باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 403 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مەملىكەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر قۇرۇلتىيى،
ئەقىللىق ئادەمنىڭ ھەر بىر كۇنى يىڭى بىر ھايات...
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 418
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 280
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە280دانە
ئۆسۈش: 1280 %
مۇنبەر پۇلى: 3747 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-25
ئاخىرقى: 2012-05-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-23 11:20

مەملىكەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر قۇرۇلتىيى،

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 9-قۇرۇلتىيى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك 8-قۇرۇلتىيى 22-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ قۇرۇلتايغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.
پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جۇ يوڭكاڭلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
خۇ جىنتاۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەدەبىيات-سەنئەت-مىللەتنىڭ مەنىۋى مەشئىلى، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرى-جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتى-پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە.
خۇ جىنتاۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەدەنىيەت-مىللەتنىڭ قان تومۇرى، خەلقنىڭ مەنىۋى ماكانى. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى، روناق تېپىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. بارلىق مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىدىغان بارلىق ئېسىل ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى دەۋرنىڭ مەھسۇلى. بۈگۈنكى دۇنيا زور تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىش، زور تەڭشىلىش مەزگىلىدە تۇرماقتا، بۈگۈنكى زاماندىكى جۇڭگو جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش باسقۇچىدا تۇرماقتا، ئېلىمىزنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتكە ئېرىشمەكتە.
خۇ جىنتاۋ بارلىق ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يېتەكلەشتىكى تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ئاڭلىق، تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى؛ ئادەمنى ئاساس قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن ئەسەر يېزىش، خەلق ئۈچۈن ناخشا ياڭرىتىش تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ئاڭلىق، تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
خۇ جىنتاۋ بارلىق ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرىدىن قەتئىي جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىجادىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ئاڭلىق، تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى؛ ئەخلاق بىلەن سەنئەتتە تەڭ يېتىشىشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىي ئەخلاق ئادىتىنى نۇرلاندۇرۇش تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ئاڭلىق، تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
خۇ جىنتاۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، يۇقىرى قاتلاملىق ئەدەبىيات-سەنئەت باشلامچى شەخسلىرى ۋە يۇقىرى ساپالىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈشى كېرەك. مەن ھەر دەرىجىلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىلىرى، يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ ئاتلىنىشىغا داۋاملىق يېتەكلىشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 54 ئۆمەك ئەزاسى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر قايسى سەنئەت ساھەسىدىن كەلگەن 1545 ۋەكىل قۇرۇلتايغا قاتناشتى. بۇندىن باشقا، قۇرۇلتايغا يەنە تەيۋەن رايونى ۋە چەتئەللەردىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان 30 ئەزىز مېھمان قەدەم تەشرىپ قىلدى. تۆت كۈنلۈك قۇرۇلتايدا، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى 8-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ خىزمەتلىرى ئەسلىنىپ ۋە يەكۈنلىنىپ، بۇندىن كېيىنكى بەش يىللىق ۋەزىپىلەر مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ نىزامنامىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ ھەم جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك ئورگىنى سايلاپ چىقىلىدۇ.
شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى 39 ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 977 ۋەكىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 8-قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى، تەيۋەن رايونى ۋە چەتئەللەردىكى جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ئارىسىدىكى ئابرۇيلۇق 11 يازغۇچىمۇ قۇرۇلتايغا سىرتتىن قاتناشتى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 8-قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋەكىللەر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 7-قېتىملىق مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقىدۇ ۋە ماقۇللايدۇ، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسىغا قاراپ چىقىدۇ ۋە تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ ھەم جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك ئورگىنىنى سايلاپ چىقىدۇ.