتەرىپىدىن2010-10-10 00:16قايتا تەھرىرلەندى ]