كىتىپ قالدىڭ ئەجەبمۇ بىر ۋاقىتسىزلا ،
كىرگەندىڭغۇ ئەمدى تىخى قىرىق ياشقا .
ئايرىلدۇقمۇ سىنىڭدىن بىز مۇشۇنداقلا ،
كىرگەندىڭغۇ ئەمدى تىخى قىرىق ياشقا.
قالدى ئەنە تۇتقان ئۆيۆڭ ماكانىڭ ،
تۇگىمەستىن نى ئارزۇيۇڭ ئارمانىڭ،
سۇلدى ئەجەب رۇخسارى گۇل جامالىڭ ،
كىرگەندىڭغۇ ئەمدى تىخى قىرىق ياشقا .
ئۆزۇڭ كەتتىڭ قالدى ئەنە سۆرىتىڭ ،
شۇنداق يەنە قالدى ئەلدە شۆھرىتىڭ ،
ئەمەستىغۇ ئەسلى ئۆلۇم نۆۋىتىڭ ،
كىرگەندىڭغۇ ئەمدى تىخى قىرىق ياشقا .
ئىپكىتەركەن تەڭرى سەندەك ياخشىلارنى ،
ئوتلىرىغا سىلىپ قۇيۇپ باشقىلارنى ،
[ ئامال يوقكەن ] قالدۇق تۆكۇپ كۆز ياشلارنى ،
كىرگەندىڭغۇ ئەمدى تىخى قىرىق ياشقا .
{ نىلقا ناھيىلىك 3 _ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى }
{ مەرھۇم ئۇقۇتقۇچى خالىدەم ھەدەمگە بىغىشلايمەن }