ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بەزى دورىلارنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى بىلەن دوختۇرخانىدا پارچە سېتىلىش باھاسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئارىدىن پايدا ئېلىش نىسبىتى ھەتتا %6500 دىن ئېشىپ كېتىدۇ،. ئۇنداقتا بۇنچە چوڭ پەرقلىق دورا باھاسىدا كىمنىڭ يانچۇقى تومپىيىۋاتىدۇ؟
مۇخبىر بۇ ھەقتە بىر يىلغا يېقىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئادەتتە ئىشلىتىلىدىغان بەزى دورىلارغا خېرىدار بولۇش باھاسىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسىدىن خېلىلا يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىدى، مۇخبىر ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان 20 خىل دورىنى تاللاپ تەكشۈرۈپ، بۇ دورىلارنىڭ زاۋۇتتىن چىقىپ، دوختۇرخانىغا بارغىچە بولغان ئارىلىقتا قالىدىغان ساپ پايدىنىڭ %500 دىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىدى.
داۋالاش ۋە دورا ساھەسىدىكى نۇرغۇن ئەربابلار: دورىدىن ھەددىدىن يۇقىرى پايدا ئېلىش ئەھۋالى قىسىمەن ئەھۋال دەپ ئىنكاس قىلدى، دورا كەسپىدىكى جاۋ ليەنبى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: دورا باھاسىدىكى پەرق ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەش ھەسسىدىن ئاشىدۇ، بەزىدە 20،30 ھەسسىگىمۇ بارىدۇ، كەسىپ ئەھلىلىرى مۇخبىرغا بەزى دورىلارنىڭ باھا مۇندەرىجىسىنى بەردى، بۇ نەچچە يۈز دورا زاۋۇتىنىڭ نەچچە ئون مىڭ دورىسىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى ۋە دوختۇرخانىدا پارچە سېتىلىش باھاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۆپكە ياللۇغى، ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاغرىق توختىتىشقا ئىشلىتىلىدىغان بەزى دورىلارنىڭ زاۋۇتتىن چىقىپ دوختۇرخانىغا بارغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ساپ پايدىسىلا %400 دىن ئېشىپ كېتىدىكەن.
ئەڭ ئەقىلگە سىغمايدىغىنى بۇنداق ئىككى خىل دورا باھاسى پەرقى: بىرى تيەنجىن دورىچىلىق گۇرۇھى شىنجېڭ پاي چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان 2 مىللىلىتىر 4 مىللىگىراملىق لاپپاكونىتى سۇيۇقلۇقىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى 52 پۇڭ، خېرىدار بولۇش باھاسى 16 يۈەن، دوختۇرخانىدا پارچە سېتىلىش باھاسى 18 يۈەن 40پۇڭ ، ئارىدىن ئالىدىغان پايدا %3400 دىن ئېشىپ كېتىدۇ، يەنە بىرى شەندۇڭ فاڭمىڭ دورىچىلىك پاي چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئىككى مىللىلىتىر 20 مىللىگىراملىق نىفوپام سۇيۇقلۇقىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى 32 پۇڭ، خېرىدار بولۇش باھاسى 18 يۈەن 49 پۇڭ، دوختۇرخانىدا پارچە سېتىلىش باھاسى 21 يۈەن 26 پۇڭ، ئارىدىن قالىدىغان پايدا %6500 دىن ئاشىدۇ، كېيىن يەنە مۇخبىرنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق مۇشۇ كەسپىدىكى ئەربابلار تەمىنلىگەن يۇقىرىقى باھانىڭ راستلىقى ئايان بولدى.
ئېلىمىزدە ھازىر يولغا قۇيۇلۇۋاتقان دورىغا مەركەزلىك خېرىدار چاقىرىش چارىسىغا ئاساسەن بارلىق ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئىشلىتىدىغان دورىلارنى رىقابەت باھاسى بويىچە سېتىۋېلىشى، باھانى يەرلىكتىكى ئۆلكە دەرىجىلىك دورا مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، ئېلان قىلىشى كېرەك، تەكشۈرۈپ بېكىتىلىپ ئېلان قىلىنغان بۇ باھا خېرىدار بولۇش باھاسى دەپ ئاتىلىدۇ، خېرىدار بولۇش باھاسى دوختۇرخانىلارنىڭ دورا سېتىۋېلىشىدىكى ئەڭ يۇقىرى باھا چېكى، شۇڭا رىقابەت باھاسىنىڭ بېكىتىلىشى دورا باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بەلگىلىك ئامىل بولۇپ قالغان.
مۇخبىر زىيارەت قىلىش جەريانىدا جايلاردىكى دورىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى ۋە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى خېرىدار بولۇش باھاسىنىڭ قانداق بېكىتىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان، مۇخبىر بىر دورا زاۋۇتى مەسئۇلىنى زىيارەت قىلغاندا بۇ مەسئۇل كىشى مۇنۇلارنى ئاشكارىلىغان: دورىغا خېرىدار بولۇش ۋە باھاسىنى بېكىتىش خىزمىتى دورا زاۋۇتىنىڭ ئىشى ئەمەس، ئۇنىڭغا كەسپىي داۋالاش، دورا ۋاكالەت شىركەتلىرى مەسئۇل بولىدۇ، بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان ئاياللار كېسىلىنى داۋالايدىغان ئادەتتىكى بىر دورىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى يەتتە يۈەن، ئۇنىڭغا خېرىدار بولۇش باھاسى 56 يۈەن، بۇ جەرياندا يوشۇرۇن كەسىپ قائىدىسىگە ئەمەل قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن.
بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: ۋاكالەتچى شىركەتلەر خېرىدار بولغاندىن كېيىن، قانچىلىك پۇل تاپىدۇ؟ دوختۇرخانا قانچىلىكىنى تۇتۇپ قالىدۇ؟ دوختۇرلارغا قانچىلىك قالىدۇ؟ ئاخىرىدا پۇقرالارغا قانچىلىكتىن چۈشىدۇ؟ مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر كەسىپ بەلگىلىمىسىدەك قىلىدۇ.
بۇ مەسئۇل كىشى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: گەرچە بۇ دورىلاردىن ئارىلىقتا ئالىدىغان پايدا %800 دىن ئېشىپ كەتسىمۇ، ئەمما دورا زاۋۇتىمۇ بىر يۈەن ئەتراپىدا پايدا ئالىدۇ، 7 يۈەندىن 56 يۈەنگىچە بولغان ئارىلىقتىكى 49 يۈەن پۇل دورا ۋاكالەتچىلىرى، دورا شىركەتلىرى، دوختۇرخانا ۋە دوختۇرلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشىدۇ.
تەكشۈرۈش داۋامىدا، دورا توپ تارقىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان بىر كىشى بۇ دورا زاۋۇتى مەسئۇلىنىڭ سۆزىنى ئىسپاتلاپ: بۇنداق پايدىنى تەڭ ئېلىش قېلىپى دورىغا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش، باسقۇچىدىكى يوشۇرۇن قائىدە دېدى.
دورىغا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى دورىغا خېرىدار بولۇش باھاسىنىڭ زادى قانداق بېكىتىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى، نېمىشقا دورىغا خېرىدار بولۇش باھاسىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقى قاتارلىق ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگىمۇ مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈش بەرمىدى.
ئۇقۇشىمىزچە، 2001-يىلدىن باشلاپ، ئېلىمىز دورىغا مەركەزلىك خېرىدار چاقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقا باشلىغان، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى دورا باھاسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۆرە بېكىتىلىپ كېتىشىنى توسۇش ئۈچۈن ھەر بىر دورىغا قارىتا ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىش باھاسىنى بېكىتىپ، دوختۇرخانىلاردىن دورىلارنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسىنىڭ بۇنىڭدىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى، بۇنى كەسپىي خادىملار ئاسمان پەلەك باھا دەپ ئاتىدى، ئەمما مۇخبىر تەكشۈرۈش داۋامىدا نۇرغۇن دورىلارغا خېرىدار بولۇش باھاسى زاۋۇتتىن چىقىش باھاسىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولسىمۇ، ھەتتا نەچچە ئون ھەسسە يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما دوختۇرخانىدىكى مۇشۇنداق خېرىدار بولۇش باھاسى بويىچە ھېسابلاپ چىقىلغان پارچە سېتىلىش باھاسىنىڭ تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى ئېلان قىلغان ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسىدىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: دورىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسىنى بېكىتىشتىن مەقسەت ــ دورا باھاسىنى كونترول قىلىپ، دورا باھاسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولۇپ كېتىشىنى توسۇش، ئەمما ھازىرقى ئەھۋال شۇكى باھاسى ئاسمان پەلەك بۇ دورىلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسىنى زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى بىلەن سېلىشتۇرساق كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ. شەندۇڭ فاڭمىڭ دورىچىلىقى ئىشلەپچىقارغان ئىككى مىللىلىتىر 20 مىللىگىراملىق نىفوپام سۇيۇقلۇقىنى مىسال قىلىدىغان بولساق، ئۇنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى 32 پۇڭ، ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسى 35 يۈەن 90 پۇڭ، ئۇنداقتا ئاسمان پەلەك باھا قانداق بېكىتىلىدۇ؟ مۇخبىر نۇرغۇن باھا باشقۇرغۇچى تارماقلار بىلەن ئالاقىلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ يۈز تۇرانە جاۋابىغا ئېرىشەلمىگەن.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دورا شىركەتلىرى، دوختۇرخانا، دوختۇر،خېرىدار چاقىرىش، دورىغا خېرىدار بولۇشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ ئالىدىغان پايدىسى يوشۇرۇن قائىدە، بۇ ئۆزگەرتىلمەيدىغان بولسا، دورىغا خېرىدار بولۇش باھاسىنىڭ نورمال دائىرىگە كىرىشى ناھايىتى قىيىن بولىدۇ، دورا باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، دورىغا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش جەريانىدىكى ھەر خىل قالايمىقانچىلىقلارنى ھەل قىلىپلا قالماي يەنە دورىغا پىرسەنت قوشۇش سىياسىتىنى تەڭشەش كېرەك.
ئىگىلىنىشچە، نۆۋەتتە 2 ئا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى دوختۇرخانىلار، خېرىدار بولۇش باھاسى بويىچە دورا سېتىۋېلىشى، دورىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا %15 باھا قوشۇپ بىمارلارغا سېتىپ بېرىشى كېرەككەن، مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دورىغا پىرسەنت قوشۇش سىياسىتى ئەڭ دەسلەپ دوختۇرخانىلارنىڭ مۇۋاپىق پايدا ئېلىش ۋە نورمال تىجارەت قىلىشى ئۈچۈن چىقىرىلغان ئىدى، ئەمما يولغا قويۇش داۋامىدا دوختۇرخانىلار ھەمىشە قىممەت دورىلارنى كىرگۈزىۋاتىدۇ، ئادەتتىكى كېسەللەرنى داۋالايدىغان ئەرزان، ياخشى دورىلار دوختۇرخانىلارغا كىرەلمەيۋاتىدۇ.
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ، يېڭى داۋالاش ئىسلاھاتى سىياسىتى مۇتەخەسسىسى گۇشىن مۇنداق دەپ قارىدى: دوختۇرخانىلاردا سېتىلىدىغان دورىلارغا %15 باھا قوشۇش سىياسىتىنى تېزدىن تەڭشەش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن دورا باھاسىنىڭ ھەددىدىن ئۆرە بولۇپ كېتىشىنى توسۇپ قالغىلى، بىمارلارغا نەپ يەتكۈزگىلى بولىدۇ، ئۇ مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ھۆكۈمەت %15 قوشۇش تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى مۇستەقىل ھوقۇققا ئىگە قىلسا، ئۇلارنىڭ بازارغا بېرىپ ئەرزان مال كىرگۈزۈش يولى ئېچىلىدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى بوشاتسا، مەيلى بىمار ياكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى ۋە ياكى دوختۇرخانا بولسۇن ھەممىسى نەپكە ئېرىشىدۇ.
تەرجىمان -پاتىگۈل مۇھەممەد
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورىدىن ئېلىندى.