باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4287 قېتىم كۆرۈلدى
«1234»Pages: 1/4     Go
تېما: ئەھلى سەلىب ئۇرۇشى (تەۋسىيە)
دوستلىشىش
مۇئەتتەر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8889
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 41
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە41دانە
ئۆسۈش: 400 %
مۇنبەر پۇلى: 621 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-07
ئاخىرقى: 2012-05-01
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-22 10:35

ئەھلى سەلىب ئۇرۇشى (تەۋسىيە)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلىقتىن قالدۇرۇلدى(2011-12-13)


تارىختا شۇنداق بىر كۈنلەر ئۆتكەن، مۇسۇلمانلار باشقىلارنىڭ خالىغانچە  تاجاۋۇز قىلىشىغا ئۇچرىغان.سۆيۈملۈك شەھەرلىرىدىن،قىممەتلىك جانلىرىدىن ئايرىلغان،رەببىمىز ئاللاھنىڭ سىناقلىرى  ئۇلارغا مانا  مۇشۇنداق كەلگەن. قېرىنداشلارنى تىلىمىزدا كۆپ دىيىلگەن بىلەن تەپسىلاتىنى ئۇقمىغان  ئەھلى سەلىب ئۇرۇشىدىن خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن ،بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپ چىقتىم،مۇشۇ تارىخ مەلۈم دەرىجىدە كۆزىمىزنى ئاچسا ئەجەب ئەمەس.قېرىنداشلارنىڭ تەپسىلى كۆرۈپ چىقىشىنى ،تەكلىپ –ئىنكاسلىرى بولسا ئىلمى ئاساستا تۆۋەندە ئوتتۇرىغا قۇيۇشىنى ،خالىس دۇئالىرىدا ئەسلەپ تۇرۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.



ئەھلى سەلىپ ئۇرۇشى مىلادىيە 1095-يىلى ،ئەينى دەۋىردىكى پوپ ئىربان Ⅱ نىڭ نۇتىقىدىن كىيىن باشلانغان.
 پوپ ئىربان Ⅱ ئۇ نۇتىقىدا خىرىستىئانلارنى فىرانكىلارنىڭ ئاقسۆڭەك مىللىتى دەپ تىلغا ئالغان.ئۇ خىرىستىئانلارنى
جەڭچىلەرگە قاتنىشىپ ،قۇددۇسنى(ئىرۇسالىم)مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن.ئەمەلىيەتتە
مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن ياۋروپادىن ئايرىلغان ئەھلى سەلىپلەر قايتىدىن بىر پادىشاھلىق قۇرۇشنى ۋە شۇ
يەردە تېپىلغان بايلىقلارغا ئېرىششنى كۆزلەپ كەلگەن ئىدى.بۇ ئۇلارنىڭ نىمە ئۈچۈن مەلۈم بىر شەھەرنى بويسۇندۇرغاندىن
كىيىن  ،شۇ يەر ھۆكۈمرانلىقىنى تالىشىپ ئۆز ئارا تالاش تارتىش قىلىشىنىڭ سەۋەبى ئىدى.
ئەھلى سەلىپلەر ئۇلارنىڭ دىنىغا ئەگەشمىگەن ياكى ئۇلارغا ئوخشىمىغان ھەممە كشىگە جەڭ ئېلان قىلاتتى.ئۇلار

مۇسۇلمانلارنى ،يەھۇدىلارنى ھەتتا قارا تەنلىك خىرىستىيانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇلۇپ ،ئەھلى سەلىپلەر تەرىپىدىن
ئۆلتۈرلەتتى ،ھۇجۇم قىلىناتتى.ئۇلار ھەتتا شەرقى چېركاۋ (بىزانىس چېركاۋلىرى) تەرىپىدىن باشقۇرىلدىغان كونسىتانتىپۇلنىمۇ (ھازىرقى ئىستانبۇل) بۇلاڭ تالاڭ قىلغان.




خەلق ئاساس بولغان ھۇجۇم

خەلق ئاساس بولغان ھۇجۇم بىرىنچى قېتىملىق ئەھلى سەلىپ ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى باشلانغان.بۇ ئۇلارغا پۈتۈنلەي بىر مەغلۇبىيەت بولغان ئىدى .قىرىق مىڭدىن ئارتۇق پۇقرا كىچىككىنە نام ئاتىقىمۇ بولمىغان ۋولتىرنىڭ قوشۇنىغا ئەگىشىپ كەلگەن ئىدى.كېيىن پىتىر ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان ئەھلى سەلىپلەر كونسىتانتىپۇلنى ئىشغال قىلىپ ، شۇ يەردىن ئىرۇسالىمغا بېرىشنى پىلانلىدى.ئەمما پىتىر ۋە ئۇنىڭ تەكلىپچىلىرى بۇ زور قوشۇننى قانداق بېقىشنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغان ئىدى.دەرۋەقە، ئۇلار بارغانلىكى يېرىدە ئاچ قالغان چىكەتكىلەرگە ئوخشاش يەردىكى ھەممە نەرسىنى يەپ تۈگەتتى. ئۇندىن باشقا ئۇلار بارغانلىكى يېرىدە بۇلاڭ تالاڭ قىلدى،شەھەرلەرنى كۆيدۈردى يەر خەلقلىرىنى قىرغىن قىلدى.ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسى خرىستىئان ئىدى. ئەھلى سەلىپلەر كونسىتانتىپۇلدىن ئېشىپ ،يەنە خرىستىئان يۇرتلىرىنى بۇلاشقا كىرىشتى.ئۇلار دائىم بىر بىرى بىلەن تالاش تارتىش قىلىشىپ ،نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇلاردىن ئاجراپ كەتتى.بىراق ئۇلار  يىتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى ،مۇسۇلمانلار توپلىشىپ قوشۇن توپلاپ ناھايىتى تېزلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ،نۇرغۇنلىغان تاجاۋۇزچىلارنى ئۆلتۈردى.





بىرىنچى قېتىملىق ئەھلى سەلىپ ئۇرۇشى

شۇنىڭىغا قەدەر ،بىرىنچى قېتىملىق ئەھلى سەلىپلەرنىڭ  بەش قوشۇنىنىڭ بىرىنجىسى كونسىتانتىپۇلغا بېرىش يولىدا ئىدى.بوئىلوندىن گودفىرەي قوشۇنى بىرىنجى بۇلۇپ يىتىپ كەلدى.ئارقىدىنلا تارانتودىن (ئىتالىيەنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى پورت شەھىرى) بوخىموند ،ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تۇلۇزدىن(فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر ) كونت رەيموند Ⅳ كەلدى.ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كونىت  روبىرت Ⅱ كەلدى.ئەڭ ئاخىرىدا نورماندىدىن(فىرانسىيەنىڭ شەرقى شىمال قىسمىدىكى ئىنگىلىز قانىلىغا يىقىن رايون) دۇكى روبىرت يېتىپ كەلدى.ئۇلار بىرلىشىپ مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى.ئۇلار بىرىنچى بولۇپ نەكىيانى(كىچىك ئاسىيادىكى قەدىمى شەھەر) ئىشغال قىلدى.ئارقىدىنلا ئانتوئىكقا (قەدىمى سۇرىيەنىڭ پايتەختى) يۈرۈش قىلدى.ئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار ھەممىسى دېگۈدەك رەھىمسىز ئەھلى سەلىپلەر تەرىپىدىن قىرغىن قىلىندى.ئاندىن ئۇلار ماررات ئەننۇئمانغا ئاتلاندى ۋە ئۇ يەردە يۈزمىڭغا يېقىن كىشىنىڭ جېنىنى ئالدى.بىر يىلدىن كېيىن ئەھلى سەلىپلەر قۇددۇسقا (ئىرۇسالىم) ھۇجۇم قىلدى.ئەھلى سەلىپلەر مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرۈش ئۆزىنىڭ روھىغا پايدىلىق دەپ ئويلىغان كۈندىن باشلاپ ،شۇنچە كۆپ كىشىنى ئۆلتۈرۈشكە تىرىشتى.قېرى-ياش ،ئاغرىق –ساق،ئەر ئايال  ھىچكىمگە رەھىم شەپقەت قىلىنماستىن كاللىسى ئېلىندى.بۇ  شەھەر شۇنچىلىك قانغا بويالدىكى ،ئەسكەرلەرنىڭ  تىزىدىن ئاتلارنىڭ نۇختىلىرىغىچە قان بولدى.مۇسۇلمانلار ئېگىز بىنالاردىن ئۆزىنى تاشلاشقا ،ئۆزىنى تىرىك كۆيدۈرۈشكە زورلاندى. ئۇلار مەسجىدۇل ئەقسا جايلاشقان تۆپىلىككە يامىشىپ چىقىپ ،نەچچە مىڭلىغان مۇسۇلمانلارنى قەتلىئام قىلدى.بۇ قىرغىنچىلىق پەقەت ئەھلى سەلىپلەر ئۆز باشلىقلىرىغا رەھمەت ئېيتقان ۋاقتىدا ئاززراق توختىدى،ئاندىن كېيىن يەنە بۇرۇنقىدەك داۋاملىشىۋەردى.




ئىككىنچى قېتىملىق ئەھلى سەلىپ ئۇرۇشى

مىلادىيە 1144-يىلى ،مۇسۇلمانلار ئەدەسەنى قايتا قولىغا ئالدى .بۇ شەھەر فىرانكىلار ئۈچۈن خۇددى ئۇلار ئارقا ئىشىكىنى  قوغدىغاندەكلا مۇھىم ئىدى.ئەدەسەنىڭ قولدىن كېتىش خەۋىرى پۈتۈن ياۋروپاغا پۇر كەتتى،ۋە پوپ ئىگۇنىيۇس ئىككىنچى قېتىملىق ئەھلى سەلىپ ئۇرۇشىغا چاقىرىق قىلدى.رىم ئىمپىراتورلىقى پادىشاھى كونراد Ⅲۋە فىرانسىيە پادىشاھى لۇيىس Ⅶ مۇ بۇ قېتىملىق قوشۇنغا قوشۇلدى. ئەمما ئۇلار دەمەشىققە ھۇجۇم قىلغاندا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتىپ كىتىشتى.(ئەھلى سەلىپلەر باشتا دەمەشىققە ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان ،ئەمما مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان.) مىلادىيە 1177-يىلى مۇسۇلمانلارنىڭ كاتتا رەھبىرى سالاھىددىن ئەييۇبى پەلەستىنگە يۈرۈش قىلىپ ،ئەينى دەۋىردىكى  ئىرۇسالىم ھۆكۈمرانى پادىشاھ بەلدىۋىنⅣنىڭ قولىدىن  غەززە ۋە ئەسكىلان رايونىنى  قايتۇرۇپ ئالدى.بەلدىۋىن قارشىلىق كۆرسىتىشكە تىرىشقان بولسىمۇ ،زور ھۇجۇمغا بەرداشلىق بىرەلمەي ئارقىغا چىكىندى.بۇ قېتىمقى مەغلۇبىيەتتىن كېيىن بەلدىۋىنⅣ كاراك ھۆكۈمدارى رىگنالد دى چەتىلوننى يارەمگە چاقىردى.ئۇلار بەلدىۋىننىڭ يېڭىلگەنلىك ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن ،قوشۇنىنى كاراككا ئەۋەتتى.ئەمما بۇ قېتىم سالاھىددىن يېڭىلىپ قالدى.مىلادىيە 1179-يىلى سالاھىددىن ناھايىتى زور قوشۇن بىلەن فىرانكلارغا قارشى جەڭ ئېلان قىلدى.بۇ قېتىملىق جەڭ سالاھىددىننىڭ غەلبىسى بىلەن ئاياغلاشتى.كىيىنكى يىلى بەلدىۋىنⅣ ۋە سالاھىددىن ئىككى يىللىق سۈلھى تۈزۈشتى.سۈلھى شەرتنامىلىرىگە ئاساسان ھەر ئىككى تەرەپ بىر بىرىنىڭ رايونىغا ھۇجۇم قىلشقا بولمايتى،ئەمما كاراك ھۆكۈمرانى  رىگنالد دى چەتىلون مۇسۇلمانلار يۇرتلىرىغا ۋە ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كارۋانلارغا ھۇجۇم قىلدى. ئۇ يەنە نۇرغۇنلىغان ھەجگە ماڭغان كارۋانلارنى بۇلاڭ تالاڭ قىلدى.بۇنىڭغا قارىتا سالاھىددىن ناھايىتى غەزەپلىنىپ رىگنالدنىڭ قەلئەسىگە ھۇجۇم قىلدى.سالاھىددىن ۋە بەلدىۋىنⅣ يەنە تۆت يىللىق سۈلھى تۈزۈشتى.سالاھىددىن قۇشۇنىنى ئېلىپ قايتىپ كەتتى. ئەمما ئاۋارىچىلقلار يەنىلا مۇسۇلمانلارنى ساقلاپ تۇرماقتا ئىدى. بەلدىۋىن سۈلھى تۈزۈپ ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتتى.
رىگنالد بۇ سۈلھىگە پىسەنىت قىلماي مۇسۇلمان كارۋانلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ ،سودىگەرلەرنى ئەسىرگە ئالدى.گەرچە بۇنداق زومىگەرلىكنى توختىتىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئاگاھلاندۇرۇش ۋە مۇراجىئەتلەر بولغان بولسىمۇ ،ئۇ يەنىلا داۋاملاشتۇرىۋەردى.ئۇ كىيىن يەنە ھەجگە ماڭغان كارۋانلارنى بۇلاپ ،نۇرغۇنلىغان كىشلەرنى ئۆلتۈرۋەتتى.ئەمدى سالاھىددىن تەخىر قىلالمايدىغان ھالغا يەتكەن ئىدى . ئۇ كاراككا ھۇجۇم قىلىپ ئۇ يەرنى ئىگەللىدى،ۋە قۇشۇن تەشكىللەپ ھەجگە ماڭغانلارنى قوغداشقا ئەۋەتتى.
سالاھىددىننىڭ غەلىبىسى ۋە كۈچىنىڭ زورىيىشى ئەھلى سەلىپلەرنى خەۋىپسىزلەندۈرۈپ قويدى ،ئۇلار بارلىق كۈچىنى يىغىپ مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىشقا قاراتتى.سالاھىددىن ئەھلى سەلىپ قوشۇنىدىن 50مىل يىراقلىقتىكى تىبەرىېيىد سىرتىدا لاگىر قۇردى . ئالتە كۈنلۈك قورشاۋدىن كېيىن ئۇ شەھەرنى ئىشغال قىلدى.بۇ خەۋەر ئەھلى سەلىپلەرگە يىتىپ بارغاندا ئۇلار دەرھال بىر يىغىن ئېچىپ ،ئۆزىنى قوغداشنىڭ ئورنىغا تېزلىك بىلەن مۇسۇلمانلارغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈشنى قارار قىلىشتى.ئۇلار كېچىسى خىتتىندا لاگىر قۇرۇپ ،ئەتىكى غەلبىگە قاتتىق ئىشەنچ قىلىشتى.ئەمما ئۇلار سالاھىددىننىڭ ئۇرۇش تاكتىكىسى ۋە ئۇنىڭ باتۇرلىقى توغرۇلۇق
ھىچنەرسە بىلمەيدىغان بولۇپ ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. ئەتىسى ئەتىگەندە ئەھلى سەلىپلەر سالاھىددىننىڭ ھۇجۇمى بىلەن ئويغىنىپ كىتىشتى.مۇسۇلمانلار غەزەپ بىلەن ئەھلى سەلىپ قوشۇنى ئۈستىگە يوپۇرلۇپ كەلدى.گەرچە ئەھلى سەلىپلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولسىمۇ ،كەچ بولغىچە پۈتۈنلەي تارمار قىلىندى.مۇسۇلمانلار ئۇلاردىن نۇرغۇنىنى ئەسىرگە ئالدى ،بۇ قېتىمقى ئۇرۇش مۇسۇلمانلارنىڭ زور  غەلىبىسى بىلەن ئاياغلاشتى.
خىتتىندىكى غەلبىدىن كېيىن سالاھىددىن ئەھلى سەلىپلەرنىڭ قايتىدىن قوزغىلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن باشقا

 رايونلارغا قاراپ يول ئالدى.ئىككى ئاي ۋاقىت ئىچىدە ئۇ ئەككە ،نەپلۇ ،ئەرىھا ،رەملەھ ،ئەرسۇف،جەلەف ، بېيرۇت ۋە ئەسكىلاننى  قايتۇرۇپ ئالدى.



     مۇسۇلمانلارنىڭ بۈيۈك رەھبىرى سالاھىددىن ئەييۇبى

مىلادىيە 1187-يىلى سالاھىددىن ئاخىرى قۇددۇسنى قايتۇرۇپ ئالدى.ئەمما  ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى  ھۇجۇمى ئەھلى سەلىپلەرنىڭ 1099-يىلىدا قىلغانلىرىغا قەتئى ئوخشىمايتتى. بۇ قېتىم بىرمۇ خرىستىئان زىيان زەخمەتكە ئۇچرىمىدى،ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە  بۇ شەھەردە قېلىش ياكى كىتىش ئىختىيارلىقى بېرىلدى .سالاھىددىن ئۇلارنىڭ قوراللىرىنى ۋە مال مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ مېڭىشىغا قۇشۇلدى ،ھەتتا ئۇلارنىڭ قايتىش سەپىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى. ئەگەر شەھەردىن ئايرىلىشنى خالىغان خىرىستىئانلار  پەقەت ئەر كىشى ئۈچۈن  ئون ،ئاياللار ئۈچۈن  بەش بالىلار ئۈچۈن بىر تىللا  ئولپان تاپشۇرسىلا بولاتتى.سالاھىددىن ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى 17مىڭ كىشى ئۈچۈن ئولپان تاپشۇردى.ئۇنىڭدىن سىرت يەنە بىر شەھەر دەرۋازىسى ئولپان تاپشۇرۇشقا كۈچى يەتمەيدىغان ئەسكەرلەر ئۈچۈن ئېچىپ بېرىلدى ،ئۇلار ھىچنەرسە تاپشۇرماستىن شەھەردىن ئايرىلىشىغا رۇخسەت  قىلىندى. ئۇرۇش ۋاقتىدا نۇرغۇنلىغان ئەھلى سەلىپلەر ئەسىرگە ئېلىنغان ئىدى ،ئۇلارنىڭ ئانىلىرى،ئاچا سىڭىل ،ئۇرۇق تۇغقانلىرى ئۇلارنىڭ قۇيۇپ بېرىلىشىنى ئۈتۈنۈپ يالۋۇردى،ئۇلارنىڭ ھەممىسى قۇيۇپ بېرىلدى.نۇرغۇنلىغان نامرات كىشىلەر ئۈچۈن سەپەر ھەققى بېرىلدى،ۋە ئۇلارنىڭ يۈك تاقىلىرىنى توشۇيدىغانغا ئېشەك قېچىر بېرىلدى.
خرىستىئان دۆلەتلىرىگە قايتقان ئەھلى سەلىپلەر ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانى تەرىپىدىن ۋەھشىيانە بىر تەرەپ قىلىندى.مەسىلەن ،كۆپلىگەن خىرىستىئانلار ئىرۇسالىمغا يېقىن بولغان ئانتوئىكقا كەلدى ،ئەمما ئۇ يەردىكى ھۆكۈمران شاھزادە بوخىموند ئۇلارغا قىزغىن
مۇئامىلە قىلماستىن ،ئۇلارنىڭ مال مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلدى.ئۇلار ئالاھىدە ھېسداشلىق ۋە رەھىمدىللىك بىلەن مۇئامىلە قىلىنغان مۇسۇلمانلار يۇرتلىرىغا قايتىپ كىتىشكە زورلاندى.سالاھىددىن خىرىستىئانلارنىڭ ھېسياتىغا ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن ،
شەھەردىن كېتىشنى خالىغانلار ساق ئايرىلىپ بولمىغىچە شەھەرگە كىرمىدى..
ئاندىن كېيىن سالاھىددىن ئانتوئىك ۋە ئەتراپىدىكى يەرلەرنى بويسۇندۇردى.ئاخىرىدا  رىگنالد دى  چەتىلون مۇسۇلمان
كارۋانلارغا ھۇجۇم قىلغان كاراكمۇ تارمار قىلىندى.




ئۈچىنجى قېتىملىق ئەھلى سەلىپ ئۇرۇشى

ئىرۇسالىمنىڭ قولدىن كېتشى پۈتۈن ياۋروپاردا زور غەزەپ دولقۇنى كۆتۈردى.پوپ جىوگىرى Ⅷ ئۈچىنچى قېتىملىق ئۇرۇشنى جاكارلىدى.ياۋروپادىكى پادىشاھلار سالاھىددىننى بىر ئىككى توپ قۇشۇن بىلەن يەڭگىلى بولمايدىغانلىقىنى ،ئۆزلىرىنىڭ بىرلىشىپ ئۆچ ئېلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتى.رىچارد لويىن خارت ،فىرەدىرىك بارباروسا،فىلىپ Ⅱ ۋە پادىشاھ گاي دى لۇسىگنان (ئۇ مۇسۇلمانلار يۇرتلىرىغا قەتئى مۇداخىلە قىلمايدىغانلىق توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى بۇزغان.) قاتارلىقلار بۇ قېتىمقى يۈرۈشكە قاتناشتى.ئۇ قېتىقى يۈرۈش داڭلىق تارىخچى گىببان تەرىپىدىن "ئەڭ ھاماقەت ۋە ياۋۇز"دەپ تەسۋىرلەنگەن. بارلىق ئەھلى سەلىپ قۇشۇنلىرى ئىككى يىل قورشاش ئارقىلى ئەككە شەھىرىنى قولىغا كىرگۈزدى ،بۇ ئارلىقتا بىر  مىليون 250 مىڭ ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى.شەھەر ئاخىرى خىرىستىئانلارنىڭ قولىغا كىرگەندە مۇسۇلمانلار بىلەن شەرتنامە تۈزۈلۈپ مۇسۇلمانلار  ھە ئايدا ئىككى يۈز مىڭ تىللا تۆلەيدىغان ۋە ئالتۇن كىرىستنى خىرىستئانلارغا قايتۇرىدىغان بولدى.ئەگەر شەرتنامە ئورۇندالمىسا شەھەردە ئەسىرگە چۈشكەن 2700 ئەسىر قۇل قىلىنىدىغان بولدى.(ئەگەر ساق تۆلەنسە ئۇلار4 قۇيۇپ بىرىلەتتى.) ئەمما بۇ سالاھىددىن بۇ يەر بىلەن مۇسۇلمانلار يۇرتلىرنىڭ ئارلىقى يىراق بولغانلىقى ۋە يەتكۈدەك بايلىق بولمىغانلىقى سەۋەپلىك ئۇنى تۆلىيەلمىدى.ئۇ يەرددىكى مۇسۇلمانلانىڭ ھەممىسى قەتلىئام قىلىندى. ئەھلى سەلىپلەر باشقا شەھەرلەرنى بويسۇندۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ يەنىلا مەغلۇپ بولدى.ئاخىرىدا خىرىستىئانلار ئارىسىدا تالاش تارتىش باشلىنىپ كەتتى.ئۇنىڭدىن سىرت رىچارد لويىن خارت دۆلىتىدىكى قالايمىقانچىلىقلار تۈپەيلى تۇرالماي قالدى. ئەڭ ئاخىرىدا خىرىستىئانلار ئەككە شەھىرىدىن باشقا شەھەرلەرنى قولىغا ئالالماي قايتىپ كىتىشتى ،بۇ شەھەر مىلادىيە 1291-يىلى قايتىدىن مۇسۇلمانلار قولىغا ئۆتتى.




باشقا ئەھلى سەلىپ ئۇرۇشلىرى

باشقا ئەھلى سەلىپ ئۇرۇشى يەنە مىلادىيە1212-يىلى بالىلار ئېلىپ بارغان يۈرۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىر فىرانسىيەلىك  بالا پىتىرغا ئوخشىتىپ سۆزلەپ ،نەچچە مىڭلىغان بالىلارنى ئەگەشتۈرۈپ يولغا چىقتى.بالىلار قوشۇنى مەرسىلەسكە يېتىپ كەلدى ،ۋە سۇ تەمىناتى ئۈزۈلۈپ قالمىغانلىقتىن مۇقەددەس زېمىنغىچە مېڭىپ بارالىدى.ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپ ساندىكى بالىلار سودىگەرلەر تەرىپىدىن قۇل سودىگەرلىرىگە سېتىۋېتىلدى.بۇ قېتىمقى ئەھلى سەلىپ قوشۇنى چېركاۋلارنى گاڭگىرتىپ قويدى..
يەنە بىرسى تۆتىنچى  قېتىملىقى بولۇپ (بۇ كونسىتانتىپۇلنىڭ تالان تاراج قىلىنىشى دەپ تۇنۇلغان) مىلادىيە 1204-يىلى

 ئېلىپ بىرىلغان ،ئەمما بۇمۇ پۈتۈنلەي مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان.ئۇلار مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇشۇپ ئىرۇسالىمغا
ئېرىشمەي ،ئۆز ئارا ئۇرۇشقان، ئۇلار كونسىتانتىپۇلنى كەڭ كۆلەملىك تالان تاراج قىلغان.



خاتىمە

ئەھلى سەلىپ ئۇرۇش تارىخى ئەھلى سەلىپلەرنىڭ ۋەھشى زوراۋانلىقى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مېھىر شەپقىتى بىلەن تولغان.
مۇسۇلمانلار ئەھلى سەلىپلەر يېتىپ كەلگەنلىكى جايدا قىرغىن قىلىنغان، ئەمما خىرىستىئانلار مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن
چىرايلىقچە بىر تەرەپ قىلىنغان.ئەھلى سەلىپلەر ئۆز مەقسىتىگە يىتىپ ،مەلۇم بىر ۋاقىت قۇددۇس(ئىرۇسالىم )ئۇلارنىڭ قولىغا
ئۆتكەن.كېيىنچە ئەھلى سەلىپلەر ئىشغال قىلغان بارلىق شەھەرلەرنى مۇسۇلمانلار  قايتۇرۇپ ئالغان.(مۇسۇلمانلار ئەڭ
ئاخىرىدا مىلادىيە 1291-يىلى ئەككەنى قايتۇرۇپ ئالغان.) باشقا ئەھلى سەلىپلەر ئۆز مەقسىتىگە يېتەلمىگەن ،ھەتتا بەزىلىرى مۇسۇلمانلا ر بىلەن قارشىلىشىشقمۇ كۈچى قالمىغان. ئەمما يەنە ئۆز ئارا قارشىلاشقان ،خۇددى مىلادىيە 1204-يىلى ئېلىپ بېرىلغان كونسىتانتىپۇلنىڭ تالان تاراج قىلىنىش  ۋە 1209-يىلدىكى ئەلبىگەنسىيا مەزھىپىدىكى ئەھلى سەلىپلەرگە ئوخشاش (پەقەتلا خىرىستىئانلار ئۆز ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت).ناھايىتى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۇلار ئويلىغانلىرىغا ئېرىشتى ،ئەمما ئۆز ئارا دۈشمەنلىشىش كېلىپ چىقتى ، مۇسۇلمانلار ئۆز نەرسىلىرىنى قايتۇرۇپ ئالدى.


                         مەنبە:ئىنگىلىزچەئىسلام قىسسىلىرى تورىدىن مۇئەتتەر (تەۋھىد) تەرجىمىسى



[ بۇ يازمىنىمۇئەتتەر 2011-11-22 11:53قايتا تەھرىرلىد ]
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2097
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2097دانە
ئۆسۈش: 5500 %
مۇنبەر پۇلى: 15839 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-05-10

ھازىرقى ئەھلى سەرپ ئۇرۇشى داۋاملاشماقتا.................................قاچان ئاياغلىشاكىن.......
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5766
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 70
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە70دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 840 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-20
ئاخىرقى: 2012-04-30
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-22 13:18

  بوش ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلغاندا شۇنداق دەپ ئاتىدى ئەمەسمۇ  كىيىن ئۆزگەرتىۋالغىنى بىلەن.
[ بۇ يازمىنىhikmet 2011-11-22 14:11قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
مەرىپەت
ئىنساننىڭ تۈپ ئاساسىي ھۇقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمە ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7488
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 126
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە126دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1260 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-20
ئاخىرقى: 2012-05-03
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-22 14:03

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
ئەھلى سەلب ئۇرۇشىنى تەپسىلى ئۇقۇپ باققۇم  بار ئىدى خلى بىلىۋالدىم رەھمەت سىزگە
ئاللا بىزنى پەقەت ئۆزىگە ئىبادەت قىلسۇن دەپلا ياراتتى
اللە سْــــــــــــــــــــــمِاﷲِارَّحْمَنِ& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9222
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 202
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە202دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1974 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-10
ئاخىرقى: 2012-05-09
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-22 14:20

رەخمەتسىزگە
پەقەت ئاللاھنى ھەقىيقى تونىسىلا بولدى ھەممە ھەل& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7009
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 204
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە204دانە
ئۆسۈش: 560 %
مۇنبەر پۇلى: 2515 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-11
ئاخىرقى: 2012-03-23
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-22 15:59

ئاللاھ ئەجرىڭىزنى ھەسسىلەپ بەرسۇن .تىڭىرقاپ قالغان مەسىللىرىمنى ئايدىڭلاشتۇرۋالدىم.ئەھلى سەلەپنىڭ نىملىكىنى سورسام خىلى بىلىملىك كۆرنىدىغان بىرسى مۇسۇلمانلارنىڭ بىر تارماق ئىقىمى دىگەن ئىدى.
پەقەت ئاللاھنى ھەقىيقى تونىسىلا بولدى ھەممە ئىللەت تۇزلىدۇ!
مەسجىد ئەقسا,ئۇمۇسۇلمانلارنىڭ بىرىنچى قىبلىسى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1240
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1240دانە
ئۆسۈش: 2750 %
مۇنبەر پۇلى: 14579 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-30
ئاخىرقى: 2012-05-08
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-22 16:02

سالاھىدىن ئەييۇبىنى سېغىندۇق..........................
بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ&n ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9409
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 128
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە128دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 1341 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2012-05-10
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-22 16:47

http://boretegin.com/?p=458
مانا بۇ شۇ ئەھلى سەلىب ئۇرۇشىنىڭ كىنوسى ئىكەن .
بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى .
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2948
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 6
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2012-02-27
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-22 18:01

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى gherip نىڭ 2011-11-22 16:47 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
http://boretegin.com/?p=458
مانا بۇ شۇ ئەھلى سەلىب ئۇرۇشىنىڭ كىنوسى ئىكەن .


ئۇشبۇ ئادرېستىكى يازمىنىڭ ئەڭ ئاستىدا بۇ ئۇيغۇرچە خەتلىك كىنونىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئورنى بار، شۇ يەردىن چۈشۈرىۋېلىڭلار!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7564
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 544
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە544دانە
ئۆسۈش: 1150 %
مۇنبەر پۇلى: 6325 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-24
ئاخىرقى: 2012-05-07
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-22 20:48

دۇنيا تىنىچلىققا مۇھتاج ...........ئىنسانلار ئوچ ئاداۋەت ،،قىرغىنچىلىق بىلەن تەرەققى قىلالمايدۇ،،،!!!!!!!!