باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 564 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: «مەنتىقۇتتەيىر»(قۇشلار تىلى) _ ناۋائىي
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3083
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 104
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە104دانە
ئۆسۈش: 670 %
مۇنبەر پۇلى: 1083 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2012-03-06
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-23 23:02

«مەنتىقۇتتەيىر»(قۇشلار تىلى) _ ناۋائىي


«مەنتىقۇتتەيىر»(قۇشلار تىلى) _ ناۋائىي


نەشىرگە تەييارلىغۇچى: ئابدىرېھىم توختى
   (بۇلاق جورنىلى، 1982-يىللىق 2- سان)

ئەلشىر ناۋائىي «مەنتىقۇتتەيىر» (قۇشلار تىلى) ناملىق بۇ ئەسىرىنى باشلاشتىن ئىلگىرى ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە ئاللاغا ھەمدۇ- سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ئىسىل سۇپەتلىرى، ھەزرىتى ئابابەكرى سىددىق، ئۆمەر، ئوسمان ۋە ئەلىلەرنىڭ ياخشىلىقلىرى ئۈستىدە توختالغاندىن كېيىن، بۇ تېما ئۈستىدە ئۆزىدىن بۇرۇن قەلەم تەۋرەتكەن شەيخ پەرىددىن ئەتتارغا مەدھىيە ئوقۇش بىلەن باشلايدۇ:

  ئازات كىشىلەرنىڭ يۇقۇرى چوقىسى، ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ ئالدىنقىسى شەيخ پەرىددىن ئەتتارغا مەدھىيە ۋە ئىپتىدا قىلىشتىكى مەقسەت توغرىسىدا

ھەرنە گەردۇن بەھر ئىلە كانىدا بار،
ئانچە يۈز ئەتتار دۇكانىدا بار.

بەھرىدە ئەنجۈمدىن ئولمىش زىب پەر،
ھەر كېچە دەۋىر يەڭلىغ ئولماق جىلۋەگەر.

كانىنىڭ ياقۇتى شام ئۇلغاي شەپەق،
سۇبھى ئەنۋەر سازى ئانداغ كىم پەلەق.

ئول گۆھەر يوقكىم ھاۋادىس تاشىدۇر،
سۇنغۇچى ئاندىن زەبۇنلەر باشىدۇر.

بۇبىدى ياقۇت يوقكىم قان دېگىل،
ئالەم ئەھلى قەتلىدىن ئەفخان دىگىل.

ئول دۇكان شەرھىن قىلاي ئەمدى رەقەم،
گەرچە ئەۋساپىدا ئاجىزدۇر قەلەم.

ھەر يامان ئەخلاقىدىن بولسا ئەلىل،
ئادەمى تەبئىنى جەھل ئەيلەپ زەلىل.

بولغالى زايىل ھەرئانداغ ئىللەتى،
بۇ دۇكان ئىچرە مۇھەييا شەربىتى.

نۇكتە ھەلۋادىن بەسى قەندۇ نەبات،
كىم تاپىپ ئۆلگەن ئۇلۇغ ئاندىن ھەيات.

پەيز باغىدىن گۇلابى مىشىك بىد،
ھەربىرىدىن تەبئىغە يۈز پەيز ئۈمىد.

ۋەئز ئىرپاندىن بەسى سەھرۇ-شەكەر،
كىم بولۇپ بىچارىلەرگە چارەگەر.

نەزم نەسىردىنكى تەھرىر ئەيلەبان،
ۋەھدەت ئەسرارىنى تەپسىر ئەيلەبان.

خەلق ئۈچۈن مەخلۇت ئېتىپ گۈل بىلە قەن،
تەبئىغە گۈل قەند يەڭلىغ سۈرمەن.


چۈن مۇسىبەت نامەسىن ئەيلەپ ئايان،
يۈز مۇسىبەت نەپسىگە ئەيلەپ بايان.

ھەر مۇسىبەتتىن كۆڭۈلگە سۆز بولۇپ،
كىم كۆڭۈل ئول سۆزدىن مەسرۇر بولۇپ.

چۈن رەقەم ئەيلەپ ئىلاھى نامەنى،
ۋەھيىگە ئەيلەپ مۇھەررىر خامەنى.

شەرھى ئەسرارى ئىلاھى ئەيلەبان،
خەلق ئارا شەرھىن كە ماھى ئەيلەبان.

چۈنكى ئۇشبۇ نامە ئەيلەپ ئاشكار،
نۇكتەسى بۇختىلارىن تارتىپ قەرار.

نەچچە مىڭ بۇختى نىچۈككىم چەرخ دۇن،
دۇررى- گۆھەر ھەملىدىن بارى زەبۇن.

چۈنكى غەۋۋاس لەھمەئىي ھىلاج ئېشىپ،
ھەر دۇرن شەھلەر باشىغە تاج ئىتىپ.

بەلكى ئەيلەپ شاھ تاج زىننەتى،
مۈلكى نەقدى ھەر بىرىنىڭ قىممىتى.

چۈن قازا يەر دەشتىگە سالىپ كەمەست،
ۋادى قەتئى ئەيلەبان ھەر تەرەپى پەست.

لىك ھەر ۋادادا يۈز مۈلكى غەرب،
مۈلكلەردىن ھەر بىرىگە يۈز ئەجىپ.

چۈن غەزەل گۈلزارىدا مەجئى توزۇپ،
بۇلبۇل ئاين مىڭ تەرەننۇم كىرگۈزۈپ.

لىك ئول ھەر بىر تەرەننۇمدىن ئايان،
سىررى ۋەھدەت شەررىغە روشەن بايان.

چۈن روبائىيدىن بىرىپ دىۋانغا زىن،
رۇبئىي مەسكۈن ئىچرە سالب شۇرىشىن.

ئالەمى مەئنى ئارا تەقيىمىدىن،
ھەربىرى پەخر نىچە ئىقلىمىدىن.

قەھر ئىلە چۈن تەزكىرە مەۋجۇت ئىتىپ،
ئەۋلىيا ئەرۋاھىنى خۇشنۇد ئىتىپ.

ھەر بىرىنىڭ روھىدىن يۈز تىرە زات،
جان تېپىپ ئىچكەن كىشى ئابى ھايات.

ھەر تەرەپ بازارىغە ئايىن شەرەپ،
مەنتىقۇتتەير نەۋائىي ھەر تەرەپ.

ئانداكىم دۇرج ئەتتى قۇشلاردىن مەقال،
ئۆزگە تىلدۇر، ئۆزگە سۆزدۇر، ئۆزگە ھال.

پەھمىگە مەخپى زەباندانى كېرەك،
يوق زەباندا كىم سۈلەيمانى كېرەك.

يۈز تۈمەن قۇش نۇتقى مۈشكۈل كەلدى بىل،
تۈربە بۇكىم ھەر بىرىگە ئۆزگە تىل.

ھەربىرىگە لەھىن قانۇنى ئەجەپ،
ئەقىل ئىدراكىدا مەجنۇنى ئەجەپ.

لىك ھەق تەۋپىق بەرسە مەن گەدا،
شەيخىنىڭ روھىغا ئەيلەپ ئىختىدا.

ئۇيلە قۇشلار نۇتقىدىن ئىزھار ئېتەي،
بۇلبۇلى تۇتى كەبى گۇپتار ئېتەي.

كىم خەلايىق چۈن تەرەننۇم ئەيلەگەي،
قۇش تىلى بىرلە تەكەللۇم ئەيلەگەي.

لىك سۈرمەك نوكتەسى تۇتى مەقال،
بۇدۇر ئىنساپ ئۆلسە ئەي پەرخۇندا فال.

كىم بۇ تۇتى تۇئىمەسى بولغان شەكەر،
ئول شەكەر پىكىر ئەيلەسەڭ بولغاي مەگەر.

تەڭرىنىڭ لۇتفى ئىنايەت خىۋانىدىن،
يەئنى ئول ئەتتارىنىڭ دۇككانىدىن.

قۇشلارنىڭ، جەم بولۇشۇپ، بىر-بىرى بىلەن يۇقىرى- تۆۋەنلىك توغرىسىدا مۇنازىر قىلىشى
جەم ئولۇپ بىر كۈن گۈلۈستان قۇشلارى،
پىشەۋۇ، بەھرۇ- بايابان قۇشلارى.

بارچە مەنزىلدە مەجمەئى بولدىلار،
ھەربىرى ئۆز خەيل ۋەسفەسى كۆرگۈزدىلار.

كىم مۇھەببەت بىرلە تۈزگەيلەر نەۋا،
چۈن تۈگەنسە بەزىم بولغايلەر ھەۋا.

ئولتۇرۇردا چۈنكى ئايىنلۇق ئىدى،
ھەر بىرىنىڭ ئورنى تەيىنلىق ئىدى.

يۇقۇرى ئولتۇردى تۇتىدىن كۇلاغ،
بۇلبۇل قۇمرىدىن ئول ياڭلىغ كى زاغ.

قاز شۇنقاردىن بۈيۈك تۇتتى مەقام،
يۇتچى تاۋۇس ئۈزە قىلدى خۇرام.

چۈن ھۈنەرۋەن ئۆزرە چىقتى بىھۈنەر،
تازدىن قۇيىراق قالدى تاجىۋەر.

جەيلى ئەشرەپ ئەتتىلار زاھىر نىزاھ،
قىلمىدى ئول سۆزگە ئەرزال ئىستىماھ.

تۈشتى قۇشلار ئىچرە غەۋغا ھەر تەرەپ،
ماجرا بىرلە مەھابا ھەر تەرەپ.

بىر-بىرىدىن كەتمادى بۇ ماجرا،
ھەردەم ئاشتى ماجرا بۇ خەيل ئارا.

بولدىلار مۇختاجى ئاخر ئول گوروھ،
كىم ئەگەر بولسا شەھى ساھب شۇكۇھ.

ھاكىمى ئىنساپلىق دانا ۋەلى،
ھۇش ئايىن شەھرىيارى ئادىلى.

يەتمەگەي ئەئلاغا ئەدنادىن شىكەست،
بولماغاي ئەشرەپ ئەخەس ئالىدا پەست.

ھەر گوروھ ئەردى ئۆزىگە چۈن ئېزىز،
ئىستەدى پارچە شەئى ساھبتەمىز.

يوقلۇغىدىن زارى مەھزۇن بولدىلار،
ھەربىرى ئۆز ھالىغا مەپتۇن بولدىلار.

يەئس ئانىڭدىن تۈزۈپ تارتىپ نەۋىد،
بولدىلار شەدىن ساراسەر نائۈمىد.

بۇ تەئەبدىن ھەر بىرى كۆڭلىدە تاپ،
نىم بىسمىل قۇشدەك ئەيلەپ ئىزتىراپ.


قۇشلار تىلىگىنى تاپالمىغانلىغىدىن ھەيران بولۇپ تۇرغىنىدا، ھۆپۈپنىڭ سۇمرۇغدىن خەۋەر بەرگەنلىكى

ھۇدھۇد ئول نۇرى خىرەددىن بەھرەمەند،
راھبەرلىك ئەفسەرىدىن سەربەلەند.

زاتىدا ئىززۇ-شەرەپ مىئىراجىدىن،
باشىدا نۇرى ھىدايەت تاجىدىن.

جىبرەئىل ئاسا ئايان يۈز زار ئاڭا،
قۇرب ئەرش ئەۋجىدە يۈز پەرۋاز ئاڭا.

كىردى ئول مەجمەئى ئارا دىۋانەۋار،
شەمئى مەقسەت ۋەسفىسىدە پەرۋانىۋەر.

دىدى كەئى غاپىل گوروھ بىخەبەر،
جانىڭىز غەپلەت ئارا زىرۋ -زەبە.

سىزگە شاھى باركى بى شەھبە مىسال،
ۋەفىسىنى ئەيتۇردا يۈزمىڭ نوتق لال.

بارچە ئالەم قۇشلارىغە شاھ ئول،
ھالىڭىزدىن مۇ بەمۇ ئاگاھ ئول.

ئول يېقىن سىزگە، ۋە سىز ئاندىن يىراق،
ۋەسىل ئاڭا ئايىن ۋەلى سىزگە پىراق.

ھەر پەرىدە يۈز تۈمەن رەڭگى ئەجىپ،
لىك ھەر رەڭگىدە يۈز نەقشى غەرىپ.

نەقىش رەڭگىدىن خىرەد ئاگاھ يوق،
غاپىل ئىركەنگە خىرەد ئىكراھ يوق.

كىم خىرەد ئىكراھدىن ئەفزۇندۇر ئول،
مۇندىن ئىدراكىگە ئەقلى تاپماس يول.

ھەم نەشىمەن قاپ ئىستىغنا ئاڭا،
ھەم لەقەب ئول قاب ئۆزە ئەنقا ئاڭا.

شۆھرىتى سىمۇرغ ئىلە ئاپاق ئارا،
زاتى مەملۇ چەرخ ئالى تاق ئارا.

سىز تۈشۈب ئول شاھدىن بىھەر بەئىد،
ئول ياۋۇقراق سىزگە مىن ھەبلىل ۋەرىد.

ھەر كىشى بولسا تىرىك ئاندىن يىراق،
ئول تىكىركلىكتىن ئۆلۈمكىم ياخشىراق.
ھۆپۈپتىن سۇمرۇغنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ قۇشلارنىڭ خۇشال بولۇپ تەن بەرگەنلىگى

سەر بەسەر قۇشلار ئالالا قىلدىلەر،
ھۇد ھۇد ئەتراپىدا غەۋغا قىلدىلەر.

كەئى مىڭ جان بەخش نۇتقۇڭدا  پىسەن،
ئىككى جانۇ- كۆڭۈلدە سۈرمەن.

ھەم سۇلەيمان بەزمىدە تاپقان قوبۇل،
ھەم رەسۇل ئەتكەن سېنى ئانداق رەسۇل.

خىزمىتىدە قۇرب ھاسىل ئەيلەگەن،
يولىدا قەتئى مەنازىل ئەيلەگەن.

ئەمرى بىرلە ۋادى قەتئى قىلىپ،
كىم بەسى ئالى مەنازىلغا يىتىپ.

قايدا ئەزىم ئەتسە سۇلەيمان سەن دەلىل،
مۇستەفاغە ئول سۈپەتكىم جىبرەئىل.

ھەزنى ئولسا ئەيلەگەن غەمسازلىق،
ئەيشىدە قىلغان ئايان دەمسازلىق.

ئىستەسە بىلقىس ھالىدىن خەۋەر،
سەن بولۇپ شەھرى سەباغا راھبەر.

ياردىن سەن يەتكۈزۈپ مەيغام ئاڭا،
ئىزتىراپ ئىچرە بىرىپ ئارام ئاڭا.

ئۇيە پەيغەمبەرگە مەھرەملىك قىلىپ،
ھەر غەمى يۈزلەنسە ھەمدەملىك قىلىپ.

بەزم گەر شەھ ئولسە ھەر يازى يابان،
بىز قىلىپ باشىغە پەردىن سايەبان.

يۈز تۈمۈنمىڭ قۇش بولۇپ شىريانەسى،
سەن ۋەلىك ئول سايىدا غەمخانىسى.

بەزىم ئىچرە كامىران ئەيلەپ سېنى،
مەھرەمى رازى نىھان ئەيلەپ سېنى.

بەردى ھەق تاپتىڭ چۇ ئانداق رىفئەتى،
ھەر بىر ئۆزۋىڭگە بىر خاسىيەتى.

بىزگە چۈن مانىئى بولۇپ گۇمراھلىق،
بەرسەڭ ئول شەھ سىررىدىن ئاگاھلىق.

ھەم سۇپاتىدىن رىۋايەت ئەيلەسەڭ،
زاتى سارى ھەم ھىدايەت ئەيلەسەڭ.

قويمىساڭ بىزنى بۇ غەپلەت دامىدا،
تيرەلىك بىرلە زەلالەت شامىدا.

ۋاقىپ ئەتسەڭ بىزنى شەھ ئەسرارىدىن،
بەھرىمەن ئەتسەڭ بۇسىز ئىزھارىدىن.

جەھل ئارا ئۇفتادەلقتىن قولداساڭ،
شاھىمىزنى ئىستەمەككە يولداساڭ.

كامىمىزدىن يەتسە بىر خوردارلىق،
سەندىن ئولغاي بارچە مىننەتدارلىق.

ھۇدھۇد ئەنقاسىن شەكەررىز ئەيلەدى،
ئول شەكەرنىڭ نوكتە ئامىز ئەيلەدى.

قۇشلار نۆۋەت بىلەن سوراشقاندا ھۆپۈپنىڭ سۇمرۇغ ھەققىدە ئېيتقانلىرى

كۆردى چۈن قۇشلارنى ئانداغ ئىزتىراپ،
بەردى ئول مەجمەئىگە بۇ ياڭلىغ جاۋاپ.

كى ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن بىلگەننى دەي،
كۆڭلۈمە ئەسرارىدىن كەلگەننى دەي.

لىك بۇ ئەپسانە بىلە پۈتمەس ئىش،
سۆز بىلە ئەل گەنج ۋەسلىن تاپمامىش.

ئىش ئۇلۇقدۇر، شاھ ئۇلۇق، دەرگاھ ئۇلۇق،
يول قاتتىق، ۋادى ئۇزۇن، دەركاھ ئۇلۇق.

بۇك دەرسىز شەھ سۆزىدىن سۆز-كالام،
كەر ئانى مىڭ يىل دېسەم بولماس تامام.

كىمسە ئىدراك ئەتمەمىشىدۇر زاتىنى،
لىك شەرت ئولدۇر تۇتارغە ئاتىنى.

كىم يۇبان ھايۋان سۈيى بىرلە ئېغىز،
يوق ئۇن، يۈز قەتلەكىم ئەندازەسىز.

تىل بىلە ئاغزىنى ئەيلەپ ئۇيلە پاك،
تۇتقاي ئاتىن ئول ۋە لېكىن ھەۋلىناك.

ئاندىن ئەئىلا جاناپ ئول شاھىغا،
ئاندىن ئەۋسەئى پىسھەت ئول دەرگاھىغا.

كىم مەن ئەيلەي ئالغامەن تەقرىرنى،
يالىسان كىلكى بىلەن تەھرىرنى.

لىك بۇ قۇشلارغا بۇدۇر ئارزۇ،
كىم شەھ ئەۋساپىدىن ئۇلغاي كۇپتىگۇ.

مەن داغى مىڭدىن بىرىن ئەيلەي ئايان،
سىزگە بىردىن مىڭگە مەن ئايلەي ئايان.

بىزگە شاھىدۇركى؛ شەھلەر شاھىدۇر،
كىم بارى ئەھۋالىمىز ئاگاھىدۇر.

بىرلىك ئاينىدا  زاتىدۇر ئانىڭ،
لىك مىڭدىن كۆپ سۇپاتىدۇر ئانىڭ.

ئول سۇپات ئاپاق ئارا شايئى بولۇپ،
بارچە ئانىڭ زاتىغە راجىئى بولۇپ.

كىمسەگە ئۇرماق نەپەس ئىمكان ئەمەس،
بولمايىن ئانداق ئارادا ئول نەپەس.

سىز ئارا بولسۇن ھەقىر ئەزخۇد ھەقىر،
تۇر ۋەزئى ئىچرە سەغىر ئەزخۇد كەبىر.

ھەر يېرىدە نەچچە مىڭ پەر باردۇر،
ھەر پېرىدە نەچچە يۈز مىڭ تاردۇر.

بارچەسىگە بار ئۇنىڭ ئىلمى مۇھىت،
كى مۇرەككەپ بولسۇن ئول شەيئى بەست.

بىزگە ئانىڭ نەشئەسىدىن دۇر ھايات،
كىم ئۇچارسىز ھەر قايان ئاچىپ قانات.

ئانى ئەزايىڭدا قان يەڭلىغ بىلىڭ،
جىسىم ئەھساسىدا جان يەڭلىغ بىلىڭ.

تەن ئىچىندە سىزگە ئول جاندىن يېقىن،
ھەرنى يوق ئاندىن يېقىن، ئاندىن يېقىن.

لىك سىز مىڭ يىلچىلىق ئاندىن يىراق،
قايسى مىڭ يىللىق كى ئىمكاندىن يىراق.

ئاندىن ئايرۇ كىمسەگە ئاندىن نى سۈد،
جانكى ئانسىز بولغاي ئول ئاندىن نى سۈد.

ۋەسىل بىردەملىق كى تۈشكەي ئىتتىپاق،
ئىككى ئالەم شەھلىغىدىن ياخشىراق.

پىرقەتىدە كىم ئۆلۈمدىندۇر خەتەر،
سەككىز ئۇچماقتىن يىتتى دەۋزەختىن بەتەر.

لىك مۇنداغ شەھگە ۋەسىل ئاسان ئەمەس،
ئىستەمەي كۆپ سەيئى ئىلە ئىمكان ئەمەس.

يولىدا يەتسە تەلەپدىن مىڭ تەئەب،
ھەم يەتمەس كىشى قىلغاي تەلەب.

لىك ئول ۋادى نىھايەتتىن ئۇزۇن،
قەتئىدە ئاپەت نىھايەتتىن پۇزۇن.

ئۆمۈرلەر تىنماي كېرەك ئۇرماق قانات،
نەچچە كەركەس ئۆمرىچە بولسە ھايات.

يولدا دەريالار تۇرۇر خۇنابدىن،
دىمايىن خۇناپ، زەھەر ناب دىن.

تاغلاردۇر تارتقان گەردۇنغا تىغ،
تىغى پارچە قان تۆكەرگە بى دەرىغ.

ئوت تۇتاشقان دەشتلەر ھەر سارى تاش،
تارتىبان بالىن لەرى گەردۇنغا باش.

بىشەلەر مۇھلىك بەلالەردىن تۇلا،
شاھ ئەندۇھى تەئەب، بەركى بەلا.

ھەم ھاۋاسىدا بۇلۇتلار چەرخ ئۇرۇپ،
باشىغە يامغۇر ئورنىدا تاش ياغدۇرۇپ.

ھەم ساھابىدىن چاقىنلەر پەرق ئۇرۇپ،
تابىدىن ئالەمگە ئوتلار ياقىلىپ.

ئاندا بىر تون تۇتقالى كاشانە يوق،
جىسىم قۇت ئالماققە سۇ ۋە دانە يوق.

مىڭ تۈمەن قۇش ئەيلەبان ئول يان سەپەر،
ئۇرسە مىڭ يىل، ئول ھاۋادا بالۇ پەر.

بۇيلە يول قەتئى ئەتمەكى مەلۇم ئەمەس،
مەخسىدىگە يەتمەگى مەلۇم ئەمەس.

لىك ئولكىم بۇ تەلەپدە بەرسە جان،
ياخشىراقكىم يۈز بۇ ھەياتى جاۋىدىن.

چۈن جاھان بوستانىدا ئول نەۋئى قۇش،
نەچە كۈن تاپسا ئۇچۇش يا خۇد قونۇش.

نەۋھەئى باغى پانا تۈزمەك كېرەك،
ئول تەرەپ پەرۋاز كۆرگۈزمەك كېرەك.

چۈن ئۇلار ۋادىئى ھىجران يولىدا ،
بەرسە ئەئىلا جاننى جانان يولىدا.

ئەي خۇش ئول ئۆلمەككە يۈزمىڭ جانچە بار،
قايسى جانكىم ئۆمرى جاۋىدانچە بار.

دۆلەتى ئىقبال ئەگەر ياۋەر بولۇپ،
تالىئى بەختى شەرەپ رەھبەر بولۇپ.

بولسا قەتئى بى ھەدەر ئەندازى دەشت،
كىم قازاسىدىن دىيىلدى شەرگۈزەشت.

روزى ئولغاي تائەبەت ئىنتىقال،
قەتئى قىلغان قۇشقا گۈلزارى ۋىسال.

ۋەھدەتى جاۋىد بولغاي شاھغە،
ۋاسىل ئەتكەي ئۇزنى زىللۇللاھغە.

پايەسى رىغئەتتە بولغاي ئەرش ساي،
سايەسىدىن بۇ مېنى قىلغاي ھوماي.

قۇشلار ھۆپۈپتىن سۇمرۇغنىڭ ئاشكارىلىنىشىنىڭ ۋاختىنى سورىغاندا ھۆپۈپنىڭ ئېيتقانلىرى

بارى قۇشلار دىدىلار ئى راھبەر،
بىزگە بەر ئىش ئىپتىداسىدىن خەبەر.

كىم بۇ سۇلتانكىم سىپاھىدۇر تۇيۇر،
خەلق ئارا نى نەۋئى ئەتتى زوھۇر.

كىم كۆرۈبدۇر ئانى ۋە ھالاتىنى،
پېئىل ئەسمائى، سۇپاتى، زاتىنى.

تەۋپ سەيرىڭنى دىگىل كەيپىيەتىن،
ئەمىر نەھيىنىڭ داغى خاسىيەتىن.

كىم ئىرۇر سۆز مۈشكۈل ۋە بىگانە تەبئى،
بولغۇدەك دىۋانە يۈز پەرزانە تەبئى.

چىن شەھرىنىڭ سۈپىتى ۋە سۇمرۇغنىڭ ئۇ يەرگە چۈشكەن پەرى توغرىسىدا بايان

دىدى ھۇدھۇد كىم بۇ ئىش بولمىش يەقىن،
كىم ئىرۇر مەشرىقدە شەھرى ئاتى چىن.

شەھرى يوقكىم ۋۇسئەت ئىچرە بۇ جاھان،
ئول جاھان خەلقى ساۋادىندا نىھان.

خەتتەسى خۇشراق ئىرەم گۈلزارىدىن،
سۈيى دىلكەشراق بىھىشت ئەنھارىدىن.

بىر كېچە ئول شاھى دۆلەت ئاشىيان،
دەھر ئارا پەرۋازىنى ئەيلەپ ئايان.

ئىتتىپاقا سەير تۈشمىش چىن سارى،
ئول ساۋادى مۈلك خۇد ئايىن سارى.

ئول تۈن ئول كىشىۋەر سەراسەر يارۇمىش،
ۋاقىف ئەلنى بىشۇئۇر ئەتمىش ئول ئىش.

سىلكىنىپ چىن سارى تۈشمىش بىر پەرى،
تاپمىش ئاندىن زىيىب پەرھىن كىشىۋەرى.

رەڭگى، نىقىش ئول بىر دەغايەتتىن پۇزۇن،
كىم ئۇنىڭ شەرھىدە بولغاي سۆز ئۇزۇن.

تاڭلاسى چۈن كەلمىش ئەل ئۇز ھالىغە،
باقىپ ئول پەر رەڭ بىلە ئەشكالىغە.

ھەر كىشى باغلاپ تەخەييۇلدىن قەلەم،
قىلمىش ئول پەر نەقشىدىن تەرھى رەقەم.

بارچەنىڭ نەقشى خىيال ئەندىشەسى،
بۇ ئىش ئاندىن بولماس ئول ئېل پىشەسى.

ھەر كىشىنى قىلمىش ئول نەقىشى خىيال،
نەقىش تەسۋىر ئەمرىدە ساھىب كامال.

ئاتى مانى خامەسى مۇئىجىز ناماي،
سەنئىتى نەززارەسى ھەيرەت پەزاي.

بۇيلە نىسبەتلەردىن ئەھلى مەئىنەۋى،
چىندا دەرلەر كارگاھى مەئىنەۋى.

ئول پەر ئەمدى گويىياكىم چىندادۇر،
ھۆردەك ئول مۇلك خۇلد ئايىندادۇر.

بۇ ئىمىش بۇ پەر زوھۇرىنىڭ ئىشى،
مۇندىن ئارتۇق پەھىم قىلمايدۇ كىشى.

كۆرمەكىدىن كىمە دەم ئۇرمايدۇرۇر،
سۆزنى بۇ غايەتكە يەتكۈرمەيدۇرۇر.

زاتىدىن مىدەيدۇر ئول خۇدكىمە سۆز،
كىم ئېرۇر كۆر ئاندا ھەر بەندىدە كۆز.

ئول پەي ئۆزرە ھەر تەرەپ تارى ئانىڭ،
پىل سۇپاتىنىڭ نەمۇدارى ئانىڭ.

بى ئەدەد نەقىش ئولدى ئول پەر ھالىدىن،
ناقىل ئول پەر ساھىبى ئەفئالىدىن.

رەڭلار ئول پەردە بىھەد بىقىياس،
ھۆكىم ئەسماسىغە قىلدى رەھ شۇناس.

كىمە تەۋف ۋە سىررى ئەھۋالىن دىمەس،
ھەرگىز ئاندىن ھىچ پەر خالى ئىمەس.

ئەمرۇ نەھى بارچىمىزغە پەرز ئەين،
تەركى ئەمرۇ نەھيىدە يۈز شۈرەشىن.

كەلدى مەئىمۇرىغە ئۈمىدى ۋىسال،
ئاسى ۋە جافىسىغە بىمۇ- نىكال.

چۈشتى قۇشلارغا بۇ ھالەتتىن خۇرۇش،
شەۋق سالدى ھەر بىرى كۆڭلىگە جۇش.

«چىن شەھرىنىڭ سۈپىتى ۋە سۇمرۇغنىڭ ئۇ يەرگە چۈشكەن پەرى توغرىسىدا بايان» ناھايىتى موھىم بولغاچقا ئۇنىڭ نەسرى تەرجىمىسىنىدىن ھوزۇرلانغايسىلەر...

نەسرى يەشمىسى:

ھۆپۈپ دىدىكى: بۇ، كۈن چىقىش تەرەپتىكى چىن ناملىق شەھەردە بولغان ۋەقە... دۇنيادا چىن شەھرىدەك كەڭ شەھەر يوق، ئەمما جاھان خەلقى ئۇنى بىلمەيدۇ... ئۇ شەھەرنىڭ بوستانلىرى ئىرەم باغنىڭ گۈلزارىدىن ياخشىراق، ئۇنىڭ سۆيى جەننەتتىكى ھەۋزىكەۋسەرنىڭ سۈيىدىنمۇ دىلكەشراق... بىر كېچىسى ئۇ دۆلەتنىڭ شاھى ئاشيانىسىدە تۇرۇپ ئالەم ئارا پەرۋاز قىلماقچى بولدى... پايانسىز، گۈزەل چىن مەملىكىتىگە سەيلە قىلىشنى قارار قىلدى... شۇ كېچىسى چىن مەملىكىتى پۈتۈنلەي يورۇپ كېتىپ، ۋاقىپ بولغان كىشىلەر مەس، بىھۇش بولغانمىش... سۇمرۇغنىڭ سىلكىنىشى بىلەن بىر تال پىيى يەرگە چۈشۈپ، پۈتۈن چىن مەملىكىتى ئۇنىڭدىن زىننەت تاپقانمىش... ئول پەينىڭ رەڭدارلىقى نەقشىدارلىقىدەك ئالاھىدىلىكلىرىنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ... ئەتىسى ئەل ئۆز ئۆز ھالىغا كېلىپ، ئۇ پەينىڭ رەڭگى ۋە شەكلىگە قاراپ... ھەر كىشى قولىغا قەلەم ئېلىپ ئۇ پەينىڭ نەقشىنى سىزغانمىش... بارچە نەققاشلار ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن نەقىشلىرىنىڭ ھەممىدىن يۇقۇرى بولىشىنىلا ئويلايتتى... بۇ نەقىشنى كۆرگەن ھەربىر كىشى تەسۋىرى سەنئەتتە شۇنداق كامالەت ئىگىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى... شۇلاردىن بىرى بولغان مانى ئىسىملىك كىشىنىڭ قەلىمى مۆجىزىلىك قەلەم بولۇپ، ئۇنىڭ سەنئىتى كۆرگىچىلەرنى ھەيران قالدۇراتتى... بىلىمدانلار بۇ ئىشلارغا قاراپ، ھۈنەر ئىگىلىرىنىڭ كارخانىسى چىن مەملىكىتىدە دەيدۇ... بۇنىڭدىن ئارتۇغىنى بىلگىلى بولمايدۇ، لېكىن بۇ گۈزەللىك شۇ پەينىڭ شۇ زىمىنغا چۈشكەنلىكىدىندۇر... كىشىلەر بۇنى كۆرگەنلىكىدىن ئارتۇق گەپ قىلىشمايدۇ...  كىشىلەرنىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغاندەكلا، ھېچكىممۇ ئۇنىڭ زاتى توغرىسىدا دىيەلمەيدۇ... ئۇ پەينىڭ ھەر تەرەپتىكى تارىلىرى پىلنىڭ سۈپەتلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ... نەققاش ئۇ پەينىڭ ئىگىسىنىڭ ئىشلىرىدىن ۋە ئۇ پەينىڭ ئەھۋلىدىن سان-ساناقسىز نەقىشلەرنى ئىشلىدى... ئۇ پەيدىكى قىياسقا سىغمايدىغان رەڭلەر ئۇنىڭ ئىسىملىرىغا ھۆكۈم قىلىشقا يول كۆرسىتىپ بېرىدۇ... كېچ كىشى ئۇنىڭ سىرىنى دىمەيدۇكى، ئۇنىڭ ھەر بىر قانات پىيى خىسلەتلەردىن خالى ئەمەس... ئەمىرىنى قىلىش، نەھيىدىن يېنىش ھەممىمىزگە پەرز بولۇپ، بۇنى قىلمىساق نۇرغۇن غەۋغالار يۈز بېرىدۇ... ئەمىر ۋە نەھيىنى بىجا كەلتۈرگەنلەرگە ۋەسىلنىڭ ئۈمۈدى بار، گۇناھكارلارغا قورقۇنچ ۋە ئازاپ بار... قۇشلار بۇ ئەھۋالدىن غۇلغۇلىغا چۈشۈپ،  قەلبىدە ئىتتىپاقلىرى قايناپ تاشتى...


ھۆپۈپنىڭ سۇمرۇغ ھەققىدە ھېكايە قىلىشى، مۇھەببەت ئوتىنىڭ قۇشلارنىڭ دىلىدىن تىلىغا ئۆتىشى

ھىچقايسى قەۋم ئارا يوق بۇيلە شاھ،
ئانسىز ئولغانلارغا يۈز مىڭ دەرت ئاھ.

دىدىلار ھۇددۇغەكىم، ئى پىشىۋا،
بۇيلە شاھنىڭ پۇرقەتى ئەرمەس راۋا.

دەھىر ئارا بولغاي بۇ يەڭلىغ شاھىمىز،
بارچە تۈرلىل ھالدىن ئاگاھىمىز.

بىر خىجالەتكە كىرىپتار ئولغامىز،
پۇرقەتى ئاشۇبىدىن زار ئولغايمىز.

بۇيلە غەپلەتكە ئۆلۈم راجىھ دۇرۇر،
ئەھلى ھۇش ئالىندا بۇ ۋازىھ دۇرۇر.

سەن ئارامزدە چۇ كەلدىڭ رەھ شۇناس،
بارچەمىزدىن بۇدۇر ئەمدى ئىلتىماس.

كىم بارىغە مۇقتەرالىق قىلغاسىن،
بۇ سەپەردە پىشىۋالىق قىلغاسىن.

كىرگامىز ئول شەھيولىغە جان بىلە،
جان ئاۋۇچلاپ دىدەئى كىريان بىلە.

ۋەسىل كامىن ئەيلەگەيمىز مۇلتەمەس،
ئىستەمەكتىن تىنماغايمىز بىر نەپەس.

ئانچە ئۇرغايمىز بۇ يولدا بالۇ پەر،
ئەيلەگەيمىز قەتئى ئانچە بەھرۇبەر.

كىم ۋىسال كامىغە يا يەتكەمىز،
يا تەمەنناسىدا جان تەرك ئەتكەيمىز.

ھۆپۈپنىڭ قۇشلارغا كۆڭۈل بېرىپ بۇ يولغا رىغبەتلەندۈرگەنلىكى

ھۇدھۇد ئول سۆزلەردىن ئولدى شادخۇش،
دىدىكىم ئەي بىر سۈرۈك دىۋانەۋۇس.

بىزگە چەرخ ئولسە مۇسائىد بەختىيار،
قىلساڭىز مۇنداغ سەپەرنى ئىختىيار.

مەن داغى بۇ يولدا جانىم بارىچە،
جىسىم ئارا تابۇ- تاۋانىم بارىچە.

بارچەڭىزگە ئەيلەيىن ھەمراھلىق،
بارچە مەنزىلدىن بىرەي ئاگاھلىق.

يولدا ھەر غەم يەتسە ھەمدەملىك قىلاي،
ياشۇرۇن دەرت ئولسە مەھرەملىك قىلاي.

ئالدىڭىزغا كەلسە ھەر ياخشى-يامان،
دەفئىدە مەزۇر بولماي بىر زامان.

ھەم ئۇچاردا ھەم ئىنانلىق ئەيلەيىن،
ھەم قوناردا پاسىبانلىق ئەيلەيىن.

قەۋمدىن پەھىم ئەيلەگەچ بۇ مۇددەئا،
ئەيلەبان بارىنى تەھسىن ۋە دۇئا.

باشلاپ ئول مەجمەدە ئەسرارى شەگەرف،
باش قىلدى بۇيلە سەر مەستانى ھەرپ.

كى ئى بار ئەسرار ئىرفان مايىلى،
زاتىڭىز بۇ گەنج فىنھان قايىلى.

يەر ۋە فىترەتتە بىھىشىت ئەدنان ئارا،
شاھ سارى خۇلد ئارا دىلىستان ئارا.

بارچەڭىز شەھ سىرىغە مەھرەم كېلىپ،
زارىغە بىر-بىر بۇيلە ھەمدەم كېلىپ.

ھەم ئانىڭ تەسبىھىدىن ئەلھانىڭىز،
ھەم ئانىڭ تەھلىلىدىن داستانىڭىز.

قۇتىڭىز زىكرى غىزايىڭىز يادى ھەم،
زىكرى ئىلە فىكرىدىن ئۇرماي ئايرۇ ھەم.

تا فۇزۇلى ئۆرگۈتۈپ ئول جەمئىنى،
كۆزىڭىزدىن يارۇتۇپ ئول شەمئىنى.

يەتكەچ ئول جەمئىگە ئانداغ قوزغالان،
ھەربىرى ئاۋارەئى بى خانىمان.

تاپمايىن ئول كۈلشەنى ۋەسلىگە يول،
بەلكى كۇللى مەھۋ ئۇلۇپ خاتىردىن ئول.

دەھر باغى سارى مەيىل ئەتكەن ئەئىيان،
ئەيلەگەن بۇ خاكىداننى ئاشىيان.

بۇ غەربىستان ئارا بولغاي مۇقىم،
كۆڭلىڭىزدىن كەتكەن ئول نازۇ نەئىم.

بەرسە ھەق تەۋپىقىدىن جىد جەھد ئېتەي،
تا يەنە سىزنى ئاڭا ھەم ئەھد ئېتەي.

بۇ سەپەردە رەنجلەردىن تەئىمىيە،
كۆڭلىزگە يەتسە ئاندىن تەسپىيە.

بۇ مەنازىل قەتئىدىن يەتكەچ پۈتۈھ،
ساپ بولسا جىسمىڭىز ئانداغ كى روھ.

جىلۋە كۆرگۈزگەي ھەمۇل ئەۋۋەلقى ھال،
زاھىر ئولغاي سىزگە ئەييامى ۋىسال.

شەھ سۇفاتىغە بولۇپ ئىرفانىڭىز،
زىندەئى جاۋد بولغاي جانىڭىز.

بولغايسىز سەيرۇ رەيازەت دافىئى،
شاھ بىرلە نەپسىڭىزنىڭ ئارىفى.

ھۆپۈپنىڭ تۇتىنى غايە ئۈچۈن رىغبەتلەندۈرگەنلىگى

سايرىغىل ئەي تۇتى ئى شىرىن كالام،
نۇتق تەشرىپى بىلە ئالى مەقام.

خىلئەتى ئەخزەر بىلە جۇيانى شەھ،
يول ئەزىققانلارغە بولغىل خىزرى رەھ.

ئەۋۋەل ئۆز مەنزىلگاھىڭنى ياد قىل،
كۆڭلۈڭ ئول ئۈمىد بىلە دىلشاد قىل.

كىم ۋەتەن زاتىڭ كى ھىندىستان ئىدى،
شەھ ھەرىمىدە سەرا بوستان ئىدى.

ھەم مەقامىڭ شەككەرىستانى ۋىسال،
ئول شەكەردىن نۇش ئېتىپ ئەيلەپ مەقال.

شاھ ئىلكى مەسكەنى مەزىلگەھىڭ،
ھەم تەكەللۇپ ھالەتىدىن ئاگەھىڭ.

كەل، بۇ غۇربەتتىن رەھىل ئاغاز قىل،
ئول چەمەن سارى يانا پەرۋاز قىل.

ھۆپۈپنىڭ تاۋۇس بىلەن سۆزلەشكەندىكى سۆزچانلىغى

كۆرگۈز ئەي تاۋۇس گۇلزارى ئەلەست،
جىلۋەئىكىم قىلغاسەن دەۋراننى مەست.

ھەم باشىڭ تاجى رىياسەت مەسكەنى،
ھەم تېنىڭ نەقدى لەتاپەت مەخزەنى.

قامىتىڭغە كىلۋەتى ھۆسنى جامال،
ئۇيلەكىم ۋەسپىدە ئانىڭ نۇتقى لال.

ھەم ياراشىپ خىلئەتىڭگە خوبلۇق،
ھەم مۇۋاپىق زاتىڭە مەھبۇبلۇق.

لىك يادىڭدىن چىقىپ ئۆز مەسكەنىڭ،
شەھ قېشىدا جىلۋە ئەيلەر گۈلشەنىڭ.

بىر يولى ئۆز رەۋزەنى قىلما ئۇنۇت،
بۇ خەراب ئاباد مۇھېس تەركى تۇت.

شاھ بەزمى شەۋقىدىن تارتىپ نەۋا،
ئول سەرا بوستان سارى قىلغىل ھەۋا.

ھۆپۈپنىڭ بۇلبۇل ئاھاڭىدا سايرىغىنى

چەك ناۋا ئەي بۇلبۇلى گۈلزارى شەۋق،
سەۋت ئەلھانىڭ كېلىپ ئەسرارى شەۋق.

ئىشق لەھنىن مىڭ نەۋا بىرلە تۇرۇپ،
بى نەۋالىقلار سورۇدى گۆرگۈزۈپ.

شەھ گۈلۈستانىدا گۈل ھۆسنىگە مەست،
تارتىپ ئول گۈل ئىشقىدىن جامى ئەلەست.

ئاتەشىن گۈل جىلۋە قىلغاچ گۈل جاغى،
ھەر پەرەڭگە ئوت ياقىپ گۈل ياپراغى.

تا تۈشۈپ ئول تازە گۈلشەندىن يىراق،
كۈل قىلىپ جىسمىڭنى پىران-پىراق.

قىل ھەۋا ئول گۈلشەنى مىنە سارى،
مەيىل كۆرگۈز ئول گۈلى ھەمرا سارى.

شاھ بوستاندا يۈز گۈل جىلۋە ساز،
سەندە ھىجران شۇئىلەسىدىن مىڭ كۇداز.


ھۆپۈپنىڭ پاختەك ئاۋازى بىلەن نەغمە قىلىشى

نەغمە تۈز ئەي قۇمرەئى بوستان جان،
زەخمىڭ ئىچرە مۇندەرخ ئەلھانى جان.

تەيىر خەيلىن ھەر نەپەس لال ئەيلەگىل،
سەۋىت لەھنىڭ بىرلە بى ھال ئەيلەگىل.

سالغانىڭدىن بوينۇڭە تەسبىھ يۇسىر،
تىلگە ئاندىن ۋەسپىدە يۈزلەندى ئۇسىر.

بۇكى ھەر بوستان ئارا سەرگەشتە سەن،
قان بىلە تۇپراققە ئاغۇشتە سەن.

كم قىلۇرسەن نالە مەھزۇنلەر كەبى،
ئىشق سەۋداسىدا مەجنۇنلەر كەبى.

ياد ئىتىپ سەن گۇييا باغى ۋىسال،
كم بولۇپسەن بۇ سۈپەت ئاشۇپتە ئەل.

مۇژدەكم ئول غەمىدە قالماي بى نەۋا،
كم ئوشۇل گۈلشەن سارى قىلغىل ھەۋا.


كەكلىكنىڭ پەريات- پىغانىغا ھۆپۈپنىڭ كۈي قوشىشى

قىل خىرام ئەي كەبك كوھسارى پىراق،
لەئىل ئېتىپ كۆزۈڭنى دەردى ئىشتىياق.

ھەجر كوھستانىدا پەرھادۋار،
پۇيە قىلماقتىن دەمى تۇتماي قارار.

بۇكى مىنقارىڭ بولۇپدۇر لالە قام،
قان يۇتاردىندۇر دەلىلدۇر تامام.

قۇرب قاپىن گۇييا ياد ئەيلەدىڭ،
بەئد ئارا مۇنداغكى پەرياد ئەيلەدىڭ.

قەھقەھە ئىرمەسكى تارتارسەن بەلەند،
كم ئىرۇر ئۆز ماتىمىڭغە زەھر خەند.

چۈنكى قىلدىڭ قۇرب قاپى سارى ئەزم،
تۈزگىل ئەمدى ۋەسىل ئۈمىدى بىرلە بەزىم.

ۋەسىل ئۈمىدى چۈن يېقىندۇر شاد بول،
ھىجر تاغى تاشىدىن ئازاد بول.
ھۆپۈپنىڭ قىرغاۋۇل بىلەن بىللە كېتىۋېتىپ، ئۇنىڭ سەيلىسى توغرىسىدا سۆزلىگىنى

ئىشۋەئى ناز ئەيلە ئي رەئىنا تەزەرۋ،
كم قولۇڭ گۈلشەن ئار ئازادە سەرۋ.

گۈلىستان زەينى جامالىڭدىن سېنىڭ،
گۈل خىجىل رۇخسار ھالىڭدىن سېنىڭ.

جىۋەگاھىڭ گاھى باغ گاھى زاغ،
مۇپتەخىر زىبالىقىڭدىن راغى-باغ.

ھەم چەمەن ئەھلىغە سەن مەھبۇبسەن،
ھەمدەمىن خەيلىگە سەن مەرغۇپسەن.

گەرچە بى غايەت دۇرۇر رەئىنالىغىڭ،
بى نىھايەت ھۆسۈن ئىلە زىبالىغىڭ.

ئۆمرى ئۇز ھۆسنىڭگە مەغرۇر ئولماغىل،
ئۆز جامالىڭ بىرلە مەسرۇر ئولماغىل.

ياد قىل ئول ھۆسىننى نۇقسانىنى ھەم،
ئوتتەك ئول گۈلشەن سارى جەككىل ئەلەم.

ھۆپۈپنىڭ چىلگە ئېيتقان سۆزلىرى

كەلگىل ئى دۇرراج كىم بەس خۇبسەن،
جان قۇشىدەك بارچىغە مەتلۇب سەن.

بېشە ئىچرە زىب كامىڭدىن سېنىڭ،
سەبزەغە رەۋنەق جىرامىڭدىن سېنىڭ.

مەستلىكتىن سەۋتۇڭ ئۇسلۇ دىل غىرىپ،
مۇستەمئىلەر كۆڭلىدىن ئېلىپ شىكىب.

ھەيئەتىڭ مەتبۇئە شەكلىڭ دىلپەرىز،
سۈرەتىڭ مەۋزۇن، نۇتقۇڭ بى نەزىر.

بۇيلە ۋەز ئۇ ھەيئەتىڭ مەۋزۇن ئىلە،
بۇيلۇ نۇتقۇ-نەغمەئى مەپتۇن ئىلە.

لايىق ئول سەنكى قەيد ئولغاسېن،
سەئيى ئېتىپ شاھغە سەيد ئۇلغاسېن.

جان پىدا قىلغايسەن يول سۈرگەچ سەمەند،
بولغاسىن ئۆمرى ئەبەدكە بەھرەمەند.

كەپتەرنىڭ پەرۋاز قىلىپ ئۇچىشىغا نىسبەتەن ھۆپۈپنىڭ ئارزۇسى

ئەي كەبۇتەر چەرخ ئۆزە پەرۋاز قىل،
ئول ھەۋادا تاپ ئۇرارنى ساز قىل.

ئانچە بولماق تىرە ئۆزە كاشانەدە،
خانە كۆر ئولدۇڭ كەبۇتەر خانىدە.

شاھ قەسىرىنىڭ ھاۋاسىن قىل خىيال،
ئول ھاۋادا ئور زامانى پەرۇ- بال.

تا قالىبدۇرسەن كۆكۈل پەرۋازىدىن،
شاھ قەسىرى تامىنىڭ ئەندازىدىن.

خاتىرىڭدىن چىقمامىش گۇييا تەمام،
قەسرى سۇلتانى ئۆزە ئالى مەقام.

ئول تەرەپ ئۆرتەب ۋەقۇن ئول تام ئۆزە،
سەرەراز ئول گەردىشى ئەييام ئۆزە.

نى قويۇپ بۇينۇڭغە شايەد تۇتغاي ئول،
تاپقاسىن ئەسلى كەبۇتەر خانىغا يول.

شاھيار(ھىندىستاندا ياشايدىغان بىر خىل قۇش)نىڭ نازلىق ھۆسنى توغرىسىدا ھۆپۈپنىڭ يول كۆرسىتىشى

ھەببەزا! ئەي شاھ باز شاھۋۇش،
ھەيئەتىڭ ھەم خۇش جامالىڭ داغى خۇش.

سەرپەراز ئەيلەپ سىنى قۇشلاردا ھەق،
خوبلۇقتا بارچەدىن ئىلتىب سەبەق.

شاھ ئىلكى مەسكەنىڭ بولغاي مەدام،
تۇئمەڭ ئول تارتىپ يىدۇرگەي بىر داۋام.

ئول سىلاپ ئىلكىنى پەرۇ- بالىڭە،
يەتكۈرۈپ مىنىقار ئىلە چاڭگالىڭە.

مۇددەتىكىم چەرخ ئېتىپ زاھر نىپاق،
شاھ ئىلكىدىن سېنى سالدى يىراق.

مۇپتەلا بولدۇڭ چۇ ھىجران دامىغە،
تەبئىڭ ئۆرگەندى پىراق ئەييامىغە.

بول يەنە شاھغە گىرىپتارۇ- نەژەند،
ئىلكىنى ئۆپمەك بىلە بولسەر بەلەند.


شۇڭقارنىڭ ئەزىمەتلىكى توغرىسىدا ھۆپۈپنىڭ مەدھىيىسى

مەرھابا ئەي شۇنقارى چەرخ ئاشىيان،
شەھ قولىندا مەنزىلىڭ ئەيلەپ ئايان.

قۇشلار ئىچرە شاھلاردەك تاجىۋەر،
شەھ كۆرۈپ باشىڭغا لايىق تاج زەر.

تاجۋەر قۇشلارغا سەن سەرخىل بولۇپ،
شەھغە ئاندىن سۆھبىتىڭدىن مەيل ئولۇپ.

شەھ بەزمىدە ساڭا ئالى مەقام،
بى نىھىايەت ئىھتىمامۇ-ئىھتىرام.

چۈن كېلىپ ئون ئۆزگەلەرچە ھۆرمىتىڭ،
شەھ بېرىپ ئون ئۆزگەلەرچە رىفئەتىڭ.

ئىلكىنى بوينۇڭغا مايىل ئەيلەبان،
دۇررى گۆھەردىن ھەمايىل ئەيلەبان.

كۆپ يىراق تۈشتۈڭ بۇ ھىجراننى ئۇنۇت،
شەھ قولىغا تۈش، ۋەتەن ئىلكىدە تۇت.

قۇشلارنىڭ سەپەرگە بەل باغلىغانلىقلىرى ۋە يول مۇشەققىتىدىن بەزىلىرىگە ھاردۇق يەتكەنلىكى

چۈنكى ھۇدھۇد ئەيلەبان ئاغاز ئىشىق،
بۇ سۈپەت قۇشلارغا سۈردى راز ئىشىق.

قۇش تىلى بىرلە تەرەننۇم ئەيلەبان،
ۋەسىل، ھىجرانىدىن تەكەللۇم ئەيلەبان.

بولدى ئول قۇشلارغا ھىجراندىن مەلال،
ۋەسلىدىن ھەر بىرگە چۈشتى يۈز خىيال.

ھەربىرى يادىغا كەلدى ھاللار،
ھىجىر دەردىدىن قاتتىق ئەھۋاللار.

نى سائادەتتىن يىراق چۈشكەنلىرى،
نى ھىدايەتتىن پىراق چۈشكەنلىرى.

بولدى ھۇدھۇد سۆزىدىن ئاگاھلىق،
كىم ئۇلارنى جەھىل ئارا گۇمراھلىق.

ئىش تەرىقىدىن يىراق ئەتمىش بەسى،
بەستەئى دامى پىراق ئەتمىش بەسى.

ئۆرتەنىپ ئۆز شۇئىلەئى ھىرمانىدىن،
دۇد چىقتى ھەر بىرىنىڭ جانىدىن.

يېقىن ئېردى ئۆچكەلى شەمئىي ھايات،
ھەر بىرىگە بەسكى يۈلەندى ئۇيات.

بولدىلار ئۆز پېئىلىنىڭ شەرمەندىسى،
ئۆز سۈلۈكى پېئىلىنىڭ ئەفكەندىسى.

گەرچە كۆپ خۇناپ ھەسرەت يۇتتىلار،
ئۆزرى ماپات ئۆزلىرىگە تۇتتىلار.

كىم نە يەڭلىغ بولسا، تا بولسا ھايات،
تۈن،كۈن ئول يولدا ئۇرغايلار قانات.

باشلىرىگە كەلسە مىڭ تۈرلۈك بالا،
ھەر بالادا بولسا يۈزمىڭ ئېتىلا.

يانماغايلار ئول تەلەپ ۋادىسىدىن،
قالمىغايلار ئول شەرەپ ھادىسىدىن.

چۈن بارىغە بولدى مۇنداق ئىتتىپاق،
چەكتىلەر دەۋرانغە ئاھاڭكى پىراق.

بولدىلار ھۇدھۇدغە پەي رەۋ سەر-بەسەر،
راھ رەۋ ئول خەيل ھۇدھۇد راھىبەر.

چۈشىتىلار يولغا نىيازۇ- ناز ئىلە،
ۋەسىل ئۈمۈدىغە ئىتتىك پەرۋاز ئىلە.

چۈن نىچە بۇيلە تەيران قىلدىلار،
سەئىي ئىلە قەتئى باياۋان قىلدىلار.

مىھنەتۇ رەنجۇ ئەلەم يۈزلەندى كۆپ،
شىددەتى ئاشۇ ئى غەم ئۆزلەندى كۆپ.

بۇيلەكىم قەتئى مەساپەت قويدى يۈز،
ناتاۋانلارگە كۆپ ئاپەت قويدى يۈز.

نازپەرۋەر ئېردىلار بوستان ئارا،
سايەلىغ ئەشجار ۋە تۇبا سان ئار.

بولدىلار يول رەنجىدىن پەرسۇدە ھال،
ھەر بىرىگە قويدى يۈز بى ھەد مەلال.

ساغىنىپ ئاسۇدەلىق بىرلە ۋەتەن،
باغ بوستان بىرلە گۈلزارى چەمەن.

نەپىس كامى ۋە پاراغەت مەئىمەنى،
ئەيش ئايىنى ئىشرەت كۈلشەنى.

ئول ئەزىمەتتە تاپىپ بەزى فۇتۇر،
پەھىم ئەيلەپ ئول تەۋەجقۇھدىن قۇسۇر.

ناتاۋانلىق بىرلا ئەجىر ئەيلەپ ئايان،
ھەر بىرى بىر ئۆزرە قىلدىلار بايان.

ئۆز قېشىدا ئۆزرەنى مەقبۇ ل ئىتىپ،
ئول تەۋەججۇھدىن ئۆزىن مەئىزۇل ئىتىپ.

قىلدىلار ھۇدھۇدغە بارى ئىلتىماس،
چۈن تەۋەققۇپ قىل دەمى ئى رەھشۇناس.

بىزدە بەزى ناتاۋان بولمىش بەسى،
يول بارۇردە خەستە جان بولمىش بەسى.

بەزى ئالغە كىلىبدۇر مۈشكىلات،
كم سىنىڭ رايىڭدىن ئىستەرلەر نىجات.

بەزى ئالىدا سەئۇبەتلەر دۇرۇر،
ئول سەئۇبەتتىن ئوقۇبەتلەر دۇرۇر.

كىم ئېرۇر ئانى بايان قىلماق زۆرۈر،
يۇقسە يول ئەزمىگە يۈزلەنگەن قوتۇر.

راھىبەر چۈن كۆردى ئاجىزلىقلارىن،
قوندى بىر ۋادىدا جەم ئەيلەپ بارىن.

ئول چۇ بارى نوكتەسىغە تىكتى كۆز،
دىدى: ئەيتىڭ قايسى بىرگە بولسە سۆز.

چۈنكى ھۇدھۇد ئول ھاۋادىن بولدى بەست،
سورغالى قۇشلار سۆزىن بولدى نەشەست.


تۇتىنىڭ ھۆپۈپكە ئۆزرە بايان قىلىشى

تۇتى ئەۋۋەل ئۆزرىن ئاغاز ئەيلەدى،
بۇيلە ئەجىز ئايىنىنى ساز ئەيلەدى.

كىم قۇشى دۇرمەن ماكانىم كەرەم سەير،
ھىندۇ ئەقساسىدا قىلغان سەيرۇ- تەير.

ئەل ئارا شۆھرەت پەساھەتتىن بولۇپ،
نوكتە بىرلە غەملىك ئەلنى ئاۋۇتۇپ.

كامىرانلىق مەنزىلىم ئەيلەپ قەپەس،
ھەم مەلامەت يەتسە ئەيلەپ ھەمنەپەس.

نازىنىنلار ئىلكىدىن ئالب خۇرۇش،
قەندۇ-شەككەر بىرلە تاپىپ پەرۋەرىش.

روبىرويۇم گاھ بىر كۆزگۈ بولۇپ،
گاھ كۆزگۈچەھرىلىك مەكرو بولۇپ.

كۆرمەيىن ئۆمرۈمدە جۈزئى كام نىشان،
ئەلگە نۇتقۇمدىن يېتىپ يۈز ئىنبىسات.

تابىلىپ ئۆزنى قاتتىغلىق كۆرمىگەن،
رەنج زەھرىدىن ئاچچىغلىق كۆرمىگەن.

دەرگەھىكىم پاشادۇر ئاندا ئۇقاپ،
پاشەدىن ئاجىزراق ئەلگە نى ھىساپ.

ئاڭلامان ئۆزدىن كى ئول يان كەتكەمەن،
ئۆزگە قۇشلاردەك بۇ يول قەتئ ئەتكەمەن.

ئەيلە ئالغايمەن ساڭا ھەمراھلىق،
ھالەتىمدىن بۇيلە تاپ ئاگاھلىق.

ھۆپۈپنىڭ تۇتىغا بەرگەن جاۋابى

دىدى ھۇدھۇدكى ئۇزۇن ھەرپىڭ غەلەت،
بارچە گۇپتارىڭ خەتا بىرلە سەخەت.

ھەرزە نۇتقۇڭنى پەساھەت ساغىنىپ،
گەچە لەفىزىڭنى بەلاغەت ساغىنىپ.

ئەيتىپ ئۆز ۋەسفىڭدە كۇناكۇن خىلاپ،
بارچە ھەشۋۇ- بارچە لەغۋۇ-بارچە لاف.

خۇد پەرەستى سەن ئۆزۈڭنىڭ ئاشىقى،
خۇد پىسەندى سەن مەزەممەت لايىقى.

پەخر ئېتەرسەن نوتق بىرلە كۆزگۈگە،
كىم ئىرۇر نۇتقۇڭ مۇناسىپ كۈلكىگە.

كۆزگۈ ئول بولغايكى تارتىپ يۈز بەلا،
بەركاسىن لەۋھى زەمىرەڭگە جۇلا.

بۇكى ھەر ھىندۇ قاشىدا شاھدۇر،
دەر بۇ سۆزنى ھەشۋە كىم ئاگاھدۇر.

شاھ ئولدۇركىم يولىدىن قايتاسىن،
ھەر زامان يولسىز ھەرسى ئەپتاسىن.

بارچە پاسىددۇر خىيالاتىڭ سېنىڭ،
ئۆزرە ئەيتۇرگە مەقالاتىڭ سېنىڭ.

بولدى مانىئ غەپلەتى گۇمراھلىق،
كىم يىتىشمەس كۆڭلىگە ئاگاھلىق.

ئويغۇنۇپ بىلسەڭكى ھالىڭدۇر قاتىغ،
قىلمىغاي ئول دەم پۇشەيمانلىق ئىسىغ.

قىلغانىڭغا يۈز خىجالەت چىكاسەن،
بەلكى يۈزمىڭ ئاھ، ھەسرەت چىكاسەن.

بولغان ئېرمىش بارچە نەقدىڭ ناسىرەھ،
نەپىس ئىلە شەيتانغا زاتىڭ مەسخىرە.


بىر غاپىلغا پاكىت كۆرسىتىش ھىكايىسى

غاپىلى قويدى قەدەم بازارغا،
خەيل نابىئ نەپس بەد كىردارغا.

رىزق ئۈچۈن ئەگنىدا دەلقى خىزرى ھۇش،
لىك يېشىل بەرگ بىرلە نەپسى خۇش.

ئۇرمىش ئېردى تاشلاغان ئىسرارى تاپ،
كۆردى دۇككانلاردا نىئمەت بى ھىساپ.

ئەگرى يوللار كىگۈزۈپ نەپس دەنى،
سالىبان شەيدا كەدالىققا ئۇنى.

گاھ ئەلتاپ مەقال ئەيلەر ئىدى،
گاھ ئىزھار كەمال ئەيلەر ئىدى.

كى كەراماتىن قىلىپ ئەل ئىچرە نەقىل،
كى ئېتىپ زاھىر تەرىقى شەرئى ئەقىل.

ئەيلەبان بۇ نەۋئى يۈز ئەفسۇن ۋەدەم،
ئالغۇچە بىر لۇقمەئى يا بىر دەرەم.

بۇيلە يۈز باز يەپ ۋە يۈز بازى بېرىپ،
نەپىس مەتلۇبىن يۈرۈر ئېردى تېرىپ.

بەنكىدىن ھەر لەھزە يۈز پاسىد خىيال،
سالىبان كۆڭلىگە بىر پىكرى ماھال.



يەتتى ناگەھ باشىغە ساھىپ ۋەلى،
كۆپ مانازىل قەتئى قىلغان كامىلى.

كۆرگەچ ئول كامىلنى شەييادى رەغەل،
ئول يامان ھالىدىن ئولدى مۇبتەزەل.

دىدى بىر ئالمدا كەسب ئىتكەننى تۇت،
كىم كۆرەيكىم ھاسىل ئەيلەپ سەن نى قۇت.

چۈن خېرت باشىنى ئاچتى لەئىم،
كىم يىغىلمىش ئېردى زەققۇم جەھىم.

كۆردى جەمئى بولغان نىجاسەتلەر بەسى،
تۈشتى ئوت جىسمىغا ئانداغكىم خەسى.

بىر يېرىدىن بىر ئاۋۇج تۇپراق ۋە تاش،
ئالىبان بەردى ئاڭا كىم قىل مائاش.

باقسا ئول تۇپراق ئىمەس ئالتۇن ئېرۇر،
تاشلىرى لەئىلى دۇررى مەكنۇن ئېرۇر.

ناقىس ئول ھالەتنى كۆردى ناگاھان،
كامىل ئولمىش ئېردى ئالىدىن نىھان.

ئۆزنى ئول خىجالەتتىن ئۆلتۈرمەك نى سۇد،
ئاھ ۋاھىن كۆككە يەتكۈزمەك نى سۇد.

ساڭا ھالەت كىم قىلۇرسەن كۆپ خۇرۇش،
بىل كى؛ بار ئول نەۋئىكىم ئول سەۋزە پۇش.

تاۋۇس (توز)نىڭ ئۆزرى

سۇڭرە تاۋۇس ئەتتى ئۆزرىن ئىبتىدا،
كى ئى سەن بارچەمىزگە مۇقتادا.

مەن قۇشمەن قەسرۇ- گۈلشەن زىننىتى،
نىقىش ۋە رەڭگىم ئەھلى ئالەم ھەسرەتى.

سۆرىتىم گۈلشەنگە ئارايىش دۇرۇر،
ھەيئىتىم كۆرگەنگە ئاسايىش دۇرۇر.

باغ ئارا مەندىن خازاندا بولستان،
بىيشەدە مەندىن قىش ئىچرە كۇلىستان.

جىلۋە ئەيلەر چاغدا ھۇليەم زىۋەردى،
سەربەسەر ئايىنەئى ئەسكەندەرى.

تەڭرى بەرمىش ھۆسىنى ھۆسنى زىبالىق ماڭا،
ھەددىن ئارتۇق زىب رەئىنالىق ماڭا.

كىم ئۇلۇس ھۆسنۈم تاماشا ئەيلەگەي،
ئافىرىن ۋەئز ئەفشا ئەيلەگەي.

ھەر كىشى قىلدى ھەق بىر ئىش ئۈچۈن،
نۇش ئچۈن بىرنى ۋە بىرنى ئىش ئۈچۈن.

ئىشكى قىلمىش ئىزدەدى دانا نەسىپ،
كىم ئول ئىشتا ھەرنە كەلسە يا نەسىپ.

تەڭرى ئەمرىدىن بارى مەھبۇب ئېرۇر،
لىك شەيتانى لەئىن مەنكۇپ ئېرۇر.

ھەر بىرىگە ئۇز تەقىرىدىن پىراق،
زاھىر تەكلىپ ئېرۇر- مالا يۇتاق.

ھۆپۈپنىڭ تاۋۇس (توز)غا جاۋابى

ھۇدھۇد ئول سۆز نەقشىگە ئاچىپ نەپەس،
دىدى كى ئى جەھل ئەھلى يەڭلىغ بىل ھەۋەس.

ئانچە زاھىر ئەيلەدىڭ ئەھۋالىدىن،
كەلگەي ئول مەجنۇندىن- ئەتفالىدىن.

ئادەم ئولغان زىب زاھىردىن دىمەس،
كىم كى ئاندىن پەخىر ئېتەر ئادەم ئېمەس.

ناز ئىلە ھۆسىن ئولدى شاھىدلەر ئىشى،
دەردۇ مىھنەت بىلە خۇشدۇر ئەر كىشى.

بارچە سۆرەت ئەھلىغە ئىشرەفدۇر ئول،
كىم سۆرەتدىن ئىلتىگەي مەئنى غە يول.

سەنكى بۇ سۆرەتكە بولدۇڭ مۇپتىلا،
ئول تەمەسخورغا ئولۇس ئىچرە سالا.

زىب زاھىر جۈز تەمەسخۇر كەلمەدى،
كىمەگە ئاندىن تاپاخور كەلمەدى.

تەمسىل

ھىندۇۋى زاھىر قىلىپ نەقىش نىگار،
ئەيلادى كۆپ بۇلئەجەبلىق ئاشكار.

تاج قويدى باشىغە ئول مەسخەرە،
دەۋرىدە ئانىڭ ساراسەر كۇنگىرە.

تاجئىلە كىۋەتكى تەرتىپ ئەيلەبان،
بار كەيگەن بۇيلە تەزھىپ ئەيلەبان.

يېنىدا بىر تەبلى ھىندى چالغۇچى،
ھىندۇي رەققاس ئلغۇي ئالغۇچى.

تىترەتىپ باشىن ھامان ئىلكىن ھامان،
ھىندۇ ئاسا لەئىب بىرلە ھەر زامان.

زىب ئارا ئارايىشى بوستان كەبى،
جىۋەدە تاۋۇسى ھىندۇستان كەبى.

ئەيلەدى مەيدان ئارا ھەنگامە تىز،
دەۋرىدە ئۇ باش سالىپ رۇستخېز.

بۇ مەھەلدە مۇھتەسپلەر يەتدىلار،
ئول غۇلۇۋ ھەريان ئەزىمەت ئېدىلار.

تۇتدىلار ھىدۇۋ ناپەر جامنى،
خۇشلۇقىدا نادىرى ئاييامىنى.

تىبلى بىرلە تاجنى سۇندۇردىلار،
دەردى ئەزاسىن يالاڭلاپ ئۇردىلار.

بولدى ئىبرەت ئالغۇدەك ئول شەنئىتى،
تاجى نوكبەت بولدى تاجى زىننىتى.

بۇلبۇلنىڭ ئۆزرە بايان قىلىشى

دىدى بولبۇل كى ئى بۇ مەجمەئغە دەلىل،
مەن بولۇپمەن گۈل ھاۋاسىدا زەلىل.

ئاندىن ئايرۇئىشىقۇ دىۋانەمەن،
ئەقىل، ھۇش، سەبىردىن بىگانىمەن.

ئانسىزىن يوق سەبر ئىلە تاقەت ماڭا،
قايدا يار ئىچكىلى فىرقەت ماڭا.

تاكى گۈل بوستانىدا بولغاي جىۋەساز،
مىڭ ناۋا بىرلە قىلۇرمەن شەرھى راز.

ئىشقىدە ھەر لەبزە ئەفزۇن شىددەتىم،
ھۆسنىغە ھەر لەبزە ئارتىپ ھەيرەتىم.

باغدىن ئول كەتكەندە بولماق گۇڭگى-لال،
تىل غا تىكرۇ يوق تەرەننۇمغا ماھال.

ھەم ئانىڭ يادى بىلەن باغ ئىچرە مەن،
ھىجرىدىن يۈز دەرد ئىلە داغ ئىچرە مەن.

ئول دۇرۇر كۆڭلۈمدە ھەم جانىمدا ھەم،
كۆزدە ھەم، بىدار پىنھانىمدا ھەم.

شاھ غە كامىل تەۋەججۇھدۇر بۇ ئىش،
بۇيلە ئاشىق دىن قاچان بولۇر بۇ ئىش.

ھۆپۈپنىڭ بۇلبۇلغا جاۋابى


ھۇدھۇد ئول فەسانەنى چۈن قىلغى كۇش،
دىدى كۆپ قىلمە بۇ ئىشقىڭدىن خۇرۇش.

ئىشىق ئىمەسدۇر بۇ ھەۋەستۇر سەر بەسەر،
گەر ھەۋەسدۇر مۇنچە بەس ئەي بى خەبەر.

سەن كەبى ئالەمدە نادان بولمىغاي،
نەپسىگە مەئمۇر پەرمان بولمىغاي.

كىم ياساپسەن ئۆزنى ئاشىق زور بىلە،
كۆرگۈزۈرسەن ئىشق ئارا مىڭ شور بىلە.

بىر چېچەكدۇركىم ۋاپاسى يوق ئانىڭ،
ئۆمىر باغىدا باقاسى يوق ئانىڭ.

يىلدا بەش كۈنكىم چەمەندە ئاچىلۇر،
ئون كۈن ئۆتمەي تۇپراق ئۆزىرە شاچىلۇر.

كىمسە بۇ پەيكەرگە ئاشىق بولمىغاي،
كىم بۇ ئاشىقلىققا لايىق بولمىغاي.

بىل ئانى مەشۇق كىم يۈز خەستە ھال،
ئولسە ۋە ئۆتسە ئاڭا يوقتۇر زاۋال.

گەرچە بۇ ئىشقىڭدا شەيدالىق دۇرۇر،
لىك ئانىڭ پايانى رەسۋالىق دۇرۇر.


تەمسىل


سەير ئۈچۈن ساھى سۈرەر چاغدا فەرەس،
ئاشىق ئولدى بىر گادايى بىلھەۋەس.

ئاھ ۋاۋەيلا ۋە ئەپغان باشلىدى،
خەلق ئارا غەۋغا ۋە توپان باشلىدى.

سەندەك ئاشۇپ ئەيلەبان ئەفغان بىلە،
نالە ئەيلەر ئېردى يۈز داستان بىلە.

تەلبەلەردەك تۇرمايىن مەسكەن ئارا،
ئۆزنى كۈلكە بولغابان گۈلخەن ئارا.

شامغە مەلۇم بولغان ئول ئىشقى جۇنۇن،
ئىستەدى ئاشىقنى قىلماق ئازمۇن.

ئاتلىنىپ فىلھال ئانداغكىم دۇرەخش،
ئىمتىھانغا سۈردى گۈلخان سارى رەخىش.

دىدى ئول گۇمراھنى سۇدرەپ كەلتۈۈڭ،
خىزمىتىمگە كەلتۈرۈپ بوينىن ئۈزۈڭ.

چۈنكى ئانى تارتىبان كەلتۈردىلەر،
ئاشىق ئارا مەتلۇبىغە يەتكۈردىلەر.

قەتل ھۆكمى قىلدى شاھى بەختىيار،
ۋەھمىدىن قاچتى گادا نى ئىختىيار.

ئەيلەر ئېردى ۋەھمىدىن ھەر سارى مەيىل،
تۇتماغىغە بۇ يەرگە ھەرسارى خەيل.

تۇتتى ئاندىن ئول تەرەپ گۈلخانغا يول،
بى خور ئۆزنى ئوتقا تاشلاپ كۆيدى ئول.

شەھغە بو ئۈمۈدكىم ئاشىق ئىسە،
ئىشىق دەئۋاسى ئارا سادىق ئىسە.

قەتلى ھۆكم چۈنكى ئول قىلسە قوبۇل،
شاھ ئاتتىن ئالىدا قىلغاي نۇزۇل.

ئۆزرە ئىلە دىل خاھلىقلار ئەيلەگەي،
ھالىدىن ئاگاھلىقلار ئەيلەگەي.

شەھفە قىلغاي سىدىق ئىلە ئىخلاسىنى،
ھەم مۇساھىب ھەم نازىمى خاسىنى.

ئول گاداجۇن ئىشىق ئارا ئېردى رەغەل،
بولدى رەسۋالىققا ئەھۋالى مەسەل.

گەر ساڭا ھەم يەتسە گۈلدىن بىر تىكەن،
گۈلخەن ئولغاي مەسكەنىڭ يوقكىم چەمەن.

داۋامى بار
www.quttikin.com
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2188
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 66
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە66دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 730 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-22
ئاخىرقى: 2012-03-13

رەھمەت سىزگە! داۋامىنى كۈتۈۋاتىمىز...
www.quttikin.com