رەسىم:
رەسىم:
يېقىندا، ھىندىستاننىڭ ئامرىتسار شەھىرىدىن ئەنگلىيەنىڭ بېرمىنگام شەھىرىگە بارماقچى بولغان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىدىكى 180دىن ئارتۇق يولۇچى مۇنداق بىر غەلىتە ئىشقا يولۇققان، يەنى ئۇلار ئولتۇرغان ئايروپىلان قاراشلىق ئاۋسترىيە كومتىل ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ۋەيران بولغانلىقى ئۈچۈن، ئايروپىلان خادىملىرى يولۇچىلارغا 23مىڭ 400 ياۋرو پۇل ئىئانە قىلىشىنى، بولمىسا يۈك-تاقى بىلەن قوشۇپ ئايروپىلاندىن ھەيدىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان، شۇنداقلا ئىئانە بېرىش لايىھەسى تۈزۈلمىسە، ئايروپىلان ئۇچمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنداقتا بۇ زادى قانداق ئىش؟ بۇ يولۇچىلار قاقتى سوقتى قىلىندىمۇ-قانداق؟
بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كىيىن، يولۇچىلار ئايروپىلاندىن چۈشۈشنى رەت قىلغان، ئارقىدىن ئايروپىلان خادىملىرى ساقچىنى چاقىرىپ كەلگەن، ئىككى تەرەپ ئالتە سائەتكە يېقىن تىركەشكەن، بىر قىسىم كىشىلەر ئامالسىز ساقچىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن پۇل ئېلىپ ئىئانىگە تاپشۇرغان، يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يىنىدا پۇل بولمىغاچقا، باشقىلاردىن قەرز ئېلىشقا مەجبۇر بولغان، ئاخىرى يولۇچىلار 23مىڭ 400 ياۋرونىڭ ھەممىسىنى تاپشۇرغان.
كومتىل ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئەنگىليەدىن ھىندىستانغا بارىدىغان سودا ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسىنى تېخى ئۆتكەن ئايدىن باشلاپ ئاچقان، بۇ لىنىيەدە ئۇچىدىغان بويىن 757 بەلگىلىك ئايروپىلاننىمۇ ئۇلار ئىجارىگە ئالغان ئىكەن.
ئەنگىلىيەدىن كەلگەن 80ياشلىق ئەما بوۋاي گۇرخاي كارن بۇ ئايروپىلاندا ئولتۇرغان يولۇچىلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا، داۋاملىق دورا ئىچىپ تۇرۇشى كېرەك ئىكەن. شۇڭلاشقا توغقانلىرى ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن بەكلا ئەنسىرەپ كەتكەن. ئۇنىڭ بىر توغقىنى مۇنداق دېگەن: بۇنداق قىلمىشتىن كىشى تولىمۇ سەسكىنىدۇ، بىر قىسىم كىشىلەر ئىئانە بېرىشنى رەت قىلغان، بىز پەقەت ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنىلا ئاڭلىدۇق.
57 ياشقا كىرگەن تاركىن سىنگىل مۇنداق دېدى: ئايروپىلان خادىملىرى بىزنى 23مىڭ 400 ياۋرو ئىئانە يىغىڭلار دېدى، بىز ھەممىمىز بۇنىڭدىن تولىمۇ غەزەپلەندۇق، ئايروپىلاندا بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردۇق، شۇنداقلا ئالتە سائەتكە يېقىن تىركەشتۇق، لېكىن ھېچكىم بىزگە زادى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرمىدى.
ئەنگىلىيەدىن كەلگەن 60 ياشلىق يولۇچى ساتبەگ لىجار يەنە مۇنداق دېدى: ئايروپىلان خادىملىرى ئايروپىلان توختىتىش ھەققى ۋە باج تاپشۇرمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئىقتىساددا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.
بۇ ئايروپىلاندا ئولتۇرغان يولۇچى كامال پاۋلو مۇنداق دېدى: مەن بىلەن باشقا توققۇز كىشى ھىندىستانغا تويغا قاتناشقىلى كەلگەن ئىدۇق، بىز ئايرىم-ئايرىم بۇ ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ تۆت ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ ئەنگلىيەگە قايتماقچى بولدۇق، ئەمما ھازىر مەن ئولتۇرغان بۇ ئايرۇپىلانلا ئەنگلىيەگە قايتالىدى، قالغان ھەمراھلىرىم يەنە داۋاملىق ھىندىستاندا ساقلاپ تۇرماقتا، ھازىر ئۇلار باشقا ئايروپىلانغا ئالمىشىپ ئەنگلىيەگە قايتماقچى بولۇۋېتىپتۇ، مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر دوستۇم بىلەن ئالاقىلاشتىم، ئۇ ئۆزىنىڭ 300 دوللارغا باشقا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بىلىتىنى سېتىۋالغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.
بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن يولۇچى ئەنگلىيەنىڭ بېرمىنگام شەھىرىدىكى بىر ساياھەت كوپىراتىپىدىن بىلەت سېتىۋالغان ئىكەن، 16-نويابىردىن باشلاپ، غەزەپلەنگەن بىر تۈركۈم يولۇچىلار بۇ شىركەتكە كېلىپ، ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان، ساقچىلار ئامالسىز بۇ شىركەتنىڭ ئىشىك ئالدىدا ئامانلىق ساقلاشقا مەجبۇر بولغان.
كومتىل ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بولسا 16-نويابىردىن باشلاپ تور بېكىتىنى تەرتىپكە سېلىۋاتىمىز دەپ تور بېكىتىنى تاقىۋالغان. توردىكى يەنە بىر ئۇقتۇرۇشتا بولسا، يولۇچىلارنىڭ شىركەتنىڭ بىر مەسئۇلى بىلەن ئالاقىلىشىشى ئېيتىلغان شۇنداقلا بۇ مەسئۇل كىشىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى قالدۇرۇلغان. ئەمما ئارقىدىن كىشىلەر بۇ نومۇرغا تېلېفون قىلىش ئارقىلىق، تېلېفون نومۇرىنىڭ ئەسلى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان. «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» بۇ مەسئۇل كىشى بىلەن ئالاقىلاشقاندا، ئۇ ھازىر بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جىددىي يىغىن ئىچىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ ئىشنى چۈشەندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بېرمىنگام ئايرودومىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېگەن: كومتىل ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئەنگلىيەدىكى نۇرغۇن ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن بۇ ئۇچۇش لىنىيەسىنى ئىشلىتىش توختامى ئىمزالىغان. بىز بۇ ئىشنىڭ يولۇچىلارغا ئېلىپ كەلگەن ئاۋارىچىلىقىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمىز ۋە شۇنداقلا يولۇچىلارنىڭ ھازىرقى كەيپىياتىنى چۈشىنىمىز. ھازىر ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەش ئۈچۈن، بىز بۇ ئىشنى جىددىي تەكشۈرۈۋاتىمىز.
بۇ مەسئۇل كىشى يەنە ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن: بىز بۇ ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرغان يولۇچىلارنىڭ بىلەت سېتىۋالغان ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن دەل ۋاقتىدا ئالاقىلىشىشنى شۇنداقلا بىلەت سېتىۋالغان ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ رەسمىيەتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
مەنبە :[url]http://www.uycnr.com/[/url