كەڭسايغا
كۈلكە چاقچاق ماكانى گۈزەل ئىلى بويلىرى،
بىغىشلايدۇ لىرىكا ئالمىزارلىق باغلىرى.
سادىر بۇۋام كەزگەندەئات چاپتۇرۇپ باغرىدىن،
ياڭراتساپالۋان كۆيى جۆر بۇلغان داۋانلىرى.
كۆكلەمدىكى خۇش پۇراق غىدىقلار دىماغىمنى ،
جەننەت كەبى جىلۋىدە مەس قىلار ۋۇجۇدۇمنى.
كۆيدىرەرھەر بىر باقسام قانلىرىمنى ئۇرغۇتۇپ،
بىر كۆرمەي قانداق چىداي ھەيۋەتلىك سايرامىڭنى ،
ئارىلىسام مەۋھوملىقتتا تارتتى مەيلىمنى بىر نامە،
قول قوشتۇرۇپ قانداق تۇراي ئالقىشلىماي قەدەمىڭنى .
ھىسلىرىمدا ئايان بولدى ئەل يۇرت ئۈچۈن كۆيگەن يۈرەك،
زوقلىنىپ سالام ئىيتىم تەبرىكلەپ <كەڭساي>ىڭنى .
لالە رەيھان گۈل ئىچىلار ھەر گۈلنىڭ ھىدى ئۆزگىچە ،
پوراپ تۇرسا دەيمەن مەڭگۇ ئىلى ھىددى< كەڭساي>دىمۇ .
داغدام بولسۇن باسقان قەدەم مىنەتسىزگە دەت كەلمىسۇن!
مەشئەل كەبى نۇر تاراتسۇن جاھالەتلىك تۈنلەردىمۇ ،
[ بۇ يازمىنىxahla91 2011-05-11 23:56قايتا تەھرىرلىدى ]