باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 640 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بالىلار غەيرىي نەرسىلەرنى يۇتۇۋالسا قانداق قىلىش كېرەك؟
ئەقىللىق ئادەمنىڭ ھەر بىر كۇنى يىڭى بىر ھايات...
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 418
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 280
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە280دانە
ئۆسۈش: 1280 %
مۇنبەر پۇلى: 3747 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-25
ئاخىرقى: 2012-05-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-23 11:30

بالىلار غەيرىي نەرسىلەرنى يۇتۇۋالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

رەسىم:
كىچىك بالىلار، ئادەتتە، قولىغا چىققانلىكى نەرسىنى ئاغزىغا سېلىشقا ئالدىرايدۇ، بولۇپمۇ تۈگمە، تەڭگە پۇل قاتارلىق نەرسىلەر ئۇلارغا نىسبەتەن جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە نەرسىلەر بولغاچقا، بۇنداق نەرسىلەر قولىغا چىققان ھامان ئاغزىغا سېلىۋالىدۇ. بۇنداق نەرسىلەرنى ئېغىزغا سالغاندا يۇتۇۋالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قالىدۇ، بۇنىڭدىن ئېغىر پاجىئەلەرمۇ كۆرۈلۈپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا ئاتا - ئانىلار قانداق قىلىشى كېرەك؟
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى بالىلار بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ئەلقەم ئابدۇباقى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر بالىنىڭ گېلىدە يۇقىرىقىدەك نەرسىلەر تۇرۇپ قالسا، ئاۋۋال بالىنى يۆتەلدۈرۈپ نەرسىنى چىقىرىۋېتىش كېرەك، ئەگەر بالا ئۆزلۈكىدىن يۆتىلىشكە ئىمكان بولمىسا، بالىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا يۆتەلدۈرۈش كېرەك. بۇ دېگىنىمىز، ئادەتتە، ئىككى-ئۈچ ياشلىق بالىنىڭ ئېغىزىغا غەيرىي نەرسە كىرىپ كەتكەندە بالىنىڭ دۈمبىسىدىن قۇچاقلاپ، ئىككى قولنى قورساقنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، قورسىقىنى تۇيۇقسىز ئۈستىگە قارىتىپ بېسىپ، دۈمبىسىگە ئۇرۇش كېرەك، قورساققا بېرىلگەن تۇيۇقسىز بىسىم بىلەن بالىنىڭ گېلىگە تۇرۇپ قالغان نەرسىنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر بىر ياشلىق بالا بولسا بالىنىڭ ئىككى پۇتىنى بىر قولدا مەھكەم تۇتۇپ، بېشىنى پەسكە قارىتىپ دۈمبىسىگە بەش قېتىمدىن سەككىز قېتىمغىچە بوشراق ئۇرۇش كېرەك. بالىنىڭ دۈمبىسىگە بىر قانچە قېتىم ئۇرغاندىن كېيىن بالا ئېغىزىنى ئاچىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئېغىزىغا كىرىپ كەتكەن نەرسە كۆرۈنسە قول بىلەن ئېلىۋەتسە بولىدۇ. ئەگەر بالىدا نەپەس سىقىلىش، خىرقىراش، لەۋلىرى كۆكۈرۈش، ئاۋازى پۈتۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.
بالا يۇتۇۋالغان نەرسە مەيلى چىقسۇن-چىقمىسۇن چوقۇم دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك. ئەگەر بالا يۇتۇۋالغان نەرسە يۇمۇلاق شەكىلدە بولۇپ، بەك چوڭ بولمىسا، چوڭ تەرەت بىلەن بىللە چىقىپ كېتىدۇ. بۇنداق چاغدا بالىنىڭ ھەر قېتىملىق چوڭ تەرىتىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش كېرەك، ئادەتتە، غەيرىي نەرسىلەر ئۈچەيدە ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تۇرمايدۇ. نەرسە ئۈچ كۈنگىچە چىقمىسا دوختۇرخانىغا يەنە ئاپىرىش كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر ئىش شۇكى، بالىلار بەزىدە ھاشارات ۋە چاشقان ئۆلتۈرۈش دورىسىغا ئوخشاش زەھەرلىك دورىلارنى يەۋېلىشى مۇمكىن. ئەگەر يەۋالغان دورىنىڭ مىقدارى ئاز بولسا ئالدىنقى بىر-ئىككى سائەتتە ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ، كېيىنچە چوڭ - كىچىك تەرىتىنى تۇتالماسلىق، ئەس - ھوشى جايىدا بولماسلىقتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. يەۋالغان دورىنىڭ مىقدارى كۆپ بولسا دورا دەرھال تەسىر كۆرسىتىپ، ئېغىزىدىن كۆپۈك چىقىش، كۆزىنىڭ قارىچۇقى كىچىكلەپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بالىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك. ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە زەھەر قانغا ئۆتۈپ كېتىپ بۆرەكنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. دىياگنوز قويۇشقا ئاسان بولۇش ئۈچۈن بالىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگەندە بالا يەۋالغان دورا قالدۇقىنىمۇ ئېلىپ كېلىش كېرەك.

مەنبە:http://www.uycnr.com/
اللە نىڭ نەزىرىدىكى مەن ھەقىقى مەن!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9621
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 160 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-17
ئاخىرقى: 2011-11-25

اللە   ئۆز  پاناھىدا   ساقلىسۇن  ،  بۇ  ئوماقلىرىمىزنى ،
سەن ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا سەبىر قىل ، اللە كۆپ  خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن !