ۋاقىتتىن قانداق پايدىلىنىمىز؟دوكتۇر يۇسۇپ قەرداۋى
بىر ئوقۇرمەن دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى كىڭىشىنىڭ رەئىسى دوكتۇر يۇسۇپ قەرەداۋىدىن مۇسۇلمان بوش ۋاقتىنىقانداق ئۆتكۇزۇشى كىرەك؟بوش ۋاقىتتىنپايدىلىنىپ قايسى ئىشلارنى قىلسا ئەڭ كۆپ ساۋابقا ئىرىشكىلى بولىدۇ؟ دەپ سورىغان،دوكتۇر قەرەداۋى بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللانڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن،بىزنىڭ زىممىمىزدىكىۋەزىپىلەر ئىلىكمىزدىكى ۋاقىتتىن كۆپ،لىكىنبىزدىكى چوڭ كەمچىللىك،بىز ئىبادەتنى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن چۇشەنمەيمىز،شۇ سەۋەبدىن بىر مۇسۇلماننىڭ بارلىقئىش-پائالىيىتىنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرۇپ ئاللادىنكۆپ ساۋابقا ئىرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلمەي قالىمىز،سۇئال سورىغۇچى قىرىندىشىم سىز ۋاقتىڭىزنى تۆۋەندىكىدەك ئىشلارغاسەرىپ قىلسىڭىز بولىدۇ،
1،ئاللاسىزگە بۇيرىغان پەرىز ئەمەللەرنى ئادا قىلىڭ،ئۇنىڭدىن كىيىن قولىڭزىدىن كىلىشىچە شارائىتىڭىز يار بەرگەنچە نەپلىئەمەللەرنى ۋە سۇننەتلەرنى ئادا قىلىڭ،
2،قۇرئانكەرىمنى يادىلاڭ،قۇرئان كەرىمىنىڭ ئىمكان بار تىزراق يادىلاپ بولۇشقا تىرىشىڭ،بۇنىڭدا قۇرئان يادىلاشنىڭ يوللىرىنى ،قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنىڭ قائىدە ئۇسۇللىرىنىپىششىق بىلىدىغان بىرەر ئالىمنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۇنىڭ ياردىمىنى ئىلىڭ.
3.ئىمكانىيتىڭى يار بەرگەن دائىردە ھەدىسئۇگىنىشكە تىرىشىڭ،شۇنى بىلڭكى ھەدىس ئىلمى ساھەسى كەڭ بىردىڭىز،ھەرقانچە ئىچسىڭىزمۇ تويمايسىز،
4،كۇچىڭىز يەتكەنچە كىشىلەرنى ئاللانىڭ يولىغا چاقىرىڭ،ياخشىلىققابۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇڭ،
5،مۇسۇلمانقىرىنداشلىرىڭىزنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىڭ،مۇھتاجلارغا ياردەم بىرىڭ،كىسەللەرنى يوقلاڭ،ئۇرۇغ تۇغقانلىرىڭنى يوقلاپ سىلەرەھمىنى ئۇلاڭ،
6،ئەقىدە ئىبادەت،مۇئامىلىگە ئەھمىيەت بىرىدىغان دىننى ساھەگەئالاقىدار كىتابلارنى ۋە زامانىۋىتىخنىكىغا،يىڭىلىققا ئەھمىيەت بىرىدىغان پەننى كىتابلارنى ئوقۇڭ،مەيلى قايسى تۇردىكى بىلىم بولسۇن ئۇ ئىنساننى ئاللاغايىقىنلاشتۇرىدۇ،
7،كەسپىڭىزگە ئەھمىيەت بىرپ ئۇنىڭدا مۇتەخەسسىس بولۇشقا تىرىشىڭ بۇ سىزىڭكۇچىڭىزنى ئاشۇرىدۇ،
8،تەنتەربىيەگە ئەھمىيەت بىرىپ بەدىنىڭزنى چىنىقتۇرۇڭ،شۇنى بىلىڭكى ئاللا كۇچلۇك موئمىننى ئاجىز موئمىندىن بەكراق ياخشى كۆرىدۇ،
مانا موشۇلارنىڭ ھەممىسى ئىبادەت بولۇپ ئىنسان ئۇنى ئاللاغا ئىخلاس قىلىشنىيىتى بىلەن قلسا ئاللانىڭ مۇكاپاتىغائىرىشىدۇ،
دوكتۇر قەرەداۋى ئىبادەتنىڭ مەنىسىنى تىخىمۇرۇشەنلەشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ؛بىرسىشەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييەدىن ئاللانىڭ <<ئى!ئىنسانلار پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلا>>دىگەن ئايىتىنى قانداق چۇشىنىمىز؟ئىبادەت دىگەن نىمە؟دىننىڭ ھەممىسى ئىبادەتكە كىرەمدۇ؟دەپ سورىغاندابۇ ھۆرمەتلىك ئۇستاز ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ<< ئۇبۇدىييەت>> نامىق كىتابىد ناھايتى ئەتراپلىق،كەڭ ،چۇشىنىشلىك جاۋاب بىرىپ مۇنداقدىگەن؛ئىبادەت دىگەن--ئۇئاللا ياخشى كۆرىدىغان سۆز،ۋە قىلىقلارنىڭ ،ئاشكارا،يۇشۇرۇن ئەمەللەرنىڭ ھەممىسىگەئومومى بولغان بىر ئىسىم،ئۇناماز،روزا،زاكات،ھەج،راسىت سۆزلەش، ۋەدىگە ۋاپاقىلىش،ئامانەتكە رىئايە قىىش،ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش،سىلە رەھمىنىئۇلاش،ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش،قوشنىلارغا ،يىتىم مىسكىنلەرگە، مۇساپىرلارغا ياخشىلىق قىلىشقاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،يەنەشۇنىڭدەك ئاللا ۋە ئاللانىڭ ئەلچىسىنى ياخشى كۆرۇش،ئاللادىن قورقۇش،ئاللاغا بويسۇنۇش،ئاللا ئۇچۇن دىننى خالىسقىلش،ئاللانىڭ ھۆكمىگە سەبىر قىلىش،رەھمىتىگەشۇكۇر قىلىش،قازاسىغا رازى بولۇش، ئاللاغا تەۋەككۇل قىلش،ئاللانىڭ ئازابىدىن قورقۇش ۋە رەھمىتىنى ئۇمىد قىلىش،،،،ۋە ئاشۇنىڭغائوخشايدىغان ئىشلار ئىبادەت دائىرسىگەكىرىدۇ،
بىز ئىبادەتنىڭ مانا موشۇنداق ئىبىنى تەيمىييەدەپ ئۆتكىنىدەك ناھايتى كەڭ ئىكەنلىكىنىكۆرىمىز،دىمەك ئۇ ناماز ھەجگە ئوخشاش پەرىز ئەمەللەرنىمۇ،ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلش،زىكىر تەسبىھئەيتىش،تەھلىل، تەكبىر ،تەھمىد ئەيتىشتەك نەپلە ئەمەللەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،
ئۇ يەنە كىشىلەر بىلەن مۇئامىلىنى ياخشى قىلىش،بەندىلەرنىڭ ھەقلىرىگە رىئايەقىلىش،يىتىم-مىسكىن ،غىرىب بىچارىلەرگەھىسداشلىق قىلىش،ئاجىزلارغا رىئايە قىلىش،ھايۋانلارغا مۇلايىمو بو لۇشتەك ئىشلارنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ،
ئۇ يەنە راسىتچىللىق، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، ئامانەتنى ئادا قىلىشتەك ئىنسانى ئەخلاقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،
ئۇ يەنە ئاللا ۋە ئاللانىڭ ئەلچىسىنى ياخشى كۆرۇش،ئاللادىن قورقۇش،ئاللاغا بويسۇنۇش، ئاللانىڭ ھۆكمىگە سەبىر قىلىش،نىئمىتىگەشۇكرى قىلىش،قازاسىغا رازى بولۇش،ئاللاغا تەۋەككۇل قىلىش،ئۇنىڭ رەمىتىنى ئۇمىد قىلىپ ئازابىدىن قورقۇشتەك رەببانىئەخلاقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،
ئىبادەت يەنە بىزنىڭ ماددى دۇنيايىمىزدا ،بۇدۇنيالىق تۇرمۇشىمىزدا ناھايتى مۇھىمبولغان بىر ئىش---سەۋەبىنى تۇتۇش--نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ ئىبنى تەيمىييە كىتابىنىڭ باشقا بىر جايىدا <<ئاللا ئۆزىنىڭ بەندىلىرىگە بۇيرىغان سەۋەبلەرنى تۇتۇش --ئىبادەت>>دىگەن،
ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئوتتۇرغا قويۇشىچە بۇنىڭدىنمۇ كۆپراقى دىنننىڭ ھەممىسى ئىبادەتدائىرسىگە كىرىپ كىتىدۇ،چۇنكى دىن دىگەن بويسۇنۇش، قۇلچىلىق قىلىش دىگەن مەنىدە بولۇپ دىن تۇتىدۇ دىگەن گەپ--ئاللاغا ئىتائەت قىلىدۇ، ئاللاغا بويسۇنىدۇ،ئاللاغائىبادەت قىلىدۇ دىگەن مەنىدە، ئاللانىڭ دىنى دىگە گەپ--ئاللانىڭ ئىبادىتى، ئاللانىڭ ئىتائىتى،ئاللاغا بويسۇنۇشدىگەن مەنىدە،
ئاللا ھەممىنى بىلگۇچىدۇر.
بۇ ماقالە دوكتۇر يۇسۇپ قەرەداۋىنىڭ شەخسى توربىتى قەرداۋى نىتتىن تەرجىمە قىلىندى.
مەنبە:
http://bbs.meripet.net/read.php?tid=2219