باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1647 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: يان تېلېفونغا زىيادە بېقىنىۋېلىش كېسىلى ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش.
ئەقىللىق ئادەمنىڭ ھەر بىر كۇنى يىڭى بىر ھايات...
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 418
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 280
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە280دانە
ئۆسۈش: 1280 %
مۇنبەر پۇلى: 3747 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-25
ئاخىرقى: 2012-05-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-23 11:24

يان تېلېفونغا زىيادە بېقىنىۋېلىش كېسىلى ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش.

تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يان تېلېفونغا زىيادە بېقىنىۋېلىش كېسىلى بىر خىل مۇرەككەپ پىسخىكىلىق كېسەل ئىكەن. ھازىر بەزى كىشىلەردە يان تېلېفون بولمىسا ئىچى پۇشىدىغان، سىقىلىدىغان روھىي ھالەت شەكىللەنمەكتە. بۇنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل بولۇپ، ئاساسلىقى، خىزمەت ئېھتىياجى ياكى تۇرمۇش ئادىتى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقا، يان تېلېفون ئىقتىدارىنىڭ كۆپ خىللىشىشىمۇ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن. يان تېلېفون ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ يان تېلېفوندا پاراڭلىشىش، ئالاقە قىلىش، تورغا چىقىش، ئويۇن ئويناش ۋاقتى كۆپەيگەچكە، ئىختىيارسىز بۇنداق پىسخىكىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدىكەن.
ئالاھىدە ئىقتىدارلىق يان تېلېفونلارنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، سۈرەتكە تارتىش، سىن ئېلىش، مىكرو بىلوگلارغا يازما يوللاش، دوست ئىزدەش، توردىن مال سېتىۋېلىش... قاتارلىق مەشغۇلاتلار يان تېلېفوندىلا بېجىرىلىدىغان بولدى. ئۇنىڭغا يەنە كىتاب ئوقۇش، مۇزىكا ئاڭلاش، كىنو كۆرۈش، ئويۇن ئويناش قاتارلىق ئىقتىدارلار سەپلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان مۇھىم قورالغا ئايلىنىپ قالدى. خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە يەر شارىدىكى يان تېلېفون ئابۇنتلىرى 5 مىليارد 280 مىليونغا يېتىپ، يەرشارى ئاھالىسىنىڭ %70نى ئىگىلىگەن. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «2011- يىلى 8-ئايلىق ئالاقە كەسپى ئومۇمىي ئەھۋالى» دا، ئېلىمىزنىڭ كۆچمە تېلېفون ئابۇنتى 940 مىليونغا يېتىپ، يان تېلېفوننىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %68.8كە يەتكەن. بىر قېتىملىق بازار تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، 34 ياشتىن 52 ياشقىچە بولغانلارنىڭ يان تېلېفونغا بېقىنىۋېلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، ئۇنىڭدىن قالسا 16 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە 50 ياشتىن ئاشقان ئابۇنتلارنىڭ يان تېلېفونغا بېقىنىش نىسبىتى يۇقىرى ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇنداق بولغاندا يان تېلېفون نۇرغۇن ۋاقىتنى ئىگىلەپ، خىزمەت، ئۆگىنىش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. يان تېلېفونغا بېقىنىش گەرچە ئېغىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارمىسىمۇ، لېكىن ئادەمنىڭ تەن سالامەتلىكى ۋە پىسخىك ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئەكس تەسىر ئىلىپ كېلىدىكەن. تەن سالامەتلىك جەھەتتىن ئېيتقاندا، يان تېلېفون رادىياتسىيەسى، ئۇزاق ۋاقىت يان تېلېفون ئېكرانىغا تىكىلىپ قاراش كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ناچارلاشتۇرۇۋېتىدىكەن، يان تېلېفونغا زىيادە بىقىنىۋېلىش كىشىلەرنىڭ نورمال دەم ئېلىش، چېنىقىش ۋاقتىنى ئىگىلەپ كېتىدىكەن. پىسخىك ساغلاملىق نۇقتىسىدىن ئالغاندا، يان تېلېفونغا بېقىنىش كېسىلى كىشىلەردە تەشۋىشلىنىش، دىققىتىنى يىغالماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەر ئارىسىدىكى يۈزتۇرا كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئازايتىپ، قېرىنداشلىق، دوستلۇق ۋە ئىنسانىي مېھىر - مۇھەببەتنىڭ سۇسلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، يان تېلېفونغا بېقىنىۋېلىش كېسىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك ئىكەن: خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجى سەۋەبلىك يان تېلېفوننى كۆپ ئىشلىتىپ بۇ كېسەلگە «گىرىپتار» بولغان بولسىڭىز، تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە يان تېلېفون ئىشلىتىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىڭ. باشقىلار بىلەن كۆپرەك يۈزتۇرا ئالاقىلىشىش، كۆپرەك دىققەتنى يان تېلېفوندىن باشقا ياققا بۇراش ئارقىلىق يان تېلېفوننىڭ قەلبىڭىزدىكى ئورنىنى ئازايتىڭ. ئويۇن ئويناش، تورغا چىقىش ۋە كۆڭۈل ئىچىش ۋەجىدىن يان تېلېفونغا بېقىنىپ قالغان بولسىڭىز يان تېلېفونىڭىزنىڭ ئىقتىدارىنى ئاددىيلاشتۇرۇڭ. تۇرمۇشىڭىزنى رەڭدارلاشتۇرۇپ، جىسمانىي ۋە پىسخىك ساغلاملىققا پايدىلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىڭ، ساياھەت قىلىش، سىرتلاردا سەيلە قىلىش دېگەندەك ئۇسۇللار بىلەن يان تېلېفون ئارقىلىق كۆڭۈل ئېچىش قېتىم سانىنى تەدرىجىي ئازايتىڭ. ئۇچۇرغا ئېرىشىشتە يان تېلېفونغىلا تايىنىۋالماي، گېزىت كۆرۈش، كىتاب ئوقۇش، تېلېۋىزور كۆرۈش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئۇچۇرغا ئېرىشىشكە ئەھمىيەت بېرىڭ.





دوستلىشىش
ئۆمەرئىلى
ن شا ئاللاھ بۇ ئۈممەت ئۈزى يۇقاتقان ئىززەتنى ئۈز& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9027
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 174
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە174دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1760 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-21
ئاخىرقى: 2012-05-03

راس بۇ كىسەل بەك ئەۋجى ئىپ كەتتى ھازير ،مەن جىنىمدىمو تىلفۇندىن ئككىنى ئشلىتىۋاتىمەن.دىمەك بۇ ھەددىن ئاشقان ئسراپ خورلۇككەن ئەمەسمۇ ..
دوستلىشىش
دانشمەن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9604
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 5
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە5دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 50 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2011-12-01
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-23 17:19

ھازىر  بۇ كېسەلنىڭ ئەگەشمە كېسلى بولغان (يان تىلفۇندا QQئېچپ پاراڭلىشىش كېسلى )ياشلىرىمىز ئارسىدا بەك ئېغىر ئىكەن ،ئەڭ يامان بولغىنى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغىمۇ تارقاپتۇ .
مىھرىبان ئانام  _ بەختىم ^_^
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6746
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 133
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە133دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 1491 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-26
ئاخىرقى: 2012-02-07
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-23 17:21

مەنغۇ تېلىفونمۇ ئىشلەتمەيمەن .
ئۇستاز ئۈگىتەلمىگەننى مۇھتاجلىق ئۈگىتىدۇ
ئاللاھ دىللارغا غىل-پال كەشكەن خىيالنىمۇ بىلىپ ت ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1760
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1147
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1147دانە
ئۆسۈش: 1340 %
مۇنبەر پۇلى: 13274 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2012-03-19
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-23 17:44

مەندە باركەندە بۇكىسەل..  
ئەتە ئۈلۈم!
مەسجىد ئەقسا,ئۇمۇسۇلمانلارنىڭ بىرىنچى قىبلىسى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1240
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1240دانە
ئۆسۈش: 2750 %
مۇنبەر پۇلى: 14579 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-30
ئاخىرقى: 2012-05-08
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-23 18:17

مەن  ئېغىر گېرىپتار بۇكېسەلگە....
باراۋەرسىزلىك ئىتپاقلىققا ئۆچ.ئىتپاقلىق دۆلەت
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 644
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە644دانە
ئۆسۈش: 800 %
مۇنبەر پۇلى: 8049 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-09
ئاخىرقى: 2012-04-30
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-23 18:41

كەڭسايغا دۇختۇرخانىدىن بىرنى ئاچىدىغان يەگە كەپتۇ
http://bbs.meripetyoli.com
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2470
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2470دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30381 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-10
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-23 20:15

2-قەۋەت (دانشمەن) نىڭ يازمىسىغا

ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئومۇملىشىپ بولدى.   مەنغۇ ئانچە مۇنچە ئېچىپ قويىمەن چ چ رىمنى. لىكىن كۆپ ئەمەس  
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
ئپارە408
ئانا  رازى   ﷲ   راز
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9754
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 26
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە26دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 360 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-25
ئاخىرقى: 2011-12-04
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-25 18:18

مەندىمۇ  ئېغىر  بۇ  كېسەل  ،بىر  قېتىم    تېلفۇنۇمنى  ئالماي   ئىشقا  كېتىپتىكەنمەن   شۇ  بىر  كۈن   بىرنەرسەم   كەمدەك
يۈردۈم  .
ئانا تىلىنى بىلمەسلىك، ئۆز ئانىسىنى تونۇمىغانلىق
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9244
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 56
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە56دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 585 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-13
ئاخىرقى: 2011-12-19
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-25 21:31

ئۇيغۇرلار ئاماق يىگەندە بىرگە ئولتۇرۇپ تاماق يەيدۇ،لىكىن بىر ئىشنى قىلغاندا بىرلىككە كىلەلمەيدۇ،،مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تىپىك ئوبرازى
اللە ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.